جىنسىيەت ۋە ئەيدىز ساۋاتلىرى يانبىلوگى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ئۇرۇقدانغا زىيانلىق ئامىللار

ئۇرۇقدانغا زىيانلىق ئامىللار

ۋاقتى: 2016-11-08 ئاۋاتلىقى: 1454 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

1.سىرتتىن كەلگەن تاياق زەربىلىرى، ئۇرۇلۇش، سوقۇلۇشلار ئېغىر بولغاندا ئۇرۇقداننى ۋە ئۇرۇق توشۇش نەيچىسىنى ئېزىپ قويۇپ، ئۇرۇقداننىڭ ياللۇغلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. يېنىكرەك بولغاندا ئۇرۇق بېزى ۋە نەيچىسىنى بېسىپ توسۇپ قويۇپ، ئۇرۇقداننىڭ ئىشلەپ چىقىرىلىشى ۋە توشۇلۇشىغا توسقۇنلۇق قىلىپ، مەنىي تەركىبىدىكى ئۇرۇقنى كېمەيتىۋېتىدۇ.
2. ۋېلسپىت مىنىش، ئات مىنىش، موتسىكىلىت مىنىش قاتارلىق پائالىيەتلەر ئۇرۇق بېزىنى بېسىپ قويۇپ، ئۇرۇق بېزىنىڭ نورمال ھەرىكەتلىنىشىگە ۋە ئۇرۇق ئىشلەپچىقىرىش، تۇشۇش خىزمىتىگە توسقۇنلۇق قىلىپ، مەنىي كەملىك، جىنسىي ئاجىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
3. ھەرخىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئۇرۇق بېزىغا سوغۇق ئۆتۈپ كەتكەندە ئۇرۇقداننىڭ ئىسسىق مىزاجىنى بۇزۇپ، ئۇرۇق ئىشلەش پائالىيىتىنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ قويىدۇ.
4. دائىم غەزەپلىنىش، روھىي چۇشكۈنلۈك، قالايمىقان بولمىغۇر خىياللارنى قىلىش قاتارلىق ناچار روھىي كەيپىياتلار ئۇرۇقداننىڭ تەبىئىي قۇۋۋەتلەر بىلەن ئۇزۇقلىنىشىغا تەسىر كۆرسىتىپ، ئۇرۇق ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنى بۇزۇپ قويىدۇ.
5. شەھۋانىي فىلىملەرنى كۆرۈش،جەلەق (ئانانىزىم)، جىمانىڭ كۆپ بولۇشى كۆپ ئېھتىلام بولۇش قاتارلىق ناچار جىنسىي قىلمىشلار ئۇرۇقداننىڭ كۈچەپ ئىشلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئۆزىنىڭ نورمال خىزمىتىنى بۇزۇپ، ئاجىزلاشتۇرۇپ قويىدۇ.
6. سوغۇق تەبىئەتلىك ۋە ئوزۇقلۇق قىممىتى تۆۋەن بولغان ئوزۇقلۇقلارنى ئۇزۇن مۇددەت ئىستېمال قىلغاندا ئۇرۇقداننىڭ ئۇرۇق ئىشلەپچىقىرىشى ئۈچۈن ئوزۇقلۇق يېتىشمەي مەنىي كەملىك ۋە جىنسىي ئاجىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
7. ھەۋەسنى كۈچەيتكۈچى ۋە باھنى قۇۋەتلىگۈچى ھەرخىل خىمىيەلىك ۋە ھورمۇنلۇق دورىلارنى ئىستېمال قىلغاندا ۋاقىتلىق ئۈنۈم بەرگەندەك قىلسىمۇ، ئەمما ئۇرۇقداننىڭ تەبىئىي ئۇرۇق ئىشلەپچىقىرىش ۋە ھورمۇن ئاجرىتىپ چىقىرىش خىزمىتىگە توسقۇنلۇق قىلىپ، ئاقىۋەتتە ئۇرۇقداننى ئاجىزلاشتۇرۇپ قويىدۇ.
8. نەشە، ئەپيۇن، تاماكا قاتارلىق زەھەرلىك چىكىملىكلەرنى كۆپ چەككەندە ئۇلارنىڭ تەركىبىدىكى نىكوتىن ۋە ناركوز قىلغۇچى تەركىبلەر ئۇرۇقداننىڭ ئۇرۇق ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنى بۇزۇپ، جىنسىي ئاجىزلىقنى كەلتۈرۈپ كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
9. كۆپلەپ ھاراق ئىچكەندە ھاراق تەركىبىدىكى ئىسپىرىت ئۇرۇقلارنى ئۆلتۈرۈپ، مەنىي كەملىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ناچار جىنسىي قىلمىشلاردىن تارقىلىدىغان ئەيدىز، سۆزنەك، سىفلىس قاتارلىق يۇكۇملۇق كېسەللىكلەر بىلەن ئاغرىغاندا بۇ كېسەللىكلەرنىڭ جاراسىمى ئاسانلا سۈيدۈك يولى ۋە ئۇرۇق توشۇش نەيچىسى ئارقىلىق ئۇرۇقدانغا يېتىپ كىلىپ، يەرلىك ئورۇننى يۇقۇملاندۇرۇپ، ئۇرۇقداننىڭ خىزمىتىگە توسقۇنلۇق قىلىدۇ. 

ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻛﯚﭖ ﺟﯩﻨﺴﯩﻴﻪﺕ ﺑﯩﻠﯩﻤﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﯧﺮﯨﺸﻤﻪﻛﭽﻰ ﺑﻮﻟﺴﯩﯖﯩﺰ, ﺟﯩﻨﺴﯩﻴﻪﺕ ﺋﯜﻧﺪﯨﺪﺍﺭ ﺳﯘﭘﯩﺴﻰ (ﺋﯩﺰﺩﻩﺵ ﻧﺎﻣﻰ: jinsiyatcn)ﻏﺎ bz ﺩﻩﭖ ﻗﺎﻳﺘﯘﺭﯗﭖ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﻚ ﺋﯘﭼﯘﺭﻏﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﯩﯔ.
«توي كېچىسى» ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﻳﺎﺯﻣﯩﻐﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﻤﻪﻛﭽﻰ ﺑﻮﻟﺴﯩﯖﯩﺰ ﺟﯩﻨﺴﯩﻴﻪﺕ ﺋﯜﻧﺪﯨﺪﺍﺭ ﺳﯘﭘﯩﺴﯩﻐﺎ x002 ﺩﻩﭖ ﻗﺎﻳﺘﯘﺭﯗﭖ ﺋﯧﺮﯨﺸﯩﯔ!
Tags:
بايانات

مەزكۇر يانبىلوگتىكى يازمىلار پەقەت ئەڭ نازۇك بولغان جىنسىيەت ۋە ئەيدىز ئۇقۇملىرى ۋە ئۆگۈتلىرىنى ئېھتىياجلىق كىشىلەرگە يەتكۈزۈشنى تۈپ مەقسەت قىلغان يانبىلوگ، يازمىلارنى پايدىلىنىش ئۇچۇرى قىلىشقا بولىدۇ، ئەمما ئەمەلىي ئىشلاردا يەنىلا مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ كۆرسەتمىسىنى ئاساس قىلىش كېرەك! يازمىلاردا تىلغا ئېلېنغان كۆز قاراش پەقەت ئەسلى ئاپتۇرغا ۋەكىللىك قىلىدۇ، مېغىزىنى قوبۇل قىلىپ، شاكىلىنى ئايرىشنى ئۆگىنىۋېلىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز!
جىنسىيەت ۋە ئەيدىز ساۋاتلىرى ئۈندىدار سۇپىسى (ئىزدەش نامى: jinsiyatcn) غا ئەگىشىۋېلىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز!
ئەگەر يانبىلوگىم ھەققىدە ھەر قانداق تېخنىكىلىق مەسىلە بايقالسا يانبىلوگ ئورگان ئۈندىدار سۇپىسى yanbilog غا ئەگىشىپ مەسىلە مەلۇم قىلسىڭىز بولىدۇ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى