جىنسىيەت ۋە ئەيدىز ساۋاتلىرى يانبىلوگى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ئاياللارنىڭ ئەرلىرىدىن ئالىدىغان لەززىتى

ئاياللارنىڭ ئەرلىرىدىن ئالىدىغان لەززىتى

ۋاقتى: 2016-07-28 ئاۋاتلىقى: 19552 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ئەرلەر دىققەت قىلىدىغان مۇھىم بىر مەخپىيەتلىك مەسىلە شۇكى، جىما (جىنسىي مۇناسىۋەت) دا ئايالىنىڭ ھۇزۇرى ۋايىغا يەتمىگەنلىكتىن كۆڭلى قانائەت تاپمىسا ھەمدە بۇخىل ئەھۋال ئۇزۇن مۇددەت داۋاملاشسا، ئايال كىشى ئېرىدىن ئاسان ئاغرىنىدىغان، ئورۇنسىز ئىشلار ئۈچۈن ئۇرۇش _ جېدەل قىلىدىغان بولۇپ قالىدۇ، بۇنىڭ بىلەن بەختلىك بىر ئائىلىنىڭ ئاسمىنىدا بۇلۇتلار ئەگىپ، مۇھەببەتلىك شىرىن تۇرمۇش زىيانغا ئۇچرايدۇ، شۇنىڭغا ئوخشاشلا، جىنسىي ئالاقە نورمىدىن كۆپ بولۇش بىلەن ئايال كىشىنىڭ ۋايىغا يېتىشى بەك كۆپ بولۇپ كەتكەندىمۇ ئوخشاشلا ئايال تەرەپ جىنسىي ئالاقىدىن قاچىدىغان ھەمدە ئەر تەرەپنى خالىمايدىغان ھەتتاكى سەسكىنىدىغان بولۇپ قالىدۇ. شۇڭا، ئەرلەر ئۆزىنىڭ ساغلاملىقىغا، جىنسىي ئالاقىنىڭ سۈپىتىگە كۆڭۈل بۆلۈشى، جىنسىي ئالاقىنىڭ رولىغا سەل قارىماسلىقى، بىنورماللىق كۆرۈلگەندە، خىجىل بولماستىن پەزىلەتلىك ماھىر تېۋىپقا كۆرۈنىشى، قارىغۇلارچە قۇۋۋەت تولۇقلاشقا بېرىلىپ كەتمەستىن، بەلكى ئۆز مىزاجىغا، ۋە كېسەللىكنى كەلتۈرۈپ چىقارغۇچى ئاساسلىق سەۋەبچى ئامىلغا قارىتا چارە قىلىش ئارقىلىق نورمال تۇرمۇشنىڭ داۋاملىشىشىغا ئەھمىيەت بېرىشى لازىم.
ئەر كىشى ئاجىزلىق ھېس قىلغاندا، مەنىي بالدۇر يۈرۈپ كەتكەندە، قارشى تەرەپنى تازا قانائەتلەندۈرۈشكە ئامالسىز قالغاندا، رازىيانىنى كاۋاپ قىلىپ، پىلپىل، ئاقىرقەرھا، زەنجىۋىلنىڭ ھەربىرىدىن 2 گرامدىن. شېكەر، خورما، كافۇر، ئىپارنىڭ ھەر بىرى مۇۋاپىق مىقداردىن ئېلىنىپ، يۇمشاق سوقۇلۇپ تاسقىلىپ، سالايە قىلىنغاندىن كېيىن، مۇناسىپ ياغ بىلەن سۇيۇق ھالەتكە كەلتۈرۈلىدۇ، بۇ دورا شېشىدە ئون كۈن تۇرغۇزۇلۇپ، ھەر ئۈچ كۈندە بىر قېتىم شېشە چالغۇتۇلۇپ تۇرۇلىدۇ، جىما (جىنسىي مۇناسىۋەت) دىن ئىلگىرى ئالەت (زەكەر)كە چېپىلىدۇ، بۇنىڭ بىلەن جىنسىي ئالاقە ۋاقتىنى ئۇزارتىپ، قارشى تەرەپنى تولۇق قانائەتلەندۈرگىلى بولىدۇ.

ئەگەر تېخىمۇ كۆپ جىنسىيەت بىلىملىرىگە ئېرىشمەكچى بولسىڭىز، جىنسىيەت ئۈندىدار سۇپىسى (ئىزدەش نامى: jinsiyatcn)غا bz دەپ قايتۇرۇپ مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرغا ئېرىشىڭ.
ئەگەر «ﺟﯩﻨﺴﯩﻲ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻨﯩﯔ 6 ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﭘﺎﻳﺪﯨﺴﻰ» ناملىق يازمىغا ئېرىشمەكچى بولسىڭىز جىنسىيەت ئۈندىدار سۇپىسىغا x013 دەپ قايتۇرۇپ ئېرىشىڭ!
Tags:
بايانات

مەزكۇر يانبىلوگتىكى يازمىلار پەقەت ئەڭ نازۇك بولغان جىنسىيەت ۋە ئەيدىز ئۇقۇملىرى ۋە ئۆگۈتلىرىنى ئېھتىياجلىق كىشىلەرگە يەتكۈزۈشنى تۈپ مەقسەت قىلغان يانبىلوگ، يازمىلارنى پايدىلىنىش ئۇچۇرى قىلىشقا بولىدۇ، ئەمما ئەمەلىي ئىشلاردا يەنىلا مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ كۆرسەتمىسىنى ئاساس قىلىش كېرەك! يازمىلاردا تىلغا ئېلېنغان كۆز قاراش پەقەت ئەسلى ئاپتۇرغا ۋەكىللىك قىلىدۇ، مېغىزىنى قوبۇل قىلىپ، شاكىلىنى ئايرىشنى ئۆگىنىۋېلىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز!
جىنسىيەت ۋە ئەيدىز ساۋاتلىرى ئۈندىدار سۇپىسى (ئىزدەش نامى: jinsiyatcn) غا ئەگىشىۋېلىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز!
ئەگەر يانبىلوگىم ھەققىدە ھەر قانداق تېخنىكىلىق مەسىلە بايقالسا يانبىلوگ ئورگان ئۈندىدار سۇپىسى yanbilog غا ئەگىشىپ مەسىلە مەلۇم قىلسىڭىز بولىدۇ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى