جىنسىيەت ۋە ئەيدىز ساۋاتلىرى يانبىلوگى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

جەلەق (ئانالىزىم، قولدا لەززەتلىنىش)

جەلەق (ئانالىزىم، قولدا لەززەتلىنىش)

ۋاقتى: 2016-08-19 ئاۋاتلىقى: 6401 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

تونۇش: بالاغەتكە يەتكەن قىز-ئوغۇللار داۋاملىق شەھۋانىي گەپ سۆزلەرنى ئاڭلاش، شەھۋانىي خىياللارنى كۆپ قىلىپ، ئاستا-ئاستا تەرەققىي قىلىپ، قول ياكى باشقا نەرسىلەر ئارقىلىق جىنسىي ئەزانى غىدىقلاپ ھوزۇرلىنىش ياكى مەنىي ماڭدۇرۇشقا ئادەتلىنىپ قىلىپ، تاشلاي دەپمۇ تاشلىيالمايدىغان بارا-بارا ئىرادىسى ۋە بەدىنى ئاجىزلايدىغان، تەپەككۇر قىلىش، ئەستە تۇتۇش، بالدۇر چاچ چۇشۇش، بالدۇر چاچ ئاقىرىش، ھەزىم ئاجىزلىقى، ئۇيقۇسىزلىق، ئىشتىھاسىزلىق، نېرۋا ئاجىزلىقى، ھەر خىل سۇيدۇل يولى ياللۇغلىرى، جىنسىي ئەزا يىگىلەش،بۆرەك ئاجىزلىقى، ئۇرۇق سۇپىتى تۆۋەنلەش، كۆپ تەرلەش، داس بوشلۇقى ياللۇغى (قىزلاردا)، سۇيدۇك ئېچىشىپ كېلىشتەك بىر قاتار ناچار ئاقىۋەتلەرنى كەلتۇرۇپ چىقىرىدىغان پىسخىك نورمالسىزلىق.

سەۋەبى:
1- ئەخلاقسىز كىشىلەرنىڭ ئۆگىتىشى ۋە باشلىشىغا مۇناسىۋەتلىك سەۋەب.
ئەخلاقسىز كىشىلەرنىڭ ياش قىز-ئوغۇللارغا جەلەق قىلىشنى ئۆگىتىشى ۋە سۆزلەپ بېرىشىدىن قىز-ئوغۇللار قىزىقىپ جەلەق قىلىشنى ئۆگىنىپ قالىدۇ.
2- ھەرخىل غىدىقلىنىشلارغا مۇناسىۋەتلىك سەۋەب.
ئەمدىلا بالاغەتكە يەتكەن قىز-ئوغۇللار ھەر خىل شەھۋانىي سۇرەت، فىلىملەرنى ياكى ھايۋانلارنىڭ جىنسىي مۇناسىۋەت قىلىشنى كۆرۇپ قېلىش ئارقىلىق، مەركىزىي نېرۋىسى غىدىقلىنىپ ياكى تار كىيىم، يۇمشاق ئورۇن قاتارلىقلار جىنسىي ئەزاسىنى غىدىقلىشى بىلەن ئىختىيارسىز جەلەق قىلىشقا ئادەتلىنىپ قالىدۇ.
3- ئوخشاش جىنسىلىقلار مۇھەببەتلىشىش ياكى بىرگە يېتىشقا مۇناسىۋەتلىك سەۋەب.
قىز ئوغۇللارنىڭ ئوخشاش جىنسىلىقلار بىلەن بىرگە يېتىشى ياكى مۇھەببەتلىشىشى بىلەن بەدەندە غىدىقلىنىش كۇچىيىپ، نەتىجىدە خىيال قىلىش قۇۋىتىدە كۇچىيىش يۈز بېرىپ، قالايمىقان خىيال قىلىش، ئۆزى يالغۇز قالغاندا ئىختىيارسىز جىنسىي ئەزاسىنى سۇركەپ ئويناش ئارقىلىق جەلەق قىلىشقا ئادەتلىنىپ قالىدۇ.
4- روھىي ئامىللارغا مۇناسىۋەتلىك سەۋەب.
ھاياجنلىنىش، سەزگۈرلۈكى ئېشىپ كېتىش، چۈشكۇنلىشىش، ئۆزىنى تۆۋەن تۇتۇش، قاتارلىق روھىي ئامىللار تەسىرىدىن بىمارنىڭ روھىي نەپسانىيسى قالايمىقانلىشىپ، خىيال قىلىش قۇۋىتى ئېگىز-پەس بولۇشتىن قالايمىقان خىياللارنى كۆپ قىلىپ، ناچار روھىي كەيپىياتنى تۇگىتىش مەقسىتىدە يالغۇز قىلىپ جەلەق قىلىشقا ئادەتلىنىپ قالىدۇ.
5- مىجەز ئامىلىغا مۇناسىۋەتلىك سەۋەب.
مەشۇقىدىن زىيادە ئەيمىنىش، ئۆزىنى تۆۋەن كۆرۇش، مەشۇقىغا يېقىنلىشالماسلىق، ۋەسلىگە يىتەلمەسلىك، ھىجران، ئازاپ قاتارلىق سەۋەپلەر تۇپەيلىدىن بىمارنىڭ خىيال قىلىش قۇۋىتىدە قالايمىقانچىلىق يۇز بىرىپ، مەشۇقىنى قالايمىقان قىلىشتىن جەلەق يۇز بېرىدۇ.

كىلىنىك ئىپادىسى:
1-پىسخىك جەھەتتىكى ئالامەتلەر.
بىمار كۇنسېرى خىيالچان، ئىرادىسى ئاجىز، چىراي ناھايىتى سۇلغۇن بولۇپ قالىدۇ. ئەقلىي ئىقتىدارى تۆۋەنلەيدۇ. ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارى تۆۋەنلەيدۇ. بىمار خىجىلچان، يالغۇزلۇقنى خالايدىغان بولۇپ قالىدۇ، بىمار كېسىلىنى ئىنتايىن يوشۇرۇن تۇتىدۇ، ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسى تۆۋەنلەيدۇ.

2-جىسمانىي جەھەتتىكى ئالامەتلەر.
بىمار كۇندىن-كۇنگە ئورۇقلايدۇ، ئىشتىھاسى تۇتىلىدۇ، بىماردا بالدۇر قېرىلىق ئىپادىسى كۆرۇلىدۇ. كۆزلىرى ئولتۇرۇشۇپ، تېرىلىرى قۇرغاقلىشىپ، پىشانىسى ۋە كۆزىنىڭ قۇيرۇقىغا قورۇق چۇشىدۇ. ئاستىنقى قاپىقىنىڭ ئەتراپىغا كۆكۇچ داغ پەيدا بولىدۇ. داۋاملىق قولىدا سۇركەۋەگەنلىكتىن، جىنسىي ئەزاسىنىڭ قان تومۇرى كېڭىيىپ تومپىيىپ قالغاچقا يەرلىك ئورۇننىڭ ماددا ئالمىشىشى، ئوزۇقلىنىشى ياخشى بولماي، جىنسىي ئەزاسى بارغانسېرى ئورۇقلاپ بوشاپ كېتىدۇ، تۇۋى ئىنچىكە، بېشى توم بولۇپ، نورمال ھالەتتە تۇرغاندا جىنسىي ئەزاسى بىر تەرەپكە سىڭايان بولۇپ قالىدۇ. جىنسىي ئەزاسى بەك سەزگۇرلىشىپ كەتكەچكە، مەنىي بەك تېز كىتىدىغان بولۇپ قالىدۇ. جىنسىي مۇناسىۋەت قىلغاندا زەكەر جىنسىي يولغا كىرمەي تۇرۇپلا مەنىي يۇرۇپ كېتىدىغان بولىدۇ (شۇنىڭ بىلەن سۇرئىتى ئىنزال كېسەللىك بىللە قوشۇلۇپ پەيدا بولىدۇ). زەكەر ياخشى قايىم پەيدا بولمايدۇ ياكى قايىم بولۇش دەرىجىسى يېتەرلىك بولمايدۇ. نەتىجىدە ئەر-ئاياللارنىڭ جىنسىي تەلىپى قانمايدۇ، بەزى بۇنداق ئادەتكە مۇپتىلا بولغان ياشلار ئۆيلەپ قويايلى دېسىمۇ ئۇنىمايدۇ، ھەتتا ئۆلىۋېلىش خەۋىپىنى كەلتۇرۇپ چىقىرىدۇ.
قىز-ئاياللاردا بولسا بۇخىل يامان ئادەت دىلچىقنى ئىشقاش، پەرجخنى غىدىقلاش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن باشلىنىپ، جىنسىي يولىغا قولىنى، ياكى بانان، سەۋزە، ياكى مەلۇم بىر ئورۇنغا سۇركەش ئارقىلىق ھوزۇرلىنىش مەقسىتىگە يېتىدۇ. لېكىن بۇ ئەھۋاللار توي قىلمىغان قىزلاردا بولسا قىزلىق گۆھىرىدىن ئايرىلىپ قېلىشتەك ئىچىنىشلىق ئاقىۋەتنى كەلتۇرۇپ چىقىرىپ ئورنىنى تولدۇرىۋالغۇسىز پۇشايماننى كەلتۇرۇپ چىقىرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇلاردا ئېغىر دەرىجىدە روھىي بېسىم، يات جىنىسلىقلاردىن زېرىكىش، ھەتتا ئۆلىۋېلىشنى خىيالىغا كەلتۇرۇشتەك ئەھۋاللارمۇ يۈز بېرىدۇ. توي قىلغان ئاياللىرىمىزدا بولسا، ئاياللار ئۆز ئېرى بىلەن قىلغان جىنسىي مۇناسىۋەتكە قانماي پۇرسەت تاپسىلا يۇقىرىدىكى يامان ئادەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بولۇپ قالىدۇ. بۇنداق ئەھۋاللار ئەسكەر، ئوقۇغۇچى، تۇل ئاياللار، راھىپ، مەھبۇسلار قاتارلىقلاردا كۆپ ئۇچرايدۇ.
دېمىسمۇ ھازىر ئۇيغۇر جەمىئىيتىدىكى ئوقۇغۇچىلار ئىچىدە بۇ ئىش بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلار 70 پىرسەنتتىن ئاشىدۇ.

دىئاگۇنۇزى:
1.تىپىك كىلىنىك ئالامىتىگە، بەدەن بەلگىسىگە ئاساسەن دىئاگۇنۇز قويىلىدۇ.
بالاغەتكە يەتكەن قىز ئوغۇللار داۋاملىق شەھۋانىي گەپ سۆزلەرنى ئاڭلاش، شەھۋانىي خىياللارنى كۆپ قىلىپ، ئاستا-ئاستا تەرەققىي قىلىپ، قول ياكى باشقا نەرسىلەر ئارقىلىق جىنسىي ئەزاسىنى غىدىقلاپ ھوزۇرلىنىش ياكى مەنىي ماڭدۇرۇشقا ئادەتلىنىپ قىلىپ، تاشلاي دەپمۇ تاشلىيالمايدىغان، بارا-بارا ئىرادىسى ۋە بەدىنى ئاجىزلايدىغان، تەپەككۇر قىلىش، ئەستە تۇتۇش قابىلىيتى تۆۋەنلەش، جىنسىي ھېسسىيات تۆۋەنلەش، نېرۋا ئاجىزلىق، جىنسىي ئەزا يىگىلەش قاتارلىقلارغا ئاساسەن دىئاگنۇز قويىلىدۇ.
2. ئىلگىرى جەلەق قىلغانلىق تارىخىغا ئاساسەن دىئاگۇنۇر قويىلىدۇ.
3.جەلەقنى كەلتۇرۇپ چىقارغۇچى سەۋەبچى ئامىل بىلەن بىماردىكى پىسخىك ئالامەتلەر بىرلەشتۇرۇپ دىئاگۇنۇز قويىلىدۇ.
4. رەڭگى روھى، چىراي ئىپادىسىگە يۈرۈش تۇرۇشىغا ئاساسەن دىئاگۇنۇز قويۇشقىمۇ بولىدۇ.
5. قوشۇمچە تەكشۇرۇش نەتىجىسىگە ئاساسەن دىئاگۇنۇز قويىلىدۇ.
قوشۇمچە تەكشۇرۇشتە مەنىي سۇيۇلۇش، ئۇرۇق سانى ۋە ھەرىكەت كۇچى تۆۋەنلەش، قاتارلىق نەتىجىلەرنىڭ چىقىشى جەلەق دىئاگۇنۇزنى قويۇشقا ياردىمى بولىدۇ.

سىلىشتۇرما دىئاگۇنۇزى:
1.بەچچىۋازلىقتىن پەرقلەندۇرىدۇ.
بەچچىۋازلىقتا داۋاملىق شەھۋانىي خىيال ۋە ھەر خىل ئىش ھەرىكەتلەرنى قىلىپ، ئوخشاش جىنىسلىقلاردىن شەھۋانىي ھەۋىسىنى قاندۇرۇپ، ھوزۇرلىنىش ئۇچۇن ئەدەپ-ئەخلاقنى قايرىپ قويۇپ، ئوخشاش جىنىسلىقلار بىر-بىرى بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۇزىدىغان كىلىنىك ئىپادىسىگە ئاساسەن پەرقلەندۇرىدۇ.
2. زىناخورلىقتىن پەرقلەندۇرىدۇ.
زىناخىورلۇقتا داۋاملىق شەھۋانىي خىيال گەپ-سۆزلەرنى كۆپ قىلىدىغان، بولمىغۇر، ئەخلاقسىز قىلىقلارنى قىلىدىغان، كۆرگەنلا يات جىنىسلىقلارنىڭ قانداق ئىنسان بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولىشىدىن قەتئىينەزەر، شەھۋانىي تەلەپ قويىدىغان ياكى جىنسىي مۇناسىۋەتكە مەجبۇرلاپ تەھدىت سالىدىغان كىلىنىك ئىپادىسىگە ئاساسەن پەرقلەندۇرۇپ دىئاگۇنۇز قويىلىدۇ.

ئەگەشمە ھالىتى:
1. خامۇشلۇق كېلىپ چىقىدۇ.
جەلەقتە بىمار داۋاملىق مەجبۇرىي جەلەق ئادىتىنى قىلىشتىن روھ ۋە قۇۋەت خورايدۇ، بەدەن ئاجىزلايدۇ، بىمار ھەرقىتىم جەلەق قىلغاندا ھوزۇرلانسىمۇ، لېكىن جەلەقتىن كېيىن بىر خىل روھىي چۇشۇپ كېتىدۇ، نەتىجىدە ئۇزاق مۇددەت جەلەق قىلىۋېرىش بىماردا چۈشكلۇنلۇك، روھىي چۈشۈش، تۇرمۇشقا، خىزمەتكە قىزىقىشى ۋە قىزغىنلىقى تۆۋەنلەش، ئىرادىسى بارغانسېرى ئاجىزلاپ ئۇمىدسىزلىك ئىچىدە ياشاش پىسخىكىسى شەكىللىنىپ، بىمار جىمغور، قورقۇنچاق بولۇپ، خامۇشلۇق كېلىپ چىقىدۇ.
2. جىنسىي ئاجىزلىق كېلىپ چىقىدۇ.
بىمار داۋاملىق جەلەق قىلىۋەرگەچكە، روھ، قۇۋەت خورايدۇ، بەدەب ئاجىزلايدۇ. جىنسىي ئەزاسىنىڭ سەزگۇرلۇكى ئېشىپ كېتىپ، مەنىي بالدۇر كېتىش، زەكەر قايىم بولماسلىق، جىسنىي ھەۋىسى ئاجىزلاپ، جىنسىي ئاجىزلىق كېلىپ چىقىدۇ.
3. مېڭە ئاجىزلىق كېلىپ چىقىدۇ.
بىمار داۋاملىق جەلەق قىلشىتىن يەرلىك ئورۇننىڭ نېرىپلىرىدا سەزگۇرلۇك ئېشىپ، سىمپاتىك نېرۋىلار داۋاملىق قوزغىلىش ھالىتىدە تۇرۇپ، پۇتۇن بەدەنگە، مەركىزىي نېرۋا سىستېمىسغا تەسىر قىلىپ، بىماردا ئۇيقۇسىزلىق، روھىي كەيپىياتى چىچىلىش، دىققىتىنى يىغالماسلىق، زىيادە جىددىيلىك، تەشۋىشلىنشى ھالەتلىرى شەكىللىنىپ، نەتىجىدە مېڭە ئاجىزلىق كېلىپ چىقىدۇ.
4. قان ئازلىق ۋە بەدەن ئورۇقلاش كىلىپ چىقىدۇ.
بىمار داۋاملىق جەلەق قىلىپ كۆپلەپ مەنىي بەدەندىن چىقىپ كەتكەچكە، قاننىڭ مەنىيگە ئايلىنىپ سەرىپ بولۇشى كۇچىيىپ، قان ئازلىق كىلىپ چىقىدۇ، ئورۇقلايدۇ.
5. مەزى بىزى ياللۇغى كېلىپ چىقىدۇ.
جەلەق قىلىۋېرشىتىن ھەر قېتىم مەنىي چىققاندا مەزى بىزى كۈچلۈك غىدىقلىنىشتىن مەزى بېزىدا جاراسىمسىز ياللۇغلىنىش كېلىپ چىقىدۇ.
6. يۇقىرى قان بېسىم ۋە قان تومۇر قېتىش كېسىلى كېلىپ چىقىدۇ.
داۋاملىق جەلەق قىلىشتىن مەزى بېزىدا داۋاملىق غىدىقلىنىش بولۇش ۋە بۆرەك ئۇستى پوستلاق غىدىقلىنىشتىن مەزى بېزى ھورمۇنى ۋە بۆرەك ئۇستى بېزى ھورمۇننىڭ ئاجرىلىشى كۈچىيىپ، قان تومۇرلاردا ۋاقىتلىق قىسقىرىپ سىپازمىلىنىش، يۈرەك ھەرىكىتى تېزلىشىش قاتارلىقلاردىن بىماردا قان تومۇرنىڭ ئىلاستىكىلىقى تۆۋەنلەپ، چۇرۇكلىشىشتىن قان بىسىم يۇقىرىلاش، قان تومۇر قېتىش كېلىپ چىقىدۇ.

ئاقىۋىتى:
جەلەق تەرەققىي قىلىۋەرسە، جىنسىي ئاجىزلىق، ئۇرۇق پۇچەكلىك، بارا-بارا مېڭە ئاجىزلىقى، مالىخولىيا، ئاخىرىدا جۇنۇن كېلىپ چىقىدۇ.
داۋالاش پىرىنسىپى:
1. پىسخىكىلىق داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ.
2. مېڭىنى، ئومۇمىي بەدەننى قۇۋەتلەش، باھنى كۈچەيتىش، قان ئايلىنىشنى ياخشىلاش، جىنسىي ئەزاسىنىڭ سەزگۇرلۇكىنى پەسەيتىش پىرىنسىپىدا داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ.
داۋالاش ئۇسۇلى:
1. بىمارغا ئەخلاق تەربىيەسىنى ياخشى ئېلىپ بېرىپ، شەھۋانىي خىياللارنى قىلىشتىن توسۇش، ئىرادىسىنى كۈچەيتىپ، دوختۇرغا، ساقىيىشقا بولغان ئىشەنچىسىنى تۇرغۇزۇش لازىم.
2. ھاۋاسى ساپ، پاكىز مۇھىتتا يالغۇز قالدۇرماي، ياخشى كۆز-قۇلاق بولۇپ ئارام ئالدۇرۇش لازىم.
3. مۇۋاپىق جىسمانىي ئەمگەك ۋە چېنىقىش ئېلىپ بېرىپ قالايمىقان خىيال قىلىشقا شارائىت يارىتىپ بەرمەسلىك، روھىي قۇۋەتنى ئۇرغۇتۇش، ئىرادىسىنى چىڭىتىش پىرىنسىپىدا داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ.
4. يالغۇز قويماسلىق، كوللېكتىپ سورۇن، پائالىيەتلەرگە قاتناشتۇرۇپ كۆڭلىنى ئېچىش ئارقىلىق داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ.
دىققەت قىلىدىغان ئىشلار:
بىمارنى يالغۇز قويماسلىق، مەس قىلغۇچى ئىچملىكلەر، ناركوز قىلىش تەسىرىنى بېرىدىغان دورىلار، ھاراق تاماكىدىن، سېرىق نەرسىلەرنى كۆرۇشتىن چەكلەش لازىم.

ئەسكەرتىش: ھۆرمەتلىك تورداشلار يۇقىرىدا ئىيتلغاندەك بۇ كېسەللىك ھازىر جەمىيتىمىزدە ئىگىلىگەن نىسبىتى يۇقىرىلاپ كېتىپ بارىدۇ. ھەمدە بۇ كېسەلنىڭ دەردىنى تارتىۋاتقانلار ئاز ئەمەس شۇڭا سىزلەردىن ئۆتىدىغىنىمىز بۇ ئىشنىڭ زىيىنى توغرۇلۇق كۆپرەك باشقىلارغا تەۋسىيە قىلىشنى ئۇنۇتمىساڭلار…
مەنبە: مىزاج تور شىپاخانىسى

ئەگەر تېخىمۇ كۆپ جىنسىيەت بىلىملىرىگە ئېرىشمەكچى بولسىڭىز، جىنسىيەت ئۈندىدار سۇپىسى (ئىزدەش نامى: jinsiyatcn)غا bz دەپ قايتۇرۇپ مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرغا ئېرىشىڭ.
ئەگەر «ﺋﯚﺳﻤﯜﺭﻟﻪﺭﮔﻪ ﺟﯩﻨﺴﯩﻴﻪﺕ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﻪﺳﯩﻨﻰ ﻳﻪﻧﻪ ﻛﯧﭽﯩﻜﺘﯜﺭﻩﻣﺪﯗﻕ» ناملىق يازمىغا ئېرىشمەكچى بولسىڭىز جىنسىيەت ئۈندىدار سۇپىسىغا x007 دەپ قايتۇرۇپ ئېرىشىڭ!
****************************************************
ئۇچۇر:
ئەگەر جىنسىيەت بىلىملىرىگە بولغان تونۇشىنىڭ يېتەرسىزلىكى ۋە باشقا سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئانانىزىم بىلەن شۇغۇللىنىپ قالغان، مەزى بېزى ياللۇغى بولۇپ قالغان ۋە ئۆزىدە زەكەر يىگىلەش، پۇت قول ماغدۇرسىزلىق، بەل-پاچاق تېلىپ ئاغرىش، ئورۇقلاش، سۈيدۈك قىستاش، ئاغرىتىپ كېلىش، سۈيدۈك بېسىمى بولماسلىق، مەنى سۇيۇق بولۇش، پۈچەك بولۇش، بالدۇر كېتىش، زەكەر قاتماسلىق، چاچ چۈشۈش، بۆرەك ئورۇقلاش، كۆزنىڭ كۆرۈش كۈچى ئاجىزلاش، چىرايى نۇرسىزلىنىش، زېھنى قۇۋۋەتلەپ ئاجىزلاپ ئۇنتۇغاقلىق، قورقۇنچاقلىق، چۈشكۈنلۈك، ئۆزىگە بولغان ئىشەنچى سۇسلاش دېگەنگە ئوخشاش پىسخىك ئاجىزلىقلار كۆرۈلگەنلەرگە ئۈنۈملۈك دورا ياكى ساغلاملىق مەھسۇلاتى بارمۇ؟ بار بولسا قايسى؟ ئەلۋەتتە بار، يۇقىرىدىكىدەك ئەھۋاللار كۆرۈلگۈچىلەر لوقمان ھەكىم قوش ئۈنۈملۈك مەزى بېزى گۆھىرى بىلەن لوقمان ھەكىم ئادەمگىياھ گۆھىرىنى بىرلەشتۈرۈپ ئىستېمال قىلىپ بەرسە، يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ئەرلەر كېسەللىكى ئالامەتلىرىگە ئالاھىدە ياخشى مەنپەئەت قىلىدۇ. 
ئەگەر لوقمان ھەكىم قوش ئۈنۈملۈك مەزى بېزى گۆھىرى ۋە لوقمان ھەكىم ئادەمگىياھ گۆھىرىنىڭ ئۇچۇرلىرىغا ئېرىشمەكچى بولسىڭىز، جىنسىيەت ئۈندىدار سۇپىسىغا qlxy دەپ قايتۇرسىڭىز مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارغا ئېرىشەلەيسىز!
Tags:
بايانات

مەزكۇر يانبىلوگتىكى يازمىلار پەقەت ئەڭ نازۇك بولغان جىنسىيەت ۋە ئەيدىز ئۇقۇملىرى ۋە ئۆگۈتلىرىنى ئېھتىياجلىق كىشىلەرگە يەتكۈزۈشنى تۈپ مەقسەت قىلغان يانبىلوگ، يازمىلارنى پايدىلىنىش ئۇچۇرى قىلىشقا بولىدۇ، ئەمما ئەمەلىي ئىشلاردا يەنىلا مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ كۆرسەتمىسىنى ئاساس قىلىش كېرەك! يازمىلاردا تىلغا ئېلېنغان كۆز قاراش پەقەت ئەسلى ئاپتۇرغا ۋەكىللىك قىلىدۇ، مېغىزىنى قوبۇل قىلىپ، شاكىلىنى ئايرىشنى ئۆگىنىۋېلىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز!
جىنسىيەت ۋە ئەيدىز ساۋاتلىرى ئۈندىدار سۇپىسى (ئىزدەش نامى: jinsiyatcn) غا ئەگىشىۋېلىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز!
ئەگەر يانبىلوگىم ھەققىدە ھەر قانداق تېخنىكىلىق مەسىلە بايقالسا يانبىلوگ ئورگان ئۈندىدار سۇپىسى yanbilog غا ئەگىشىپ مەسىلە مەلۇم قىلسىڭىز بولىدۇ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى