جىنسىيەت ۋە ئەيدىز ساۋاتلىرى يانبىلوگى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ئۆسمۈرلەرگە جىنسىيەت تەربىيەسىنى يەنە كېچىكتۈرەمدۇق

ئۆسمۈرلەرگە جىنسىيەت تەربىيەسىنى يەنە كېچىكتۈرەمدۇق

ۋاقتى: 2016-11-03 ئاۋاتلىقى: 2988 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

بەزىلەر ساغلاملىق مۇنبەرلەردە ئىلان قىلىۋاتقان جىنسىيەت ۋە ساغلاملىققا ئائىت تېما-يازمىلىرىمغا قارىتا دوپپامنى ئالدىمغا قويۇپ بۇنداق تەربىيەنىڭ ياش ئۆسمۈرلەرگە زىيانلىق ياكى ئەمەسلىكى ھەققىدە قايتا ئويلىنىشىمنىڭ زۆرۈرلىكىنى ئەسكەرتىپتۇ.
دۇرۇس، مەن دوپپامنى ئالدىمغا ئىلىپ تۇرۇپ كۆپ ئويلاندىم. دىيارىمىزدىكى ئوغۇللار كىچىك بولغاندا 12 ياش ئەڭ كېچىكتى دېگەندىمۇ 14-15 ياشتا بالاغەت يېشىغا يېتىپ بولىدۇ. ئۆزۈمنى مىسالغا ئالسام، 13 ياشلار ۋاقتىمدا بالاغەتكە يەتكەن ئىدىم. دەسلەپتە ئېھتىلام (شەيتان ئاتلاپ) بولۇپ قالغان چاغدىكى ھېس-تۇيغۇم ھازىرغىچە ئېسىمدە، نەچچە كۈنگىچە ئاجايىپ بىر خىل چۈشۈنۈكسىز سېزىم ئىچىدە قويغان-تۇتقىنىمنى بىلەلمەي يۈرگەن ئىدىم. قىزلار ماڭا نېسبەتەن ئاجايىپ بىر سېھىرلىك ئالەم ئىدى. شۇ چاغلاردا بىزنىڭ چوڭ ئائىلىدە تاغام «دۇنيا ئەدەبياتى» ژۇرنىلىنىڭ ھەر قېتىملىق سانىنى چالا قويماي مۇشتەرى بولۇپ كۆرەتتىكەن. دەسلاپتا ژۇرنالنىڭ مۇقاۋىلىرىدىكى چەتئەلنىڭ يىرىم يالىڭاچ ئاياللىرىنىڭ سۈرەتلىرىنى كۆرۈپ يېگىتلىك سېزىملىرىم ئويناپ كېتەتتى. ئىچىدىكى مۇھەببەت ھېكايىلىرىنىڭ جىنسىيەت ئاساسى مەزمۇن قىلىنغان ئابزاسلىرى بەكرەك دېققىتىمنى تارتاتتى، ھەتتا تەكرار-تەكرار ئوقۇيتتىم. ئاخشاملىرى ئۇخلاي دەپ ياتساملا شۇ ئىشلار كاللامغا كىرىۋالاتتى.
جاڭگالغا قوي باققىلى بارغاندا بىزدىن چوڭراق باللارنىڭ ئەر-ئاياللار ھەققىدە قىلىشقان پاراڭلىرى، مادا ئىشەكلەرگە چىقىلىشلىرى دېققىتىمنى بەك تارتاتتى، كىچىكلىرى چوڭلىرىنى دوراپ ئىشەكلىرىنىڭ ئارقىسىغا ئۆتەتتى. بەزىلىرى ھەتتا شەھەردە قانداق ئويناپ، قانداق تاماشا قىلىشقانلىرىنى پەخىرلىنىپ تۇرۇپ سۆزلەپ بىرەتتى. كېيىن شۇ پاراڭلارغا ئىشتىراك ئەتكەن كىچىكلەرنىڭ چوڭلارنىڭ ئارقىسىدىن ئەگىشىپ «ئويناپ» كەلگەنلىكلىرىنى، شۇ ئىش سەۋەبلىك بەزىلەرنىڭ ئالدىدىن توختىماي «مەينەت» بىر نەرسىنىڭ ئاقىدىغان بولۇپ قالغانلىقىنى ئاڭلاپ تۇراتتۇق. مانا شۇ چاغلاردا ماڭىلا ئەمەس باشقا كىچىك ئۆسمۈرلەرگىمۇ ئاشۇ «چوڭ بالىلار» دىن باشقىلار جىنسىيەت ھەققىدە ھېچكىم ساۋات بىرىپ باققان ئەمەس. ئاشۇنداق ئىشلارنىڭ تۈرتكىسىدە جىنسىيەتكە نىسبەتەن بىر خىل يىرگىنىچلىك نەزەردە قارايدىغان بولۇپ قالدىم. كىيىن چوڭ بولدۇق. كىتاب ماتېرياللاردىن جىنسىيەتكە ئائىت مەزمۇنلارنى كۆرۈپ ئەسلى ئۇ بىلىملەرنى بالدۇرلا بىلىشنىڭ زۆرۈرلىكىنى ھېس قىلدىم. تەن-ساقلىق، مەنىۋى پاكلىقنى ساقلاشتا جىنسىيەت بىلىملىرىنى كىچىكىدىنلا بىلمىسە بولمايدىغان ئىلىم ئىكەنلىكىنى چۈشۈنۈپ يەتتىم. تېبابەت ئۈگۈنۈش ۋە ئەمەلىي ئىشلەش جەريانىدا ياشلار ئىچىدە ئانانىزم (جەلق) نىڭ ئېغىر بىر ھادىسە ئىكەنلىكىنى، كۆپۈنچىسىنىڭ جىنسىيەت بىلىملىرىدىن پەقەتلا خەۋەرسىز، بىر مۇددەت ئانانىزىم بىلەن شۇغۇللىنىش نەتىجىسىدە روھىي ۋە جىسمانىي جەھەتتە بىر ئەر كىشىگە نىسبەتەن ئورنىنى تولدۇرغۇسىز ئېغىر ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىردىغانلىقىنى بىلمەي ئۆزىنى نابۇت قىلىۋاتقان نۇرغۇن ياشلارنى ئۇچراتتىم. ئۇلارنىڭ ئىچىدە بەزىلىرى ھەتتا بالىلىق بولۇش ئىقتىدارىدىن مەھرۇم قالغان، نۇرمال ئەرلىك سالاھىتىدە ياشىيالمايدىغان كۈنگە قالغان ئىدى. مۇشۇ كۈنگە قالغان ئەر كىشىدە-بىر ئائىلىنىڭ تۈۋرۈكى، مىللەتنىڭ ئۈمۈتلىرى بولغان ئەركەكلەرنىڭ روھىيتىدە زەئىپلىك، چۈشكۈنلۈكتىن باشقا يەنە نېمە قالىدۇ دەيسىز؟!!!
بلوگدا «بوھران» دېگەن تېما ئىلان قىلىنغاندىن كىيىن خوتەندىن بىر تورداش پوچتا ئادرېسىمنى سوراپ تېلفۇن قىپتۇ، نېمە قىلاتتىڭىز دېسەم سىلىگە رەھمىتىمنى بىلدۈرۈپ بىر پارچە خەت يازماقچى ئىدىم. سىلى مېنى قۇتۇلدۇرۇپ قاللا، دەپلا تېلفۇننى قويىۋەتتى، ھەيران قالدىم، مەن قاچان بۇ بالىغا ياردەم قىلغان بولغىيتتىم دەپ ئولتۇرسام تېلېفون قىسقا ئۇچۇرى كەلدى، قارىسام يەنە ھېلىقى بالا. ئۇ مۇنداق دەپ ئۇچۇر يوللاپتۇ: مەن ئەسلى ئۆلىۋېلىش نىيتىگە كېلىپ بولغان، بۈگۈن كەچ تورخانىدا بىر كۈن تۈنىۋېتىپ ئاندىن ئۆلىۋالاي دەپ كومپيۇتېر ئالدىدا مۇنبەرلەرنى كۆرۈپ ئولتۇرۇپ سىلە يازغان بىر تېمىغا كۆزۈپ چۈشۈپ قالدى. ئېچىپ كۆرۈشكە باشلىدىم، مەن ئەزەلدىن ھېچقانداق بىر تېمىنى بۇنداق ئەستايدىل، تەپسىلىي كۆرمەيتتىم. بۇ قېتىمقىسى مېنىڭ ھاياتىم بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغاچقا تېمىنى نەچچە رەت ئوقۇدۇم. ئۆزۈمدە ھاياتقا نىسبەتەن بىر ئۈمۈد پەيدا بولدى. ئۆلىۋالىمەن دېگەن قارارىمدىن تەۋرىنىپ قالدىم. سىلى بىلەن بەك مۇڭداشقىم كەلدى. مەن ئەمدى ياشىماقچى، ئاللاھ ئىگەم ئىشلىرىغا بەركەت ئاتا قىلغاي!...
قىسقا ئۇچۇر مەزمۇنى مانا مۇشۇنچىلىك، ئۇ بالا ئۆلىۋېلىش سەۋەبىنى ئىنىق يازمىغان بولسىمۇ ئۇ بالىنى ئۆلىۋېلىش ئىرادىسىدىن قايتۇرالىغان تېما دەل جىنسىيەت، ئانانىزىمنى ئاساسى مەزمۇن قىلغان نەسىرى ئەسەر ئىدى... يەنە بىر ئىش، خوتەندىكى چاغدا بىر ياش، دۇكانغا كەپتۇ، ئۇستام ئۇنىڭ چىرايىغا بىر قارىۋېتىپلا قولىدىن تارتىپ دۇكاننىڭ ئارقىسىغا ئۆتۈپ ئەھۋال سوراشقا باشلىدى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە ئۇ ئانانىزىم بىلەن شۇغۇللانغىلى تۇرغىلى 6-7 يىل بولغان بولۇپ ئەرلىك ئەزاسى بەك كىچكلەپ كېتىپتۇ، ھەتتا خورما ئۇرۇقىچىلىك قالغان بولۇپ يەنە 3-4 ئايدىن كېيىن تويى بولماقچى ئىكەن، توي قىلىشتىن بەك قورقۋاتقانلىقىنى، شۇڭا ئەڭ ياخشى دورىلاردىن ياساپ بېرىشنى سوراپ كەپتۇ. ئۇ بالا بۇ گەپلەرنى ئېيتقۇچە يەرگە قاراپ يېغلامسىراپ تۇرۇپ بەك تەستە دېدى. ئۇستام بۇنىڭغا بىر نەرسە دېمەك تەس، ئۆزۈڭگە ئۆزۈڭ قىپسە، دېدى. كېيىن مەن قەشقەرگە قايتىپ كەلدىم. ئۇ بالىنىڭ ساقايغان ياكى ساقايمىغانلىقىدىن خەۋىرىم يوق. بۇ يەردە يۇقىرىدىكى مىساللارنى ئۆزۈمنى ماختاش ئۈچۈن ئوتتۇرغا قويمىدىم بەلكىم جىنسىيەت تەربىيەسىنىڭ ياش ئۆسمۈرلەرگە كەم بولسا بولمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتمەكچى. ئىزدىنىش، دىيارىم، سەلكىن، شەبنەملەردە ئۇيغۇر تېبابىتى بويىچە ياشلارنىڭ ساغلاملىقى ئاسا قىلىنغان تېمىلىرىم ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن ئانانىزىمغا ئادەتلىنىپ قالغان ۋە ئۇنىڭ زېينىنى تارتۋاتقان ياشلارنىڭ ھەر خىل سۇئاللىرى ۋە رەھمەت-تەشەككۇرلىرىنى بىلدۈرۈپ ئەۋەتكەن ئۇچۇرلىرىنىڭ ئايىقى ئۈزۈلمىدى. 
ئانانىزىمغا ئۈگۈنۈپ قېلىش سەۋەبلىك ياشلاردا بىنۇرمال پىسخىكا، بوشاڭلىق، چۈشكۈنلۈك، ئۆزىدىن سەسكىنىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلۈش بىلەن بىللە جىسمانىي جەھەتتە بەدەن ئورۇقلاپ چىرايى نۇرسىزلىنىش، داۋاملىق ھارغىن ھېس قىلىش، جىنسىي ئەزانىڭ شەكلى بىنۇرمال بولۇش، مەزى بېزى ياللۇقى، ئۇرۇق پۈچەكلىك قاتارلىق كېسەللىكلەرگە ئوخشاش بولمىغان شەكىللەردە گىرىپتار بولماقتا. بۇ خىل ئەھۋاللار مىللەتنىڭ كەلگۈسى ئىگىلىرى بولغان ياشلارغا كۆڭۈل بۆلگۈچى كىشىلەرنىڭ يۈكسەك دىققىتىنى تارتىشى ۋە ئۈنۈملۈك تەربىيە خىزمىتى ئېلىپ بېرىشى تولىمۇ زۆرۈر ئىشلاردىن ئىكەن دەپ ئويلىدىم. ئانانىزمدىن ئىبارەت يامان ئىللەتنىڭ ياشلار ئۈچۈن قانچىلىك زور ئاقىۋەتلەرنى ئېلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى بلوگدىكى باشقىلارنىڭ ماڭا يازغان خەتلىرىنى كۆرسىڭىز تېخىمۇ ئېنىق ھېس قىلالايسىز.
يۇقۇردا بايان قىلىنغان بىر تالاي ئىشلار سەۋەبلىك بلوگىمدا ئانانىزىمنىڭ ياش ئەركەكلەنى يەپ كېتىۋاتقانلىقىنى تېبابەت ئىلمى نۇقتىسىدىن بايان قىلىپ چۈشەنچە بەرمەكچى بولدۇم. 
كۆپ يىل ئانانىزىم بىلەن شۇغۇللانغان كىشىلەرنىڭ ئاساسلىق كېسەللىك زارىدىن قارىغاندا تۆۋەندىكىدەك ئاقىۋەتلەر كېلىپ چىقىدۇ: زەكەر يىگىلەش، پۇت قول ماغدۇرسىزلىق، بەل-پاچاق تېلىپ ئاغرىش، ئورۇقلاش، سۈيدۈك قىستاش، ئاغرىتىپ كېلىش، سۈيدۈك بېسىمى بولماسلىق، مەنى سۇيۇق بولۇش، پۈچەك بولۇش، بالدۇر كېتىش، زەكەر قاتماسلىق، چاچ چۈشۈش، بۆرەك ئورۇقلاش، كۆزنىڭ كۆرۈش كۈچى ئاجىزلاش، چىرايى نۇرسىزلىنىش، زېھنى قۇۋۋەتلەپ ئاجىزلاپ ئۇنتۇغاقلىق، قورقۇنچاقلىق، چۈشكۈنلۈك، ئۆزىگە بولغان ئىشەنچى سۇسلاش دېگەنگە ئوخشاش پىسخىك ئاجىزلىقلار قوشۇلۇپ كېلىدۇ. دوختۇردا تەكشۈرتكەندە مەزى بېزى ياللۇغى، ئۇرۇقدان ياللۇغى، ئۇرۇق پۈچەكلىك دېگەندەك دىئاگنۇسلارنى قويىدۇ. بۇنىڭغا قارىتا خېلى ئۈنۈملۈك دەپ قارىلىۋاتقان داۋالاش ئۇسۇللىرىنى ئىشلەتكەن تەقدىردىمۇ ھېچقانچە ئۈنۈمى كۆرۈلمەيدۇ. ئەر-ئاياللىق جىنسىي تۇرمۇش كۆڭۈلدىكىدەك بولماسلىق، بالىلىق بولالماسلىق دېگەندەك ئىشلار بىمارنى تېخىمۇ چۈشكۈنلەشتۇرۋېتىدۇ.
مۇنبەردە ياش-يېگىتلىرىمىزگە بۇ ھەقتە چۈشەنچە ھەمدە ئۇيغۇر تېبابىتى بويىچە ئۆزىنى ئاسىراش تەربىيەسى ئېلىپ بىرلىۋاتقاندا ئانانىزىم ئادىتىنىڭ يالغۇز ياش يىگىتلەردىلا ئەمەس قىزلاردىمۇ ئېغىر ئىكەنلىكى دېققىتىمنى تارتتى. بۇنداق تەخىرسىز مەسىلىدە شەرمىي ھايا، ئەقىدە-ئىتقادنى خاتا ئىستېمال قىلىۋېلىپ ساختا، ياسالما ئالىيجانابلىق بىلەن كۆزىمىزنى يۇمۇپ ئىلمىي جىنسىيەت تەربىيەسى ئېلىپ بېرىلمىغانىلىق سەۋەبىدىن يۈز بېرىۋاتقان مىللىتىمىزدىكى روھىي ۋە جىسمانىي زەئىپلىكلەرنى، جىنايى-زالالەتلەرنى، ئەيدىز كەبى ھالاكەتلىك قىسمەتلەرنى كۆرمەسكە سېلىپ يۈرىۋەرسەك بولمايدىكەن. 
ئەگەر بىز ساغلام، توغرا بولغان جىنسىيەت تەربىيەسىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ ياشلارنىڭ ئۆزىنى ئاسراش، تەن-سالامەتلىكىنى قوغداش ئېڭىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈشىگە ياردەم بەرمىسەك ياش-سەبىيلەر قاراڭغۇ، مەينەت بۇلۇڭ-پۇچقاقلاردا باشقىلار تەرىپىدىن ئۈگۈتىلىدۇ. ئەھۋال مانا شۇنداق تۇرسا ئۆسمۈرلەرگە جىنسىيەت تەربىيەسىنى يەنە كىچىكتۈرەمدۇق؟!!!
مەنبە: بىرزات بلوگى

ئەگەر تېخىمۇ كۆپ جىنسىيەت بىلىملىرىگە ئېرىشمەكچى بولسىڭىز، جىنسىيەت ئۈندىدار سۇپىسى (ئىزدەش نامى: jinsiyatcn)غا bz دەپ قايتۇرۇپ مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرغا ئېرىشىڭ.
ئەگەر «ﺗﻮﻱ ﻛﯧﭽﯩﺴﻰ» ناملىق يازمىغا ئېرىشمەكچى بولسىڭىز جىنسىيەت ئۈندىدار سۇپىسىغا x002 دەپ قايتۇرۇپ ئېرىشىڭ!
****************************************************
ئۇچۇر:

ئەگەر جىنسىيەت بىلىملىرىگە بولغان تونۇشىنىڭ يېتەرسىزلىكى ۋە باشقا سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئانانىزىم بىلەن شۇغۇللىنىپ قالغان، مەزى بېزى ياللۇغى بولۇپ قالغان ۋە ئۆزىدە زەكەر يىگىلەش، پۇت قول ماغدۇرسىزلىق، بەل-پاچاق تېلىپ ئاغرىش، ئورۇقلاش، سۈيدۈك قىستاش، ئاغرىتىپ كېلىش، سۈيدۈك بېسىمى بولماسلىق، مەنى سۇيۇق بولۇش، پۈچەك بولۇش، بالدۇر كېتىش، زەكەر قاتماسلىق، چاچ چۈشۈش، بۆرەك ئورۇقلاش، كۆزنىڭ كۆرۈش كۈچى ئاجىزلاش، چىرايى نۇرسىزلىنىش، زېھنى قۇۋۋەتلەپ ئاجىزلاپ ئۇنتۇغاقلىق، قورقۇنچاقلىق، چۈشكۈنلۈك، ئۆزىگە بولغان ئىشەنچى سۇسلاش دېگەنگە ئوخشاش پىسخىك ئاجىزلىقلار كۆرۈلگەنلەرگە ئۈنۈملۈك دورا ياكى ساغلاملىق مەھسۇلاتى بارمۇ؟ بار بولسا قايسى؟ ئەلۋەتتە بار، يۇقىرىدىكىدەك ئەھۋاللار كۆرۈلگۈچىلەر لوقمان ھەكىم قوش ئۈنۈملۈك مەزى بېزى گۆھىرى بىلەن لوقمان ھەكىم ئادەمگىياھ گۆھىرىنى بىرلەشتۈرۈپ ئىستېمال قىلىپ بەرسە، يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ئەرلەر كېسەللىكى ئالامەتلىرىگە ئالاھىدە ياخشى مەنپەئەت قىلىدۇ. 

ئەگەر لوقمان ھەكىم قوش ئۈنۈملۈك مەزى بېزى گۆھىرى ۋە لوقمان ھەكىم ئادەمگىياھ گۆھىرىنىڭ ئۇچۇرلىرىغا ئېرىشمەكچى بولسىڭىز، جىنسىيەت ئۈندىدار سۇپىسىغا qlxy دەپ قايتۇرسىڭىز مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارغا ئېرىشەلەيسىز!

Tags:
بايانات

مەزكۇر يانبىلوگتىكى يازمىلار پەقەت ئەڭ نازۇك بولغان جىنسىيەت ۋە ئەيدىز ئۇقۇملىرى ۋە ئۆگۈتلىرىنى ئېھتىياجلىق كىشىلەرگە يەتكۈزۈشنى تۈپ مەقسەت قىلغان يانبىلوگ، يازمىلارنى پايدىلىنىش ئۇچۇرى قىلىشقا بولىدۇ، ئەمما ئەمەلىي ئىشلاردا يەنىلا مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ كۆرسەتمىسىنى ئاساس قىلىش كېرەك! يازمىلاردا تىلغا ئېلېنغان كۆز قاراش پەقەت ئەسلى ئاپتۇرغا ۋەكىللىك قىلىدۇ، مېغىزىنى قوبۇل قىلىپ، شاكىلىنى ئايرىشنى ئۆگىنىۋېلىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز!
جىنسىيەت ۋە ئەيدىز ساۋاتلىرى ئۈندىدار سۇپىسى (ئىزدەش نامى: jinsiyatcn) غا ئەگىشىۋېلىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز!
ئەگەر يانبىلوگىم ھەققىدە ھەر قانداق تېخنىكىلىق مەسىلە بايقالسا يانبىلوگ ئورگان ئۈندىدار سۇپىسى yanbilog غا ئەگىشىپ مەسىلە مەلۇم قىلسىڭىز بولىدۇ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى