جىنسىيەت ۋە ئەيدىز ساۋاتلىرى يانبىلوگى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

جىنسىيەت ۋە ساغلاملىق

جىنسىيەت ۋە ساغلاملىق

ۋاقتى: 2016-10-10 ئاۋاتلىقى: 2656 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

جىنسىي تۇرمۇش بارلىق ھايۋانلارنىڭ ئەۋلاد قالدۇرۇشتىكى تەبىئىي ئىقتىدارى، شۇنداقلا ئىنسانلارنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىنىڭ مۇھىم شەرتى، ھاياتلىق بىلەن جىنسىي تۇرمۇشنىڭ زىچ مۇناسىۋىتى ۋە بىۋاستە تەسىرى بولىدۇ. جىنسىي تۇرمۇش بولمىسا ئوڭاي كېسەل بولۇپلا قالماستىن، سالامەتلىك ۋە ئۆمرىگىمۇ تەسىر يېتىدۇ. شۇڭا، ئەر-ئاياللارنىڭ جىنسىي ئىقتىدارى يېتىلگەندىن كېيىن جىنسىي بەزلىرىنىڭ چىقىرىش ھەۋىسى ۋە ئىككى جىنىسنىڭ ئۇچرىشىش ھەۋىسى ھەردائىم ساقلىنىپ تۇرىدۇ، جىنسىي تۇرمۇش ئەر-خوتۇنلۇق مۇناسىۋەتنى يېقىنلاشتۇرۇپلا قالماستىن، ئائىلىگە ئىناقلىق ۋە بەخىت ئاتا قىلىدۇ، يەنە كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىپ روھىي سالامەتلىكنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
نۇرغۇنلىغان كېسەللىكلەرنىڭ پەيدا بولۇشى ناچار بولغان پىسخىكا ئامىللىرىنىڭ تەسىرلىرى بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك. ئەمما پىسخىكىلىق ئامىللار ئىچىدە، ئەر-خوتۇنلۇق مۇناسىۋەتتىن كېلىپ چىققان ھېسىيات ئاساسلىق ئورۇننى ئىگىلەيدۇ. ئالىملار نېرۋا فۇنكىسىيىسى بۇزۇلۇش كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولغۇچىلارنى تەكشۈرۈپ بايقىشىچە، توي قىلغىنىغا رازى بولمايدىغان ئەر-خوتۇنلار ئىچىدە ھېسىياتى (جىنسىي تۇرمۇشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ماسلىشالمايدىغانلار %60 نى ئىگىلىگەن؛
راك كېسىلىگە گىرىپتار بولغۇچىلارنى تەكشۈرۈشتە، يېرىمدىن ئارتۇق بىمارلارنىڭ توي قىلغاندىن كېيىنكى تۇرمۇشى بەخىتلىك بولمىغان ئىكەن. كۆپلىگەن ماتېرىياللاردىن قارىغاندا، ئەر-خوتۇنلۇق مۇناسىۋەت ياخشى بولماسلىقتىن كېلىپ چىققان ناچار پسىخىكىلىق ئامىللار ئاشقازان ئۈچەي راكى، زىققا، يۇقىرى قان بېسىم، تاجىسىمان يۈرەك كېسىلى، نېرۋا فۇنكىسىيىسى بۇزۇلۇش كېسەللىكى قاتارلىق تۈرلۈك روھىي كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن، شۇنىڭدىن كۆرۈۋالغىلى بولىدۇكى، ئائىلە تۇرمۇشىنىڭ ساغلام، خوشال-خورام بولۇشى روھىي ساغلاملىقنىڭ ئاساسىدۇر.

ئەگەر تېخىمۇ كۆپ جىنسىيەت بىلىملىرىگە ئېرىشمەكچى بولسىڭىز جىنسىيەت ئۈندىدار سۇپىسى (ئىزدەش نامى: jinsiyatcn) غا bz دەپ قايتۇرسىڭىز بولىدۇ.

ئەگەر «جىنسىي مۇناسىۋەت قانچە مىنۇت بولسا ئۆلچەملىك؟» ناملىق يازمىنى كۆرمەكچى بولسىڭىز جىنسىيەت ئۈندىدار سۇپىسى (ئىزدەش نامى: jinsiyatcn) غا x001 دەپ قايتۇرسىڭىز بولىدۇ.
Tags:
بايانات

مەزكۇر يانبىلوگتىكى يازمىلار پەقەت ئەڭ نازۇك بولغان جىنسىيەت ۋە ئەيدىز ئۇقۇملىرى ۋە ئۆگۈتلىرىنى ئېھتىياجلىق كىشىلەرگە يەتكۈزۈشنى تۈپ مەقسەت قىلغان يانبىلوگ، يازمىلارنى پايدىلىنىش ئۇچۇرى قىلىشقا بولىدۇ، ئەمما ئەمەلىي ئىشلاردا يەنىلا مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ كۆرسەتمىسىنى ئاساس قىلىش كېرەك! يازمىلاردا تىلغا ئېلېنغان كۆز قاراش پەقەت ئەسلى ئاپتۇرغا ۋەكىللىك قىلىدۇ، مېغىزىنى قوبۇل قىلىپ، شاكىلىنى ئايرىشنى ئۆگىنىۋېلىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز!
جىنسىيەت ۋە ئەيدىز ساۋاتلىرى ئۈندىدار سۇپىسى (ئىزدەش نامى: jinsiyatcn) غا ئەگىشىۋېلىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز!
ئەگەر يانبىلوگىم ھەققىدە ھەر قانداق تېخنىكىلىق مەسىلە بايقالسا يانبىلوگ ئورگان ئۈندىدار سۇپىسى yanbilog غا ئەگىشىپ مەسىلە مەلۇم قىلسىڭىز بولىدۇ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى