ئۇرۇقداننى ئاسراش تەدبىرلىرى
ۋاقتى: 2016-08-03
ئاۋاتلىقى: 1369 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
1. ئارىلاپ-ئارىلاپ ئۇرۇقداننى زەيتۇن يېغى، قوينىڭ كونا دۈمبە يېغى قاتارلىق ياغلار بىلەن ياغلاش.
2. ئارىلاپ-ئارىلاپ قوينىڭ ياكى كالىنىڭ ئۇرۇق بېزىنى كاۋاپ قىلىپ ئىستېمال قىلىپ بېرىش.
3. باچكا، كەكلىك، ئۇلار، بۆدۈنە، پاقلان گۆشلىرىنى كاۋاپ قىلىپ ئىستېمال بېرىش.
4. بانان، ئەنجۈر، خورما، ئۈزۈم، ياڭاق، بادام قاتارلىقلار مېۋىلەرنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىپ بېرىش.
5. پولو، مانتا قاتارلىق تاماقلارنى ئىستېمال قىلىش.
6. چامغۇر، سەۋزە كۆپرەك سېلىنغان شورپىلارنى ئىچىپ بېرىش.
7. ئامال بولسا ئەنجۈر مۇرابباسى، سەۋزە مۇرابباسى، زەنجىۋىل مۇرابباسى، ئالما مۇرابباسى، ياڭاق مۇرابباسى قاتارلىقلارنى كۈندە بىر قېتىمدىن ئىستېمال قىلىش.
8. ئەتىگەندە تۇخۇم سېرىقىدا سۈت چاي قىلىپ ئىستېمال قىلىپ بېرىش پايدىلىق.
9. زىيادە سوغۇق ۋە سوغۇق تەبىئەتلىك نەرسىلەردىن قېتىق، بېلىق، تاۋۇز، قارا ئۈرۈك، تەرخەمەك قاتارلىقلارنى كۆپ ئىستېمال قىلماسلىق.
10. ھەركۈنى مۇۋاپىق بەدەن چېنىقتۇرۇپ قان ئايلىنىشنى ياخشىلاپ بەرگەندە ھەر قايسى ئەزالارنىڭ تولۇق ئوزۇقلىنىشىنى كاپالەتلەندۈرگىلى بولىدۇ.
11. پۇتنى تولا مىنگەشتۈرۈپ ئولتۇرۇپ ئۇرۇقداننى قىستىۋالماسلىق.
12. بادام مېغىزى پىندۇق مېغىزى، ياڭاق مېغىزى، چىلغوزا مېغىزى، قىزىل ئۈزۈم قاتارلىقلاردا سوقماق قىلىپ ئىستېمال قىلىپ بېرىش.
13. كۈندە ئەتىگەندە مۇۋاپىق مىقداردىكى ياڭاقنى سوقۇپ بىر پىيالە سۈتكە ئارىلاشتۇرۇپ ئىچىپ بېرش.
14. ئەتىگەندە مۇۋاپىق مىقداردىكى تەرەنجىبىن (يانتاق شېكىرى)نى قايناق سۇدا ئېرىتىپ ئىستېمال قىلىپ بېرىش.
15. بادام مېغىزى 25 گرام. ياڭاق مېغىزى، چىلغوزا مېغىزى، پىندۇق مېغىزى ھەر بىرى 20 گرامدىن، نوقۇت 30 گرام قاتارلىقلارنى سوقۇپ، 300 گرام ھەسەلنى قاينىتىپ، كۆپۈكىنى ئېلىۋېتىپ، دورىلارنى قوشۇپ، كۈندە مۇۋاپىق مىقداردا ئىستېمال قىلىپ بېرىش. پىششىق دورىلاردىن لوبوبى كەبىر، ھالۋائى بىيزە قاتارلىق دورىلارنى مۇۋاپىق مىقداردا ئىستېمال قىلىپ بېرىش كېرەك.
پايدىلانغان ماتېريال: ئۇيغۇر تېبابىتىدە ئەزالارنى ئاسراش
ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻛﯚﭖ ﺟﯩﻨﺴﯩﻴﻪﺕ ﺑﯩﻠﯩﻤﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﯧﺮﯨﺸﻤﻪﻛﭽﻰ ﺑﻮﻟﺴﯩﯖﯩﺰ, ﺟﯩﻨﺴﯩﻴﻪﺕ ﺋﯜﻧﺪﯨﺪﺍﺭ ﺳﯘﭘﯩﺴﻰ (ﺋﯩﺰﺩﻩﺵ ﻧﺎﻣﻰ: jinsiyatcn)ﻏﺎ bz ﺩﻩﭖ ﻗﺎﻳﺘﯘﺭﯗﭖ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﻚ ﺋﯘﭼﯘﺭﻏﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﯩﯔ.
«ﺟﯩﻨﺴﻰ ﺳﺎﯞﺍﺗﻼﺭ ( ﺗﻮﻱ ﻗﯩﻠﻤﯩﻐﺎﻧﻼﺭ ﻛﯩﺮﻣﻪﯓ)» ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﻳﺎﺯﻣﯩﻐﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﻤﻪﻛﭽﻰ ﺑﻮﻟﺴﯩﯖﯩﺰ ﺟﯩﻨﺴﯩﻴﻪﺕ ﺋﯜﻧﺪﯨﺪﺍﺭ ﺳﯘﭘﯩﺴﯩﻐﺎ x003 ﺩﻩﭖ ﻗﺎﻳﺘﯘﺭﯗﭖ ﺋﯧﺮﯨﺸﯩﯔ!
Tags: