جىنسىي مۇناسىۋەت ئالدى-كەينىدىكى يۇيۇنۇش
ۋاقتى: 2016-11-07
ئاۋاتلىقى: 2632 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
ساغلام ۋە ئىناق بولغان جىنسىي تۇرمۇش كىشىنىڭ روھىي ۋە جىسمانىي ساغلاملىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. جىنسىي تۇرمۇشنىڭ شېرىن ھوزۇرىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، جىنسىي تۇرمۇش تازىلىقىغىمۇ ناھايىتى ئەھمىيەت بېرىش لازىم. بولمىسا، نۇرغۇنلىغان كۈتمىگەن كۆڭۈلسىزلىك، ھەتتا چوڭ چاتاقلارغا دۇچار بولىدىغان گەپ.
ئەر-ئاياللارنىڭ سىرتقى جىنسىي ئەزالىرىنىڭ شىللىق پەردە سىرتىدا نۇرغۇنلىغان پۈرمەلەر بولۇپ، ئىتايىن ئوڭاي باكتېرىيە پەيدا بولىۋالىدۇ. خەتنە قىلدۇرمىغانلارنىڭ خەتنىلىك ئىچىدىمۇ نۇرغۇن باكتېرىيە بولۇپ، ۋاقتىدا يۇيۇپ تۇرمىغاندا زەكەر بېشى ياكى خەتنىلىك ياللۇغلىنىپ قالىدۇ. ئاياللارنىڭ بولسا سۈيدۈك يولى، جىنسىي يولى، مەقئەت ئەتراپلىرىدا ئوڭايلا ئۆز-ئارا بۇلغىنىش پەيدا بولىدۇ. ھەر قېتىملىق جىنسىي مۇناسىۋەتتىن كېيىن ئەرلەرنىڭ مەنىيسى بىلەن ئاياللارنىڭ جىنسىي يول سۇيۇقلۇقى سىرتقى جىنسىي ئەزالارىغا يېپىشىپ قالىدۇ. جىنسىي يول ئېغىزى ۋە زەكەردىكى بۇلغانما ماددىلارنىڭمۇ ئاياللارنىڭ جىنسىي يولىغا كىرىپ كېتىپ، ياللۇغ پەيدا قىلىش ئېھتىماللىقىمۇ بار.
بۇ چاغدا سىز ئىشنى باشلىشىڭىز بىلەنلا يەنە ماستېر بىلەن جونسون دوكتورلار «چەتتىن قاراپ تۇرغۇچىلار» دەپ ئاتىغان روھىي مەنزىلگە كىرىپ قالىسىز. يەنى، روھىي توسالغۇنى بۆسۈپ ئۆتۈپ، تاماشىبىنلار سېپىگە كىرىپ، ئۆز ئويۇنىڭىزنى كۆرمەكچى بولىسىز. سىز ئۆزىڭىزنىڭ مەلۇم قىسمىنىڭ جىسمىڭىزدىن بۆلۈنۈپ چىقىپ تاماشىبىنلار قاتارىغا بېرىپ، ئۆزىڭىزنىڭ ئويۇنىنى كۆرۈۋاتقانلىقىنى ھېس قىلغان چېغىڭىزدا، سەھنىدە سۆيگۈنىڭىز بىلەن ئويۇن قويۇۋاتقان «ئۆز» ىڭىز «3-شەخس» تەك بولۇپ قالىسىز، بۇ چاغدا سىز جىنسىي تۇرمۇشىڭىزنى قانداقمۇ كۆڭۈل قويۇپ ئۆتكۈزەلەيسىز؟ تەسەۋۋۇرىڭىزدا، سىز ئۆزىڭىزنى كۆزىڭىزنى ئۈزمەستىن كۆزىتىپ تۇرۇۋاتىسىز، «ئۇ» سىزدىن ھەدەپ قۇسۇر ئىزدەۋاتىدۇ، سىزنى تەنقىد قىلىۋاتىدۇ، ھەتتا سىزنىڭ ھەربىر ئىش-ھەرىكىتىڭىزنى دەرىجىگە ئايرىپ، نومۇر قويۇۋاتىدۇ... بۇنداق ئەھۋالدا، سىز لەززەتتىن ھېچقانداق بەھرىلىنەلمەيسىز، ھەتتا «جىنسىي بۇرچ» ىڭىزنى ئادا قىلىش-قىلالماسلىقمۇ بىر مەسىلە بولۇپ قالىدۇ.
ئەگەر تېخىمۇ كۆپ جىنسىيەت بىلىملىرىگە ئېرىشمەكچى بولسىڭىز، جىنسىيەت ئۈندىدار سۇپىسى (ئىزدەش نامى: jinsiyatcn)غا bz دەپ قايتۇرۇپ مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرغا ئېرىشىڭ.
ئەگەر «ﺟﻪﻟﻪﻕ (ﺋﺎﻧﺎﻟﯩﺰﯨﻢ, ﻗﻮﻟﺪﺍ ﻟﻪﺯﺯﻩﺗﻠﯩﻨﯩﺶ)» ناملىق يازمىغا ئېرىشمەكچى بولسىڭىز جىنسىيەت ئۈندىدار سۇپىسىغا x012 دەپ قايتۇرۇپ ئېرىشىڭ!
Tags: