جىنسىيەت ۋە ئەيدىز ساۋاتلىرى يانبىلوگى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىشنىڭ قانداق ئۈنۈملۈك چارىسى بار

ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىشنىڭ قانداق ئۈنۈملۈك چارىسى بار

ۋاقتى: 2016-11-09 ئاۋاتلىقى: 2688 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىشتا ئۈزۈك سالدۇرسا ئاياللار كېسەلچان بولۇپ قالىدىكەن دەپ تولا ئاڭلايمەن، ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىشتا ئۈزۈك سالدۇرۇشتىن باشقا ئۈنۈملۈكرەك چارە بارمىدۇ؟
ئالدىدا سىلىنىڭ يازغان ماقالىلىرىنى كۆرگەن ئىدىم، ئۇنىڭدا ھەيز كۆرگەن كۈندىن باشلاپ 11-16 كۈنلىرى جىنسىي مۇناسىۋەتتىن ساقلانسا ھامىلدار بولۇش نېسبىتى تۆۋەن بولىدۇ دەپتىكەنلا،،، مۇشۇ ھەقتە ئىنىقراق چۈشەنچە بەرگەن بولسىلا بوپتىكەن! 
جاۋاپ:
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام
ئۈزۈك سالدۇرۇش ئادەتتە ئەڭ كۆپ قوللىنىلىدىغان ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش تەدبىرى، شۇنداقلا بىر خىل كىچىك ئوپىراتسىيە ھېساپلىنىدۇ. ئوپىراتسىيە بولغانىكەن ، ئۆزنۆۋىتىدە يەنە ئەكىس تەسىرلىرى ، قوشۇمچە تەسىرلىرى بولىدۇ، ئەمما سىز دىگەندەك ھەممىلا ئايال كىشىنىڭ كىسەلچان بولۇپ قېلىشى ناتايىن. 
ئۈزۈكنىڭ ئەكىس تەسىرى ۋە قوشۇمچە تەسىرلىرى:
ئادەتنىڭ قالايمىقان بولۇشى ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان ئەكىس تەسىرىدۇر . ئادەت كېلىدىغان كۈنلەر ئۇزىراپ، ئىككى قېتىمقى ئادەتنىڭ ئارىلىقى قىسقىرايدۇ، ياكى بولمىسا قالايمىقان خۇن كېلىدىغان ئەھۋالمۇ بولىدۇ. بۇ خىل ئەھۋال ئۈزۈك سالدۇرۇپ يېرىم يىلدىن بىر يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا كۆپرەك بولىدۇ .بەزىلەردە ئېغىرراق، بەزىلەردە يېنىكرەك، ھەتتا بەزىلەردە ھىچقانداق بولماسلىقىمۇ مۇمكىن.شۇڭا بۇنىڭدىن جىددىلىشىپ كىتىشنىڭ ھاجىتى يوق. بارا- بارا ئوڭلىنىپ قالىدۇ، ئەگەر ئېغىرراق بولسا ئېلىۋەتسىلا بولىدۇ.
باشقا ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش ئۇسۇللىرى:
1- گاندون: بۇ ئەرلەر قوللىنىدىغان ئۇسۇل، ھەر قېتىمقى جىنسى ئالاقىدە توغرا ئىشلىتىلسە ھامىلدارلىقتىن ساقلاش ئۈنۈمى يۇقىرى بولىدۇ،ئۇنىڭدىن سىرت يەنە ھەر خىل جىنسى يۇقۇملۇق كىسەللەر بولۇپمۇ ئەيدىزنىڭ يۇقۇشىنى ئۈنۈملۈك توساش(جىنسى ئالاقە ئارقىلىق يۇقۇش يولىنى )رولى بار.ئاياللىرىدا بالىياتقۇ بوينى يارا بولغانلار بۇ ئۇسۇلنى قوللىنىشقا بولمايدۇ.
2- ئاياللار سىرتتىن ئىشلىتىدىغان ھامىلدارلىقتىن ساقلاش دورىلىرى: مەسىلەن ھامىلدارلىقتىن ساقلاش پەردىسى، شامچىسى قاتارلىقلار. بۇ خىل ئۇسۇلدا ئايال كىشى ھەر قېتىمقى ئالاقىدىن 5مىنىت بۇرۇن جىنسى يولغا سېلىۋالسا بولىدۇ،ئەمما ھامىلدارلىقتىن ساقلاش ئۈنۈمى بەك يۇقىرى ئەمەس.
3- ئىچىدىغان دورىلار: قىسقا ئۈنۈملۈك دورا (كۈنلۈك دورا دەپمۇ ئاتىلىدۇ) ، ئۇزاق ئۈنۈملۈك دورا دورا، ياكى ئۇزاق ئۈنۈملۈك ئوكۇل قاتارلىقلار. بۇ خىل ئۇسۇلدا ھامىلدارل؛ىقتىن ساقلىنىش ئۈنۈمى بەك يۇقىرى بولسىمۇ ئەمما دورا توختىتىپ يەنە يېرىم يىلغىچە ھامىلدار بولۇشقا بولمايدۇ. دورا توختىتىپلا ھامىلدار بولساھامىلىنىڭ غەيرى تۇغۇلۇپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. بۇندىن باشقا ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش دورىلىرىنىڭ ئەكس تەسىرلىرىنىمۇ تولۇق كۆزدە تۇتۇش كېرەك. شۇڭا، بۇ ئۇسۇلنى تەۋسىيە قىلمايمىز، پەقەت ئىلاج بولمىغاندا ئىشلىتىشكە بولىدۇ.

4. ئۇنىڭدىن باشقا سىز تىلغا ئالغان تەبىئىي ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش ئۇسۇلىمۇ بار . بۇ خىل ئۇسۇلنىڭ ئىشەنچلىك بولۇش دەرىجىسى بىرقەدەر تۆۋەن، ھېساپلاش سەل قىيىن بولغاچقا ئادەتتە كۆپ ئەھۋالدا تەشەببۇس قىلىنمايدۇ. كونكىرت ھېساپلاش ئۇسۇلى مۇنداق: 
ئادەتتە ئاياللارنىڭ تۇخۇم ئاجرىتىپ چىقىرىش كۈنى كېلەر قېتىم كەلمەكچى بولغان ھەيىز كۈنىدىن 14 كۈن ئىلگىرىكى پەيتكە توغرا كېلىدۇ. يەنى كېلەر قېتىم كەلمەكچى بولغان ھەيىز كۈنىدىن كەينىگە 14 كۈن قايتۇرۇپ ھېسابلىساق ياكى 14 نى ئېلىۋەتسەك ، قايسى كۈنى تۇخۇم ئاجرىلىدىغانلىقىنى ھېسابلاپ چىقىشقا بولىدۇ. دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك نۇقتا شۇكى، ئاجرىلىپ چىققان تۇخۇم 3 كۈنگىچە ئىسپىرما بىلەن بىرىكىش پۇرسىتىگە ئېرىشسە ھامىلە پەيدا بولۇشى مۇمكىن.

بۇ خىل ئۇسۇلنى قوللانغاندا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك مۇنداق بىر قانچە نۇقتا بار:

1. ھەيىز دەۋرىنى چوقۇم توغرا ئىگىلەش كېرەك. ھەيىز دەۋرى مۇقىم - نورمال بولغان ئاياللارغا باب كېلىدۇ. ھەيىز دەۋرى قالايمىقان ياكى نىسبىي مۇقىم ئەمەسلەر ئۈچۈن بۇ خىل ئۇسۇل خەتەرلىك ( كۈتمىگەن ھامىلىدارلىق پەيدا بولۇشى مۇمكىن ) .
2. تۇخۇم ئاجرىلىش پەيتىنى توغرا ھېسابلاش كېرەك. يۇقىرىدا ھېسابلاش ئۇسۇلىنى دەپ ئۆتتۈق. مەسىلەن: بىر ئايالنىڭ ھەيىز دەۋرى مۇقىم 28 كۈن بولسا، بۇ ئايال 3- ئاينىڭ 1- كۈنى ھەيىز كۆرگەن بولسا، كېلەر قېتىملىق ھەيىز كېلىش كۈنى ( 2+28 ) 3 - ئاينىڭ 30 - كۈنى بولغان بولىدۇ. تۇخۇم ئاجرىلىش كۈنى بولسا ( 14 - 30 ) 3- ئاينىڭ 16 - كۈنى بولغان بولىدۇ. مۇشۇ كۈننىڭ ئالدىدىكى 5 كۈن ۋە كەينىدىكى 4 كۈن ئادەتتە خەتەرلىك مەزگىل ( مۇشۇ مەزگىلدە بىرگە بولغاندا ھامىلىدار بولۇپ قېلىش نىسبىتى يۇقىرى ) دەپ قارىلىدۇ. يەنى 3- ئاينىڭ 11 - كۈنىدىن 3 - ئاينىڭ 20 - كۈنىگىچە بىرگە بولماسلىق لازىم.
3. ئادەتتە ھەيىز كۈنىگە قانچىكى يېقىن بولغان كۈنلەر شۇنچە بىخەتەر كۈنلەر دەپ قارىلىدۇ. يەنى ھەيىزدىن كېيىنكى 3 كۈن ۋە ھەيىز كېلىشتىن ئاۋالقى 5 كۈن.
لىكىن تۇخۇم ئاجرىلىش ۋاقتىنىڭ تۇراقلىق بولۇشى ناتايىن . بالدۇر بولىشى ياكى كىيىن بولىشىمۇ مۇمكىن( بۇ خىل ئەھۋال كۆپىنچە ئاياللارنىڭ كەيپىياتى ۋە ساقلىق ئەھۋاللىرى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغان بولىدۇ ) .بەزى ئاياللار 22-23 كۈندە بىر ئادەت كۆرسە بەزى ئاياللار 35-40 كۈندە بىر كۆرۈش مۇمكىن. شۇڭا تۇخۇم ئاجرىتىش ۋاختىنى ئۆزىنىڭ ئادەت كۆرۈش دەۋرىگە ئاساسەن بىكىتسە بولىدۇ.

جىنسىيەتكە ئائىت تېخىمۇ كۆپ نادىر مەزمۇنلار جىنسىيەت (ئىزدەش نامى: jinsiyatcn) ئۈندىدار سۇپىسىدا!

Tags:
بايانات

مەزكۇر يانبىلوگتىكى يازمىلار پەقەت ئەڭ نازۇك بولغان جىنسىيەت ۋە ئەيدىز ئۇقۇملىرى ۋە ئۆگۈتلىرىنى ئېھتىياجلىق كىشىلەرگە يەتكۈزۈشنى تۈپ مەقسەت قىلغان يانبىلوگ، يازمىلارنى پايدىلىنىش ئۇچۇرى قىلىشقا بولىدۇ، ئەمما ئەمەلىي ئىشلاردا يەنىلا مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ كۆرسەتمىسىنى ئاساس قىلىش كېرەك! يازمىلاردا تىلغا ئېلېنغان كۆز قاراش پەقەت ئەسلى ئاپتۇرغا ۋەكىللىك قىلىدۇ، مېغىزىنى قوبۇل قىلىپ، شاكىلىنى ئايرىشنى ئۆگىنىۋېلىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز!
جىنسىيەت ۋە ئەيدىز ساۋاتلىرى ئۈندىدار سۇپىسى (ئىزدەش نامى: jinsiyatcn) غا ئەگىشىۋېلىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز!
ئەگەر يانبىلوگىم ھەققىدە ھەر قانداق تېخنىكىلىق مەسىلە بايقالسا يانبىلوگ ئورگان ئۈندىدار سۇپىسى yanbilog غا ئەگىشىپ مەسىلە مەلۇم قىلسىڭىز بولىدۇ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى