جىنسىيەت ۋە ئەيدىز ساۋاتلىرى يانبىلوگى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ھامىلىدار بولۇشقا پايدىلىق جىنسىي ئالاقە ماھارىتى

ھامىلىدار بولۇشقا پايدىلىق جىنسىي ئالاقە ماھارىتى

ۋاقتى: 2016-08-07 ئاۋاتلىقى: 4193 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

جىنسىي ئالاقە ئۈچۈن ئەر مۇۋاپىق ۋاقىتنى تاللاش كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن ھەيز ئاخىرىغا يەتكەن ۋاقىتنى ۋە جىنسىي ئالاقە قىلىش زۆرۈر بولغان ۋاقىتنى بىز بايان قىلغانغا ئاساسەن تاللاش كېرەك. جىنسىي ئالاقە ۋاقتىنى بىر ئاز ئۇزارتىش كېرەك. بىراق بۇ مەنىيلەرنى سوغۇققا ئايلىنىپ بۇزۇلىدىغان دەرىجىدە داۋاملاشماسلىقى، ئەگەر مەنىيلەرنى سوغۇققا ئايلىنىپ بۇزۇلىدىغان دەرىجىگە يەتسە، ئايال كىشى ھامىلىدار بولمايدۇ. كېيىن ياخشى مەنىينىڭ توپلانغانلىقى بايقالغۇچە قىلماي تۇرىدۇ. ئايال ھەيزدىن پاك بولغان دەسلەپكى ۋاقىتتا جىما قىلىش قائىدىسىگە رىئايە قىلىنىدۇ. بىراق ھەر بىرى ئايالنىڭ بەدىنى ئۈچۈن بۇ مۇددەت ھەرخىل بولىدۇ. جىمادىن ئىلگىرى ئەر ئايالى بىلەن ئۇزۇن ۋاقىت ئوينىشىدۇ. بولۇپمۇ مىزاجى ناچار بولمىغان ئاياللار بىلەن شۇنداق قىلىنىدۇ. كېيىن ئەر ئايالنىڭ ئەمچىكىنى يەڭگىل دەرىجىدە سىلايدۇ، دوۋسۇننى غىدىقلايدۇ، ئايالىنىڭ ئۈستىگە تولۇق چىقمايدۇ، ئايالنىڭ ۋۇجۇدى قىزىپ، جىماغا ئىنتىلىپ جانلىنىپ كەتكەندە ئۈستىگە چىقىپ، ئايالنىڭ ئىككى دىلچىقىنىڭ ئارىسىغا زەكەرنى تەگكۈزۈپ، بىر دەم غىدىقلايدۇ. چۈنكى ئۇ ئايالنىڭ لەززەت ئالىدىغان جايىدۇر. كېيىن ئايال كۈچلۈك يېپىشىپ، كۆزلىرى قىزىرىدۇ، نەپەسلىنىشى تېزلىشىدۇ، ئەندىككەندەك، كېكەچلىگەندەك كەمتۈك سۆزلەيدۇ. ئەر تەرەپ ئايالدا بۇ خىل ئالامەتلەر كۆرۈلگۈچە ھەرىكىتىنى كۆرسەتمە بويىچە داۋاملاشتۇرىدۇ.
ئايالدا بۇ خىل ھالەت پەيدا بولغان چاغدا مەنى بالىياتقۇ ئېغىزىغا توغرىلىنىپ قويۇپ بېرىلىدۇ. بالىياتقۇ ئېغىزى بۇ چاغدا سىرتقى ھاۋا تەسىر قىلمىغۇدەك دەرىجىدە كېڭەيگەن بولىدۇ. چۈنكى ھاۋا كىرىپ كەتسە مەنىينى بۇزۇپ نەسىل قالدۇرۇشقا يارىمايدىغان قىلىپ قويىدۇ.
بىلىش كېرەككى، ئەگەر ئەر مەنىينى تار ئورۇنغا قويۇپ بەرسە ياكى ئەرنىڭ زەكىرى جىنسىي يولنىڭ تېمىغا تېگىپ قالسا مەنىي زايا كېتىدۇ، بەلكى مەنىي بالىياتقۇ ئېغىزىغا ئازراق ئېتىلىپ بېرىشى، زەكەر تۆشۈكى ئېتىلىپ قالماسلىقى كېرەك. مەنى چىقىپ بولغاندىن كېيىن ئەر ئايالىنىڭ ئۈستىدىن تېزلا چۈشۈپ كەتمەستىن، بىردەم چاپلىشىپ تۇرغان ھالدا زەكەرنى بالىياتقۇ ئىچكىرىسىگە تېرەپ تۇرۇشى كېرەك. بالىياتقۇ ئېغىزىنىڭ ئېچىلىشى ۋە بالىياتقۇنىڭ ھەرىكەتلىنىشى پۈتۈنلەي تىنجىغانلىقى بىلىنگۈچە شۇنداق يېتىشى كېرەك. ئۇنىڭدىن كېيىن ئەرمۇ بىر ئاز تىنجىيدۇ. ئايال پۇتلىرىنى كېرىپ، ئىككى يوتىسىنى كۆتۈرۈپ، بېلىنى پەسلىتىپ ياتىدۇ، ئەر ئورنىدىن تۇرۇپ كېتىدۇ، ئايال شۇ ھالەتتە بىر دەم ياتىدۇ، ئىككى پۇتىنى جىپسىلاپ نەپسىنى ئىچىگە يىغىپ يېتىش ئارقىلىق مەنىنىڭ بالىياتقۇدا ئورۇن ئېلىشىغا ماسلىشىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن ئايال ئۇخلىسا ئاسان ھامىلىدار بولىدۇ.
Tags:
بايانات

مەزكۇر يانبىلوگتىكى يازمىلار پەقەت ئەڭ نازۇك بولغان جىنسىيەت ۋە ئەيدىز ئۇقۇملىرى ۋە ئۆگۈتلىرىنى ئېھتىياجلىق كىشىلەرگە يەتكۈزۈشنى تۈپ مەقسەت قىلغان يانبىلوگ، يازمىلارنى پايدىلىنىش ئۇچۇرى قىلىشقا بولىدۇ، ئەمما ئەمەلىي ئىشلاردا يەنىلا مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ كۆرسەتمىسىنى ئاساس قىلىش كېرەك! يازمىلاردا تىلغا ئېلېنغان كۆز قاراش پەقەت ئەسلى ئاپتۇرغا ۋەكىللىك قىلىدۇ، مېغىزىنى قوبۇل قىلىپ، شاكىلىنى ئايرىشنى ئۆگىنىۋېلىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز!
جىنسىيەت ۋە ئەيدىز ساۋاتلىرى ئۈندىدار سۇپىسى (ئىزدەش نامى: jinsiyatcn) غا ئەگىشىۋېلىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز!
ئەگەر يانبىلوگىم ھەققىدە ھەر قانداق تېخنىكىلىق مەسىلە بايقالسا يانبىلوگ ئورگان ئۈندىدار سۇپىسى yanbilog غا ئەگىشىپ مەسىلە مەلۇم قىلسىڭىز بولىدۇ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى