جىنسىيەت ۋە ئەيدىز ساۋاتلىرى يانبىلوگى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

زەكەر قىسقا ھەم كىچىك بولسا، جىنسىي تۇرمۇشنىڭ پەيزى بولمامدۇ

زەكەر قىسقا ھەم كىچىك بولسا، جىنسىي تۇرمۇشنىڭ پەيزى بولمامدۇ

ۋاقتى: 2016-11-11 ئاۋاتلىقى: 5335 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

زەكىرى كىچىكرەك ئەرلەر ئۆزىنىڭ بۇ «يېتەرسىزلىكى» سەۋەبىدىن قايغۇرۇپ، كەلگۈسى جىنسىي تۇرمۇشىغا تەسىر قىلىشىدىن ئەنسىرەيدۇ. بىراق، بۇنىڭدىن ئەنسىرەشنىڭ ھاجىتى يوق.
ئاياللارنىڭ جىنسىي يول مۇسكۇلى خاراكتېرلىك كانالچە بولۇپ، ئىنتايىن كۈچلۈك بولغان كېڭىيىش ۋە يىغىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە. ئادەتتىكى چاغلاردا جىنسىي يول چىڭ يېپىشىپ تۇرىدۇ. جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزگەندە ئۇنىڭغا قان تولۇپ كۆپىدۇ ھەمدە جىنسىي يول ئېغىزى تارلىشىپ، زەكەرنى «قىسىش» رولىنى ئوينايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، جىنسىي يولنىڭ نېرۋا ئۇچلىرى ئاساسەن جىنسىي يولنىڭ ئېغىزىدىن باشلانغان ئۈچتىن بىر قىسمىنىڭ دىۋارىغا جايلاشقان، ئىچكى دىۋارىدا سەزگۈ نېرۋا ئۇچلىرى يوق دېيەرلىك بولىدۇ. شۇڭا، مەيلى ئۇزۇن زەكەر ياكى كالتە زەكەر بولسۇن، ئۇلارنىڭ جىنسىي يولنى غىدىقلىشىدا ھېچقانداق ئوخشىماسلىق بولمايدۇ.بەزى تەتقىقاتچىلار ئۆزىنىڭ زەكىرىنى قىسقا ھەم كىچىك، دەپ قارايدىغان بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ نىكاھتىن كېيىنكى ئەھۋالىغا قارىتا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، ئىككى تەرەپ ھېسسىيات جەھەتتە كېلىشەلىسە، ئوبدان ماسلىشالىسىلا، جىنسىي تومۇشىنىڭ يەنىلا ئىنتايىن قانائەتلىنەرلىك بولىدىغانلىقىنى بايقىغان.
زەكىرى قىسقا ھەم كىچىكلەر تۆۋەندىكى بىر نەچچە خىل جىنسىي مۇناسىۋەت ئۇسۇلىنى سىناپ كۆرسە بولىدۇ:
1. مىنىۋېلىش ئۇسۇلى. بۇ خىل ئۇسۇلدا، ئەر كىشىنىڭ ئوڭدا ياتىدۇ، ئايال ئۇنىڭ ئۈستىگە چىقىدۇ. ئايال بەدىنىنىڭ ئۈستۈنكى قىسمىنى تىك قىلسا، بالىياتقۇ پەسكە چۈشىدۇ؛ ئۇ ئىككى پۇتىنى كېرىپ ئولتۇرغانلىقى ئۈچۈن، جىنسىي يول ئېغىزى چوڭراق ئېچىلىدۇ-دە، زەكەرنىڭ كىرىشى ئاسانراق بولىدۇ. شۇنىڭدەك، زەكەر كىرگەندىن كېيىن ئۇچى بالىياتقۇغا تېگىپ، ئايالنىڭ ھوزۇلىنىش تۇيغۇسىنى كۈچەيتىدۇ.
2. پۇتنى كۆتۈرۈش ئۇسۇلى. بۇ خىل ئۇسۇل جىنسىي ئەزالارنىڭ بىرلىشىش دەرىجىسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئايالنىڭ ھوزۇرلىنىش تۇيغۇسىنى كۈچەيتىپ، ئەر كىشىنىڭ ئۆزىنى پەس كۆرۈش ھېسسىياتىنى ئازايتىدۇ. بۇ ئۇسۇلدا، ئايال ئوڭدا يېتىپ ئىككى پۇتىنى ئېگىز كۆتۈرىدۇ، ئەر تىزلانغان ھالەتتە ئايالنىڭ پۇت ئارىلىقىغا كىرىدۇ ھەمدە ئىككى قولى بىلەن ئۇنىڭ بېلىنى قۇچاقلىۋالىدۇ.
3. دۈم قىلىش ئۇسۇلى. بۇنىڭدا، ئايال كىشى دوڭغىيىپ بېرىدۇ. ئەگەر زەكىرى قىسقا ئەر كىشى يەنىلا قاملىشالمىسا، سەل ئالدىغا سۈرۈلۈپ، بېلىنى بەكرەك ئەگسە بولىدۇ، بۇنداق بولغاندا جىنسىي مۇناسىۋەت ھەرىكىتىنى تەبىئىيرەك قىلغىلى، بىرلىشىش دەرىجىسىنىمۇ بىر قەدەر چوڭقۇرلاشتۇرغىلى بولىدۇ.

ئەگەر تېخىمۇ كۆپ جىنسىيەت بىلىملىرىگە ئېرىشمەكچى بولسىڭىز، جىنسىيەت ئۈندىدار سۇپىسى (ئىزدەش نامى: jinsiyatcn)غا bz دەپ قايتۇرۇپ مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرغا ئېرىشىڭ.
ئەگەر «ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﻻﮪﯩﺪﻩ ﺑﯩﺸﺎﺭﻩﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﯩﻠﻪﻣﺴﯩﺰ» ناملىق يازمىغا ئېرىشمەكچى بولسىڭىز جىنسىيەت ئۈندىدار سۇپىسىغا x020 دەپ قايتۇرۇپ ئېرىشىڭ!
Tags:
بايانات

مەزكۇر يانبىلوگتىكى يازمىلار پەقەت ئەڭ نازۇك بولغان جىنسىيەت ۋە ئەيدىز ئۇقۇملىرى ۋە ئۆگۈتلىرىنى ئېھتىياجلىق كىشىلەرگە يەتكۈزۈشنى تۈپ مەقسەت قىلغان يانبىلوگ، يازمىلارنى پايدىلىنىش ئۇچۇرى قىلىشقا بولىدۇ، ئەمما ئەمەلىي ئىشلاردا يەنىلا مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ كۆرسەتمىسىنى ئاساس قىلىش كېرەك! يازمىلاردا تىلغا ئېلېنغان كۆز قاراش پەقەت ئەسلى ئاپتۇرغا ۋەكىللىك قىلىدۇ، مېغىزىنى قوبۇل قىلىپ، شاكىلىنى ئايرىشنى ئۆگىنىۋېلىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز!
جىنسىيەت ۋە ئەيدىز ساۋاتلىرى ئۈندىدار سۇپىسى (ئىزدەش نامى: jinsiyatcn) غا ئەگىشىۋېلىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز!
ئەگەر يانبىلوگىم ھەققىدە ھەر قانداق تېخنىكىلىق مەسىلە بايقالسا يانبىلوگ ئورگان ئۈندىدار سۇپىسى yanbilog غا ئەگىشىپ مەسىلە مەلۇم قىلسىڭىز بولىدۇ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى