جىنسىيەت ۋە ئەيدىز ساۋاتلىرى يانبىلوگى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

جىنسىي مۇناسىۋەتنىڭ ۋاقىتلىرى

جىنسىي مۇناسىۋەتنىڭ ۋاقىتلىرى

ۋاقتى: 2016-11-07 ئاۋاتلىقى: 2504 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

قورساق بەك توق ھالەتتە جىنسىي ئالاقە قىلماسلىق كېرەك چۈنكى ئۇ ھەزىمگە توسقۇنلۇق قىلىپ توقلۇق ئۈستىگە ھەرىكەت قىلىشتىن كېلىپ چىقىدىغان كېسەللىكلەرگە تېز ۋە قاتتىق تەسىر قىلىدۇ. ئەگەر قورساق توق ۋاقىتتا جىما قىلىشقا توغرا كەلسە، تاماقنىڭ ئاشقازانغا ئورۇنلىشىۋېلىشى ۋە تاماقنىڭ ئاشقازاندا لەيلىۋالماسلىقى ئۈچۈن يەڭگىل ھەرىكەت قىلغاندىن كېيىن، ئىمكان بار ئۇخلىشى كېرەك. ئاچ قورساق جىنسىي ئالاقە قىلماسلىق كېرەك. چۈنكى بۇمۇ زىيانلىق بولۇپ، تەبىئەتكە بەك ئېغىر كېلىدۇ، تەبىئىي يوقىتىدۇ ۋە ئورۇقلاشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. 
لېكىن جىنسىي ئالاقە قىلىش ۋاقتى تاماق ئاشقازاندىن پەسكە چۈشۈشكە باشلاپ بىرىنچى ۋە ئىككىنچى ھەزىم تاماملانغاندىن كېيىن ئۈچىنچى ھەزىم ئوتتۇرىدا بولۇشى كېرەك. ئۈچىنچى ھەزىم تۈرلۈك كىشىلەردە تۈرلۈكچە بولىدۇ. ‹جىنسىي ئالاقە ھەر جەھەتتىن ھەزىم تولۇق بولغاندىن كېيىن بولۇشى كېرەك› دېگەن كىشىنىڭ سۆزلىرى ئېتىبارغا ئېلىنمايدۇ. چۈنكى ئۇ ۋاقىت قورساق ئاچقان ۋاقىتتۇر. بۇ ۋاقىتتا سىڭدۈرۈش باشلىنىپ بارلىق ئەزالاردا ھەزىم قىلىش ئارقىلىق غىزا قالدۇقى قالغان بولىدۇ.
شۇنداق ئادەملەر باركى ئۇلاردا بۇ خىل ھالەتنىڭ ۋاقتى كېچىنىڭ ئەۋۋىلىگە توغرا كېلىدۇ. يۇقىرىدا ئېيتىلغانلارغا ئاساسەن بۇ ۋاقىت ئۇلار ئۈچۈن جىنسىي ئالاقىگە ئەڭ مۇۋاپىق ۋاقىت بولىدۇ. ئىككىنچى تەرەپتىنمۇ پايدىسى بار، ئۇ بولسىمۇ جىنسىي ئالاقىدىن كېيىن كىشى ئۇزۇن ئۇيقۇدا بولۇپ قۇۋۋەت توپلىنىپ كېلىدۇ. ئايال ئۇخلىغانلىقى ئۈچۈن بالىياتقۇدا ئۇرۇق ئورۇنلىشىدۇ. 
جىنسىي ئالاقە ھەقىقىي ئىستەك بىلەن بولۇشى كېرەك، قاراش، ئويلاش، سىيلاش، قىچىقلاش نەتىجىسىدە قوزغالغان سۈنئى ئىستەك بولماسلىقى، بەلكى ئۇنى مەنىينىڭ كۆپلۈكى ۋە بەدەننىڭ كۈچ قۇۋۋەت ۋە ماددىلارغا تولۇشى قوزغىغان بولۇشى كېرەك. ئەنە شۇنداق ئۇسۇللاردا ئېلىپ بېرىلغان جىنسىي ئالاقىنىڭ ھەممىسى ھەقىقەتەن ئەرلەر قۇۋۋىتىنىڭ ساغلام بولۇشىغا ياردەم بېرىدۇ.
ئاشقازان بۇزۇلغاندىن كېيىن قۇسۇش، ئىچ سۈرۈش، خولىرا ۋە قانلىق ئىچ سۈرۈشتىن ئىبارەت كۈچلۈك بوشتىشتىن كېيىن، جىسمانىيي ھەرىكەتلەر ۋە كۈچلۈك دەرىجىدە ھاياجانلىنىش (كۈچلۈك ھاياجانلىنىشلار) دىن كېيىن جىنسىي مۇناسىۋەت قىلماسلىق كېرەك. كىچىك تەرەت ۋە چوڭ تەرەت قىستاۋاتقان چاغدا، قان ئالدۇرغان چاغدا جىنسىي ئالاقىدىن قەتئىي ساقلىنىش كېرەك.
ئۇزۇنغا سوزۇلغان ئىچ سۈرۈشكە كەلسەك، بۇ چاغدا جىنسىي مۇناسىۋەت قىلىش بەدەننى قۇرۇتۇشى، ئۈچەينىڭ ماددىنى قارشى يۆلىنىشىگە تارتىشى بىلەن ئىچىنى قاتۇرىدۇ.
بەك ئىسسىق ۋاقىتتا، بەك ئىسسىق مۇھىتتا جىنسىي مۇناسىۋەتتىن قېچىش كېرەك. ئەر كىشىنىڭ بەدىنى قىزىپ ياكى سوۋۇپ تۇرغاندا جىنسىي ئالاقە قىلماسلىق كېرەك. بىراق، بەدەن قىزىق ھالەتتە قىلغان جىنسىي مۇناسىۋەت بەدەن سوۋۇغان ھالەتتە قىلغان جىنسىي مۇناسىۋەتتىن بىخەتەررەك. مۆتىدىل مىزاجلىق كىشىلەرگە جىنسىي مۇناسىۋەتنىڭ تەجرىبىدىن ئۆتكەن ئەڭ ياخشى ۋاقتى، بىر مەزگىل جىما قىلماي ۋاقىتنى ئۆتكۈزگەندىن كېيىن جىما قىلىش، ئۆزى يەڭگىل، تېنى ساغلام، ھېس تۇيغۇلىرى ئۆتكۈر چاغلاردا جىما قىلىشتۇر.
سېمىز كىشىلەر جىنسىي ئىقتىداردا ئۇرۇق كىشىلەردىن ئاجىزراق، جىنسىي مۇناسىۋەتنى كۆپ قىلماقچى بولغان كىشى ئاز تەرلەش تەرلىتىدىغان مۇنچىغا ئاز چۈشۈش، مۇمكىن بولسا قان ئالدۇرماسلىق، ئىسسىق تەبىئەتلىك ياغلار بىلەن ئىككى تاپاننى ياغلاش بىلەن مىزاجنى ياخشىلاش كېرەك. شۇنداق قىلىش ھەقىقەتەن بۆرەكنى ۋە مەنىي قاچىسىنى كۈچەيتىدۇ.

ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻛﯚﭖ ﺟﯩﻨﺴﯩﻴﻪﺕ ﺑﯩﻠﯩﻤﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﯧﺮﯨﺸﻤﻪﻛﭽﻰ ﺑﻮﻟﺴﯩﯖﯩﺰ, ﺟﯩﻨﺴﯩﻴﻪﺕ ﺋﯜﻧﺪﯨﺪﺍﺭ ﺳﯘﭘﯩﺴﻰ (ﺋﯩﺰﺩﻩﺵ ﻧﺎﻣﻰ: jinsiyatcn)ﻏﺎ bz ﺩﻩﭖ ﻗﺎﻳﺘﯘﺭﯗﭖ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﻚ ﺋﯘﭼﯘﺭﻏﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﯩﯔ. 
«ﻣﻪﺯﻯ ﺑﯧﺰﻯ ﻳﺎﻟﻠﯘﻏﯩﻨﯩﯔ ﺩﺍﯞﺍﺳﻰ» ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﻳﺎﺯﻣﯩﻐﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﻤﻪﻛﭽﻰ ﺑﻮﻟﺴﯩﯖﯩﺰ ﺟﯩﻨﺴﯩﻴﻪﺕ ﺋﯜﻧﺪﯨﺪﺍﺭ ﺳﯘﭘﯩﺴﯩﻐﺎ qlxy ﺩﻩﭖ ﻗﺎﻳﺘﯘﺭﯗﭖ ﺋﯧﺮﯨﺸﯩﯔ!
Tags:
بايانات

مەزكۇر يانبىلوگتىكى يازمىلار پەقەت ئەڭ نازۇك بولغان جىنسىيەت ۋە ئەيدىز ئۇقۇملىرى ۋە ئۆگۈتلىرىنى ئېھتىياجلىق كىشىلەرگە يەتكۈزۈشنى تۈپ مەقسەت قىلغان يانبىلوگ، يازمىلارنى پايدىلىنىش ئۇچۇرى قىلىشقا بولىدۇ، ئەمما ئەمەلىي ئىشلاردا يەنىلا مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ كۆرسەتمىسىنى ئاساس قىلىش كېرەك! يازمىلاردا تىلغا ئېلېنغان كۆز قاراش پەقەت ئەسلى ئاپتۇرغا ۋەكىللىك قىلىدۇ، مېغىزىنى قوبۇل قىلىپ، شاكىلىنى ئايرىشنى ئۆگىنىۋېلىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز!
جىنسىيەت ۋە ئەيدىز ساۋاتلىرى ئۈندىدار سۇپىسى (ئىزدەش نامى: jinsiyatcn) غا ئەگىشىۋېلىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز!
ئەگەر يانبىلوگىم ھەققىدە ھەر قانداق تېخنىكىلىق مەسىلە بايقالسا يانبىلوگ ئورگان ئۈندىدار سۇپىسى yanbilog غا ئەگىشىپ مەسىلە مەلۇم قىلسىڭىز بولىدۇ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى