جىنسىيەت ۋە ئەيدىز ساۋاتلىرى يانبىلوگى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

جىنسىيەت ۋە فروئىد تەلىماتى ھەققىدە مۇنازىرە (1)

جىنسىيەت ۋە فروئىد تەلىماتى ھەققىدە مۇنازىرە (1)

ۋاقتى: 2016-08-12 ئاۋاتلىقى: 1853 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

گۈلەن:
سىز «جىنسىيەت مۇھەببەتنىڭ يىلتىزىمۇ» سەرلەۋھىلىك ماقالىڭىزدا «جىنسىيەت مۇھەببەتنىڭ يىلتىزى، ئىجادىيەتنىڭ ئىلھامچىسى دېگەن قاراشقا ئىزچىل مايىل بولۇپ كەلدىم، بۇنى فىروئىدنىڭ روھىي ئانالىزلىرىغا باغلىماي تۇرۇپ، ئۆزەم ئۆز تەجرىبەمدىن ھاسىل قىلغان دېيەلمەيمەن، دەپ يېزىپتىكەنسىز، ئارىدا سىز يەنە بىر سۆھبەتتە «جىنسىيەت روھىيەتكە تۇتىشىدۇ» دەپ قارشى تەرەپكە رەددىيە بەردىڭىز ھەم سۆزىڭىزنى كوچىدىن بىر گۈزەل قىز ئۆتسە بىر ئۇيغۇر بىلەن بىر خەنزۇنىڭ پەرقلىق ئويلاردا بولىدىغىنىنى تىلغا ئېلىپ «جىنسىي ئاڭ» نىڭ مىللىيلىكى ھەققىدە توختالدىڭىز. يەنى بۇ يەردە ئۇيغۇرلارنىڭ جىنسىي ئېڭى باشقا مىللەتلەردىن پەرقلىق، ئۇيغۇردا جىنسى ئاڭ كۈچلۈك، ئاينىغان، بىقسىغان دېگەندەك ھۆكۈملەر ئارقىلىق ئۇيغۇرلارغا پىسخىىك دىئاگنوز قويدىڭىز.
مېنىڭ سۇئالىم، سىز جىنسىيەتنى مۇھەببەتنىڭ ئاساسى دېگەن قاراشىڭىزنى ئەسەرلىرىڭىزگە قانداق تەدبىقلىدىڭىز؟ جىنسىيەتنىڭ مىللىكىنى قانداق ئىسپاتلايسىز؟  ئەسەرلىرڭىزدە قانداق ئەكس ئەتتۈردىڭىز؟ قانداق پىسخولوگىيەلىك تەتقىقاتلار ياكى سىناقلار ئارقىق يۇقارقى قاراشقا كەلدىڭىز؟
سىزنىڭ جىنسىيەت ھەققىدىكى قاراشلىرىڭىزغا ئۇل بولغان قانداق تەلىماتلار بار؟ ئەسەرلىڭىزدە بۇنى تەپسىلاتلارغا قانداق سىڭدۈردىڭىز؟ ئۇيغۇرنىڭ پەرقلىق جىنسىيىتى ھەققىدىكى ھۆكمىڭىزنىڭ ئاساسى نېمە؟ بۇ ھۆكمىڭىز ئەسەرلىرىڭىزدە قانداق ئىپادىلەندى؟
ئەرتۈرك:
بۇ ھەقتە ئالدىنقى بىر مەزگىلدە «داڭلىق تورى»دا ئۆزەمنىڭ جىنسىيەت قاراشلىرىم، مىللىي ئاڭ ۋە بۇنىڭدا ئەكىس ئېتىدىغان جىنسىي ئالاھىدىلىك ھەققىدە قىسقىچە توختالغانىدىم. جىنسىيەت ھەققىدە مېنىڭ يېتەرلىك بىلىمىم يوق، پەقەت ھاياتلىق تەجرىبىلىرىم، ھېس قىلغانلىرىم بار. ھېس قىلغان نەرسىنىڭ توغرا-خاتالىقىنى ئايرىماق تەس، بولۇپمۇ جىنسىيەت مەسىلىسىدە ھەر كىمنىڭ ئۆزىگە خاس ئويلىغانلىرى، ئۇ يەر-بۇيەردىن ئاڭلىۋالغان، ئۆگىنىۋالغان نەرسىلىرى بولىدۇ. بىز تېخى جىنسىيەت مەسىلىسىنى سىستېمىلىق تەتقىق قىلغۇدەك بولمىدۇق، دىن،  پەلسەپە، پىسخولوگىيە، سەنئەت قېتىدىن جىنسىيەت ئامىللىرىنى ئىزدەش سەپىرىنى ئەمدى باشلىدۇق. ئەسەر يېزىۋاتقاندا ئادەم مەركەز بولىدۇ، ئادەم دېگەن ئەلۋەتتە ھەر خىل بولىدۇ.  ئادەمدە ھەممە ئىنسانغا ئورتاق ئالاھىدىلىك، تەبىئەت، خۇسۇسىيەتتىن باشقا، ئۆزىگە خاس كىملىكى، ئۆزگىچە ئالاھىدىلىكلىرى بولىدۇ. ئۇنداقتا جىنسىيەت ۋە مۇھەببەتمۇ مۇشۇ ئۆزگىچىلىكتىن نېسىۋە ئالامدۇ؟ ئىجادىيەتتە بۇ مېنىڭ قىزىقىدىغان نۇقتام، ئەمما پسخولوگىيىلىك تەتقىقات نىشانىم ئەمەس. «جىنسىيەت مۇھەببەتنىڭ يىلتىزى» دېگەن يازمامدىكى جىنسىيەت چۈشەنچىلىرى تېگى تەكتىدىن ئالغاندا فروئىدنىڭ نەزەرىيسىدىن ئالغان كونا تەسىراتىم، ئۆزەم ھېس قىلغان، توغرا تاپقان ئازغىنە چۈشەنچىلىرىم ئاساسىدا بارلىققا كەلگەن. مەن بۇ قاراشنى ھېلىمۇ  توغرا دەپ قارايمەن. ئەمما فروئىد جىنسىي ئىستەك ۋە ئۇنىڭ دائىرىسىنى ھەممە ساھەگە دېگۈدەك كېڭەيتىۋەتكەن، جىنسىيەتنىڭ رولىنى زىيادە مۇبالىغە قىلىۋەتكەن. شۇڭا بۇ نۇقتىغا ئاگاھ بولۇش كېرەك. فىروئىدنىڭ شاگىرتى كارل گۇستاف جۇڭ «لىبىدونىڭ ئۆزگىرىشى ۋە سمۋول» ناملىق ئەسىرىدە  فىروئىدنىڭ يوشۇرۇن ئاڭنىڭ مەنبەسى جىنسىيەت، ئادەمدە يوشۇرۇن ئاڭ (ئەسلى ئۆزلۈك)، ئاڭ(ئۆزلۈك)، ھالقىما ئاڭ(ھالقىما ئۆزلۈك)تىن ئىبارەت ئۈچ پسىخىك قاتلام بولىدۇ دېگەن قارىشىغا قوشۇلماي پسخىك قاتلامنى ئاڭ، خۇسۇسىي ئاڭسىزلىق، كوللېكتىپ ئاڭسىزلىق دېگەن ئۈچ قاتلامغا بۆلگەن. فىرئىد لىبىدونى (لىبدونى ئەسلى ئىقتىدار، شەھۋانىيەت، نەپسانىيەت دەپ چۈشىنىش مۇمكىن) بارچە مەنىۋى پائالىيەتنىڭ ئاساسى دېگەن. ئەمما كارل جۇڭ ئۇنى « ئادەمدىكى ھاياتلىق ئىقتىدارى» دەپ قارىغان. فىروئىد ئادەمدە ئاڭ، ئاڭسىزلىق تەڭ مەۋجۇت، ھالبۇكى ئاڭسىزلىق روھىي پائالىيەتنىڭ تەڭدىن تولىسىنى ئىگىلەيدۇ دېگەن ھەمدە ئىككىسىنىڭ مۇناسىۋىتى مۇز تاغقا ئوخشاتقان. ئوكياندا لەيلەپ كېتىۋاتقان مۇز تاغنىڭ سۇغا چۆككەن قىسمى ئاڭسىزلىق، ئۈستى ئاڭ. بىز كۆرۈۋاتقان قىسمى شۇنچىلىك كىچىك، دېمەك ئاڭسىزلىق ئادەمنىڭ ئاساسلىق روھىي ھالىتىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ دېگەن. كارىل جۇڭ بولسا ئاڭسىزلىقنى خۇسۇسىي ئاڭسىزلىق، كوللېكتىپ ئاڭسىزلىققا ئايرىپ تەھلىل قىلغان. كارل جۇڭ بۇ نەتىجىلىرى بىلەن فروئىدنىڭ نەزەرىيىلىرىنى يەنىمۇ بېيتقان ۋە كېتىپ قالغان يەرلىرىنى تۈزەتكەن.
مەن كوللېكتىپ ئاڭسىزلىق (بەزىدە كوللېكتىپ يوشۇرۇن ئاڭ دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ئەمما ئىككىسىنىڭ مەلۇم پەرقى بار) ھەققىدىكى قاراشقا ئاساسەن بىر مىللەتتىمۇ چوقۇم گەۋدىلىك يوشۇرۇن ئاڭ، ئۇنىڭ قېتىدا ھەم جىنسىي ئاڭ بار دەپ ئويلىغانىدىم.  ئۇيغۇرلار توپىدىكى جىنسىي ئاڭنىڭ خاسلىقىنى ئىزدەپ باقماقچى بولغانىدىم، ئەمما بۇ مەسىلىدە چوڭقۇرلىشىپ كېتەلمىدۇم. ئۇيغۇرلارنىڭ ئەپسانە-رىۋايەتلىرى، چۆچەكلىرى، تارىخىي قوشاقلىرىدىن بۇ مىللەتنىڭ جىنسىيەت چۈشەنچىلىرىنى بايقاش مۇمكىن.
14188745.10141
روزىلەم دەيمۇ سېنى،
قوزىلەم دەيمۇ سېنى،
باغدا باققان پاقلىنىم دەپ
ئۆلتۈرۈپ يەيمۇ سېنى.
دېگەندەك قوشاقلاردىن ئۇيغۇرغىلا خاس بولغان جىنسىي ئىستەك، نەپسانىيەت، ئىشتىھا كۈچىنى كۆرەلەيمىز. بۇنداق قوشاقلار باشقا مىللەتلەردىمۇ بولۇشى مۇمكىن، بۇنى سېلىشتۇرۇپ بېقىش كېرەك.

ئومۇمەن ئېيتقاندا، بارلىق مىللەتتە جىنسىي ئىقتىدار، يېتەرلىك ھورمۇن، ئىنتىلىش، ئىستەك بار. بۇ نۇقتىدىن ئالغاندا ئىنساننىڭ ھايۋانلار بىلەن چوڭ پەرقى يوق. ئەگەر جىنسىيەتنى ئىنسانشۇناسلىق، مەدەنىيەت نۇقتىسىدىن كۆزىتىپ، ئۇنى مىللىي ئۆرپ-ئادەت، ئېتىقاد، ئەخلاق مەسىلىلىرىگە چېتىشتۇرغاندا ئوخشىمىغان بىر مۇنچە ئالاھىدىلىكلەر چىقىشى مۇمكىن. مېنىڭ كۆزدە تۇتۇۋاتقىنىم مۇشۇ نۇقتا. جىنسىيەتتە ھەممە ئىنسانغا ئورتاق بولغان تەرەپلەر ئاساسلىق ئورۇندا تۇرىدۇ، بۇنىڭدا شەك يوق. ۋاھالەنكى  ھەر مىللەتكە خاس بولغان تەرەپلەرگىمۇ كۆز يۇمماسلىق كېرەك.  ئۆتكەندە توردا «مەن بۇزۇق قىز بولسام ئەمرىڭىزگە ئالامسىز؟» دەپ بىر تېما يوللاندى. بۇ تېما ئەگەر خەنزۇ، ئىنگىلىزچە تور بەتلەرگە يوللانسا، ئۇيغۇر بىلەن خەنزۇنىڭ ياكى ئىنگىلىزنىڭ بۇ مەسىلىگە تۇتىدىغان پوزىتسىيىسى پەرقلىنىپ چىقىشى مۇمكىن.. كىلىنتون ئاقسارايدا رەسۋا بولدى، ئەمما ئامېرىكىلىقلار ئۇنىڭ جىنسىي قىلمىشىدىن ئەمەس، باشتا يالغان سۆزلىگەنلىكىدىن بەكرەك غەزەپلىنىپتىمىش. ئەگەر بۇ ئەھۋال ئەرەب، مۇسۇلمان ئەللىرىدە يۈز بېرىپ قالغان بولسىچۇ؟   گېپىمىز يىراقلاپ كەتتى، شۇندىمۇ تەكىتلىمەكچى بولغان نۇقتام شۇ، جىنسىيەتنىڭ چېتىلمايدىغان دائىرىسى ئاز. شۇڭا بۇ مەسىلىدە ئومۇمىيلىقنى كۆزدە تۇتۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا خاسلىققىمۇ ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. مەن ئەسەرلىرىمدە فىروئىد، كارىل جۇڭنىڭ نەزەرىيىلىرىدىن مۇۋاپىق ئىلھام ئېلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۆزىمىزگە خاس بولغان كوللېكتىپ يوشۇرۇن ئاڭ، ئېتىقاد، ئەخلاق ئېڭى،  تارىختىن تىندۇرما بولۇپ قالغان پسخىك ئاجىزلىقلىرىمىز، جۈملىدىن يوشۇرۇن جىنسىي ئاڭ... لارنى ئاختۇرۇپ بېقىشقا، ئىپادىلەپ بېقىشقا تىرىشتىم. مەن بۇ جەھەتتە مۇتەخەسىس ئەمەس، يەنىلا ئىزدەنگۈچى.

ئاللاھ تائالا ئادەمنى ياراتتى،  پەرىشتە بىلەن جىن-شەيتانغا ئوخشىمايدىغان قىلىپ ياراتتى. ئادەمگە كىرگۈزۈلگەن روھنىڭ سىرىنى بىر ئاللاھ ئۆزى بىلىدۇ. بۇ روھتا ماددىي تەلەپ بىلەن گىرەلىشىپ كەتكەن جىنسىي ئاڭ، جىنسىي ئىستەك بار. ئاللاھ ھەزرىتى ئادەمنىڭ ۋۇجۇدىدىن ھەۋۋانى ياراتقاندا ئادەم خۇشال بولدى، ئۇنى يېنىمغا كەل دېدى.  شۇندىن بۇيان ئەرلەر ئاياللارنى ئۆز يېنىغا چاقىرىپ كېلىۋاتىدۇ. بەزىلەرنىڭ گۇمانىچە ئادەم بىلەن ھەۋۋا يېگەن چەكلەنگەن مېۋە دەل جىنسىي ئالاقىدىن ئىبارەت. ئۇ ھالدا  ئىككى جىنسنىڭ بىرلىشىشى بەخت دەپ قارالغان بىلەن بۇ بەخت گۇناھ، ئاسىيىلىق ئۈستىگە قۇرۇلغان بولىدۇ... خرىستىئانلار «ئەسلى گۇناھ» دەپ ئاتىغان بۇ ئىشقا سەۋەب بولغان ئاڭنى فىروئىد چوڭقۇر تەتقىق قىلىپ پسخىك ئانالىز نەزەرىيىسىنى تىكلىدى. فرئىد تەۋرات، ئىنجىللارنى ئوقۇپ تەھلىل قىلىپ،  ئۆز تەلىماتىغا دەلىل ئىزدىدى. فروئىد تەلىماتى بىلەن تەۋرات، ئىنجىلدا ئېيتىلغان جىنسىيەتكە ئائىت مەزمۇنلارنىڭ مۇناسىۋىتىنى ئۇنىڭ «مۇسا ۋە بىر خۇدالىق دىن» ناملىق ئەسىرىنى ئوقۇپ بىلىش مۇمكىن.  مەن مۇشۇ كىتابنى ئوقۇسام ئاندىن بۇ سوئالىڭىزغا جاۋاب بېرەلەيمەن.

گۈلەن:
سىز ھېلىمۇ توغرا دەپ قارايدىغان فرويىد تەلىماتى ئىلمىيلىكىنىڭ، تەجرىبىۋىي ئاساسىنىڭ يوقلىقى سەۋەبلىك كوپىنچە ئالىملار تەرىپىدىن ئاللىقاچان رەت قىلىندى.
(مەنبە: http://en.wikipedia.org/wiki/Psychoanalysis)

ئەمما
بۇ قاراشنى قوللايدىغانلار ھېلىمۇ مەۋجۇد. ئەمما غەرپتە بۇ بۇ ئىدولوگىيە مەسىلىسى،  پەن مەسىلىسى ئەمەس، خۇددى قايسى سىياسىي ئېقىمغا ئەگىشىش شەخسنىڭ ئەركىنلىكى  بولغاندەكلا. ھازىر پىسخولۇگلار ئىنساندىكى تۇغما ئىقتىدارلار(سۆزلەش، كۆرۈش، ئاڭلاش، ئۇخلاش...)نىڭ ھەممىسىنىڭ مىڭىدە ماددى ئاساسى بولىدۇ دەپ قارايدۇ. مەسىلەن ئادەمنىڭ تىل ئىقتىدارى سول مىڭىدە، گرامماتىكا ئىقتىدارى بروكا رايۇنىدا، سۆزلۈك ئىقتىدارى ۋېرنىكا رايۇنىدا) ئەگەر فرويىد ئوتتۇرىغا قويغان يوشۇرۇن ئاڭ(ئاڭسىزلىق) بار بولسا ئۇنى مېڭىنىڭ قايسى قىسمى، قايسى رايۇندا بىر تەرەپ قىلىدۇ؟ ھازىرغىچە تەجرىبىدە بۇنداق ئىسپات تېپىلمىدى. بۇلارنى ئىسپاتلايدىغان ماشىنا ئاللىقاچان ئىجاد قىلىنپ ئىشلىتىلمەكتە، مەن تىلغا ئائىت تەجرىبىنى كۆردۈم.

سىز دېگەن كوللېكتىپ يوشۇرۇن ئاڭ مەسىلىسىگە كەلسەك،   يوشۇرۇن ئاڭنىڭ ئىسپاتىنى تاپالماي تۇرۇپ كوللىكتىپ يوشۇرۇن ئاڭنىڭ ئىسپاتىنى نەدىن تاپىمىز؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە كارل گۇستاف يوڭمۇ كۆللىكتىپ يوشۇرۇن ئاڭنىڭ مىللىيلىكى ھەققىدە يازمىغانكەن:

(مەنبە: http://en.wikipedia.org/wiki/Collective_unconsciousness)

سىز
فرويىدنىڭ «مۇسا ۋە بىر خۇدالىق دىن» دېگەن كىتابىنى تىلغا ئاپسىز ۋە بۇنى دىن بىلەن جىنسىيەتنى ڭ مۇناسىۋىتىنى چۈشەندۈرىدۇ دەپ تاشلاپسىز ئۇنداق ئەمەسكەن،  كۆپىنچە ئالىملار بۇ كىتابنىمۇ رەت قىپتۇ:
(مەنبە: http://en.wikipedia.org/wiki/Moses_and_Monotheism )
مەن پىسخولۇگ ئەمەس، لېكىن يازغۇچىلىرىمىز مىللىتىمىزدىكى ئۇ ئاڭ، بۇ پىسخىك ئاجىزلىق دەۋەگەندىن كېيىن ۋاقىت چىقىرىپ زادى پىسخولۇگىيەدە شۇنداق گەپ بارمۇ يوقمۇ دېگەننى بىلىپ بېقىش ئۈچۈن ئىزدىنىپ كۆردۈم.  ئسزىڭىزدە بولسا مەن ئۆتكەنكى يازمامادا بۇ ھەقتە سىز بىلەن ئورتاقلاشقان، بۇ تېمامغا سىز ۋە ئادىل تۇنىيازنىڭ خەلقىمىزنىڭ يېرىم ئېڭى جىنسى ئاڭ يېرىم ئېڭى دىنى ئاڭ دېگەن ھىچ قانداق پەننى ئاساسى يوق گەپ سەۋەپ بولغانىدى.

ئەرتۈرك:

گۈلەن توردىشىمىز ئەستايىدىل ئىنكاس قايتۇرۇپتۇ. شۇنداقتىمۇ بىر نەچچە نۇقتىدا ئىزاھات بېرەي: مەن  فىرئىد تەلىماتىنىڭ پايدىلىنىشقا بولىدىغان بىر قىسىم تەلىماتلىرىنى توغرا دەپ قارايمەن،  ئۇنىڭ ھەممىنى جىنسىيەتكە باغلىۋالىدىغان ئاشقۇنلۇقىنى رەت قىلىش كېرەك. تەلىماتچىلار كۆپ ھاللاردا ئۆز نەزەرىيىسىنى چوڭ بىلىپ كېتىپ ئالەم ۋە ئادەمنى ئۆز نۇقتىسىدىن شەرھلەشكە ئۇرۇنۇپ باقىدۇ. بۇ فىرئىدتىلا ئەمەس، باشقا مەشھۇرلاردىمۇ كۆرۈلىدىغان بىر سەۋەنلىك. مەسىلەن، دارۋىن ئادەمنى مايمۇندىن ئەقىللىق ھايۋان دېسە،  بەلگىشۇناسلار ئادەمنى پەقەت بىر بەلگە دەپ قارايدۇ. شۇڭا ئىجتىمائىي پەندە ئادەمنى قايمۇقتۇرىدىغان نەرسە مۇبالىغىدۇر. ئۇيغۇرلارنىڭ يېرىم ئېڭى جىنسىيەت، يېرىم ئېڭى دىن دېگەن پىكىرمۇ ئەمەلىيەتتە مۇبالىغىدۇر، ھېسسىي يەكۈندە ئاشۇرۇۋېتىشتۇر.

مەن پايدىلىنىشقا بولىدۇ دەپ قارايدىغان فىروئىد تەلىماتىنى سىز ئىلمىيلىكىنىڭ، تەجرىبە ئاساسىنىڭ يوقلۇقى سەۋەبىدىن كۆپىنچە ئالىملار تەرىپىدىن ئاللىقاچان رەت قىلىندى دەپ يەنە مۇبالىغە قىلىۋېتىپسىز. شۇ كۆپىنچە ئالىملارنىڭ بەرگەن رەددىيەلىرىنى قاتار تىزىپ باققان بولسىڭىز. روھىي ئانالىز نەزەرىيىسى ئۆتكەن ئەسىردە دەۋر بۆلگۈچ تەسىر قوزغىغان، پەلسەپە، ئەدەبىيات-سەنئەت، ھەتتا رەسساملىق ۋە مۇزىكىغىچە تەسىر كۆرسەتكەن مۇھىم نەزەرىيە. ئۇنىڭ تەجرىبە ئاساسى خېلىلا كۈچلۈك، چۈنكى فىرئىد ئەسلىدە دوختۇر، ئۇ نۇرغۇن نېرۋا كېسەللىكلىرىنى داۋالاش جەريانىدا توپلىغان تەجربىلىرىنى يەكۈنلەش ئاساسدا ئاندىن ئۇ نەزەرىيىنى بارلىققا كەلتۈرگەن. ئەگەر ئۇنىڭ ئىلمىي ئاساسى، تېببىي تەجرىبە ئاساسى بولمىسا، ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدە ئۇنچە تەسىر قوزغىيالىشى ۋە ئۆز ئەگەشكۈچىلىرىنى مەيدانغا كەلتۈرەلىشى مۇمكىنمىدى؟ مەن فىروئىدچى ئەمەس، پەقەت ئۇنىڭ دۇنيا ئەدەبىياتىغا كۆرسەتكەن تەسىرىنى بىلىپ بېقىش داۋامىدا بەزى نەزەرىيىلىرى بىلەن تونۇشتۇم. گەرچە تومتاق بولسىمۇ روھىيەت قاتلاملىرى ھەققىدە بىر قەدەر ئېنىق چۈشەنچىلەرگە ئىگە بولدۇم.

مېڭىدىكى سەزگۈ رايونلىرى ھەققىدە گەپكە كۆچۈپ كېتىپسىز. مېنىڭچە ئۇنىڭ پىسخولوگىيە، بولۇپمۇ روھىي ئانالىز نەزەرىيىسى بىلەن ئانچە مۇناسىۋىتى يوق. ئاللاھ ئۇنى مېڭىمىزگە شۇنداق ئورۇنلاشتۇرغان، ئالىملارمۇ ئاللاھ بىلدۈرگەن ئىلىم دائىرىسىدە شۇنچىلىك بىلەلىگەن.
يوشۇرۇن ئاڭنىڭ ئىسپاتىنى  فىروئىد ساراڭلاردىن بايقاپتىكەن، «چۈش تەبىرى» دېگەن كىتابىدا يوشۇرۇن ئاڭنىڭ چۈش مۇھىتىدىكى ئالامەتلىرىنى تەھلىل قىلىپ، ساراڭلارنى ساقايتىپ ئاندىن بۇنىڭدىن ھەيران قېلىپ، نەزەرىيە تىكەش ئۈچۈن ھاياجان بىلەن  كىتاب يېزىپتىكەن. ئىنسان ئۆزى ئۇچراۋاتقان بېسىم ۋە ئۇنى يەڭگىللىتىش ئوتتۇرىسىدا تىركىشىدىغان مەخلۇق. بۇنىڭ ئىچىدە جىنسىيەتتىن ئۇچرىغان بېسىم بىر قەدەر گەۋدىلىك... دەپ ئوتتۇرىغا قويۇپتىكەن. شاگىرتى كارىل جۇڭ ئادەم پەقەت ئۆزى بىلەنلا ئادەم ئەمەس، بىز بىلەن مەن قوشۇلغاندا ئاندىن مۇكەممەل مەن بولىدۇ دېگەننى تۇتقا قىلىپ، كوللېكتىپ يوشۇرۇن ئاڭ دېگەن ئۇقۇمنى پەيدا قىلىپتۇ. بىز بۇنىڭدىن مىللەتنىڭ يوشۇرۇن ئېڭى دېگەن قىياسنى كەلتۈرۈپ چىقاردۇق. چۈنكى كارىل جۇڭنىڭ كوللېكتىپ يوشۇرۇن ئاڭ دېگىنى ئەمەلىيەتتە جەمئىيەت (بىر توپ ئادەم) ئىچىدىكى بىر ئادەمدە ئىپادىلىنىدىغان خاراكتېر. ئۇ مۇنداق دېگەن: «ئىنسان خاراكتېرى مەدەنىيەتنىڭ ئەڭ ئاخىرقى نەتىجىسى»،   ئۇنىڭ قارىشىچە، خاراكتېر ئەمەلىيەتتە سموۋۇللۇق نىقاپ. بۇ نىقاپ ئادەمنىڭ يوشۇرۇن ئېڭىنى، جۈملىدىن كوللېكتىپ يوشۇرۇن ئاڭنى نىقاپلايدۇ. بىز ئۆز خاراكتېر نىقاۋىمىزنى تاقاپ جەمئىيەتتە رول ئالىمىز، نىقاۋىمىز بەدەن تىلى ( Body language ) ، كىيىم-كېچەك، زىننەت بويۇملىرى... ئارقىلىق نامايەن بولىدۇ.  ئۆزلۈكنى قوغداش ئېڭى خۇددى نازارەت ئورگىنىغا ئوخشاش بىزنى جەمئىيەت بىلەن ماسلىشىشقا ھەيدەپ تۇرىدۇ. خاراكتېر نىقاۋى جەمئىيەتنىڭ مەھسۇلى...  دېمەك، كوللېكتىپ يوشۇرۇن ئاڭ ئەمەلىيەتتە ئاشۇنداق نەرسە. ئەجىبا ئۇيغۇرنىڭ ئۆزىگە خاس ئومۇمىي خاراكتېرى يوقمۇ؟  « قېنى ئۇ كوللېكتىپ يوشۇرۇن ئاڭ، قېنى ئۇ ئۇيغۇرلارنىڭ زۇلمەت ئېڭى؟» دېسىڭىز، ئۇنى دەرھال چىقىرىپ سىزگە كۆرسەتكىلى بولمايدۇ، ئۇنى پەقەت شۇ مىللەتنىڭ  خاراكتېرى، ئېتىقادى، ئىش-مەيلى، مەدەنىيىتى، يۈرۈش-تۇرۇشى، سەنئىتى... دىكى ماھىيەتلىك ئامىللاردىن، پات-پات كۆرۈلىدىغان پاجىئەلىك ۋەقەلەردىن ھېس قىلالايسىز.
ئاڭغا ئائىت مەسىلىلەرنى خىمىيىلىك تەجرىبە ياكى فورمىلا ئارقىلىق تەجرىبە قىلىپ سۈزۈۋالغىلى بولمايدۇ-دە، ئۇنى پەقەت روھنىڭ تەجەللىسىدىن، ھەرىكەتتىكى ئىپادىلىرىدىن سېزەلىشىڭىز مۇمكىن. كوللېكتىپ يوشۇرۇن ئاڭ ھەققىدە گەپ بولغاندا شۇ مىللەتنىڭ ئەزاسىنى، مەلۇم بىر شەخسنى بەكرەك كۆزدە تۇتۇش كېرەك. بەزى نەزەرەيىچىلەر يېقىندا « ئادەم بىزنىڭ ئاتىمىز، ھاۋا بىزنىڭ ئانىمىز، جىمى ئىنسان بىزنىڭ ئەجادادىمىز، مىللەت دېگەن پەقەت تەسەۋۋۇردىكى بىردەكلىك» دېگەن قاراشنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئىجتىمائىي پەن  تەجرىبە بىلەن ئېنىق ئىسپاتىلىغىلى بولىدىغان كاتىگورىيە بولسا ئىدى، بۇنداق مۇنازىرىلىشىشنىڭ ھاجىتى قالمايتتى.  «ئىدىيە توغرا بىلەن خاتالىق ئارىسىدا ئەمەس، ئەقىل بىلەن ئەقىلسىزلىك ئارىسىدا تەۋرىنىپ تۇرىدۇ» __ كارل جۇڭ
مەن تېخى فىروئىد تەلىماتىنى دىن بىلەن باغلاشتۇرۇپ تەھلىل قىلغۇدەك بولمىدىم. پەقەت دەسلەپكى تەسىرات ۋە قىياسلىرىمنى ئوتتۇرىغا قويۇپ باقتىم. «مۇسا ۋە بىر خۇدالىق دىن دېگەن كىتاب»نى كۆرۈپمۇ باقمىدىم، ئەگەر ئۇ كىتاب رەت قىلىنغان بولسا ئۇنى كۆرۈشۈمنىڭ ھاجىتى يوق. فىروئىد ئەسلىدە دوختۇر، كېيىن پىسخولوگ بولغان، ئەمما ئۇ دىنشۇناس ئەمەس. شۇڭا دىننى ئۇنىڭدىن چۈشىنىش ئەخمىقانىلىق. يەنە كېلىپ مەن ئىسلامنى ھەرگىز فىروئىدنىڭ تەلىماتى ئارقىلىق چۈشەنمەيمەن، چۈنكى فىروئىدتا دارۋىنىزمنىڭ پۇرىقى كېلىپ تۇرىدۇ.
مېنىڭ ئامېرىكا، كىلىنتون، ئەرەبلەر ھەققىدە تىلغا ئالغانلىرىم كوللېكتىپ ئېتىقاد، ئەدەب-قائىدە ۋە ھەر جەمئىيەتنىڭ ئومۇمىي ھەم ئۆزگىچە تەرتىپى، كەيپىاتى بىلەن ئالاقىدار ئىشلاردۇر. نوقۇل پىسىخولوگىيە ۋە بىر قاتار نەزەرىيەلەرنى سۆزلەۋەرگەندىن بىرەر سىياسىي ۋەقە ياكى يۇمۇر ئارقىلىق تومتاق بولسىمۇ ئىپادىلەپ بېرىش ئادەمگە راھەت بېغىشلايدۇ. بىر ئىنگىلىز، بىر ياپون، بىر جۇڭگولۇق، بىر ئۇيغۇر... دەپ باشلىندىغان بىر مۇنچە يۇمۇرلار بار، شۇلاردىمۇ كوللېكتىپ ئاڭغا ئائىت بىر نەرسە، بىر ئۆزگىچىلىك، بىرەر غەيرىيلىك بولمىسا ئۇنىڭدىن يۇمۇر چىقمايدۇ-دە. مەن مەسىلىنى چوڭقۇر باشلىۋالغان بىلەن ئاخىرىدا شۇنداق ئاددىي چۈشىنىمەن،  ھەممە نەرسە ئاخىرىدا ئاددىيلىققا قايتىدۇ دەپ ئويلايمەن.
سىز ھاراقخۇمارلىق، مەستلىكنى ئىنسانلار مەدەنىيىتى، يۈكسەك ئاڭ ۋە ئىجتىمائىي تەرتىپ ئاياغلاشتۇرالايدۇ دەپ قارايدىكەنسىز، مەن ئۇنداق قارىمايمەن. ئىنسانلار شۇنچە تەرەققىي قىلىپ، يۈكسەك ئاڭغا ئىگە بولغان 20-ئەسىردە، تېخى مەدەنىيەتتە ئەڭ ئىلغار كەتكەن ياۋروپادا ئىككى دۇنيا ئۇرۇشى يۈز بەردى. ئۆزىنى مەدەنىيەتلىك ھېسابلايدىغان ياۋروپالىقلارنىڭ ئىدىئولوگىيىسى قاتتىق تەۋرەندى، روھى ئېغىر زەربىگە ئۇچرىدى، چۈشكۈنلۈك، ئۈمىدسىزلىك ئەۋج ئالدى. قېنى شۇ چاغدىكى ئىجتىمائىي تەرتىپ، قېنى شۇ چاغدىكى ئەقلىيەت ۋە يۈكسەك ئاڭ؟ 21-ئەسىر كىرگەندە يەنە نېمە ئىشلار بولۇۋاتىدۇ؟  ئۈمىدنى ئىنسانلار ئېڭىغا باغلاش خىيالىي سوتسىيالىزىمدەك تۇيۇلىدۇ ماڭا.
گۈلەن:
ئەرتۈركنىڭ جاۋابىغا كۆپ رەھمەت. مەنمۇ بىلگىنىمنى دەپ باقاي:
ئەرتۈرك: فىروئىد تەلىماتىنى سىز ئىلمىيلىكىنىڭ، تەجرىبە ئاساسىنىڭ يوقلۇقى سەۋەبىدىن كۆپىنچە ئالىملار تەرىپىدىن ئاللىقاچان رەت قىلىندى دەپ يەنە مۇبالىغە قىلىۋېتىپسىز. شۇ كۆپىنچە ئالىملارنىڭ بەرگەن رەددىيەلىرىنى قاتار تىزىپ باققان بولسىڭىز...
جاۋاپ، مەن رەت قىلغان ئالىملارنىڭ پىكىرلىرنى ئۇلانما قىلىپ بېرىپ قويدۇم، ئۆزىڭىز ئوقۇپ كۆرۈڭ، سېكۇنت ئىچىدە ئېچىلىدۇ. مېنىڭ ئۇلارنى يەنە يېزىپ ئولتۇرۇشۇمغا ھاجەت بارمۇ؟
ئەرتۈرك: ئەگەر ئۇنىڭ ئىلمىي ئاساسى، تېببىي تەجرىبە ئاساسى بولمىسا، ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدە ئۇنچە تەسىر قوزغىيالىشى ۋە ئۆز ئەگەشكۈچىلىرىنى مەيدانغا كەلتۈرەلىشى مۇمكىنمىدى؟
جاۋاپ، ئىجتىمائى پەن ساھەسىدە تەسىز قوزغىغان نەزەرىيەلەرنىڭ ھەممىسى رەت قىلغۇسىز بولىدۇ دېگەن قائىدە يوق. مەسىلەن دارۋىنىزىم، ماركىسىزىم، سىز بۇلارنىڭ ئىجتىمائى پەنلەر ساھەسىدىكى تەسىرىنى رەت قىلغۇسىز دەپ قارامسىز. ئارىستوتىلنىڭ يەر مەركەز تەلىماتى غەرپ ئىدولوگيەسىگە مىڭ يىلدىن ئارتۇق ھۆكۈمرانلىق قىلغان، ئەگەر كۈچلۈك تەسىر قىلغان نەزەرىيە ئىنكارسىز بولىدۇ دېيىلسە بۇنىڭغا نېمە دەيمىز؟
ئەرتۈرك: روھىي ئانالىز نەزەرىيىسى ئۆتكەن ئەسىردە دەۋر بۆلگۈچ تەسىر قوزغىغان، پەلسەپە، ئەدەبىيات-سەنئەت، ھەتتا رەسساملىق ۋە مۇزىكىغىچە تەسىر كۆرسەتكەن مۇھىم نەزەرىيە. ئۇنىڭ تەجرىبە ئاساسى خېلىلا كۈچلۈك، چۈنكى فىرئىد ئەسلىدە دوختۇر، ئۇ نۇرغۇن نېرۋا كېسەللىكلىرىنى داۋالاش جەريانىدا توپلىغان تەجربىلىرىنى يەكۈنلەش ئاساسدا ئاندىن ئۇ نەزەرىيىنى بارلىققا كەلتۈرگەن.
جاۋاب، ئەسلى مەن قالدۇرغان ئۇلانمىنى ئۇقۇپ باققان دوستلارغا بۇ يەردە بۇنى چەشەندۈرۈشنىڭ ھاجىتى يوق ئېدى. ئۇلانمىدىكى مەزمۇن ئىنگىلىزچە بولغاچقا گەرچە ئەرتۈرك چۈشەنسىمۇ ھازىرچە ئىنگىلىزچە چشەنمەيدىغان دوستلار ئۈچۈن، مەن قالدۇرغان ئۇلانمىنى ئازراق ئۇيغۇرچىلاشتۇرىۋېتەي. مەنبە مەن كۆرسەتكەن ئۇلانما شۇ، شۇڭا بۇ يەردە مەنبەنى قايتا ئەسكەرتمەيمەن.
فرويىد نەزەرىيەسىنىڭ ئەڭ چوڭ ئاجىزلىقى ئۇنىڭ تەجرىبىۋى ئاساسىنىڭ يوقلىقى. چۈنكى پىسخولوگىيە ئەرتۈرك ئېيتقاندەك ئىجتىمائى پەن ئەمەس، «شۇڭا ئىجتىمائىي پەندە ئادەمنى قايمۇقتۇرىدىغان نەرسە مۇبالىغىدۇر.» دەپ يازغان ئەرتۈرك بۇ پەننى خاتا چۈشىنىپ قاپتۇ. تەبىئى پەن تەتقىقاتىدا ئەقلى ئانالىز بىلەن تەجرىبە ئاساس قىلىنىدۇ. فرويىد ئوتتۇرىغا قويغان يوشۇرۇن ئاڭ تەجرىبەچىلەر تەرىپىدىن ئىسپاتلانمىدى. (ئۇلانمىغا قاراڭ، مەن پەقەت تەرجىمە قىلىپ قويدۇم)، شۇڭا كوللىكتىپ يوشۇرۇن ئاڭنى ئىسپاتلاشقا ھاجەت يوق.
فرويىد ھەتتا داۋالىغان كېسەللىرىنىڭ تولۇق ئىسىم فامىلىسى ۋە ئارخىبىنىمۇ تەمىنىلىمىگەن. بۇ دوختۇرلۇقتا قوبۇل قىلىنمايدۇ. دوختۇر دېگەن داۋالىغان كېسىلىنىڭ ئارخىبىنى تۇرغۇزىدۇ. ( مەنبە ئۈچۈن، ئۇلانمىغا قاراڭ)، شۇڭا ئۇنىڭ كىتابلىرىدا تىلغا ئېلىنغان بىمارلارنىڭ زادى ساقايغان ساقايمىغانلىقى ئېنىق ئەمەس.(ئۇلانمىغا قاراڭ)
ئەرتۈرك: مېڭىدىكى سەزگۈ رايونلىرى ھەققىدە گەپكە كۆچۈپ كېتىپسىز. مېنىڭچە ئۇنىڭ پىسخولوگىيە، بولۇپمۇ روھىي ئانالىز نەزەرىيىسى بىلەن ئانچە مۇناسىۋىتى يوق.
جاۋاب، مەن سىزگە ئەمەس مۇشۇ يازغۇچى ئاغىنىلەرگە شۇنى دېگۈم كېلىدۇ، ئالدىراپ ھۆكۈم قىلماڭلار، بىلمىسەڭلەر كىتاپ ئوقۇڭلار، دەپ. ھەممە نەرسە شىئېر ياكى ھىكايە ئەمەس نېمە دېسە بولۇۋېرىدىغان، ئىلھامغا تايىنىدىغا...سىز پىسخولوگىيە دېگەن سۆزنى بىر گوگۇلدىن ئاختۇرپ بېقىپ، ياكى ئېلىكتۇرۇنلۇق لۇغەتتىن قاراپ بېقىپ يۇقارقى گەپنى قىلغان بولسىڭىز بۇنداق خاتالاشمايتتىڭىز.
سىزچە سەزگۈ(مەنغۇ ئۇنداق دېمىگەن) پىسخولوگىيەنىڭ تەتقىقاتىغا مەنسۇپ ئەمەسمۇ؟، پىسخىك ھادىسىلەر مىڭىدە ئەمەس نەدە پەيدا بولىدۇ؟ ئەگەر سىز دېگەندەك مۇناسىۋېتى يوق بولسا سىز ئىسپاتلىدىڭىزمۇ ياكى بىر يەردىن ئوقۇدىڭىزمۇ؟ نەدىن بىلدىڭىز؟
يۇقارقى ئارتۇقچە چۈشەندۈرۈشلىرىڭىز، سىزنىڭ مەن قالدۇرغان مەنبەگە قاراپمۇ باقماي، ياكى باشقا مەنبەلەردىن پىسخولوگىيەگە ئائىت مەزمۇنلارغا سېلىشتۇرۇپ باقماي پىكىر قىلىۋاتقانلىقىڭىزنى كۆرسىتىدۇ. ھىچ بولمىغاندا پىسخولوگىيەنىڭ تەتقىقات ئوبېكتىنى...
بۇندىن باشقا سىزنىڭ پىسخولوگىيەنى ئىجتىمائى پەن دەپ قاراپ ئىدولوگىيە بىلەن پەننى ئارىلاشتۇرۇۋالغانلىقىڭىز سەۋەبىدىن بولغان.
مېنىڭ بۇ مۇنازىرىگە چۈشۈشمنى دوستلار مەمەدانىلىق دەپ چۈشنىپ قاپتۇ. ئەلۋەتتە ئەنۋەر مۇھەممەدتەك شۆھرەتلىك يازغۇچىلار بىلەن مۇنازىرىلىشىۋاتقان پىقىر جامائەتكە شۇنداق تۇيۇلىدۇ، بولۇپمۇ ھەج پەرزىنى ئادا قىلغان، دىنغا دائىر ماقالىلىرى بىلەنمۇ ئالقىشلىنىۋاتقان تونۇلغان يازغۇچى بىلەن تالىشىش سەل بىئەدەپلىكتەك تۇيغۇ بېرىدۇ. ئەمما پەندە، بۇنداق قىلساق بولمايدۇ. پەن مەسىلىسدە نېمە ئىسپاتتىن ئۆتكەن بولسا شۇ توغرا، قايسى ئۇلۇق يازغۇچى شۇنداق قارىغانلىقى ئۈچۈن توغرا ئەمەس.مەنچە پىسخولوگىيە ھەققىدە گەپ ئېچىۋاتقان ئادەمنى شۇ پەننىڭ تەبىرىنى بولسىنۇ توغرا چۈشىنىشكە دەۋەت قىلىش يامان ئىش ئەمەس.
ئەسلى مەن مىلليلىككە مەنسۇپ ھادسىلەر( چۈشەنچە، پوزىتىسىيە، ئادەت، مۇراسىم، ئۇدۇم، ئىرىم...)نى قايسى پەن تەقتىق قىلىدۇ ، نېمىلەر مىللىيلىككە ئىگە نېمىلەر مىللىيلىككە ئىگە ئەمەس دېگەنلەر ھەققىدە ئەرتۈرك بىلەن بۇرۇنلا مۇنازىرە قىلىشقان،م، « گەرچە سىلى يازغانلىرىمنى تەپسىلى ئوقۇمىسىلىمۇ مەن ئۇقۇيدىغانلار ئۈچۈن ئېنىقراق بايان قىلاي. بىر مىللەتنىڭ مەلۇم شەيئى ھەققىدىكى چۈشەنچىسى شۇ شەيئىى بىلەن مۇتلەق سەۋەپ نەتىجىلىك باغلىنىشقا ئىگە بولمايدۇ. مەسىلەن، ئۇيغۇرلار بۆرىنى تۇتىم قىلغان(ئەجدادىمىز دەپ قارىغان)، بۇ يەردە بۆرە ھەرگىزمۇ باشقا ھايۋانلاردىن ئۇلۇغ ھايۋان بولغانلىقتىن ئەمەس، ھىندىلار كالىنى تۇتىم قىلغان بۇمۇ كالىنىڭ ئۇلۇغلىقىدىن ئەمەس. ئەگەر بىر مىللەتنىڭ چۈشەنچىسىنى شۇ شەيئى بىلەن باغلىنىدۇ دېسەك چاشقاننى تۇتېم قىلغان مىللەتلەرنىڭ بۇ چۈشەنچىسىنى ئىسپاتلىيالماي قالىمىز. ئۇيغۇرلاردىكى جىنسىيەتكە دائىر چۈشەنچە ئۇلاردا ئىنسانىيەتكە ئورتاق پىزولوگىيەلىك جىنسىي ئىھتىياجدىن پەرقلىق بىر ئىھتىياج بار دېگەنلىك ئەمەس(يەنى سىز سوھبەتتە تىلغا ئالغاندەك.ئارتۇق، كەم، كۈچلۈك، ئاجىز،ئاينىغان، بىقسىغان ۋاھاكازا). جىنسىيەت ماسلوۋ ئېيتقاندەك پۈتكۈل ئىنسانغا خاس ئىھتىياج، بۇ ئىھتىياج ھەققىدە ئۇيغۇرلار پەرقلىق تونۇشقا ئىېگە، خۇددى ھىندىلار كالا ھەققىدە پەرقلىق چۈشەنچىدە بولغاندەك. بۇلارنى دېيىشتىن مەقسىدىم، پىسخولوگىيەنىڭ ئىنساننى تەتقىق قىلىشى بىلەن ئىنسانشۇناسلىقنىڭ ئادەمنى تەتقىق قىلىشىدىكى پەرقنى چۈشەندۈرۈش. پىسخولوگىيە ئىنسان تۈركۈملىرىدىكى چۈشەنچە پەرقىنى ئەمەس ئىنسانلارغا ئورتاق بولغان پىسىىك ھادىسىلەرنى تەتقىق قىلىدۇ. مەدەنىيەت ئىنسانشۇناسلىقى دەل ئىنسان تۈركۈملىرىدكى خاسلىقلارنى ( مەسىلەن ئۇيغۇرنىڭ ئۇ چۈشەنچىسى، ياپۇننىڭ بۇ ئادىتى، رۇسنىڭ بۇ قارىشى دېگەندەك) تەتقىق قىلىدۇ. مۇشۇ مەنىدە ھاجەت قىلىش جەريانىدا كۆرۈلىدىغان نېرۋا سىستېمىسىغا ئالاقىدار مەسىلىلەرنى پىسخولوگىيە، ھاجەتخانىنىڭ نەدە بولۇشى، قانداق بولۇشى، ھاجەت قىغاندا قايانغا يۈزلىنىش، قايانغا يۈزلەنمەسلىك قانداق ئولتۇرۇش ياكى ئولتۇرماسلىق ھەققىدىكى پەرقلىق مىللەتلەردىكى چۈشەنچە مەسىلىسىنى مەدەنىيەت ئىنسانشۇناسلىقى تەتقىق قىلىدۇ...»
لېكىن نېمە ئۈچۈنكى ئەرتۈك ئوقۇپ باقمىغاندەكلا گېپىنى تەكرارلاۋەردى. ئەلۋەتتە بىر ئادەمنىڭ بۇرۇندىن توغرا دەپ قارايدىغان، پىسخولوگىيەگە ئائىت بىردىنبىر ساۋادىغا ئۇنداق ئەمەس دېگەنلىك ئۇ كىشىنى مەھرۇمۇققا مەھكۈملەيدۇ، ئەمما نىمىشكە دۇنيادا بىز توغرا دېگەن نەرسىنىڭ خاتا بولۇش ئىھتىمالىقىنى قوبۇل قىلالمايمىز. بەلكىم بۇ داڭلىقلاردىكى ئورتاق پىسخىكا بولۇشى مۇمكىن. ئەينى چاغدا مەمتىمىنى ھوشۇرمۇ يالقۇن روزىنىڭ ئىلمىي تەنقىدىگە شۇ ئىلىمى مىتودنى بىلمەي تۇرۇپ قارشى چىققان.
ئەرتۈرك: سىز ھاراقخۇمارلىق، مەستلىكنى ئىنسانلار مەدەنىيىتى، يۈكسەك ئاڭ ۋە ئىجتىمائىي تەرتىپ ئاياغلاشتۇرالايدۇ دەپ قارايدىكەنسىز، مەن ئۇنداق قارىمايمەن. ئىنسانلار شۇنچە تەرەققىي قىلىپ، يۈكسەك ئاڭغا ئىگە بولغان 20-ئەسىردە، تېخى مەدەنىيەتتە ئەڭ ئىلغار كەتكەن ياۋروپادا ئىككى دۇنيا ئۇرۇشى يۈز بەردى. ئۆزىنى مەدەنىيەتلىك ھېسابلايدىغان ياۋروپالىقلارنىڭ ئىدىئولوگىيىسى قاتتىق تەۋرەندى، روھى ئېغىر زەربىگە ئۇچرىدى، چۈشكۈنلۈك، ئۈمىدسىزلىك ئەۋج ئالدى. قېنى شۇ چاغدىكى ئىجتىمائىي تەرتىپ، قېنى شۇ چاغدىكى ئەقلىيەت ۋە يۈكسەك ئاڭ؟ 21-ئەسىر كىرگەندە يەنە نېمە ئىشلار بولۇۋاتىدۇ؟  ئۈمىدنى ئىنسانلار ئېڭىغا باغلاش خىيالىي سوتسىيالىزىمدەك تۇيۇلىدۇ ماڭا.
جاۋاب، ئەرتۈركنىڭ بىر ئالاھىدىلكى نەقىل ئالمايدىكەن، يا كىتابتىن، يا توردىن، يا ئىنكاستىن، بۇنداق بولغاندا كىم نېمە دېدى، قايسى توغرا قايسى خاتا ئۆلچەم نېمە، ئايرىۋالغىلى بولماي قالىدۇ. مۇشۇ نەقىل ئالماسلىق، ئىلىمگە ئەمەس، پەرەزگە تاينىش، ئىلىم مۇنازىرىلىرىدە كونكىرىت نەزەرىيە، مىتودقا ئەھمىيەت بەرمەي شۇنداق كەسكىن ئىلمىي مەسىلە ئۇقۇملارنىمۇ   لېرىكا بىلەن يۆگەپ ئۆتۈپ كېتىش، مېنىڭ شۆھرەتلىك يازغۇچىمىزغا شۇنچە ئەستايىدىل بولۇشۇمنىڭ سەۋەبى، چۈنكى بۇ يازغۇچىلاردا بەك ئومۇملاشقان. يۇقارقى گەپنى مەن قىلغان ئەمەس.
مەن بىر جەمئىيەتنىڭ سىستېمىسى مۇنداق ئۈچ ئامىل ئۈستىگە قۇرۇلسا، شۇنداق جەمئىيەتتە ھاراخورلۇققا ئوخشاش كېسەللەر ئازلارمىكىن دەپ قارىغان. بۇلار، شۇ خەلقنىڭ مەدەنىيىتى، ئىككىنچى ئىلمىي پىرىنسىپ، ئۈچىنچى دۇنياۋىي پىرىنسىپ. بىرىنچى ئامىلغا مىسال، تۈركىيە مۇتلەق كۆپ ئاھالىسى مۇسۇلمان دۆلەت، مەزكۇر دۆلەتتە ياغلىقنىڭ ھۆكۈمەت سورۇنلىرىدا چەكلىنىشى تۈركىيەنىڭ مەدەنىيتىگە قارشى، بۇ تۈركىيە جەمئىيىتىنىڭ كەمتۈكلىكى. ئىككىنچى پىرىنسىپ دۇنيادا ئىجتىمائى مەسەلەلەرنى تەقتىق قىلىدىغان جەمئىيەتشۇناسلىق، ئختىسادى ھادىسىلەرنى تەتقىق قىلىدىغان ئىختىسادشۇناسلىق، باشقۇرۇش ئىلمىي دېگەن ئىلىملەر بار. بىر جەمئىيەتنىڭ سىستىمىسى مۇشۇنداق پىرىنسىپلارنى ئىنكار قىلماسلىقى كېرەك. ئۈچىنچى پىرىنسىپ، دۇنياۋىي پىرىنسىپ، مىسال سايلام، پارلامىنت، نامايىش، پارتىيە قاتالىق سىياسىي ھادىسلەر ئەمەلىيەتتە دۇنياۋىي ھادىسە، سىز قوپۇپ مېنىڭ خەلقىمدە نامايىش مەدەنىيىتى يوق، سايلام مەدەنىيىتىمگە قاشى، مېنىڭ بوۋىلىرىم پارلامىنت قۇرمىغان...ۋاھاكازا دېسىڭىز بولمايدۇ، بۇنداق قىلسىڭىز ئىنساننىڭ جىسمانىي ئىھتىياج، مەنىۋىي ئىھتىياج سەزگۈ، خاتىرە قاتارلىق ئورتاق پىسخىك ئالاھىدىلىككە ئىگە مەۋجۇدات ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلغان بولىسىز. ئىنساندىكى ئورتاقلىقتىن ئالغاندا دۇنيادا ئىنساننىڭ باراۋەرلىك، كۆيۈم، ھۆرلۈكتە ياشىشى مەدەنىيەتتىن ھالقىغان ئورتاق دۇنياۋىي ھوقۇق. شۇڭا بىر قەمئىيەت مۇشۇ ئۈچ ئامىلنىڭ مۇئازىنىتى ئۈستىگە قۇرۇلسا ئىجتىمائى كېسەللەردىن بىر قەدەر خالى بولىدۇ. بۇلار مېنىڭ قارىشىم، بۇلارنى مەن ئىسپاتلاپ بېرەلەيمەن.
ھەممىنى ئاللاھقا تاپشۇرۇش ئەلۋەتتە ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە شۇ تاپشۇرغان كىشىگە(شۇ سۆزنى قىلغان كىشىگە) مايىللىق ئېلىپ كېلىدۇ. لېكىن «قۇتادغۇبىلىك» تىن ھازىرغىچە بىز مۇشۇ مۇنازىرىدە ياشاۋاتىمىز، ئىشىمىزنى، مەسىلىمىزنى ئاللاھ ئوڭشامدۇ ياكى ئىنسان، بىز ئوڭشامدۇق؟ بۇ يەردە ئۇدغۇرمىش بىلەن ئۆگدۈلمىشنىڭ قارىشى، مۇنازىرىسى  تەكرارلىنىۋاتىدۇ. مەن يەنىلا ئۆگدۈلمىشنى ياقىلايمەن، ئۈمىد ئنساندا، ئۆزى، مىللىتى، قىلىۋاتقان ئىشى ھەققىدە جان تىكىپ ئىزدىنىدىغان، ھەممە ئىشتا شۇ ھادىسىگە ئائىت  پەنگە، تەجرىبىگە  ئاسالىنىپ ھۆكۈم قىلىدىغان، دېگەن ھەر بىر ئېغىز سۆزىدە مەسئۇلىيەتچان، راستچىل، ئىجراچى بولۇپ ياشايدىغان ئۇلۇغ ئىنساندا.
ئۆزرە: كۇتۇپخانىدىكى كومپىيوتىردا بىلىك نورمال كۆرۈنمىگەچ، خەتلەر بەك خاتا چىقىپ كېتىپتۇ، دوستلارنىڭ بۇ تاسادىپىلىقنى توغرا چۈشىنىشىنى، سەھۋەنلىكلەرنى ئەپۇ قىلىشلىرىنى ئۈمىد قىلىمەن.
يەنە بىرى، ئەگەر مېنىڭ مۇنازىرەمدە نەزەرىي ئىسىملىك تورداش تىلغا ئالغاندەك ئامىللار بولۇپ قالغان دەپ قارىساڭلار ئەپۇ قىلغايسىلەر.
ئەرتۈرك ئەگەر بۇ مۇنازىرەمنى مەمەدانىلىق، ياكى قەستەن قۇسۇر تېپىش دەپ چۈشىنىۋاتقان بولسا ئۆزۈر سورايمەن.
مەن پەندە ئىسپاتى بولمىغان، ياكى ئاپتۇر تەرىپىدىن ئىسپاتى كۆرستىلىمىگەن، مەنبە ئەسكەرتىلمىگەن، نەقىل ئېلىنمىغان شەكىلدە پىسخولوگىيە ۋە مەدەنىيەت ئىنسانشۇناسلىقىغا دائىر مەسىلەلەرنى مۇنازىرە قىلىشتىن چېكىنىمەن. قاچانىكى مەن كۆرسەتكەن مەنبەلەرنى ئىنكار قىلىدىغان، مەن تىلغا ئالغان ئىلمىي بايانلارنى رەت قىلىدىغان دەلىللەر ئوتتۇرىغا قويۇلمىغىچە مۇنازىرىگە كىرمەيمەن. ئەگەر بۇ پوزىتىسىيەم ئۇتتۇرغانلىققا، مۇنازىرىدە يېڭىلگەنلىككە ئىشارە دەپ چۈشىنىلسە مەن يېڭىلگەن بولاي.
ئەرتۈرك:
سىز تەمىنلىگەن ئۇلانمىنى كۆرۈپ باقتىم، ئۈچتىن ئىككى قىسىم مەزمۇن يەنىلا فروئىدنىڭ نەزەرىيىسىنى شەرھلەش بىلەن توشۇپتۇ. روھى ئانالىز نەزەرىيىسىنىڭ بىر مۇنچە تارماق ئېقىملىرىنى تونۇشتۇرۇپتۇ. تەنقىد مەزمۇنلىرى ئاخىرىدا ئىكەن. سىز  كۆپلىگەن ئالىملار تەنقىدلىدى، رەددىيە بەردى دېگەنلەر ئىچىدە فروئىدنىڭ خوتۇنىمۇ بار ئىكەن. ئۇ خوتۇن ئېرىنىڭ جىنسىيەت ھەققىدىكى تەتقىقاتقا بەك چۆكۈپ كەتكەنلىكىدىن ئاغرىنىپ ئاجرىشىپ كەتكەنىكەن. سىز  مالال كۆرمەي بۇ سۆزنى ئېنىق تەرجىمە قىلىپ بەرسىڭىز:
because its claims are not testable and cannot be refuted; that is, they are not falsifiable.[54] For example, if a client's reaction was not consistent with the psycho***ual theory then an alternate explanation would be given (e.g. defense mechanisms, reaction formation). Karl Kraus cannot be refuted نى نېمە دەپ چۈشىنىمىز؟they are not falsifiable   بۇنىچۇ؟
بۇ ئۇلانمىدىكى مەزمۇنلارغا قارىغاندا فروئىدنى تەنىقىدلىگۈچىلەر ئىچىدىمۇ نۇرغۇن ئىختىلاپ بار ئىكەن. ئۇنىڭدىن بۆلۈنۈپ چىققۇچىلار، ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلغۇچىلار، ئۇنىڭغا قايتقۇچىلار ئۈزۈلۈپ قالماپتۇ،Modern psychoanalysis شەكىللىنىپتۇ. International Psychoanalytical Associationتا ھازىرغىچە پائالىيىتىنى داۋام قىلىۋېتىپتۇ. مەيلى قانداق بولسۇن، فروئىدنىڭ دەۋر بۆلگۈچ بىر ئېقىم پەيدا قىلغىنى راست، ئۇنىڭ نەزەرىيىسى قوبۇل قىلىنسۇن، قىلىنمىسۇن، پىسخولوگىيە ساھەسىدە يېڭىلىق ياراتتى.   بىز ئەمدى بۇ ھەقتە ئىختىلاپلىشىپ يۈرمەيلى. سىزنىڭ مېنى دەلىل ئالمايدۇ، نەقىل مەنبەسىنى ئەسكەرتمەيدۇ دېگىنىڭىزنى چۈشىنىمەن، بىز ئەدەبىياتچىلار دائىم كىتاب ئوقۇپلا مۇھىم مەزمۇن ياكى جۈملىلىرىنى خاتىرىلىۋېلىپ، بەت سانىنى يېزىپ قويمايدىكەنمىز، چۈنكى ئۇ چاغدا ماقالە يېزىپ قالساق بۇ نەقىل مەنبەسىدىن پايدىلىنىمىز دەپ  ئويلىمىغان-دە. ئۇنىڭ ئۈستىگە مەن بۇ يەردە ۋاقتىمنىڭ يار بېرىشىچە سوئاللارغا ئۇدۇللۇق جاۋاب بېرىۋاتىمەن، سوئال جاۋاب بەرىبىر ئىلمىي ماقالە يېزىقچىلىقىغا ئوخشىمايدۇ، شۇڭا تورداشلارنىڭ توغرا چۈشىنىشىنى سورايمەن.
ھەقىقەتەن بىزدە، بولۇپمۇ ئەدەبىياتچىلاردا ماقالە يازغاندا ئەسلى مەنبەدىن نەقىل ئالمايدىغان، سۆزىنىڭ كېلىش مەنبەسىنى ئېنىق ئەسكەرتمەيدىغان ئىللەت بار. بۇنى تۈزىتىشنى مەنمۇ قوللايمەن. زۇلپىقار بارات ئۆزباشمۇ يېقىندا ئېلان قىلغان ئۇيغۇرلاردا ئىجتىمائىيەت ۋە ئادىمىيەت پەنلىرى مەسىلىسى ھەققىدە يازغان ماقالىسدە مۇشۇ مەسىلىنى ئالاھىدە تىلغا ئاپتۇ. بۇ زادى تۈزىتىشكە تېگىشلىك ئىش.
داۋامى بار...

ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻛﯚﭖ ﺟﯩﻨﺴﯩﻴﻪﺕ ﺑﯩﻠﯩﻤﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﯧﺮﯨﺸﻤﻪﻛﭽﻰ ﺑﻮﻟﺴﯩﯖﯩﺰ, ﺟﯩﻨﺴﯩﻴﻪﺕ ﺋﯜﻧﺪﯨﺪﺍﺭ ﺳﯘﭘﯩﺴﻰ (ﺋﯩﺰﺩﻩﺵ ﻧﺎﻣﻰ: jinsiyatcn)ﻏﺎ bz ﺩﻩﭖ ﻗﺎﻳﺘﯘﺭﯗﭖ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﻚ ﺋﯘﭼﯘﺭﻏﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﯩﯔ.
«ﮪﺎﻣﯩﻠﯩﺪﺍﺭ ﺑﻮﻟﯘﺷﻘﺎ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻖ ﺟﯩﻨﺴﯩﻲ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻣﺎﮪﺎﺭﯨﺘﻰ» ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﻳﺎﺯﻣﯩﻐﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﻤﻪﻛﭽﻰ ﺑﻮﻟﺴﯩﯖﯩﺰ ﺟﯩﻨﺴﯩﻴﻪﺕ ﺋﯜﻧﺪﯨﺪﺍﺭ ﺳﯘﭘﯩﺴﯩﻐﺎ x025 ﺩﻩﭖ ﻗﺎﻳﺘﯘﺭﯗﭖ ﺋﯧﺮﯨﺸﯩﯔ!
Tags:
بايانات

مەزكۇر يانبىلوگتىكى يازمىلار پەقەت ئەڭ نازۇك بولغان جىنسىيەت ۋە ئەيدىز ئۇقۇملىرى ۋە ئۆگۈتلىرىنى ئېھتىياجلىق كىشىلەرگە يەتكۈزۈشنى تۈپ مەقسەت قىلغان يانبىلوگ، يازمىلارنى پايدىلىنىش ئۇچۇرى قىلىشقا بولىدۇ، ئەمما ئەمەلىي ئىشلاردا يەنىلا مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ كۆرسەتمىسىنى ئاساس قىلىش كېرەك! يازمىلاردا تىلغا ئېلېنغان كۆز قاراش پەقەت ئەسلى ئاپتۇرغا ۋەكىللىك قىلىدۇ، مېغىزىنى قوبۇل قىلىپ، شاكىلىنى ئايرىشنى ئۆگىنىۋېلىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز!
جىنسىيەت ۋە ئەيدىز ساۋاتلىرى ئۈندىدار سۇپىسى (ئىزدەش نامى: jinsiyatcn) غا ئەگىشىۋېلىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز!
ئەگەر يانبىلوگىم ھەققىدە ھەر قانداق تېخنىكىلىق مەسىلە بايقالسا يانبىلوگ ئورگان ئۈندىدار سۇپىسى yanbilog غا ئەگىشىپ مەسىلە مەلۇم قىلسىڭىز بولىدۇ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى