جىنسىيەت ۋە ئەيدىز ساۋاتلىرى يانبىلوگى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ئانانىزىم (ئىستىمنا) ھەققىدە ئومۇمىي بايان

ئانانىزىم (ئىستىمنا) ھەققىدە ئومۇمىي بايان

ۋاقتى: 2016-08-05 ئاۋاتلىقى: 4119 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

(يېقىندىن بۇيان كەڭ ياشلىرىمىزدىن قول بىلەن مەنىي چىقارسا بولامدۇ؟ شەھۋىتىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن قولى بىلەن لەززەتلىنىشنىڭ ھۆكمى نېمە؟ يالىڭاچ رەسىملەرگە قارىسا قانداق بولىدۇ؟ دېگەندەك قول بىلەن لەززەتلىنىش ۋە مەنىي چىقىرىش ھەققىدە كەلگەن سوئاللار كۆپ بولغاچقا بۇ مەسىلىدە ياشلىرىمىزغا يېتەرلىك مەلۇمات بېرىش ئۈچۈن بۇ بايان تەييارلاپ سۇنۇلدى.)
ناھايىتى مېھرىبان ھەم شەپقەتلىك ئاللاھنىڭ نامى بىلەن باشلايمەن،
جېمى ئالەمنىڭ ياراتقۇچىسى جانابى ئاللاھقا ساناقسىز ھەمدۇ-سانا، ئاخىرقى پەيغەمبەر مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ۋە ئۇنىڭغا ئەگەشكەنلەرگە دۇئايى-سالاملار بولسۇن.
ئىستىمنانىڭ تەرىپى:
ئىستىمنا-جىنسىي مۇناسىۋەت قىلماستىن ئويغاق چاغدا قولى ياكى باشقا ئەزاسىنى جىنسىي ئەزاسىغا سۈركەش ئارقىلىق مەنىي چىقىرىشتىن ئىبارەت. بۇنىڭدا قىز-ئوغۇل ھەر ئىككىسى ئوخشاش. بۇ ئىش مەخپىي ئادەت ياكى ئانانىزم قىلماق ياكى جەلىق دەپمۇ ئاتىلىدۇ.
ئىستىمنا تۈرلىرى:
قول بىلەن سۈركەش، قۇچاقلىشىش، سۆيۈش، قاراش ۋە خىيال قىلىپ ئويلاش بىلەن بولىدۇ.
جىنسىي مەسىلە ھەققىدە كىرىش سۆز:
ئەسلىدە ئاللاھ تائالا ئىنساننى يارىتىشتا پەرىشتە تەبىئەتلىكمۇ ئەمەس، ھايۋانىي تەبىئەتلىكمۇ ئەمەس، بەلكى ئۆز ئالدىغا ئالاھىدە بىر ئىنسانىي تەبىئەت ۋە مايىللىق بىلەن ياراتقان بولۇپ، جىنسىي ھېس-تۇيغۇ ئىنساندا يارىتىلىشىدىن تارتىپ مەۋجۇت بولغان نورمال تەبىئەتتۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەپ كۆرسەتكەن:
(ئىنسانلارغا ئاياللار، ئوغۇللار، ئالتۇن-كۆمۈشتىن توپلانغان كۆپ ماللار، گۈزەللەشتۈرۈلگەن ئاتلار، چارۋىلار ۋە باغۇ-بوستانلاردىن ئىبارەت كۆڭۈل تارتىدىغان نەرسىلەرنىڭ مۇھەببىتى چىرايلىق كۆرسىتىلدى. بۇلار دۇنيا ھاياتىنىڭ راھىتىدۇر) (ئالى ئىمران سۈرىسى 14ـ ئايەت.)
ئەلۋەتتە ئىنسان ئىسلامغا ئۇيغۇن بىر مۇھىتتا ياشىسا، بۇ تەبىئەت ئارقىلىق ئۇنىڭ ياشىمى ئۆزئارا دوستلۇق ۋە سۆيگۈ ئىچىدە كۆڭۈللۈك ئۆتۈپ روھى ئارام تاپاتتى، ئىسلام دىنىمىز بۇنىڭغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن ئەر-ئايال ئوتتۇرىدىكى جىنسىي مۇناسىۋەتنى ئىنسان تەبىئىتىگە ماس كېلىدىغان، ئەر-خوتۇنلۇق شەرئى نىكاھ مۇناسىۋېتى بىلەن ياشاش قانۇنى ئارقىلىق قوغدىغان، شۇنداقلا ئائىلە تۈزۈمىنى جەمئىيەتنىڭ تۈپ ئاساسى قىلغان، بۇنىڭغا زىيان يەتكۈزىدىغان بارلىق ئىش-ھەرىكەتلەرنى چەكلىگەن، ئەخلاقسىزلىقنى يايىدىغانلارغا ئېغىر جازالارنى بەلگىلىگەن.
بىراق ئىنسانغا تەسىر قىلىدىغان ئەتراپىدىكى مۇھىت ئېغىر بۇلغۇنۇپ كەتكەنلىك تۈپەيلىدىن ئىنساندىكى بۇ تۇغۇلما تەبىئەت بىنورماللىشىپ ئېگىز-پەس بولۇپ بۇزۇلۇشقا باشلىغان، ئەتراپتىكى بېسىم ئۇنىڭ ھوزۇرىنى بۇزغان، نەتىجىدە ئەسلىدە ئاللاھ تائالا ھۇزۇر ۋە سائادەت شۇنداقلا ھاياتلىقنىڭ داۋاملىشىش سەۋەبى قىلىپ ياراتقان ئىنساندىكى جىنسىي ئىستەك ئىنساننىڭ شاقاۋېتىگە سەۋەب بولۇپ ئۇنى ئازابلاشقا، بىئارام قىلىشقا، شۇنداقلا ئۇنىڭ يۈكىنى ئېغىرلاشتۇرۇشقا باشلىغان.
مانا ھازىر ئەتراپتىكى بارلىق كۆرۈنۈشلەر ئىنساننى ئۆز تەبىئىتىنى بۇزۇشقا زورلىماقتا، كوچىدىكى يالىڭاچ قىز-ئاياللار، ياكى ئازراق كىيىم كەيگىنى بىلەن كەيمىگەنلەردىن بەكراق ئىنساننى جەلب قىلىدىغان، جىسىمنىڭ ئېگىز-پەس يەرلىرىنى تېخىمۇ گۈزەل كۆرسىتىدىغان نېپىز ۋە پاسۇنلۇق كىيىملەر، تۈرلۈك ماي، بوياق، ئەتىر، گرىم ۋە ھۆسن تۈزەش ۋاستىلىرى، سېرىق مەزمۇنلۇق ناخشا-مۇزىكا، ئەدەبىيات، كىنۇ-تېلېۋىزىيە كۆرۈنىشلىرى، ئۈنئالغۇدىن باشلاپ ۋىدىيو، VCD، DVD، ئاخىرىدا تور ۋە ئۇچۇر ۋاستىلىرىنى زىيانلىق ۋە ھارام تەرەپكە كۆپرەك ئىشلىتىش قاتارلىق سەلبىي ۋە ناچار ۋەزىيەتلەرنى ئەخلاقسىزلىقنىڭ يامراپ كېتىشى، پەزىلەت ۋە شەرمى-ھايانىڭ جەمئىيىتىمىزدىن تەس تاپقىلى بولىدىغان ئەتىۋا گۆھەر بولۇپ قېلىشىنىڭ سەۋەبلىرى دېسەك خاتالىشىپ كەتمەيمىز.
شۇنىسى ئېنىقكى، ئىسلام كۆرسەتمىلىرى پەقەتلا ئىسلام تۈزۈمى ۋە ئىسلام كۆرسەتمىلىرى رىئايە قىلىنىدىغان ئىسلامغا زىت كەلمەيدىغان مۇناسىپ مۇھىتتىلا ئەڭ ياخشى ئۈنۈم بېرىدۇ، بۈگۈنكىدەك زىنا قىلىش نىكاھ قىلىشتىن ئاسانراق بولۇپ قالسا، بۇ ئەھۋال ۋەزىيەتنىڭ ھەقىقەتەن ئېغىرلىقىنى، ئىسلام كۆرسەتمىسى بويىچە ياشاشنىڭ نەقەدەر قىيىنلىقىنى بىلدۈرىدۇ، پەيغەمبەر ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بۇندىن 14 ئەسىر ئىلگىرى بۇ كۈنلەردىكى ئەخلاق ۋە دىيانەت جەھەتتىكى سۇسلۇق ۋە بوشلۇقنى ئالدىن خەۋەر بېرىپ مۇنداق دېگەن: «ئىسلام غەرىبانە باشلانغان، ئۇ يەنە پات يېقىندا باشلانغان چېغىدىكىدەكلا غەرىبانىلىققا قايتىدۇ، شۇڭا (كۆپچىلىك سۇسلىشىپ بۇزۇلۇپ كەتسىمۇ) دىنىدا چىڭ تۇرغان غەرىبانىلارغا تۇبا دېگەن جەننەت بولسۇن»(سەھىھى مۇسلىم: 145-ھەدىس)
بۇنىڭدىن بىلىۋالىدىغىنىمىز شۇكى، ھازىرقى بۇزۇق جەمئىيەت ۋە ۋەزىيەتتە دىن كۆرسەتمىلىرىگە تولۇق رىئايە قىلىش ئىنتايىن قىيىنلىشىپ كېتىۋاتىدۇ، ئىستىمنامۇ توي قىلالماسلىق بىلەن مۇھىتنىڭ يامان تەسىرى ۋە بېسىمى ئاستىدا قالغان ياشلاردا كۆرىلىدۇ. شۇڭا پەتىۋا بېرىشتىمۇ بۇ ئەھۋال كۆزدە تۇتۇلىشى كېرەك.
ئىستىمناغا سەۋەب بولىدىغان ئامىللار:
ئىستىمناغا جىنسىي ئىستەك، مۇھىتتىكى يالىڭاچ ۋە سېرىق مەزمۇنلۇق كۆرۈنۈشلەر ۋە ھالال يول ئارقىلىق جىنسىي ئۇسسۇزلۇقنى قاندۇرۇشنىڭ قىيىنلىشىپ كېتىشى سەۋەب بولىدۇ، ئۇندىن باشقا ئۇزۇن مۇددەت بويتاق ياكى توي قىلماي ياشاش، ئائىلىدىن يىراق تۇرۇش، تۇرمىدە ئۇزۇن مۇددەت يېتىش قاتارلىقلار سەۋەب بولىدۇ.
ئىستىمنا بىنورمال قىلىق:
شەكسىزكى، بۇ قىلىق ئىنساننىڭ يارىتىلغان نورمال تەبىئىتىگە يات كېلىدۇ، چۈنكى بۇ قىلىق ئارقىلىق ئىنساندىكى جىنسىي ئىستەك تولۇق قانمايدۇ، بەلكى بۇ ئىش ئارقىلىق شەھۋەت ئوتى تېخىمۇ ئۇلغىيىشى ياكى ئەۋج ئېلىشىمۇ يىراق ئەمەس، ئەلۋەتتە بۇ ئستەكنى قاندۇرۇشنىڭ بىردىنبىر نورمال ۋە تەبىئىي يولى ئەر-خوتۇنلۇق نىكاھ مۇناسىۋېتى سايىسى ئاستىدىكى جىنسىي مۇناسىۋەتتۇر. بۇنداق شەرئى قاندۇرۇش شەخس، ئائىلە ۋە جەمئىيەتنىڭ سالامەتلىكى ئۈچۈن زۆرۈر. لېكىن بىز يۇقىرىدا ئېيتقاندەك ھازىر ئىنسان تەبىئىتى بۇزۇق مۇھىت تەسىرىدە بۇزۇلۇپ كەتتى، شۇڭا بۇنداق بىنورمال مۇھىتتا ياشىغانلاردا بۇنداق بىنورمال قىلىقنىڭ سادىر بولۇپ تۇرىشى نورمال ھېسابلىنىدۇ.
ئىستىمنانىڭ زىيىنى:
ئىستىمنا دەۋر كىشىلىرىمىزدە ۋە تۇرمۇشىمىزدا كۆرۈلۈپ تۇرىدىغان ئەھۋال بۇلغاچقا بۇنىڭ زىيىنى ۋە شەرئى ھۆكمىنى بىلىۋېلىشىمىز زۆرۈر.
تېببىي جەھەتتىن دوختۇرلار بۇنىڭ زىيىنى بار دەپ قارايدۇ، ئۇلارنىڭ قارىشىچە ئۇنىڭ زىيىنى دەرھال كۆرۈنمىگىنى بىلەن ئۇزۇن مۇددەتتىن كېيىن ئۆزىنى ئاشكارىلىغىلى تۇرىدىكەن، مەسىلەن: بۇنى بەك كۆپ مىقداردا قىلغانلاردا روھىي ۋە ئىجتىمائىي جەھەتتىن ۋىجدان ئازابى ۋە تاپا-مالامىتى، جىمىغۇرلۇق، كىشىلەرگە ئارىلاشماسلىق، جىسمانىي جەھەتتىن جىنسىي ئاجىزلىق، بۆرەك ئاجىزلاپ كېتىش دېگەندەك ئاقىۋەتلەر كېلىپ چىقىدىكەن،. بۇ ئىللەتلەر بۇ قىلىقنى كۆپ قىلغانلاردا كۆرىلىدىكەن. شۇڭا ھەر بىر كىشىنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ زىيىنى ئاز ياكى كۆپ بولىدىكەن. لېكىن بۇ زىيانلارنى بۇ ئىشنى ئاندا-ساندا ياكى بىرەر قېتىم قىلىپ سالغانلارغا بەك مۇبالىغىلەشتۈرۈۋېتىش ئىلمىي جەھەتتىن توغرا ئەمەس ئىكەن.
بەزى قىزلارنىڭ ئىستىمنا ئادىتى ئارقىلىق قىزلىقىنى يوقۇتۇپ قويغانلىق ئەھۋاللىرىمۇ يۈز بەرگەن.
بىر مۇتەخەسسىس دوختۇر مۇنداق دەيدۇ: «ئىستىمنادىكى ئېغىر مەسىلە شۇكى، ئۇنىڭ جىسمانىي ئاقىۋەتلىرىنى دورىلار بىلەن داۋالاش ئاسان بولغىنى بىلەن، ئۇزۇن ۋە ئورتا مۇددەتلىك پىسخىكىلىق تەسىرىنى بىر تەرەپ قىلىش ئاسانغا چۈشمەيدۇ.»
شەرئى زىيىنى:
بۇ ماقالىدىن مەقسەت بۇ قىلىقنىڭ شەرئى ھۆكمىدۇر. شەرئى ھۆكمىنى بەلگىلەشتە تەسىر كۆرسىتىدىغان ئىككى نەرسە بار. بىرىنچىسى بۇ ئىشنىڭ زىيىنى، بۇنى يۇقىرىدا بايان قىلىپ ئۆتتۇق.
ئىككىنچىسى: ھۆكۈم بەلگىلەشتە ئاساس قىلىنىدىغان قۇرئان ۋە ھەدىس، شۇنداقلا قۇرئاننى ئەڭ ياخشى چۈشەنگەن ۋە تەتبىقلىغان ساھابە ۋە تابىئىيلار ئىش-ھەرىكىتىدۇر.
بۇ يەردە بۇ مەسىلىگە مۇناسىۋەتلىك ئايەت ئاللاھ تائالانىڭ بۇ سۆزلىرىدۇر:
(ھەقىقەتەن مۆمىنلەر نىجاتلىققا ئېرىشتى، ئۇلار نامازلىرىدا خۇشۇئ بىلەن ئەيمىنىپ تۇرغۇچىلاردۇر. ئۇلار بىھۇدە سۆز، بىھۇدە ئىشتىن يىراق بولغۇچىلاردۇر، ئۇلار زاكات بەرگۈچىلەردۇر، ئۇلار ئەۋرەتلىرىنى پەقەتلا خوتۇنلىرىدىن، چۆرىلىرىدىن باشقىلاردىن ساقلىغۇچىلاردۇر. بۇنىڭ سىرتىدىن (جىنسي تەلەپنى قاندۇرۇشنى) تەلەپ قىلغۇچىلار ھەددىدىن ئاشقۇچىلاردۇر.)(ئەلمۇئمىنۇن سۈرىسى1-7-ئايەتلەر)
(ئۆيلىنەلمەيدىغانلار ئاللاھ ئۇلارنى ئۆز كەرىمى بىلەن باي قىلغۇچە، ئۆزلىرىنى ئىپپەتلىك تۇتسۇن)(نۇر سۈرىسى 33-ئايەتنىڭ بىر قىسمى)
ئەلقەمە رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: مەن ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىلەن بىللە مېڭىپ كېتىۋاتقىنىمدا ئۇ مۇنداق سۆزلەپ بەردى: بىز رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىلەن بىللە ئىدۇق، رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېدى: «ئۆيلىنىشكە قادىر بولالىغان ئادەم ئۆيلەنسۇن، چۈنكى ئۆيلىنىش ئۇنىڭ كۆزىنى ۋە ئەۋرىتىنى ھارامدىن بەكراق ساقلايدۇ، ئۆيلىنىشكە قادىر بولالمىغان ئادەم روزا تۇتسۇن. چۈنكى روزا شەھۋېتىنى كېسىشتە ئۇنىڭغا نىسبەتەن ئاختا قىلىش ھېسابلىنىدۇ».(سەھىھەين: بۇخارى: 1905-ھەدىس. مۇسلىم: 1400-ھەدىس)
لېكىن بەزىلەر: «قولىغا زىنا قىلغان مەلئۇندۇر» دېگەندەك ھەدىسلەرنى بايان قىلغان بولسىمۇ، بۇ ئەسلى يوق يالغان توقۇلما سۆزلەردۇر، ھەدىسشۇناسلار بۇنى يالغان ھەدىس دېگەن ياكى بەكلا ئاجىز دەپ قارىغان. ئىمام ئىبنى كەسىير يۇقىرىقى ئەلموئمىنۇن سۈرىسىدىكى ئايەتنىڭ تەپسىيرىدە مۇشۇ ھەدىسنى رىۋايەت قىلىپ: «بۇ غەلىتە بىر ھەدىس، سەنەدىدە تونۇلمىغان كىشى بار» دېگەن. (تەپسىرى ئىبنى كەسىير 3/340)
شۇڭا ئىستىمنا ھۆكمىدە ۋە باشقا بارلىق ھۆكۈملەردە بۇنداق ئاساسى يوق ھەدىسكە تايانماسلىق كېرەك.
بۇ كۆرسەتمىلەرگە ئاساسەن ئىسلام ئالىملىرى ئىستىمنانى ئومۇمەن يامان كۆرگەن دېيىشكە بولىدۇ.
چۈنكى يۇقىرىقى ئايەت-ھەدىسلەر شەھۋىتى بار بولۇپ، توي قىلىشقا قادىر بولغانلارنى توي قىلىشقا بۇيرۇغان، (نورمال توي قىلىشقا قادىر بولالمىغانلارنى كېنىزەكلىرى ئارقىلىق جىنسىي مۇناسىۋېتىنى قاندۇرۇشقا بۇيرۇغان، ئەلۋەتتە ھازىر كېنىزەك بولمىغاچقا بۇ ھەقتە سۆز قىلىش ھاجەتسىز).
توي قىلالمىغانلارنى بولسا ئىپپىتىنى ساقلاپ سەۋر قىلىشقا بۇيرۇغان، پەيغەمبەر ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم شەھۋېتىنى پەسەيتىش ئۈچۈن روزا تۇتۇش چارىسىنى كۆرسىتىپ توي قىلالمىغان ياشلارنى روزا تۇتۇشقا بۇيرۇغان. بۇنىڭغا قاراپ بەزىلەر توي قىلىشنى ۋاجىب دەپ قارىغان. بەزىلەر شەھۋىتى كۈچلۈك بولۇپ زىنا قىلىپ سالىدىغان بولسا توي قىلىشى ۋاجىب، نورمال بولسا سۈننەت دەپ قارىغان.
ئەمدى ئۆزىمىزنىڭ مەسىلىسىگە قايتايلى، بىر قىسىم ئالىملار يۇقىرىقى كۆرسەتمىلەرگە ئاساسلىنىپ ئىستىمنا ئارقىلىق جىنسىي شەھۋېتىنى قاندۇرغانلارنى (ھەددىدىن ئاشقۇچىلار) قاتارىغا سېلىپ ئىستىمنانى ھارام دەرىجىسىدە يامان كۆرگەن،
باشقىلار زىنا ۋە لىۋات قاتارلىقلار بۇ ئايەتتىكى ھەددىدىن ئېشىشقا كىرىدۇ، ئىستىمنا بۇنىڭغا كىرمەيدۇ دەپ بۇ قىلىقنىڭ تەبىئىتىگە قاراپ ئۇنى مەكروھ دەپ قارىغان،
يەنە بەزىلەردىن مۇباھ دېگەندەك قاراشمۇ رىۋايەت قىلىنغان.
يەنە بەزىلەر زۆرۈرەت ئەھۋاللىرىدا مۇباھ دېگەن،
يەنە بىر قىسىم ئالىملار بۇنى قىلمىسا زىنا قىلىشى ئېنىق بولسا بۇنى قىلىپ زىنادىن ساقلىنىشى كېرەك ۋە ۋاجىب دەپمۇ قارىغان.
بۇ ئىختىلاپنىڭ سەۋەبى: ئايەت ۋە ھەدىستىن ھارام ھۆكمى چىقىشى كەسكىن ياكى ئېنىق بولمىغانلىقى بولۇپ، بۇ قاراشلارنىڭ ھەممىسى ئايەت ۋە ھەدىسلەردىن شۇنداقلا ساھابە ۋە تابىئىيلاردىن كەلگەن خەۋەرلەرنىڭ مەزمۇنىغا قاراپ چىقارغان ئىستىنباتىي ھۆكۈم ۋە قاراشلاردۇر. يەنە بىر تەرەپتىن ئىستىمنانى زىناغا ئوخشاش ئورۇندا قويۇش ياكى قويماسلىق، بۇنى ئۇنىڭغا قىياس قىلىش قىلماسلىق سەۋەب بولغاندۇر.
بىرىنچى ئايەتتىكى (ھەددىدىن ئاشقۇچىلار) دېگەن سۆز: چېكىدىن ئاشقان، زۇلۇم قىلغۇچىلار دېگەنلىكتۇر. ئاللاھ تائالا يا ئايىلى ياكى دېدىكى بىلەن مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈشنى ھالال قىلغان، باشقىنى ھارام قىلغان. لېكىن بۇ ئايەتتىكى ھارام قىلىنغان باشقا نەرسە ئىچىگە ئىستىمنا كىرەمدۇ ياكى كىرمەمدۇ؟ ياكى بۇنىڭدىن مەقسەت زىنا ۋە بەچچىۋازلىقتەك ھارام جىنسىي مۇناسىۋەتلا مەقسەت قىلىنغانمۇ؟ ھەر ئىككىسى ئېھتىماللىق. شۇڭا ئالىملىرىمىز بۇ ھەقتە ئىختىلاپلاشقان، بولمىسا ھەممە بىردەك قاراشتا بولغان بولاتتى.
تۆۋەندە ھەر خىل قاراش ئىگىلىرىنىڭ سۆزلىرىنى ۋە ئۇلارنىڭ تايانغان دەلىللىرىنى بىرقانچە ئۆرنەك مەنبەدىن نەقىل كەلتۈرۈپ ئۆتەيلى:
ئىمام شافىئىي رەھمۇتۇللاھى ئەلەيھى يۇقىرىقى ئايەتلەرگە ئاساسەن مۇنداق دېگەن: «ئايەتتە: (ئەۋرەتلىرىنى پەقەتلا خوتۇنلىرىدىن، چۆرىلىرىدىن باشقىلاردىن ساقلىغۇچىلار) دېگەندىن خوتۇنلىرىدىن، چۆرىلىرىدىن باشقىنى ھارام قىلىۋېتىش ئېنىق مەلۇم بولىدۇ…» كېيىن مەزكۇر مەزمۇننى مۇنداق تەكىتلىگەن: (بۇنىڭ سىرتىدىن (جىنسي تەلەپنى قاندۇرۇشنى) تەلەپ قىلغۇچىلار ھەددىدىن ئاشقۇچىلاردۇر.) دېمەك ئەر كىشى ئەۋرىتىنى پەقەتلا ئايالى ياكى چۆرىسىگە ئىشلىتىشى كېرەك، ئىستىمنائ ھالال بولمايدۇ. ۋەللاھۇ تائالا ئەئلەم“.(ئەلئۇم5-توم 94-بەت)
ئىمام شافىئىي رەھمۇتۇللاھى ئەلەيھى يەنە مۇنداق دېگەن: «مۇباھ قىلىنغان (ئايالى ياكى چۆرىسىدىن ئىبارەت) ئىككى يولدىن بولمىغانلىقى ئۈچۈن ئىستىمنا قىلىشنىڭ ھارام بولۇپ قېلىشىدىن ئەنسىرەيمەن.» (ئەلئۇم5-توم 156-بەت)
ئىمام ئىبنى ئەرەبى مۇنداق دەيدۇ: «ئىمام ئەھمەد شۇ دەرىجىدىكى تەقۋادارلىقى بىلەن بۇنى جائىز دەپ قارايدۇ، ئۇ: بۇ خۇددى قان ئالدۇرغانغا ئوخشاش بەدەندىكى ئارتۇق ماددىنى چىقىرىۋېتىشتىن ئىبارەت دەپ قارايدۇ. كۆپچىلىك ئالىملار ئۇنى ھارام دەپ قارايدۇ، مۇشۇ قاراش توغرىدۇر.» (ئەھكامۇل قۇرئان 3-توم 315-بەت).
ئىمام ئىبنى ئابىدىين مۇنداق دەيدۇ: «شەھۋەت قوزغاش ئۈچۈن ئالىقان بىلەن ئىستىمنا قىلىش ھارام، ئەمما كىشىنىڭ شەھۋىتى غالىب كېلىپ ئايالى ياكى دېدىكى بولمىسا، ئۇنى شەھۋىتىنى پەسەيتىش ئۈچۈن قىلغان بولسا ئۇنىڭغا گۇناھ بولماسلىق ئۈمىد قىلىنىدۇ، زىنا قىلىپ سالىدىغان بولسا ئۇنى قىلىش ۋاجىب بولىدۇ.» (راددۇل مۇھتار 4-توم 27-بەت).
ئىمام سانئانىي مۇنداق دېگەن:«بەزى مالىكىي ئالىملار يۇقىرىقى ھەدىسنى (روزا تۇتۇشقا بۇيرۇغان ھەدىسنى دېمەكچى) ئىستىمنانىڭ ھاراملىقىغا دەلىل قىلغان، چۈنكى ئۇ مۇباھ بولغان بولسا ئەڭ قۇلاي بولغاچقا ئۇنى كۆرسىتىپ قويغان بولاتتى. ئەھۋال مۇشۇنداق تۇرۇقلۇق ئىستىمنانى بەزى ھەنبەلىي ۋە ھەنەفىي ئالىملار مۇباھ دېگەن».(سۇبۇلۇسسالام 3-توم 110-بەت).
ئىمام ئىبنى تەيمىييە رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى ئالىملارنىڭ بۇ ھەقتىكى قاراشلىرىنى خۇلاسىلەپ مۇنداق دەيدۇ: «كۆپچىلىك ئالىملار ئىستىمنانى ھېچقانداق بىر سەۋەب بىلەن مۇباھ دېمەيدۇ. بىر گۇرۇپ ساھابە ۋە تابىئىيلاردىن زۆرۈرەت ئۈچۈن ئىستىمناغا رۇخسەت قىلغانلىقى رىۋايەت قىلىنغان، مەسىلەن، زىنا قىلىپ سېلىشىدىن ئەنسىرىگەن ئەھۋالدا شۇنى قىلمىسا زىنا قىلىپ سالىدىغان بولسا، ياكى ئۇنى قىلمىسا ئاغرىپ قالىدىغان بىنورمال ئەھۋال بولسا. بۇمۇ ئىمام ئەھمەد ۋە باشقا ئالىملارنىڭ قارىشىدۇر، ئەمما زۆرۈرىيەتسىز بۇنىڭغا بىرسىنىڭ رۇخسەت قىلغانلىقىنى بىلمەيمەن. ۋەللاھۇ ئەئلەم».(ئەلفەتاۋا ئەلكوبرا 2-توم 205-206-بەتلەر)
ئىمام ئىبنى رەجەب ئەلھەنبەلىي زۆرۈرەت قائىدىسىنى شەرھلەپ مۇنداق دەيدۇ: «يۇز ئون ئىككىنچى قائىدە: مەجبۇر بولۇپ قالغان كىشى زۆرۈرىيەتتىن باشقا چاغدا مۇباھ بولمايدىغان ئىككى ھارام ئىشقا دۇچ كەلسە ئۇ ئىككىسىنىڭ زىيىنى ئەڭ يەڭگىل ۋە ئاز بولغىنىنى تاللاش ۋاجىب بولىدۇ. چۈنكى ئارتۇق زىياننى تارتىشقا زۆرۈرەت يوق، بۇ قائىدىگە تۆۋەندىكى مەسىلىلەر كىرىدۇ…. دېدەكنى ئېلىش بىلەن ئىستىمنا قىلىش ھەر ئىككىسى زۆرۈرەت ئۈچۈن مۇباھ بولىدۇ، دېدەكنى ئېلىش ئىستىمنانىڭ ئالدىدا تۇرىدۇ». (ئەلقاۋائىد 1/281-بەت).
ئىمام ئىبنى ھەزم مۇنداق دەيدۇ: «ئەر كىشىلەرنىڭ ئىستىمنا قىلىشىمۇ ئوخشاشلا مەكروھتۇر، چۈنكى ئەر كىشىنىڭ سول قولى بىلەن ئەۋرىتىنى تۇتۇشى بارلىق ئىسلام ئۈممىتىنىڭ بىرلىككە كەلگەن قارىشىدا مۇباھ، تۇتۇش مۇباھ بولىدىكەن بۇ ئىشتا مەنىي چىقىرىشنى مەقسەت قىلىشتىن باشقا ئارتۇق ئىش يوق، بۇنداق بولىدىكەن بۇ ھەرگىزمۇ ھارام ئىش ئەمەس. ئاللاھ تائالانىڭ بۇ سۆزى بۇنىڭ ئاساسىدۇر: (ئاللاھ تائالا سىلەرگە زۆرۈرىيەت بولمىغىچە يېيىش ھارام قىلىنغان نەرسىلەرنى تەپسىلىي ئوچۇق بايان قىلغان تۇرسا)(ئەنئام سۈرىسى119-ئايەتنىڭ بىر قىسمى). بۇ ئىش بولسا بىزگە ھارام دەپ تەپسىلىي بايان قىلىپ بەرگەن ئىشلاردىن ئەمەس، ئۇنداقتا ئۇ ھالال، ئاللاھ تائالا دېدى: (سىلەرگە زېمىندىكى بارلىق نەرسىلەرنى يارىتىپ بەردى) لېكىن بىز بۇنى مەكروھ دەپ قارايمىز، چۈنكى بۇ ئېسىل پەزىلەت ياكى ئالىيجاناب ئەخلاقمۇ ئەمەس. بۇ مەسىلە توغرىسىدا ئالىملار ئۆز قاراشلىرىنى بايان قىلىشقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ بىر قىسمى بۇنى مەكروھ دەپ قارىغان، يەنە بىر قىسمى مۇباھ دەپ قارىغان، ھەزرىتى ئەتائنىڭ مەكروھ دېگەنلىكى سەھىھ رىۋايەت بىلەن سابىتتۇر، مۇتلەق مۇباھ دېگەن قاراش ھەزرىتى ھەسەن ئەلبەسرى، ئەمرۇ ئىبنى دىينار، زەيد ئىبنى ئەبى ئەلئەلائ ۋە مۇجاھىد قاتارلىق كاتتىلىرىمىزدىن سەھىھ رىۋايەت بىلەن كەلگەن. قاتادە ۋە ھەسەن ئەلبەسرى مۇنداق دېگەن: ”ئۇلار (ساھابىلار) بۇنى غازاتقا چىققان چاغلاردا قىلاتتى“. جابىر ئىبنى زەيد مۇنداق دېگەن: ”ئۇ سېنىڭ سۈيۈڭ، ئېقىتىۋەتسەڭ مەيلى“. مۇجاھىد دېدى: ”بۇرۇن ئۆتكەنلەرنىڭ ھەممىسى ياشلىرىنى زىنادىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئىستىمنا قىلىشقا بۇيرۇيتتى“. بۇ سۆزنى ئىمام ئابدۇررازاقمۇ ئەييۇب ئەسسەخنىيائىيدىن رىۋايەت قىلغان، ئۇ يەنە ھەسەن ئەلبەسرىنىڭ: ”ئىستىمنا قىلىشتا چاتاق يوق“ دەپ قارايدىغانلىقىنى رىۋايەت قىلغان“. يەنە ئەمرۇ ئىبنى دىينار دېدى: ”ئىستىمنا قىلسا ھېچ گەپ يوق“. بۇ رىۋايەتلەرنى ئۇلاردىن رىۋايەت قىلغانلار ئۇلار بىلەن بىللە ياشاپ ئۇلاردىن ئاڭلىغانلاردۇر، يۇقىرىقى زاتلار ئاساسى جەھەتتىن ساھابىلاردىن – ئاللاھ ئۇلاردىن رازى بولسۇن – باشقا كىشىلەردىن رىۋايەت قىلمايدىغان تابىئىيلارنىڭ چوڭلىرىدۇر.“.(ئەلمۇھەللا 11-توم 393-بەت).
مەلۇمكى ئىستىمنانى زىناغا قىياس قىلىشقا ھەر جەھەتتىن بولمايدۇ، چۈنكى زىنا ئەر- بىلەن ئايال ئىككەيلەننىڭ ھارام شەكىلدە جىما قىلىشىدۇر، ئىستىمنا بولسا بۇنداق ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەت ئەمەس. يەنە بىر تەرەپتىن زىنانىڭ شەرىئەتتە يۈز دەررە ياكى چالما-كېسەك قىلىشتەك ئېغىر جازاسى بار، ئىستىمنانىڭ جازاسى بولسا زىنانىڭكىگە ئوخشىمايدۇ، چۈنكى ئىستىمنانىڭ جازاسى بارلىق ئالىملارنىڭ بىردەك قارىشىدا تەئزىر دەرىجىلىك بولۇپ، بۇ زىنانىڭ جازاسىدىن بەكلا تۆۋەن تۇرىدۇ، (بەش دەررە ياكى ئون دەررە ياكى كۆپرەك ئۇرۇشتەك ياكى جەرىمانە ئېلىشتەك) تەئزىر جازاسىنى قازى ئۆزى جەمئىيەت ۋە شەخس ئەھۋالىغا قاراپ مۇۋاپىق بەلگىلەيدۇ.
تېببىي جەھەتتىن ئېيتقاندا يۇقىرىدا بايان قىلغىنىمىزدەك بۇ ئىشنى بەك كۆپ قىلغانلارغا جىسمانىي ۋە روھىي زىيان بولىدۇ، بەك ئاز قىلغانلارغا زىيان بولمايدۇ.
يۇقىرىقى ئايەت-ھەدىستىن ئىبارەت دەلىللەرگە شۇنداقلا ساھابە ۋە تابىئىيلارنىڭ قاراشلىرىغا ئاساسەن مۇنداق دېيىشكە بولىدۇ:
1- بۇ قىلىقنىڭ كەسكىن ۋە ئېنىق ھارام ئىش ئەمەسلىكى چىقىپ تۇرىدۇ، بىز بۇنى خاتىرجەم ھالدا ئىمام ئىبنى ھەزم ۋە باشقا ئالىملار قارىغاندەك مەكروھ دەپ قارايمىز، دېمەك ئىستىمنا نورمال ئەھۋالدا قىلسا بولمايدىغان ئىش دېيىشكە بولىدۇ، چۈنكى بۇ ئېسىل پەزىلەت ياكى ئالىيجاناب ئەخلاقمۇ ئەمەس. ئۇنىڭ ئۈستىگە كۆپ قىلسا زىيىنىمۇ بار.
2- بۇنى بەك كۆپ قىلىۋەتسە زىيىنى ئېغىر بولىشى مۇمكىن، بۇ زىياننى دوختۇرلارمۇ تەكىتلىگەن، بۇنداق زىيان ۋە ئىسراپ ئېنىق ۋە كەسكىن بولسا بۇ قىلىق شۇ كىشى ئۈچۈن ھارام بولىدۇ دېسەكمۇ ئېغىر كەتمەيدۇ، چۈنكى زىيان ئۇرۇش ھارام قىلىنغان.
3-زىنا قىلىپ سالغۇدەك دەرىجىدە شەھۋەت قاتتىق كۈچىيىپ كەتكەن ئەھۋالدا روزا تۇتقىنى ياخشى، روزا تۇتسىمۇ يەنىلا شۇ قىلىقنى قىلمىسا زىنا قىلىپ سالىدىغان بولسا شەھۋىتىنى پەسەيتىش ۋە جىمىقتۇرۇش ئۈچۈن بۇنداق قىلىش شۇ كىشىگە قارىتا جائىز، تېخى بەزىلەر بۇنداق ئەھۋالدا ۋاجىب دەپمۇ قارىغان. چۈنكى بۇنداق ئەھۋالدا بۇ ئىشنى قىلىش زۆرۈرەت مۇباھ قىلغان ئىشنى قىلىش دائىرىسىگە كىرىدۇ، شۇنداقلا ئىككى زىياننىڭ يەڭگىلراقىنى تارتىش دائىرىسىگە كىرىدۇ. ساھابىلارمۇ- يۇقىرىدا ئىمام ئىبنى ھەزم سەھىھ سەنەد بىلەن رىۋايەت قىلغاندەك-غازاتقا چىققاندەك مەلۇم مۇددەت ئاياللىرىدىن يىراق تۇرىدىغان كۈنلەردە بۇنداق قىلىقلارنى قىلغانلىقى مەلۇم، ھالبۇكى ساھابىلار بۇ ئىشنى ھارام دەپ قارىغان بولسا ئۇنى قىلماس ئىدى، تابىئىيلارمۇ ئۇنى ھارام دەپ قارىغان بولاتتى، بۇ ھەقتە يا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن يا ھېچبىر ساھابە ياكى تابىئىيدىن بۇ قىلىقنى ئېنىق ھارام دەپ سەھىھ بىر ھەدىس كەلمىگەن، ھەتتا ھەزرىتى ئىبنى ئابباس ۋە باشقا تابىئىيلاردىن بۇنى مەكروھ دەپ قارىغانلىقى ھەققىدىكى رىۋايەتلەرنى ئىمام ئىبنى ھەزم ئاجىز دەپ قارىغان، ئەكسىچە بۇ ئىشنىڭ قىلىنغانلىقى ۋە ئۇنى مۇباھ دەپ قارىغانلىق ساھابە ۋە تابىئىيلاردىن سەھىھ سەنەد بىلەن رىۋايەت قىلىنغان. بۇمۇ بۇ ئىشنىڭ ھارام ئەمەس مەكروھلىقىنى تەكىتلەيدۇ.
يېقىنقى دەۋر ئالىملىرىمىزدىنمۇ بۇنى ھارام دەيدىغانلىرى بولغاندەك مەكروھ دەيدىغانلارمۇ شۇنداقلا زۆرۈر ئەھۋالدا مۇباھ دېگەنلەرمۇ بار.
شەيخ يۈسۈف ئەلقاراداۋى بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن:
«شەھۋەت كۈچىيىپ كېتىپ زىنا قىلىپ سېلىش خەۋپى بولغان ئەھۋاللاردا ئىمام ئەھمەدنىڭ قارىشى بويىچە ئىش قىلساقمۇ بولىدۇ. مەسىلەن: ئۆز ۋەتىنىدىن ئايرىلىپ غۇربەتچىلىكتە ئىشلەيدىغان ياكى ئوقۇيدىغان، گۇناھ قىلىشقا قىزىقتۇرىدىغان نەرسىلەرگە كۆپ دۇچ كېلىدىغان، بۇ سەۋەبتىن ھارام ئىش قىلىپ سېلىشتىن ئەنسىرەيدىغان بىر يىگىت چېكىدىن ئاشۇرۇۋەتمىگەن ھالدا، شەھۋىتىنى بېسىقتۇرۇش ئۈچۈن بۇ چارىنى قوللانسا بۇنىڭدا ھېچ گەپ يوق. بۇنىڭدىن ياخشىراق چارە: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ توي قىلىشقا كۈچى يەتمىگەن مۇسۇلمان ياشلارغا بەرگەن كۆرسەتمىسى بويىچە ئىش قىلىشتۇر، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلارنى كۆپرەك روزا تۇتۇشقا بۇيرۇغان، چۈنكى روزا تۇتۇش ئىرادىنى مۇستەھكەملەيدۇ، سەۋرچانلىقنى ئۈگىتىدۇ، تەقۋادارلىقنى ۋە ئاللاھ كۆرۈپ تۇرىدۇ دېگەن تۇيغۇنى كۈچلەندۈرىدۇ، پەيغەمبەر ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ياشلارغا خىتاب قىلىپ مۇنداق دېگەن: «ئى ياشلار! سىلەردىن ئۆيلىنىشكە كۈچى يەتكەنلەر بولسا دەرھال ئۆيلەنسۇن، چۈنكى ئۇ كۆزنى قاراشتىن، ئەۋرەتنى زىنادىن ساقلايدۇ، كىمكى ئۆيلىنىشكە كۈچى يەتمىگەن بولسا روزا تۇتسۇن، چۈنكى روزا ئۇنىڭ ئۈچۈن ئەڭ ياخشى ھىمايەتتۇر»“.(** ھالال ۋە ھارام).
دوكتور مۇستافا ئەززەرقا مۇنداق دەيدۇ:
”ئىستىمنانى بارلىق ئەھۋالدا جائىز دېيىشكە بولمايدۇ، چۈنكى بىرىنچىدىن ئۇنداق قىلىش ھەممە ئەھۋالدا زۆرۈر ئەمەس، ئىككىنچىدىن كۆپ قىلسا زىيانلىق، زىيانلىق بولسا شەرئى جەھەتتىن چەكلىنىدۇ، بۇ ھەممە ئالىملار ئىتتىپاقلاشقان مەسىلە. ئىستىمنا تۆۋەندىكى شەرتلەر بىلەن جائىز بولىدۇ:
1-توي قىلمىغان شەخس بولىشى.
2-بۇنى قىلمىسا زىنا قىلىپ سېلىشىدىن قورقسا.
3-بۇنى لەززەتلىنىش ئۈچۈن ئەمەس، شەھۋېتىنى جىمىقتۇرۇش ئۈچۈن قىلغان بولىشى.
4-توي قىلىش ئىمكانىيىتى بولماسلىقى.
5-پەيغەمبەر ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم كۆرسەتكەن روزا تۇتۇش چارىسىنى قىلالمايدىغان بولىشى. ياكى روزا تۇتۇپ باققان بولسىمۇ شەھۋېتىنى يەنىلا بېسىقتۇرالمىغان بولىشى.
ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا ئىسلامنىڭ ئومۇمىي قائىدىلىرى بۇ قىلىقنى چەكلەشنى تەقەززا قىلىدۇ، چۈنكى بۇ جىنسىي ئېھتىياجنى قاندۇرىدىغان تەبىئىي چارە ئەمەس، بەلكى ئۇ بىنورماللىقتۇر، بۇ ئۇنىڭ زىناغا ئوخشاش كەسكىن ھارام ئىشلار قاتارىغا كىرىشىگە يېتەرلىك بولمىسىمۇ، ئۇنى چەكلەش ۋە مەكروھ دەپ يامان كۆرۈشكە كۇپايە قىلىدۇ“(دوكتور مۇستافا ئەززەرقا پەتىۋاسىدىن قىسقارتىپ ئېلىندى).
دوكتور مۇھەممەد سەئىيد رامازان ئەلبۇتىي ئىستىمنا ھۆكمىنى مۇنداق دەپ خۇلاسىلىگەن: ”ئىستىمنا جىنسىي ئىستەكنى ئىنسان ھاياتىدا زور ئەھمىيەتلىك غايە ئۈچۈن ۋەزىپىلەندۈرگەن ئىنسانىي يارىتىلىش تەبىئىتىگە ماس كەلمەيدىغان بىنورمال قىلىقتۇر، بۇ قىلىقنىڭ بىنورماللىقىنىڭ ئەڭ ئېنىق دەلىلى شۇكى، بۇنداق قىلىققا كۆنۈپ قالغان كىشى ۋىجدان ئازابى، كەمتۈكلۈك ھېس قىلىش، راۋۇ-رۇس بولالماسلىقتەك ئىچكى ھېس-تۇيغۇ ۋە تاپا-مالامەتلەرنىڭ ئاسارىتىدىن قۇتۇلالمايدۇ، بىراق ياش كىشى زىنا-پاھىشىگە تېيىلىپ كېتىدىغان ئەھۋالغا دۇچ كەلسە، شۇنداقلا بۇ قىلىقنى قىلمىسا زىناغا قەدەم قويىدىغانلىقىنى ھېس قىلسا-بىز بۇنىڭ زىيىنىنىڭ زىنادىن قېلىشمايدىغان دەرىجىدە ئېغىرلىقىدا شەك قىلمايمىز- بارلىق ئالىملار تەرىپىدىن بىرلىككە كەلگەن فىقھىي قائىدە شەرئى شەرتلىرىگە رىئايە قىلغان ئاساستا ئېھتىياج دائىرىسى ئىچىدە بۇ ئىشنى جائىز قىلىدۇ. بۇنىڭ مۇھىم شەرتلىرىدىن بىرى بولسا، بۇ ئىش ئېھتىياج دائىرىسى ئىچىدە قىلىنىش، كېيىنچە خۇمار ئادەتكە ئايلىنىپ قالماسلىقىدۇر، مانا بۇ «زۆرۈرىيەتلەر چەكلەنگەن ئىشلارنى مۇباھ قىلىدۇ» دېگەن قائىدىنىڭ تەقەززاسىدۇر“( دوكتۇر مۇھەممەد سەئىيد رامازان ئەلبۇتىي پەتىۋاسىدىن ئېلىندى).
خۇلاسە: مەلۇم قىيىن شارائىت ۋە زۆرۈرەت ئەھۋاللىرىدىلا بۇ ئىش مۇباھ، نورمال ئەھۋالدا مەكروھ، روھي، ئىجتىمائىي ۋە جىسمانىي زىيان تارتىدىغان دەرىجىدە كۆپ قىلغان تەقدىردە ھارام. ۋەللاھۇ ئەئلەم.
ئىستىمناغا مۇناسىۋەتلىك بەزى شەرئى ئەھكاملار:
ئايالى ئارقىلىق (ئايالىنىڭ قولى ياكى بەدىنى ئارقىلىق) ئىستىمنا قىلىشنى كۆپچىلىك ئالىملار جائىز دەپ قارايدۇ، چۈنكى ئايالى ھۇزۇرلىنىش ھالال بولغان كىشى بولغاچقا بۇ خۇددى ئۇنىڭ بىلەن قۇچاقلاشقانغا ئوخشاش. ھەنەفىي ۋە شافىئىي بەزى ئالىملار بۇنى تەنزىيھىي مەكروھ دەپ قارىغان. (راددۇل مۇھتار 4-توم 27-بەت).
ئىستىمنا ئارقىلىق مەنىي چىققان بولسا يۇيۇنۇش ۋاجىب بولىدۇ. بەزى ئالىملار مەنىي ئېتىلىپ شەھۋەت ۋە لەززەت بىلەن چىقسا يۇيۇنۇش ۋاجىب دەپ قارىغان، بەزىلەر ئېتىلىپ چىقسۇن چىقمىسۇن لەززەتلىنىش بىلەن چىقسىلا يۇيۇنۇش ۋاجىب بولىدۇ دەپ قارىغان.
ئىستىمنا قىلىش بىلەن روزا سۇنىدۇ، لېكىن كاپپارەت كەلمەيدۇ. بەزى ئالىملار كاپپارەت كېلىدۇ دەپمۇ قارىغان.(ئەلمەجمۇئ 6-توم 378-بەت) ئەمما قاراش ياكى قاراۋېرىش بىلەن ياكى تەپەككۇر قىلىش ۋە خىيال قىلىش بىلەن مەنىي چىقارغان بولسا كۆپچىلىك ئالىملار روزا سۇنمايدۇ دەپ قارىغان.
ئېتىكاپتا ئولتۇرغاندا قولى ياكى باشقا ئەزاسى بىلەن مەنىي چىقارغان بولسا ئېتىكاپ بىكار بولىدۇ، ئەمما ئويلاش ياكى قاراش بىلەن چىقارغان بولسا ئېتىكاپ بۇزىلىدۇ دېگەنلەرمۇ، بۇزۇلمايدۇ دېگەنلەرمۇ بولغان.
كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ نەزىرىدە ئىستىمنا قىلىش بىلەن ھەج ۋە ئۆمرە بۇزۇلۇپ كەتمەيدۇ، چۈنكى بۇ قۇچاقلىشىشقا ئوخشاش ئىش، لېكىن بىر قوي قان كېلىدۇ، مالىكىي مەزھەبتىكىلەر ھەجى بۇزۇلۇپ كېتىدۇ، ئۇ كىشى ھەجنى قازا قىلىشى ۋە قان قىلىشى كېرەك، چۈنكى ئۇ چەكلەنگەن ئىش ئارقىلىق مەنىي چىقارغان دەپ قارىغان.(ئەلمەجمۇئ 7-توم 306-بەت)
ئەمما قاراش ۋە ئويلاش بىلەن مەنىي چىقارغان بولسا ھەنەفىي ۋە شافىئىي مەزھەبدە ھەج، ئۆمرە بۇزۇلمايدۇ قانمۇ كەلمەيدۇ، باشقىلارنىڭ قارىشىدا قان كېلىدۇ، يەنە بەزىلەر ھەج-ئۆمرە بۇزۇلىدۇ دەپمۇ قارىغان.
بۇ قىلىقنى قىلىپ سالغان كىشىگە مەلۇم كاپپارەت ياكى تۆلەم كەلمەيدۇ، بەلكى تەۋبە قىلىپ ئىستىغپار ئېيتسا بولىدۇ، ياكى سەدىقە بەرسە سەدىقە گۇناھنىڭ يۇيۇلىشىغا سەۋەب بولىدۇ.
دۇنياۋىي جازا جەھەتتىن بارلىق ئالىملارنىڭ بىردەك قارىشىدا زۆرۈرىيەتتىن تاشقىرى ئەھۋالدا ئىستىمنا قىلغان كىشىگە تەئزىر جازاسى بېرىلىدۇ.
ئىستىمنانى تاشلاش زۆرۈر:
بىز يۇقۇرىدا بايان قىلغىنىمىزدەك بۇ قىلىق(ئىستىمنا) نورمال قىلىق ئەمەس، بۇ پەقەت بىنورمال شارائىت ۋە ۋەزىيەت كەلتۈرۈپ چىقارغان بىنورمال قىلىقتۇر، ئىسلام دىنىمىز تەشەببۇس قىلىپ كېلىۋاتقان ئەخلاق ۋە ئالىيجانابلىق بۇ ئىشنى يات ۋە يامان كۆرىدۇ، ھىممەتلىك كىشى بۇنداق قىلىقلاردىن ئۆزىنى يىراق تۇتۇشقا تىرىشىدۇ، ئاقىل كىشى بۇنىڭ تېببىي ۋە ئىجتىمائىي زىيانلىرىنى تارتىشنى خالىمايدۇ، تۆۋەندە ئىختىساس ئىگىلىرىنىڭ ئىستىمنانى تاشلاش ئۈچۈن كۆرسەتكەن ئۈنۈملۈك چارىلىرىنى ۋە مەسلىھەتلىرىنى بۇ ئىشقا مۇپتىلا بولغان ياشلىرىمىزنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن سۇنىمەن:
1-چارە: توي قىلىش:
ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ: (ئەگەر يېتىم قىزلارغا (ئۆيلىنىپ) ئادىل مۇئامىلىدە بولالماسلىقىڭلاردىن (مەھرىنى تولۇق بېرەلمەسلىكىڭلاردىن) قورقساڭلار، سىلەرگە ھالال بولغان ئاياللاردىن ئىككىگە، ئۈچكە ۋە تۆتكە نىكاھلىنىڭلار، ئەگەر (ئۇلارنىڭ ئارىسىدا) ئادىل بولالماسلىقىڭلاردىن قورقساڭلار، بىر خوتۇن بىلەن ياكى قول ئاستىڭلاردىكى چۆرىلەر بىلەن كۇپايىلەنسەڭلار بولىدۇ. بىر خوتۇن بىلەن كۇپايىلىنىش زۇلۇم قىلماسلىققا ئەڭ يېقىندۇر) (نىسا سۈرىسى 3-ئايەت).
بۇ چارىنى كۆرسىتىۋاتقان زات بىز ئىنسانلارنى يوقتىن ياراتقان، ھەممە تۇيغۇ ۋە ئەھۋالىمىزنى ئوبدان بىلىدىغان بىزگە نېمىنىڭ پايدىلىق نېمىنىڭ زىيانلىق ئىكەنلىكىنى ئوبدان بىلىدىغان ئىگىمىز جانابى ئاللاھتۇر، توي قىلىشقا ئىقتىسادىي ياكى ئىجتىمائىي جەھەتتىن قۇربى يەتمەيدىغانلار بولسا، توي قىلىشقا شارائىت ۋە مۇھىت ھازىرلاشقا تىرىشىشى كېرەك، پۇل ياكى ئۆي بولمىسا پۇل تېپىشقا تىرىشىشى كېرەك. پەيغەمبەر ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەممۇ توي قىلىشقا بەكراق ئېھتىياجى بارلار ياشلار بولغاچقا ياشلارغا خىتاب قىلىپ مۇنداق دېگەن: «ئى ياشلار جامائەسى! قايسىڭلار ئۆيلىنىشكە قادىر بولالىسا ئۆيلەنسۇن، ئۆيلىنىشكە قادىر بولالمىغان ئادەم روزا تۇتسۇن. چۈنكى روزا شەھۋېتىنى كېسىشتە ئۇنىڭغا نىسبەتەن ئاختا قىلىش ھېسابلىنىدۇ».(سەھىھۇل بۇخارى 5065-ھەدىس)
2-چارە: توي قىلىشقا قادىر بولالمىغاندا ئىپپەتلىك بولۇشقا تېرىشىش.
بۇ تېرىشىش پۈتۈن ئىسلام چەكلىگەن نامەھرەمگە قاراش، يات ئەر يات ئايال بىلەن خالىي يەردە ئولتۇرۇش، بىھۇدە پاراڭلىشىش، بىھۇدە ئارىلىشىش، سېرىق ناخشا، سېرىق سۈرەت، سېرىق ئەدەبىياتلاردىن يىراق تۇرۇش، يامان كىشىلەر بىلەن ئارىلاشماسلىق قاتارلىق يامان ئىشلارنى قىلماسلىققا تىرىشىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئەمدى شۇنداق تىرىشىپ تۇرغاندىمۇ ھازىرقى كوچىلاردىكى ناچار مۇھىت سەۋەبىدىن ئىپپىتىنى ساقلىيالمايدىغان ياكى ئىپپىتىنى ساقلاشتا بەك قىينىلىپ قالغاندا شەھۋەت ئوتىنى سەل پەسەيتىش ئۈچۈن ئىنسانلارغا ھىدايەت ئېلىپ كەلگەن، ئىنسانلارغا ئۆز ئاتا-ئانىسىدىنمۇ مېھىر-شەپقەتلىك پەيغەمبەر ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىز ياشلارغا مۇنداق ئۈنۈملۈك يولنى كۆرسەتكەن: «كىم توي قىلىشقا قادىر بولالمىسا روزا تۇتسۇن، چۈنكى ئۇ شەھۋەتنى سۇندۇرىدۇ». بۇ ھەقىيقەتەن ئۈنۈملۈك چارە، چۈنكى شەھۋەتنىڭ كۈچلۈكلىكى ئارتۇق يېمەك-ئىچمەك، شۇنداقلا ئارتۇق ئېنېرگىيىدىن بولىدۇ، روزا بۇ ئېنېرگىيەنى ئازايتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن شەھۋەتنىڭ ئوتى سەل پەسىيىدۇ، روزا تۇتۇش نامەھرەملەرگە قاراش ۋە يات ئاياللار بىلەن بىھۇدە ئارىلىشىشتەك باشقا كۆرسەتمىلەر بىلەن بىللە ئېلىپ بېرىلسا ئاندىن ياخشى ئۈنۈم بېرىدۇ، چۈنكى بۇ كۆرسەتمىلەر ھەممىسى بىردەك بىر دوختۇرنىڭ رىتسىپىدىن ئىبارەت، بۇنىڭ بەزىسىگە رىئايە قىلىپ بەزىسىگە رىئايە قىلمىسا ئۈنۈمسىز بولۇشى تەبىئىي. ئۇنىڭ ئۈستىگە روزا ئىبادىتى ئاللاھ تائالانىڭ كۈزىتىپ تۇرىشىنى ھېس قىلىشقا ئاساسلىنىدىغان بىر ئىبادەت، شۇڭا روزا تۇتقان كىشى باشقا بارلىق ئىش-ھەرىكەتلىرىدە ئاللاھ تائالانىڭ كۆرسەتمىلىرىگە رىئايە قىلىشى، ھەقىيقىي ئۆلچەملىك روزا تۇتۇشى كېرەك، بولمىسا دوختۇرنىڭ دورىسىنى يەپ تۇرۇپ ئەينى ۋاقىتتا چەكلىگەن نەرسىلەرنىمۇ ئىستېمال قىلغاندەك بولىدۇ-دە چارە ئۈنۈم بەرمەيدۇ. ئۆلچەملىك روزا دېگەن يەپ-ئىچىشتىنلا ئۆزىنى تۇتۇش دېگەن بولمايدۇ، بەلكى بارلىق ئاللاھ تائالا چەكلىگەن نەرسىلەردىن ئۆزىنى تۇتۇش دېگەن بولىدۇ.
3-چارە: ئاللاھنى ياد ئېتىش.
شەكسىزكى، ئاللاھنى ياد ئېتىپ تۇرۇش ئىنساندىكى ئاللاھقا باغلىنىشنى كۈچەيتىدۇ، مۇسۇلمان كىشى ھەرقانداق ئەھۋالىدا ئاللاھنى ياد ئېتىپ تۇرۇشى كېرەك، شۇنداقلا پەيغەمبەر ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنى ۋە ساھابىلىرىنى، ئۇلارنىڭ بىزگە ئىسلامىيەت ۋە ھەق دىننى يەتكۈزۈش ئۈچۈن تارتقان جاپا-مۇشەققەتلىرىنى، ئىسلام ئالىملىرىنى، ھىممەتلىك زاتلارنى ئەسلەپ ئۇلارنى ئۈلگە قىلىشقا، ئۇلاردەك ئۈممەتكە پىداكارلىق قىلىشنىڭ مۇھىملىقىنى ھېس قىلىش ۋە شۇنداق قىلىشقا تىرىشىشى كېرەك.
4-چارە: ئەقلىي ۋە ئەمەلىي پائالىيەت دائىرىسىنى كېڭەيتىش.
ياشلاردىكى ئېنېرگىيەنى سەرپ قىلىش ۋە ۋاقىت بوشلۇقىنى تولدۇرۇش ئۈچۈنلا ئەمەس بەلكى بۇ تۈرلۈك پائالىيەتلەرنىڭ ئىنتايىن زۆرۈرلۈكى ئۈچۈنمۇ بۇلار بىلەن شۇغۇللىنىش كېرەك. مەسىلەن، كىتاب ئوقۇش، خەتتاتلىق، شېئىرىيەت، ئەدەبىيات، پىكىر ۋە ئېقىم مەسىلىلىرى، ھەر تۈرلۈك پەننىي بىلىملەر، كومپىيوتېر، تۈرلۈك تىللارنى ئۆگىنىش، پۇتبول، چېلىش قاتارلىق تەنتەربىيەلەرنى قىلىش، بىرەر كەسىپ ياكى ماھارەت ئۈگۈنۈپ قويۇش………. بۇنداق پائالىيەتلەر ئىنسان كۆڭلىنى ھوزۇرلاندۇرىدۇ، نەتىجىدە جىنسىي مەسىلىنى ھاياتتىكى بىردىنبىر مەسىلە دەپ قارايدىغان، پۈتۈن ئوي-خىيالى جىنس بىلەن مەشغۇل بولۇپ كېتىدىغان ياشلار ھەرتۈرلۈك پائالىيەتلەرنى قىلىش ئارقىلىق جىنسىي مەسىلىنىڭ ھاياتتىكى نۇرغۇنلىغان مەسىلىلەردىن بىرى ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭغا ئۆز لايىقىدا ئەھمىيەت بېرىش بىلەن بىللە باشقا مەسىلىلەرگىمۇ ئۆز لايىقىدا ئەھمىيەت بېرىش كېرەكلىكىنى ھېس قىلىدۇ.
5-چارە: نامەھرەمگە قارىماسلىق.
كوچىدا، تېلېۋىزوردا، ۋە باشقا يەرلەردە يالىڭاچ ياكى كىيىنگەن بولسۇن قىز-ئاياللارغا قاراشتىن ئۆزىڭىزنى تورمۇزلىشىڭىز كېرەك، ئەلۋەتتە قىز-ئاياللارمۇ يات ئەرلەرگە قاراشتىن ئۆزىنى تورمۇزلىشى كېرەك.
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: (مۇئمىن ئەرلەرگە ئېيتقىنكى، ھارامغا تىكىلىپ قارىمىسۇن، ئەۋرەتلىرىنى ساقلىسۇن. مۇنداق قىلىش ئۇلار ئۈچۈن ئەڭ ياخشىدۇر، ئاللاھ ھەقىقەتەن ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىدىن تولۇق خەۋەردار. مۆمىن ئاياللارغا ئېيتقىنكى، نا مەھرەملەرگە تىكىلىپ قارىمىسۇن، ئەۋرەتلىرىنى ياپسۇن، تاشقى زىننەتلىرىدىن باشقا زىننەتلىرىنى ئاشكارىلىمىسۇن، لېچەكلىرى بىلەن كۆكرەكلىرىنى ياپسۇن.)(نۇر سۈرىسى30-31-ئايەتلەرنىڭ بىر قىسمى).
بۇ ئايەتلەر ئەرلەرنى ئاياللارغا تىكىلىپ قاراۋېرىشتىن توسقاندەك، ئاياللارنىمۇ ئەرلەرگە قاراۋېرىشتىن توسقان. قاراش دېگەن شەيتاننىڭ ئەلچىسىدۇر، ھەممە ئىش قاراشتىن باشلىنىدۇ. شۇڭا نامەھرەملەرگە كۆزىمىز چۈشۈپ قالغاندا دەرھال كۆزىمىزنى باشقا يەرگە قاچۇرۇشىمىز كېرەك. ئىستىمنادىن ساقلىنىشتىمۇ بۇ ئىنتايىن زۆرۈر، چۈنكى ئىستىمنا قىلىقى كۆرگەن مەنزىرىلەر تەسىرىدە يۈز بېرىدۇ.
6-چارە: يامان دوستلاردىن نېرى تۇرۇپ، ياخشى دوستلار بىلەن ئارىلىشىش.
بەزى قىز-ئوغۇللار ھەتتا يېشى خېلىلا جوڭ بولۇپ ئۆزىنى توختاتقان كىشىلەرنىڭ پاراڭىدا جىنس بىرىنچى ئورۇننى ئىگەللەيدۇ، بۇلار دۇنيادا بۇنىڭدىن باشقا ئىش يوقتىكىدەك شۇ ھەقتىلا پاراڭلىشىدۇ، سېرىق مەزمۇن پاراڭ ئوبيېكتى بولۇپ قالىدۇ. ئىستىمنادىن (شۇنداقلا زىنا ۋە باشقا بىنورماللىقتىن) ساقلىناي دېگەن كىشى بۇنداق پاراڭ سالىدىغان دوستلاردىن نېرى تۇرۇپ، ئىلىم-پەن ۋە باشقا تېخىمۇ ئەھمىيەتلىك پائالىيەتلەرگە كۆڭۈل بۆلىدىغان ھىممەتلىك دوست-بۇرادەرلەرگە ئارىلىشىشى زۆرۈر.
7-چارە: كۈندىلىك ۋە ھەپتىلىك جەدۋەل تۈزۈش.
ھەر بىر ياش قىز ياكى ئوغۇل ئۆزىنىڭ كۆزلىگەن غايىسىگە يېتىش ئۈچۈن ئىلمىي، پەننىي، ئىقتىسادىي، جىسمانىي، ۋە مەدەنىيەت سەۋىيە ۋە ساپاسىنى ئۆرلىتىش ئۈچۈن تېرىشىشى كېرەك، بۇنىڭ ئۈچۈن كۈندىلىك ياكى ھەپتىلىك پروگرام ياكى پىلان سىزىپ بۇنى ۋاقتىدا ئىجرا قىلىشقا تىرىشسا ئىستىمنادىن قۇتۇلۇشقا پايدىسى بولىدۇ.
ئاخىرىدا بۇ قىلىققا مۇپتىلا بولغان ياكى بولمىغان ھەر بىر قىز-ئوغۇل ياشلارغا شۇنى تەكىتلەيمەنكى، كۇچلۈك بولسۇن ئاجىز بولسۇن ھەر بىر مۆمىندە ياخشىلىق بولىدۇ، ئاللاھ تائالا ئاجىز مۆمىنگە قارىغاندا كۈچلۈك مۆمىننى بەكراق ياخشى كۆرىدۇ، ئۆزىڭىزگە پايدىلىق نەرسىلەرگە ھېرىسمەن بولۇڭ، زىيانلىق نەرسىلەرنى دەرھال تاشلاڭ، بۇنى قىلالمايمەن دېمەي، ئاللاھ تائالادىن ياردەم تىلەڭ، ئۆزىڭىزنى ئائىلىڭىز ۋە جەمئىيىتىڭىز ئۈچۈن ئېغىر مەسئۇلىيەتلەرنى ئۈستىڭىزگە ئېلىش ئۈچۈن تەربىيىلەپ يېتىشتۈرۈڭ. ئاللاھ ھەممىمىزنى خەيرلىك ئىشلارغا مۇۋەپپەق قىلسۇن.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇل ئەزىز رەھمەتۇللاھ
2005-2-1

ئەگەر تېخىمۇ كۆپ جىنسىيەت بىلىملىرىگە ئېرىشمەكچى بولسىڭىز، جىنسىيەت ئۈندىدار سۇپىسى (ئىزدەش نامى: jinsiyatcn)غا bz دەپ قايتۇرۇپ مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرغا ئېرىشىڭ.
ئەگەر «ﺗﯘﻧﺠﻰ ﻗﯧﺘﯩﻤﻠﯩﻖ ﺟﯩﻤﺎﺋ» ناملىق يازمىغا ئېرىشمەكچى بولسىڭىز جىنسىيەت ئۈندىدار سۇپىسىغا x004 دەپ قايتۇرۇپ ئېرىشىڭ!
Tags:
بايانات

مەزكۇر يانبىلوگتىكى يازمىلار پەقەت ئەڭ نازۇك بولغان جىنسىيەت ۋە ئەيدىز ئۇقۇملىرى ۋە ئۆگۈتلىرىنى ئېھتىياجلىق كىشىلەرگە يەتكۈزۈشنى تۈپ مەقسەت قىلغان يانبىلوگ، يازمىلارنى پايدىلىنىش ئۇچۇرى قىلىشقا بولىدۇ، ئەمما ئەمەلىي ئىشلاردا يەنىلا مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ كۆرسەتمىسىنى ئاساس قىلىش كېرەك! يازمىلاردا تىلغا ئېلېنغان كۆز قاراش پەقەت ئەسلى ئاپتۇرغا ۋەكىللىك قىلىدۇ، مېغىزىنى قوبۇل قىلىپ، شاكىلىنى ئايرىشنى ئۆگىنىۋېلىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز!
جىنسىيەت ۋە ئەيدىز ساۋاتلىرى ئۈندىدار سۇپىسى (ئىزدەش نامى: jinsiyatcn) غا ئەگىشىۋېلىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز!
ئەگەر يانبىلوگىم ھەققىدە ھەر قانداق تېخنىكىلىق مەسىلە بايقالسا يانبىلوگ ئورگان ئۈندىدار سۇپىسى yanbilog غا ئەگىشىپ مەسىلە مەلۇم قىلسىڭىز بولىدۇ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى