جىنسىي تۇرمۇش پەرزەنتلىك بولۇشقا تەسىر كۆرسىتەمدۇ
ۋاقتى: 2016-07-25
ئاۋاتلىقى: 1460 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
جىنسىي تۇرمۇشنى ياخشى ئورۇنلاشتۇرمىغاندا ، بىر تەرەپتىن تۇرمۇش سۈپىتىگە تەسىر يېتىپلا قالماستىن ، بەلكى پەرزەنتلىك بولۇشقىمۇ ناھايىتى چوڭ تەسىر كۆرسىتىدۇ ، ئەكسىچە جىنسىي تۇرمۇشنى ياخشى ئورۇنلاشتۇرغاندا تۇغماسلىق كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغان ئەر - ئاياللارنىڭ پەرزەنتلىك بولۇش پۇرسىتى يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ .
بىر قىسىم جىنسىي بىلىمى كەمچىل جايلاردا ، تۇغماسلىق كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغان ئاياللار ئىچىدە ھەيز كەلگەن ۋاقىتتا يولدىشى بىلەن بىرگە بولىدىغانلار بار . ئۇلار ھەيز كەلگەندە بىللە بولسا پەرزەنتلىك بولۇشقا پايدىسى بار دەپ قارايدۇ . ئەمەلىيەتتە ھەيز كەلگەن ۋاقىتتا بىرگە بولغاندا ، بەدەن غىدىقلىنىپ ئۇرۇققا قارشى ئانتىگېن شەكىللىنىپ ، ئىممۇنىتېت خاراكتېرلىك تۇغماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ . ئۇنىڭدىن باشقا يەنە مىكروبلار ئۈستىگە قاراپ ئىلگىرىلەپ ، تۇخۇم نەيچىسىنى ياللۇغلاندۇرۇپ ۋە توسۇپ تۇغماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .
بەزى بىر قىسىم ئاياللار سۈيدۈك يولى ياللۇغىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ، ھەر قېتىم بىللە بولغاندىن كېيىن كىچىك تەرەتكە بارىدىغان ئادەتنى يېتىلدۈرگەن ، بۇ پاكىزلىق نۇقتىسىدىن توغرىدەك ، لېكىن تۇغماسلىق كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ئەر - ئاياللار ئۈچۈن ياخشى ئەمەس . بۇنداق بولغاندا كۆپ مىقداردىكى ئۇرۇق سۇيۇقلۇقى سىرتقا چىقىپ كېتىپ ) بولۇپمۇ تۇخۇم ئىشلەپچىقىرىش مەزگىلىدە بىللە بولغاندا ( تۇغماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .
تەتقىقاتلارغا ئاساسلانغاندا ، تۇغماسلىق كېسىلىگە گىرىپتار بولغان %70تىن ئارتۇق بىمارلاردا بىللە بولۇش قېتىم سانى ھەددىدىن كۆپ بولۇش مەسىلىسى بار . يەنە بىر قىسىم تۇغماسلىق كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغان بىمارلاردا داۋالىنىش جەريانىدىمۇ يەنىلا بىللە بولۇش قېتىم سانى ھەددىدىن ئارتۇق كۆپ بولىدىغان ئەھۋاللار ساقلىنىپ كەلمەكتە . ئەرلەرنىڭ ھەر قېتىملىق ئىسپېرمىسى تەخمىنەن 1 - 6 مىللىلىتىر بولۇپ ئۇنىڭدىكى ئۇرۇقنىڭ سانى 3000 تۈمەندىن ئارتۇق .%70 تىن كۆپرەكى نورمال ھەرىكەت قىلالايدىغان ئۇرۇق بولغىنى بىلەن بۇلار ئىچىدىن پەقەت %1-%5 كىچە بولغان ئۇرۇقلا بالىياتقۇغا كىرەلەيدۇ . ئارىدىن پەقەت بىر تال ئۇرۇق تۇخۇم بىلەن ئۇچرىشىپ ئاندىن بىر تۆرەلمىنى شەكىللەندۈرەلەيدۇ . بۇ ئۇرۇقنىڭ شاللىنىش پۇرسىتىنىڭ ناھايىتى يۇقىرى ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ . ئەر - ئايال بىللە بولۇش قېتىم سانى ھەددىدىن كۆپ بولغاندا ، ئۇرۇقنىڭ سۈپىتىگە تەسىر يېتىپ تۇغماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ . ئۇنىڭدىن باشقا ئۇرۇق بىر خىل ئىممۇنىتېتلىق ماددا بولۇش سۈپىتى بىلەن داۋاملىق ئايال تەرەپنى غىدىقلىغاندا ، ئايال تەرەپتە ئۇرۇققا قارشى ئانتىگېن شەكىللىنىپ ، ئۇرۇقنى سۇيۇقلاندۇرۇپ ، ھاياتىي كۈچىنى تۆۋەنلىتىپ پەرزەنتلىك بولۇشقا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدۇ .
ئامېرىكىدىكى كۆپىيىش سىستېمىسى مۇتەخەسسىسى يېقىنقى تەتقىقاتىغا ئاساسەن مۇنداق يەكۈن چىقارغان : ئۇرۇق سانى ئاز خاراكتېرلىك تۇغماسلىق كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغان ئەرلەر بىر قېتىم بىللە بولۇپ بولغاندىن كېيىن ، 30 -60 مىنۇتتىن كېيىن يەنە بىر قېتىم بولسا ، ئۇرۇقنىڭ سانى ئېشىپ ، ئايالنىڭ ھامىلىدار بولۇش نىسبىتى يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ .
جىنسىيەتكە ئائىت تېخىمۇ كۆپ مەزمۇنلار جىنسىيەت ئۈندىدار سۇپىسىدا (ئىزدەش نامى: jinsiyatcn)
Tags: