ئەر-ئاياللارنىڭ جىنسىي تۇرمۇش ئۆمۈرى قانچىلىك
ۋاقتى: 2016-11-11
ئاۋاتلىقى: 1931 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
ئادەتتە، ئادەمنىڭ يېشى چوڭلىغانسېرى، جىنسىي تۇرمۇشتىن قالىدۇ، دەيدىغان قاراش كىشىلىرىمىزنىڭ نەزىرىدە ئىلمىي ئاساسى بار، بازارلىق قاراش ھېسابلىنىدۇ. ئەمما، ئەمەلىيەتتە بۇ قاراش پۈتۈنلەي خاتا ئىكەن. ئەنگىلىيە «تېببي ئىلمى گېزىتى» نىڭ يېقىنقى كۈنلەردىكى سانىغا ئامېرىكا ئالىملىرى ئىشلىگەن بىر تۈرلۈك تەتقىقات نەتىجىسى بېرىلگەن بولۇپ، مەزكۇر ماقالىدە ئەر-ئاياللارنىڭ جىنسىي تۇرمۇش ئۆمۈرىنىڭ ئۇزۇق-قىسقىلىقى ھەققىدە يېڭىچە قاراشلار ئىلگىرى سۈرۈلگەن.
مەزكۇر تەتقىقات دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكالىق ئەرلەرنىڭ قايناق جىنسىي تۇرمۇشى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 65 ياشقىچە داۋام قىلىدىكەن، ئاياللارنىڭ بولسا 60 ياشقىچە بولغان. 75 ياشتىن ئاشقان ياشانغان ئەرلەرنىڭ %38.9 ىنىڭ جىنسىي ھەۋىسى يەنىلا كۈچلۈك بولغان، ھالبۇكى ئوخشاش ياش قورامدىكى ئاياللارنىڭ %16.8 نىڭلا جىنسىي ھەۋىسى كۈچلۈك بولغان. ياشانغان ئەرلەرنىڭ جىنسىي ھەۋىسى ياشانغان ئاياللارغا قارىغاندا خېلىلا يۇقىرى چىققان. ئاياللاردىكى ھەيز كېسىلىش، تۇخۇمدان ئىقتىدارى ئاجىزلاش، ئانىلىق ھورمون سەۋىيىسى تۆۋنلەش قاتارلىق بىر قاتار سەۋەبلەر ۋە جىنسىي يول ئاجرالمىلىرى ئازلاپ كەتكەنلىكتىن كېلىپ چىقىدىغان جىنسىي ئالاقە جەريانىدىكى ئاغرىق ئازابى قاتارلىقلار ئاياللارنىڭ جىنسىي ھەۋىسى سۇسلاشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇشى مۇمكىن ئىكەن. بۇ تەتقىقاتنى ئىشلىگۈچىلەر «ياشانغانلار ئۆزىنىڭ جىنسىي ئىقتىدارى ۋە ھەۋىسىگە ئىشەنچ قىلىشى، ئوتتۇرا ياشلىقلار تېخىمۇ شۇنداق قىلىشى كېرەك» دېگەن قاراشنى تەكىتلىگەن.
ئۇنداقتا، بۇ خىل تەتقىقات نەتىجىسى بىزنىڭ ئۇيغۇر كىشىلىرىمىزگىمۇ ماس كېلەمدۇ؟
بىز ھازىرغىچە ئىگىلىگەن ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، جىنسىي تۇرمۇش ۋە ھەۋەسنىڭ داۋاملىشىش ۋاقتى مەسىلىسىدە مەيلى غەرب ئەللىرى ۋەياكى شەرق ئەللىرى بولسۇن پەرق چوڭ ئەمەس. شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى تەتقىقاتچىلىرى ئىشلىگەن شىنجاڭدىكى ئۇزاق ئۆمۈر كۆرگۈچىلەر ئۈستىدىن ئىشلىگەن تەتقىقاتتىمۇ مۇنداق بىر ئەھۋال دوكلات قىلىنغان. يەنى، خوتەننىڭ مەلۇم ناھىيەسىدىكى ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگۈچى 100 ياشتىن ئاشقان بىر ئەرنى زىيارەت قىلىش جەريانىدا، تەتقىقاتچىلار مەقسەتلىك ھالدا ئۇنىڭدىن جىنسىيەتكە ئائىت سۇئاللارنى سورىغان، ئۇ كىشىمۇ تېخى جىنسىي ھەۋەستىن قالمىغانلىقىنى، ئەگەر مۇمكىن بولسا ئۆز مەھەللىسىدىكى مەلۇم بىر تۇل ئايالغا ئۆيلىنىش ئارزۇسىنىڭ بارلىقىنى ئېيتقان. كېيىن خادىملار ئۇ كىشىنىڭ ئىسپېرماسىنى تەكشۈرگەندە، ئۇ كىشىنىڭ يەنىلا نورمال نەسىل قالدۇرۇش ئىقتىدارىغا ئىگە ئىكەنلىكى مەلۇم بولغان.
شۇڭا، ياشانغانلار جىنسىي ھەۋىسى ۋە ئىقتىدارىنى ئۇزاققىچە ساقلاپ قالماقچى بولسا، چوقۇم ئۆزىگە تولۇق ئىشەنچ قىلىشى، جىنسىي تۇرمۇشىنى مۇئەييەن رىتىم (ئايدا 3-2 قېتىم بولسا مۇۋاپىق) دا ئۈزۈپ قويماي داۋاملاشتۇرۇشى لازىم. ئەر-ئايال ھەر ئىككى تەرەپ جىنسىي ئەزالىرىنىڭ پاكىزلىقىغا دىققەت قىلىشى، جىنسىي ئالاقە جەريانىدا بەدەن ھالەتلىرىنى ئۆزگەرتىپ، جىنسىي تۇرمۇشنىڭ ھوزۇرىنى ئاشۇرۇشى، ئاياللار مۇۋاپىق ھالدا سىلىقلىغۇچى ئىشلىتىپ، جىنسىي تۇرمۇش جەريانىدىكى ئاغرىشتىن ساقلىنىشى لازىم.
ئەگەر تېخىمۇ كۆپ جىنسىيەت بىلىملىرىگە ئېرىشمەكچى بولسىڭىز، جىنسىيەت ئۈندىدار سۇپىسى (ئىزدەش نامى: jinsiyatcn)غا bz دەپ قايتۇرۇپ مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرغا ئېرىشىڭ.
ئەگەر «ﺯﯨﻨﺎ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺧﻪﺗﯩﺮﻯ» ناملىق يازمىغا ئېرىشمەكچى بولسىڭىز جىنسىيەت ئۈندىدار سۇپىسىغا x010 دەپ قايتۇرۇپ ئېرىشىڭ!
Tags: