جىنسىيەت ۋە ئەيدىز ساۋاتلىرى يانبىلوگى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

چوقۇم كۆرۈڭ: توي كېچىسىدىكى بىلىملەر

چوقۇم كۆرۈڭ: توي كېچىسىدىكى بىلىملەر

ۋاقتى: 2016-10-27 ئاۋاتلىقى: 4231 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

يېڭى توي قىلغان ئاياللاردا جىنسىي تۇرمۇشتىن تېخىمۇ لەزەتلىنىش ئۈچۈن توي قىلىشتىن بۇرۇن ھەر ئىككى تەرەپ بىر قىسىم جىنسىيەت بىلىملىرىنى ئەگىنىپ قويۇشلىرى، ئەر ئايال جىنسىي ئەزالىرىنىڭ تۈزۈلۈشى ۋە فىزىئولوگىيەلىك ئالاھىدىلىكلىرىنى بېلىۋېلىشلىرى لازىم. بىر-بىرىنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىنى ياخشى چۈشىنىش ئۈچۈن تويدىن بۇرۇن بەدەن تەكشۇرۈتۇش لازىم ...
ئەگەر بىرىدە كېسەللىك بولسا بولۇپمۇ يۇقۇملۇك كېسەل مەسىلەن: ھەرىكەتلىنىۋاتقان ئۆپكە سىلى، ئۆتكۈر جىددىي جىگەر ياللۇغى قاتارلىقلار ۋە سۇيدۇك ئاجرىتىپ چىقىرىش يوللىرىدىكى جىددى ياللۇغلىنىش قاتارلىق كېسەللىكلىرى بولسا، ئەلۋەتتە داۋالىنىپ كېسىلى ساقايغاندىن كېيىن توي قىلىش لازىم... 
ئەگەر يۈرەك-بۆرەك كېسەللىكلىرى بولسا دوختۇرنىڭ مەسلىھەتى بويىچە ئىش قىلىش، ئەر تەرەپ ئۆزىنىڭ جىنسىي ئىقتىدارىنى مۆلچەرلەپ تۇرۇپ، ئەگەر مەسىلە بولسا تەكشۇرۈتۇپ داۋالىنىشى، تويدىن كېيىنكى باشقېتىقچىلىقىدىن ساقلىنىشى لازىم ....
توي ۋاقتىنىمۇ قىزنىڭ ھەيز كېلىش ۋاقتىدىن باشقا ۋاقىتقا توغرىلاش لازىم. توي كېچىسى ھەر ئىككى تەرەپ ئىزار تارتىپ ئەيىلىش ھېس قىلىدۇ. قىز تېخىمۇ بەكرەك ئايىلىدۇ. شۇڭلاشقا يىگىت قىزغا نىسبەتەن كۆيۈمچان بولۇشى ۋە ئاسرىشى، قىزمۇ ئاكتىپلىق بىلەن ماسلىشىشى لازىم. توي كېچىسى تۇنجى قېتىم جىنسىي ئالاقە قىلغاندا ئەڭ ئاۋۋال ئۇچرايدىغىنى قىزلىق پەردىسىنىڭ بۇزۇلۇش مەسىلىسىدىن ئىبارەت. قىزلىق پەردىسىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى، شەكلى، قېلىن-نېپىزلىكى ھەر قايسى قىزلاردا ئوخشاش بولمايدىغانلىقىنى ۋە تۆشۈكىنىڭ ھالقىسىمان، غەلۋىرسىمان، يېرىم ئايسىمان... قاتارلىق بولىدىغانلىقىنى باشتا كۆرسىتىپ ئۆتتۇق... كۆپۈنچە قىزلارنىڭ قىزلىق پەردىسىدىكى تۇشۇك نىسبەتەن كىچىك بولۇپ، ئادەتتە پەقەت بىر بارماقلا پاتىدۇ. شۇڭلاشقا تۇنجى قېتىم جىنسىي ئالاقە قىلىشقاندا ئاسانلا بوزۇلىدۇ ۋە ئازراق ئاغرىيدۇ، ئازمىقداردا قانايدۇ. جىنسىي ئالاقىدىن بۇرۇن يىگىت قىزغا نىسبەتەن ئىمكان بارىچە مۇلايىم مېھرىبان بولۇپ، قىزنىڭ ھېسسىياتىنى ئارزۇسىنى قوزغىتىش  لازىم. جىنسىي ئالاقە ۋاقتىدا يىگىت ھاياجىنىنى بىر ئاز بېسىۋېلىپ ھەرىكىتى سىلىق سىپايە بولۇشى، قوپاللىقتىن ساقلىنىشى، ھەر دائىم قىزنىڭ ھالىغا يېتىشى، بىرىنجى قېتىم ئىش ئەپلەشمىسە قايتا بىر نەچچە قېتىم سىناپ كۆرۈشى لازىم. قىزمۇ ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە ئارىدىكى جىددىيلىك ۋە قورقۇش روھىي ھالىتىنى يېڭىپ خوشاللىق بىلەن جىنسىي  لەززەتلىنىشتىن بەھرىمان بولۇشى لازىم. قىزلىق پەردە بوزۇلغاندا، قىز ئىككى پۇتىنى يۇقىراق كۆتۇرۇپ، تىزىنى ئېگىپ تۇرۇپ تۆۋەنگە قارىتىپ كۈچىنىپ ئىنجىقلاپ بەرسە ئاغرىق  پەسىيشى مۇمكىن. قىزلىق پەردە بۇزۇلغاندىكى ئاغرىشقا نىسبەتەن ھەر قايسى قىزلارنىڭ سەزگۇرلۈكى ئوخشاش بولمايدۇ. ئاغرىشقا نىسبەتەن بەزى قىزلار زىيادە سەزگۇر بولسا بەزىلىرى ئانچە سەزگۇر بولمايدۇ. ئەگەر بەكرەك ئاغرىپ كەتكەن بولسا، ئەڭ ياخشىسى ئىككى ئۇچ كۇندىن كېيىن ئاندىن جىنسىي ئالاقە قىلىىشسا بولىدۇ. قىزلىق پەردە بۇزۇلغاندا ئاز مىقداردا قاناش يۈز بېرىدۇ، بۇ كۆپۇنچە ئۆزلۈكىدىن توختاپ قالىدۇ. ئانچىلا دىققەت قىلىپ كېتىشنىڭ زۆرۇرىيىتى يوق. لېكىن قان زىيادە كۆپ چىقىپ كەتسە كۈتۈلمىگەن ئەھۋالدىن ساقلىنىش ئۈچۈن دەرھال دوختۇرغا كۆرۈنۈش، باشقىلارنىڭ كۈلكىسىدىن قورقۇپ داۋالاش پۇرسىتىنى ئۆتكۇزىۋەتمەسلىك كېرەك. 
بەزى قىزلارنىڭ قىزلىق پەردىسى ناھايىتى پىششىق بولۇپ جىنسىي ئالاقىدىن كېيىنمۇ بۇزۇلماسلىقى مۈمكىن. بەزى قىزلارنىڭ قىزلىق پەردە تۆشۈكى ئەسلىدىلا ناھايىتى كەڭ بولۇپ تۇنجى جىنسىي ئالاقىدىمۇ ھېچقانداق قىيىنلىق ھىس قىلالماسلىقى مۈمكىن. بەزى قىزلىق پەردىدە قان تۇمۇرلار ناھايىتى ئاز بولۇپ، بولۇپمۇ قىزلىق پەردە تۆشۈكى نىسبەتەن چوڭ بولغانلارنىڭ تۇنجى جىنسىي ئالاقىدىمۇ قانىماسلىقى مۇمكىن؛ بەزى قىزلارنىڭ  قىزلىق پەردىسى ئەسلىدىلا ناھايىتى نازۇك بولۇپ، يۇقىرىدا كۆرسىتىلگەندەك توپ ئويناش، يۈگۈرۈش، ئېگىزگە سەكرەش، ئاتقا مىنىش، ۋىلىسپىت مېنىش قاتارلىق قاتتىق ھەرىكەتلەر جەريانىدا بۇزۇلۇپ كەتكەن بولۇشى مۇمكىن ....
شۇڭلاشقا تۇنجى جىنسىي ئالاقىدىن كېيىن قىزلىق پەردىسىنىڭ قاناش-قانىماسلىقى، ئاغرىش-ئاغرىماسلىقى بىلەن يولدىشىنىڭ قىز ياكى قىز ئەمەسلىكىنى بەلگىلىشى ئىلمىي قاراش ئەمەس. ئەگەر توي كىچىسى تۇنجى قېتىم جىنسىي ئالاقە قىلغاندا قىزلىق پەردىدە قاناش يۇز بەرمىسە ياكى قىزلىق پەردىسىنىڭ ساق ئەمەسلىكى سېزىلىسە ئۇنچىلا كۆپ بولمىغۇر ئويلارنى ئويلاپ ناھەقچىلىك پەيدا قىلىپ قىزغا ئۇۋال-ئەلەم قىلماسلىقى، ئازار بەرمەسلىكى، ئۆز-ئارا مۇھەببەتكە تەسىر يەتكۇزمەسلىكى لازىم. 
يېڭى توي قىلغان مەزگىللەردە يېگىتلەرنىڭ قارام، قوپال ھەرىكىتى قىزلاردا جىسمانىي جەھەتتىن ئازاب كەلتۇرۇپلا قالماي، يەنە روھىي تەرەپلەردىنمۇ ئازاب كەلتۇرۇشى مۇمكىن. جىسمانىي جەھەتتىكى ئازاب-زەخمىلىنىشىنى ئاسانلا داۋالىغىلى بولىدۇ. زەخمىلىنىش تېزلا ئەسلىگە كېلىدۇ، لېكىن روھىي ئازاب ۋە زەخمىلىنىشنى بىر تەرەپ قىلماق نىسبەتەن قېيىن بولۇپ، ھەر ئىككەيلەننىڭ  ئۆز-ئارا مۇھەببىتىگە ئېغىر تەسىر يەتكۈزىدۇ. شۇڭلاشقا ئەرلەر بۇ جەھەتتە ئالاھىدە دىققەت قىلىشلىرى لازىم.
ئەگەر جىنسىي مۇناسىۋەت كۆپ قېتىم ئوڭۇشلۇق بولمىسا دوختۇرغا كۆرۈنۈپ سەۋەبىنى تېپىپ داۋالىنىش لازىم. قىسمەن قىزلارنىڭ قىزلىق پەردىسى مۇستەھكەم چىڭ ھەم تۆشۈكى يوق بولىدۇ. ئەگەر بۇنداق ئەھۋالغا يولۇقسا دوختۇرغا تەكشۇرۈتۇپ ئوپېراتسىيە قىلدۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ. بەزى قىزلاردىكى روھىي جەھەتتىكى زىيادە جىددىيلىك ۋە ۋەھىمە قورقۇشلار بىلەن كېلىپ چىققان جىنسىي يولىنىڭ سىپازمىلىنىشى (تارتىشىپ قىسقىرىشى)مۇ جىنسىي ئالاقىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىشىغا تەسىر يەتكۇزىدۇ.
ئەرلەرنىڭ زىيادە ھاياجانلىنىشى تۇپەيلىدىن بەزى مەنىي بالدۇر چىقىپ كېتىش ئەھۋالى يۇز بېرىشى مۇمكىن. ئەگەر بۇنداق ئەھۋال يۈز بەرسە ئانچىلا روھىي ئازابلىنىپ كېتىشىنىڭ غەم ئەندىشە قېلىشنىڭ ھاجىتى يوق. كۈنلەرنىڭ ئۆتۇشى بىلەن جىنسىي تۇرمۇش تەجرىبىلىرىگە ئىگە بولۇپ، بۇخىل ھادىسە ئوزلۈكىدىن ياخشىلىنىپ كېتىدۇ. بەزى ياشلار قولى بىلەن لەززەتلىنىش ئادىتىگە كۆنۇپ قالغان بولسا توي كېچىسى ئىدىيە جەھەتتىكى تەشۋىلىنىش، قورقۇش، جىددىيلىك نەتىجىسىدە تۇنجى قېتىملىق جىنسىي ئالاقىنى ياخشى قىلالماي قالىدۇ. زەكەر قوپمايدىغان ياكى قوپسىمۇ ئانچىلا قاتمايدىغان ئەھۋالىنى كەلتۇرۇپ چىقىرىدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇ پۈتۈنلەي روھىي جەھەتتىكى جىددىيلىك، بۇ خىل جىددىيلىشش بىلەن تەشۋىلىىنىشنى تۇگەتكەندىلا بۇ ئەھۋال ئۆزلۈكىدىن ياخشىلىنىپ كېتىدۇ. 
جىنسىي ئالاقە قىلىش جەريانىدا ئەر-ئاياللارنىڭ سىرتقى جىنسىي ئەزالىرى بىر-بىرىگە ناھايىتى زىچ يېپىشىدۇ ۋە سۇركىلىدۇ. زەكەر جىنسىي يولغا كىرىش ۋە سۇركىلىش جەريانىدا جىنسىي يول ۋە سۈيدۈك يولى ئېغىزى مەلۇم دەرىجىدە زەخمىلىنىدۇ. باكتىرىيەلەرنىڭ سۇيدۇك يولىغا كىرىشىگە ئوڭايلىق شارائىتى تۇغۇلىدۇ. بۇنىڭ بىلەن بەزىدە ئۆتكۇر سۈيدۈك يولى ياللۇغى كېلىپ چىقىدۇ. ئاياللارنىڭ سۈيدۈك چىقىرىش يولى قىسقا بولىدۇ، شۇڭا باكتىرىيەلەر ناھايىتى ئاسانلا دوۋساققا كېرىپ ئاياللاردىكى دوۋساق ياللۇغى پەيدا قىلىدۇ. ئەگەر يۇقۇملىنىش يۇقىرىغا قاراپ يامرىسا بۆرەك جامى ياللۇغىنى كەلتۇرۇپ چىقىرىشى مۇمكىن. سۇيدۇك يولى ياللۇغلانغان ۋاقىتتا تىتىرەش، قىزىش، بەل ئاغرىش،  سۈيدۈك تېز تېز قىستاش، قېتىم سانى كۆپىيىش قاتارلىق ئالامەتلەر پەيدا بولىدۇ. ئەگەر مۇشۇ خىل ئالامەتلەر سىزىلسە دەرھال دوختۇرغا تەكشۇرۈتۇپ داۋالىنىش لازىم. خجىللىق،  ئىزار تارتىش تۇپەيلىدىن داۋالىتىش ۋاقتىنى قىلچىمۇ كېچىكتۇرۋېتىشكە بولمايدۇ. پۈتۈنلەي ساقىيىشتىن بۇرۇن قايتا جىنسىي ئالاقە قىلىشقا بولمايدۇ. 
بۇ خىل كېسەللىكلەرنىڭ يۈز بېرىشىدىن ساقلىنىش ئۇچۇن، ھەر ئىككىيلەن جىنسىي تۇرمۇشتىن كېيىن يۇيۇنۇشلىرى لازىم ھەمدە جىنسىي ئالاقىدىن كېيىن ئايال دەرھال سىيىىۋەتسە سۈيدۈك يولىدىكى باكتىرىيەلەرنى يۇيۇپ چىقىرىۋېتىشى مۇمكىن. قايناق سۇنى كۆپرەك ئىچىسە كۆپرەك سىيىپ بەرسە دوۋساق ياللۇغىنى داۋالاش ۋە ئالدىنى ئېلىستا مەلۇم پايدىسى بولىدۇ. شۇنداقلا سودا دورىسىنى قوشۇپ ئىچسە سۇيدۇك ئىشقارلىق خاراكتېرگە ئۆزگىرىپ باكتىرىيەلەرنىڭ ئۆسۇپ يېتىلىشىگە پايدىسىز مۇھىت پەيدا بولىدۇ.
يېڭى توي قىلغان مەزگىللەردە زىيادە كۆپ ھاراق ئىچىشكە بولمايدۇ، ھاراقتىن كېيىن جىنسىي ئالاقە ئۆتكۇزۇپ، ناۋادا شۇ ۋاقىتتا تۇخۇم ئاتىلانسا ئۇنىڭدا تۇغۇلغان بالىنىڭ جىسمانىي ئەقلىي ئىقتىدارى ناچار بولىشى مۇمكىن. تاماكا چېكىشمۇ كېيىنكى ئەۋلادلارنىڭ سالامەتلىكىگە تەسىر يەتكۇزىدۇ. شۇڭلاشقا ياشلار توي قىلىشتىن بۇرۇن تاماكا چىكىشىنى، ھاراق ئىچىشنى تاشلىغىنى تۈزۈك.

ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻛﯚﭖ ﺟﯩﻨﺴﯩﻴﻪﺕ ﺑﯩﻠﯩﻤﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﯧﺮﯨﺸﻤﻪﻛﭽﻰ ﺑﻮﻟﺴﯩﯖﯩﺰ, ﺟﯩﻨﺴﯩﻴﻪﺕ ﺋﯜﻧﺪﯨﺪﺍﺭ ﺳﯘﭘﯩﺴﻰ (ﺋﯩﺰﺩﻩﺵ ﻧﺎﻣﻰ: jinsiyatcn)ﻏﺎ bz ﺩﻩﭖ ﻗﺎﻳﺘﯘﺭﯗﭖ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﻚ ﺋﯘﭼﯘﺭﻏﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﯩﯔ.
«ﺟﯩﻨﺴﯩﻴﻪﺕ ﯞﻩ ﺳﺎﻏﻼﻣﻠﯩﻖ» ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﻳﺎﺯﻣﯩﻐﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﻤﻪﻛﭽﻰ ﺑﻮﻟﺴﯩﯖﯩﺰ ﺟﯩﻨﺴﯩﻴﻪﺕ ﺋﯜﻧﺪﯨﺪﺍﺭ ﺳﯘﭘﯩﺴﯩﻐﺎ x006 ﺩﻩﭖ ﻗﺎﻳﺘﯘﺭﯗﭖ ﺋﯧﺮﯨﺸﯩﯔ!
Tags:
بايانات

مەزكۇر يانبىلوگتىكى يازمىلار پەقەت ئەڭ نازۇك بولغان جىنسىيەت ۋە ئەيدىز ئۇقۇملىرى ۋە ئۆگۈتلىرىنى ئېھتىياجلىق كىشىلەرگە يەتكۈزۈشنى تۈپ مەقسەت قىلغان يانبىلوگ، يازمىلارنى پايدىلىنىش ئۇچۇرى قىلىشقا بولىدۇ، ئەمما ئەمەلىي ئىشلاردا يەنىلا مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ كۆرسەتمىسىنى ئاساس قىلىش كېرەك! يازمىلاردا تىلغا ئېلېنغان كۆز قاراش پەقەت ئەسلى ئاپتۇرغا ۋەكىللىك قىلىدۇ، مېغىزىنى قوبۇل قىلىپ، شاكىلىنى ئايرىشنى ئۆگىنىۋېلىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز!
جىنسىيەت ۋە ئەيدىز ساۋاتلىرى ئۈندىدار سۇپىسى (ئىزدەش نامى: jinsiyatcn) غا ئەگىشىۋېلىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز!
ئەگەر يانبىلوگىم ھەققىدە ھەر قانداق تېخنىكىلىق مەسىلە بايقالسا يانبىلوگ ئورگان ئۈندىدار سۇپىسى yanbilog غا ئەگىشىپ مەسىلە مەلۇم قىلسىڭىز بولىدۇ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى