جىنسىيەت ۋە ئەيدىز ساۋاتلىرى يانبىلوگى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

زەكەرنىڭ ئۆزىچىلا قايىم بولۇۋېلىشى كۆڭۈلدە يامان نىيەت بولغانلىقىدىن بولامدۇ

زەكەرنىڭ ئۆزىچىلا قايىم بولۇۋېلىشى كۆڭۈلدە يامان نىيەت بولغانلىقىدىن بولامدۇ

ۋاقتى: 2016-11-09 ئاۋاتلىقى: 4727 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

زەكەرنىڭ قايىم بولۇشى ۋە بوشىشى ئۇنىڭ ئاتونومىيىلىك تۈزۈلۈشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. زەكەرنىڭ قايىم بولۇشى ئىنسانلارنىڭ بىر خىل ئىقتىدارى. بۇنداق ئەھۋال بەزىدە ئادەمنىڭ ئىرادىسىگە بېقىپ ئەمەس، بەلكى بىرقاتار رېفلېكسلىق پائالىيەتلەر تۈپەيلىدىن پەيدا بولىدۇ.
ئادەتتىكى ئەھۋالدا، ئەر كىشىدە جىنسىي تەلەپ پەيدا بولغاندا زەكەر قايىم بولىدۇ، جىنسىي ھاياجان بېسىققاندىن كېيىن، ئۇ ئەھۋال ئاستىدا، بىر-ئىككى ياشلىق بالىلاردىن تارتىپ ئاپئاق چاچلىق بوۋايلارغىچە زەكىرى قايىم بولىدىغان ۋە بوشايدىغان ئەھۋال يۈز بېرىپ تۇرىدۇ.
ياش-ئۆسمۈرلەر يېتىلىش دەۋرىدە تۇرۇۋاتقانلىقى ئۈچۈن، ئۇلاردا زەكەر قايىم بولۇش ھادىسىسى تېخىمۇ ئومۇمىيۈزلۈك بولىدۇ. بۇ مەزگىلدە جىنسىي ئاڭنىڭ ئويغىنىشى ۋە جىنسىي پسىخىكىنىڭ پەيدا بولۇشى تۈپەيلىدىن، مۇئەييەن جىنسىي ھاياجان ۋە جىنسىي تەلەپ پەيدا بولىدۇ. ئەگەر جىنسىيەتكە مۇناسىۋەتلىك مەلۇم نەرسىلەرنىڭ غىدىقلىشىغا ئۇچرىسا، مەسىلەن، مۇناسىۋەتلىك كىنو-تېلېۋىزىيە فىلىملىرىنى ياكى مۇھەببەت تەپسىلاتلىرى تەسۋىرلەنگەن كىتاب-ژۇرناللارنى ئوقۇسا، يات جىنىستىكى مەلۇم كىشىگە قىزىقىش ھېسسىياتى پەيدا بولسا، جىنسىي تۇرمۇشقا مۇناسىۋەتلىك چۈش كۆرۈپ قالسا، بۇلارنىڭ ھەممىسى زەكەرنىڭ ئۆزلۈكىدىن قايىم بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇ كېسەللىك ئالامىتى ئەمەس، بەلكى نورمال ھادىسە. بەزى كىشىلەر ئۇخلاۋاتقاندا زەكىرى قايىم بولۇۋالىدۇ، بىراق زەكەرنىڭ قايىم بولۇش قېتىم سانى ۋە ۋاقتى ياشنىڭ ئوخشىماسلىقىغا قاراپ ئۆزگىرىدۇ:
ياشلىق مەزگىلىدە زەكەر ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر كېچىسى ئالتە قېتىم ئەتراپىدا قايىم بولۇۋالىدۇ، ھەر قېتىملىق قايىم بولۇش ۋاقتى 20~30 مىنۇت ئەتراپىدا بولىدۇ؛ قىرانلىق مەزگىلىدە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر 1~1.5 سائەتتە بىرقېتىم قايىم بولىدۇ؛ ئوتتۇرا ياش مەزگىلىدىن كېيىن زەكەرنىڭ قايىم بولۇش قېتىم سانى ئازىيىشقا باشلايدۇ؛تېنى ساغلام 65 ياشلىق كىشىنىڭ زەكىرى يەنىلا ھەر كېچىسى بىر نەچچە قېتىم قايىم بولۇشى مۇمكىن. لېكىن، بۇنداق قايىم بولۇشلار ئۇخلاش جەريانىدا يۈز بەرگەنلىكتىن، شۇ ئادەمنىڭ ئۆزى ئانچە بىلىپ كەتمەيدۇ.
شۇنى بىلىش كېرەككى، ئويغاق ھالەتتە زەكەرنىڭ قايىم بولۇش-بولماسلىقى ئۇخلاۋاتقان ۋاقىتتا قايىم بولۇش ئەھۋالىنىڭ قانداق بولۇشىغا باغلىق بولىدۇ. ئۇخلاۋاتقاندا زەكىرى قايىم بولمايدىغان بولۇپ قالغان بولسا، بۇ شۇ كىشىنىڭ ئەزا خاراكتېرىلىك جىنسىي ئاجىزلىققا گىرىپتار بولغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. بۇنىڭغا قەنت كېسىلى، نېرۋا زەخىملىنىش ياكى قان تومۇر توسۇلۇش قاتارلىقلار سەۋەب بولغان بولۇشى مۇمكىن. ئۇخلاۋاتقان چاغدا زەكەرنىڭ قايىم بولۇشى جىنسىي ئىقتىدارنىڭ نورمال ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. بەزى كىشىلەرنىڭ بۇنداق ئەھۋالدا كۆرۈلگەن جىنسىي ئاجىزلىقنى پسىخىكىلىق ئامىل كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇشى مۇمكىن.

ئەگەر تېخىمۇ كۆپ جىنسىيەت بىلىملىرىگە ئېرىشمەكچى بولسىڭىز، جىنسىيەت ئۈندىدار سۇپىسى (ئىزدەش نامى: jinsiyatcn)غا bz دەپ قايتۇرۇپ مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرغا ئېرىشىڭ.
ئەگەر «ﻣﻪﻧﯩﻲ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺸﻨﻰ ﻛﻮﻧﺘﺮﻭﻝ ﻗﯩﻠﯩﺸﻨﯩﯔ 7 ﺋﯧﭙﻰ» ناملىق يازمىغا ئېرىشمەكچى بولسىڭىز جىنسىيەت ئۈندىدار سۇپىسىغا x021 دەپ قايتۇرۇپ ئېرىشىڭ!
Tags:
بايانات

مەزكۇر يانبىلوگتىكى يازمىلار پەقەت ئەڭ نازۇك بولغان جىنسىيەت ۋە ئەيدىز ئۇقۇملىرى ۋە ئۆگۈتلىرىنى ئېھتىياجلىق كىشىلەرگە يەتكۈزۈشنى تۈپ مەقسەت قىلغان يانبىلوگ، يازمىلارنى پايدىلىنىش ئۇچۇرى قىلىشقا بولىدۇ، ئەمما ئەمەلىي ئىشلاردا يەنىلا مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ كۆرسەتمىسىنى ئاساس قىلىش كېرەك! يازمىلاردا تىلغا ئېلېنغان كۆز قاراش پەقەت ئەسلى ئاپتۇرغا ۋەكىللىك قىلىدۇ، مېغىزىنى قوبۇل قىلىپ، شاكىلىنى ئايرىشنى ئۆگىنىۋېلىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز!
جىنسىيەت ۋە ئەيدىز ساۋاتلىرى ئۈندىدار سۇپىسى (ئىزدەش نامى: jinsiyatcn) غا ئەگىشىۋېلىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز!
ئەگەر يانبىلوگىم ھەققىدە ھەر قانداق تېخنىكىلىق مەسىلە بايقالسا يانبىلوگ ئورگان ئۈندىدار سۇپىسى yanbilog غا ئەگىشىپ مەسىلە مەلۇم قىلسىڭىز بولىدۇ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى