ئەر-خوتۇن ئوتتۇرىسىدىكى جىنسىي مەخپىيەتلىكنى ئېچىپ تاشلاش
ۋاقتى: 2016-11-09
ئاۋاتلىقى: 7137 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
ھەققى يېقىن مۇناسىۋەت ئادەمنى 10 ياش ياشارتىدىغان مۇھىم ئامىل، ئەڭ ئاساسلىق ئۇسۇلى جىنسىي تۇرمۇشتا ئەر-خوتۇننىڭ ئارىلىقى يىراقلىشىپ كەتمەسلىك كېرەك. ياخشى بولغان مۇناسىۋەتتە، ئەر-خوتۇن ئوتتۇرىسىدىكى ئارىلىقىنى يوقىتىدىغان ئۇسۇللارنىڭ بىرى تۆۋەندىكى بەش جىنسىي مەخپىيەتلىكنى ئاشكارىلاش، شۇ ئارقىلىق ئۆز-ئارا جىنسىي تۇرمۇشنى سىرلىق بولمايدىغان قىلىپ ئۆزگەرتىش.
بىرىنچى مەخپىيەتلىك: ياشنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى، توي قىلىش ئەھۋالى ياكى جەمئىيەتتىكى ئورنىنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر ئاساسەن ھەممە ئادەمدە ئازدۇر-كۆپتۇر قولىدا لەززەتلىنىش ئادىتى بولىدۇ.
ئىككىنچى مەخپىيەتلىك: جىنسىي خىيالى ياخشى بولۇشى مۇمكىن. لېكىن ئۇنى ئەمەلىيەتتە ئىشلەتسە داۋاملىق ئادەمنى ئۈمىدسىزلەندۈرىدۇ. بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا ئۈمىد ئەمەلىيەتتىن ياخشى بولىدۇ. ئەڭ ياخشى جىنسىي تۇرمۇش، ئەمەلىيەت، ھەقىقىي مۇھەببەت ھەم راستچىل بولغان پىكىر ئالماشتۇرۇشنىڭ ئۈستىگە قۇرۇلغان بولىدۇ. راستچىل مۇھەببەت ساغلام بولغان جىنسىي تۇرمۇشنىڭ كاپالىتى.
ئۈچىنچى مەخپىيەتلىك: بارلىق ئەرلەردە مەلۇم بىر ۋاقىتقا كەلگەندە جىنسىي ئىككىلىنىش پەيدا بولىدۇ، ئەلۋەتتە بۇ خىل ئىككىلىنىش ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ چوڭىيىپ بارىدۇ. چوڭ مېڭە بىلەن يۈرەك نورمالسىز بولسا جىنسىي تۇرمۇشقا تەسىر كۆرسىتىدۇ. بۇ نۇقتىنى بىلمەيدىغان ئاياللار ئېرىگە ناھايىتى زور بېسىم ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن. لېكىن يۈرەك بىلەن مېڭە ياخشى بولغان مۇھەببەتلىك تۇرمۇشتا ھەرقانداق جىنسىي جەڭنى مەغلۇپ قىلىدۇ.
تۆتىنچى مەخپىيەتلىك: ئاساسەن ھەممە ئاياللار جىنسىي ھەۋىسىنى يوشۇرىدۇ، بىزنىڭ ھەرىكەت بېسىمىمىزغا ئوخشاش، ئۇلارنىڭمۇ بېسىمى بار. پەقەت ئاياللارلا يۇشۇرالايدۇ، ئەمما ئەرلەر يوشۇرۇشقا ئامالسىز. ئاياللارنىڭ ھەۋەسكە قارشى تۇرۇشى يۈرەك ۋە مېڭە بىلەن مۇناسىۋەتلىك، ھەۋەسكە قارشى تۇرۇش داۋاملىق بار بولمايدۇ. قارىماققا نىقابلىنىش بولىدىغاندەك قىلىدۇ، لېكىن ئەڭ ياخشىسى ئۆز-ئارا راستچىللىق بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇپ، قوللاش، يېقىشلىق بولۇش ناھايىتى مۇھىم. ئەر-خوتۇن ئوتتۇرىسىدا سەمىمىيەت ۋە ئۆز-ئارا قوبۇل قىلىش مەلۇم باسقۇچقا بېرىپ مۇقىملاشقاندا ھەۋەسكە قارشى ياسالمىلىق قىلىشنىڭ ئورنى قالمايدۇ.
بەشىنچى مەخپىيەتلىك: كۆپ ساندىكى ئەر-ئايال بىللە بولغان ۋاقىتتا جىنسىي مەخپىيەتلىكنى ساقلاپ قالىدۇ. تىپىك ئەھۋال: نۇرغۇن ئادەم ۋە ئادەم ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتتە، جىنسىي مۇناسىۋەتنىڭ تەرەققىي قىلىشى ھېسسىيات ئېچىپ تاشلىغاندىنمۇ تېز بولىدۇ. شۇڭا جىنسىي ئەندىزىسى شەكىللىنىپ بولغاندىن كېيىن ئۇنى ئۆزگەرتىش ناھايىتى قېيىن. چۈنكى بىز ئۆز-ئارا جىنسىي ئاجىزلىققا ناھايىتى سەزگۈر .
جىنسىي تۇرمۇشنى رەسمىي مۇزاكىرە قىلىش
يۇقىرىقى بەش خىل جىنسىي مەخپىيەتلىك كەلتۈرۈپ چىققان بارلىق مەسىلىلەرگە قارىتا ناھايىتى ئاددىي ھەل قىلىش ئۇسۇلى بار، ئۇ بولسىمۇ ياخشى پىكىر ئالماشتۇرۇش. ۋاقىت ۋە زېھىن سەرپ قىلىپ تېخىمۇ چوڭقۇرلىغان ھالدا ھېسسىيات ۋە جىنسىي مەسىلە ئۈستىدە پىكىر ئالماشتۇرسا ئۈنۈمى ناھايىتى ياخشى بولىدۇ. قايتىدىن جىنسىي ئېھتىياجى ۋە دەرىجىسىنى ئۆلچەشتە ناھايىتى چوڭ ياردىمى بار. ئەگەر بۇنداق قىلىش ئاسان بولمىسا، مەسلىھەتلىشىش ياكى كۇتۇپخانىغا بېرىپ مۇناسىۋەت ماتېرىياللارنى ئوقۇشنى ئويلىشىپ باقسىمۇ بولىدۇ. مەلۇم مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ھاياتلىق ناھايىتى قىسقا (ئەگەر توغرا ئىش تۇتساق ھاياتلىقنى 10 يىل ئۇزارتقىلى بولىدۇ) .
مەزكۇر مەزمۇن جىنسىيەت-ئەيدىز يانبىلوگى تەرىپىدىن خەنزۇچە نوپۇزلۇق ماتېرىياللاردىن تەرجىمە قىلىپ تەييارلانغان، ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەڭ!