جىنسىيەت ۋە ئەيدىز ساۋاتلىرى يانبىلوگى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ئانانىزىم ھەققىدە

ئانانىزىم ھەققىدە

ۋاقتى: 2016-11-06 ئاۋاتلىقى: 3007 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

قايسى كۈنى بىر زات ھېكىم بىلەن كوت-كوتتا پاراڭلىشىپ قالدىم، ئانانىزم ھەققىدە بىر نەرسە يېزىپ بەرسىلە بولاتتى ھاجىم دېدى، بولىدۇ دېدىم، ئەمما نېمىگە شۇنچىۋالا ئىشەنچ قىلىپ، "بولىدۇ" دېگەنلىكىمنى ئۇقمايمەن، ئەمما بالاغەتكە يەتكەندىن باشلاپ بۇ قىلىق، بۇ ئۇقۇم، بۇنىڭ زىيىنى ھەققىدە باشتىن كەچۈرگەنلىرىم، كۆرگەن-بىلگەنلىرىم ئاز ئەمەس. جىنسىيەت كىتابلىرىدىن ئۇنى نورمال ھادىسە، توي قىلىش ئالدىدىكى تەسەللىي دەپ ئاددىيلا قاراپ كەلگەن، ئامېرىكىلىق جىنسيەتشۇناسلارنىڭ  «تەخمىنەن 90 پىرسەنت ئوغۇللار، 70 پىرسەنت قىزلار ئۇ ئىشنى تەجرىبىسىدىن ئۆتكۈزگەن»دېگەندەك ئىلمىي تەكشۈرۈش خۇلاسىلىرىنى كۆرگەن ھەم ئۇنىڭ راستلىقىغا ئىشەنگەنىدىم. ئىنگىلىزلار بىلەن ئۇيغۇرلار  قىززىق قانلىق، ئەسەبىيلىك جەھەتتە ئوخشىشىپ كېتىدۇ، شۇڭا بۇ تەكشۈرۈش نەتىجىسى بىزگىمۇ ماس كېلىدۇ دەپ ئويلايتتىم. ئانانىزمنى يەنە فىروئىدنىڭ تەلىماتىدىن باشلاپ چۈشەنگەن، ئانانىزم بىلەن چۈشنىڭ، چۈش بىلەن ئەدەبىي ئىجادىيەتنىڭ  مۇناسىۋىتى ھەققىدە ئىزدىنىپ باققانىدىم. شىرىن چۈش كۆرگەندە ئېھتىلام بولۇش خۇددى مۇھەببەتتىن ھاياجانلانغاندا شېئىر يازغانغا ئوخشاش دەپ قارايتتىم. فىروئىد يازغۇچىنى كۈندۈزدە چۈش كۆرىدىغان، ساراڭلار بىلەن مەلۇم دەرىجىدە ئوخشاشلىقى بارلار دەپ قارايتتى. بىرلا پەرق، ساراڭلار ئەقلىنى تاپالمايتتى، ئۆزىنىڭ خىيالىي دۇنياسىدا يۈرىۋېرەتتى؛ يازغۇچىلار ساراڭلىقىنى قىسقا مۇددەتتە تاماملاپ، ئارقىدىن ھوشىنى تاپالايتتى. ساراڭلار ئۆزىنىڭ خىيالىي دۇنياسىدا ئۇزاققىچە "ئانانىزم" قىلىدىغان، ئۆزىدىكى بېسىمنى ساراڭلىق بىلەن يەڭگىللىتىدىغان بىمارلار بولسا، يازغۇچىلار ئىچىدە پاتماي قالغان ھېسسىياتىنى قىسقا مۇددەتلىك ئانانىزم (ئىجادىيەت)ئارقىلىق بىراقلا چىقىرىپ تاشلاپ، ئاندىن يەڭگىللەپ قالىدىغان ۋە بۇنىڭدىن ھۇزۇرلىنىدىغان ئەقىللىق ساراڭلار ئىدى. بۇلاردىكى "ئانانىزم" سەۋدالىقى ساراڭلارنىڭكىدەك ئۇزاق مۇددەتلىك بولمايتتى، فىروئىد مۇشۇ پەرقنى تۇتىۋېلىپ، جىنسىيەت ، يوشۇرۇن ئاڭ بىلەن ئىجادىيەتنىڭ مۇناسىۋىتىنى شەرھلەشكە ئۇرۇنغان. ئانانىزم جىنسىيەتتىكى مۇھىم تېما، فىرئىد «بارلىق ئىجادىيەت يوشۇرۇن ئاڭدىن كېلىدۇ» دەپ ئوتتۇرىغا قويغاندا، ئانانىزمنىڭ ئالاھىدە خۇسۇسىيىتىنى، ئۆزلۈكنىڭ تاشقى بېسىمنى ئازايتىش ئىقتىدارىنى مۇھىم ئورۇنغا قويغان،  سەنئەتكارنىڭ ئىجادىيەت ئارقىلىق "كۆڭۈلدىكىنى چىقىرىپ تاشلاش، قانمىغان ھېسسىياتىنى مۇبالىغە قىلىش،  بېسىلىپ قالغان ئىستەكلىرىنى ئاشكارىلاش، يوشۇرۇن تەلىپىنى سۇبلىماتسىيىلەش " ئالاھىدىلىكلىرىنى تەكىتلىگەن. بۇ تەكىتلەشتە بىر ئاز كۆپتۈرمىچىلىك، بىر تەرەپلىمىلىك خاھىشى بار، بۇنى لۇشۇن تەنقىدلىگەن. 
جىنسىيەتنىڭ ئەڭ مۇھىم تەتقىقات ئوبيېكتى جىنسىي ئاڭ، بىر جىنسىيەتشۇناس  «ئەرلەر ھەر بەش مىنۇتتا بىر جىنسىيەتنى خىيال قىلىدۇ»دەپ ئوتتۇرىغا قويسا، راستىمىدۇ دەپ ئىشىنىپ قالىمىز، ئېڭىمىزنى تەكشۈرۈپ باقىمىز، ئاڭ ئۆستەڭ سۈيىدەك  ئېقىپ تۇرىدىغان ئەبجەش نېمە بولغاچقا، ئۇنىڭ خۇسۇسىيىتىنى دەماللىققا ئىگىلەپ بولالمايمىز. ئۇ ئەبجەش ئېقىندا  مۇھەببەتنىڭ قىزىل گۈللىرىمۇ، شەھۋەتنىڭ سېرىق يوپۇرماقلىرىمۇ، رەزىللىكنىڭ زەھىرىمۇ، ياخشىلىق، گۈزەللىك كەۋسىرىمۇ ئېقىپ تۇرىدۇ؛   جىنسىيەتنى، شەھۋەت تۇيغۇلىرىنى كاللىمىزدىن چىقىرىۋېتەلمەيدىغانلىقىمىز راست. بىر چاغلاردا «بىرىنچى شەخس» دەپ بىر داستان يېزىپ باققان، ئۇنىڭدا مۇنداق مىسرالار بار ئىدى: «ئىمكانسىزلىقتا ئاقتا قىلىنسام، تۇيۇلىدۇ تەقدىرىم دەھشەت».  دائىم جىنسىيەتنى خىيال قىلىدىغان، بەدىنى ئاجىز بولسىمۇ شەھۋەت تۇيغۇسى كۈچلۈك،  ئانانىزىم خۇمارى تاماكا خۇمارىدەك تۇتىدىغان كېسەللەرلا ئاز دېگەندە ھەر بەش مىنۇتتا بولمىسىمۇ، ھەر سائەتتە بىر شۇ ئىشنى خىيال قىلىشى مۇمكىن. فىروئىد تاماكا شوراشنىمۇ  جىنسىي ئىستەكنىڭ باشقىچە ئۇسۇلدا قاندۇرۇلۇشى، بوۋاق ۋاقتىدا بارمىقىنى شوراشنىڭ داۋاملىشىشى دەپ قارىغان. شۇنداق بولغاندا ئۇمۇ ئانانىزمنىڭ كىچىك بىر تۈرىگە تەۋە بولۇپ كېتىدۇ. 
يات جىنسلار بىلەن چاپلىشىپ تانسا ئويناش،  ئاپتوبۇس قىستاڭچىلىقىدا خوتۇن-قىزلارغا جىنسىي پاراكەندىچىلىك سېلىش، توردا سېرىق سۈرەت ۋە فىلىملەرنى كۆرۈپ ئولتۇرپ ئانانىزم قىلىش، ئۆزى ياخشى كۆرگەن قىزنىڭ كۇسىرىنى بىر ئامال قىلىپ قولغا چۈشۈرۈپ ئۇنى كىيىۋېلىش، خوتۇنى ياكى مۇھەببىتىنى ئۇرۇپ ئازابلاشتىن ھۇزۇرلىنىش... قاتارلىق غەلىتە، قىلىقسىز، يىرگىنىشلىك ئادەتلەر جىنسىيەتكە ئائىت كىتابلاردا تىلغا ئېلىنغان. بۇ خىل ساراڭلارچە  ھەرىكەتلەر دۇنيانىڭ ھەر قانداق يېرىدە، ھەر قانداق ئىنسان تىپىدا تېپىلىشى مۇمكىن. كورىيەنىڭ «جىنسىيەت نۆلگە تەڭ» دېگەن كىنوسىدا  جىنسىي سەۋدالىققا گىرىپتار بولغان ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ياتاق تۇرمۇشى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن: بىرسى توختىماي سېرىق فىلم كۆرىدۇ،  يەنە بىرسى نازۇك بەدەنلىك قىزچاققا ئوخشىتىپ ياسالغان سۇلياۋ قورچاقنى كارىۋىتىغا بېسىۋېلىپ شۇنىڭ بىلەنلا ھەپىلىشىدۇ. يەنە بىر ئەخمەق ئوقۇغۇچى قىزلارنىڭ يوتىسىغا قاراشقا ئامراق، ياتاقداشلىرى ئۇنىڭغا دائىم سەت، ئېغىر چاقچاقلارنى قىلىدۇ، ئىسپىرمىسىنى قورۇپ بولكىغا سېلىپ ئۇنىڭغا يېگۈزۈۋېتىدۇ.  ئۇ مەكتەپتىكى بىر-بىرىدىن ئۆتە قېلىن قىزلار  ئوغۇللارنى ھەر دائىم ۋەسۋەسىگە سالىدۇ. خېلى تۈزۈك كۆرۈنگەن بىر قىزمۇ شۇ مەكتەپتىكى ئەڭ كېلىشكەن، قىزخۇمار بىرسىنىڭ ئولجىسىغا ئايلىنىپ،  جىنسىي ئېزىقىش قاينىمىغا كىرىپ كېتىدۇ، قورسىقىدا قېلىپ نۇرغۇن ئازاب تارتىدۇ.  كىنودا جىنسىيەت سەۋدالىقى ۋە ئۇنىڭ كۈلكىلىك، تراگىدىيىلىك ئاقىۋىتى قەدەمدە بىر كۆرۈلىدۇ،  بىر ياتاقتىكى ئوغۇللار قىزلارنى چاقىرىپ  رەڭلىك سورۇن تۈزىدۇ، ئىچىشىپ مەست بولىدۇ، ھەر بىرى بىر قىزنى سۆرەپ ماڭىدۇ، ئانانىزمغا كۆنۈپ قالغان ئوغۇللار قىزلارنىڭ ئاكتىپلىقى ئالدىدا خېلىلا تەمتىرەيدۇ، تىترەپلا تۇرىدۇ. بۇنىڭدىنمۇ ئۇلارنىڭ  زەئىپلىشىپ، چۈشكۈنلىشىپ قايسى دەرىجىگە بارغانلىقى مەلۇم بولىدۇ. 
بىزنىڭ ئالىي مەكتەپ ھاياتىمىز ئۇنداق ئاشكارا سەۋدالىقتا ئەمەس، يوشۇرۇن بېسىمدا ئۆتكەن،  ئەخلاق، پەردىشەپ، تەرتىپ-ئىنتىزام ئىچىدە ھەربىيلەردەك ياشىغان ، گۆدەك كېلىپ گۆدەك كەتكەن.  ئەمما سائەت 11 دە بىنادا چىراغ ئۆچۈرۈلگەندىن كېيىن ياتاقتا قاراڭغۇلۇق بىلەن تەڭ جىنسىي سەۋدالىق، قىزلار خىيالى، يالىڭاچ تەسەۋۋۇر  باشلانمىغان دەپ ئېيتالمايمىز، سەتەڭلەرنىڭ سۈرىتىگە قاراپ ئاھ ئۇرۇپ كارىۋىتىدا تولغىنىپ ياتقانلارنى، نەدىندۇر بىر سېرىق قەرتلەرنى تېپىۋېلىپ ئالتۇن تېپىۋالغاندەك خوش بولۇپ ھەممەيلەنگە كۆرسىتىپ يۈرگەنلەرنى، سېرىق دەي كۆرىدىغان بىر يەرنى تاپتۇق،  ئالامەتكەن دەپ ئاغزىنى چاكىلدىتىپ كەلگەنلەرنى، ئاپتوبۇستا ياكى يەر ئاستى پويىزىدا بىر سەتەڭنىڭ كەينىدە تۇرۇپ قالدىم، كاساپەت، ئۆزەمنى تۇتالمىدىم... دەپ ھاياجانلىنىپ سۆزلەپ كەتكەنلەرنى كۆرگەنمەن. قىزلارنىڭمۇ ئانانىزم قىلىدىغانلىقىغا دەسلەپتە ئىشەنمەي كېيىن ئىشىنىدىغان بولدۇق، سەھەرلىك گىمناستىكىغا  ئۇيقۇ چىراي چىققان، ئوغۇللارغا بىپەرۋالىق، ھەتتا نەپرەت بىلەن قاراۋاتقان قىزلارنىڭ كۆزلىرىدىن بۇنى بايقىغاندەك بولاتتۇق. ئانانىزمغا خۇمار  ئوغۇللارنىڭ مۇھەببەتتىن قاچىدىغانلىقىنى ئۇلار نەدىن بىلسۇن؟!  ئانانىزم قىز-ئوغۇللارغا ئۆزلۈك مۇھەببىتىنى چوڭقۇر سىڭدۈرۈۋېتەتتى،   ئۆز ۋۇجۇدىغا بەلكىم ئۆزلىرى ھەممىدىن بەك ماس كېلىدىغاندەك، ئۆزىنى پەقەت ئۆزىلا ئەڭ ياخشى قاندۇرالايدىغاندەك، ھېچكىم ۋە ھېچنەرسە ئۇنىڭ ئورنىنى ئالالمايدىغاندەك ئويلايتتى، بۇ سەۋدالىق، بۇ كېسەللىكنى تېگىدىن چۈشەنمىگەنسېرى، ئەسەبىيلىكى، خۇمارى كۈچەيگەنسېرى ئۇنىڭغا تەبىئىي ئىشتەك قارايدىغان بولاتتى.  ئىش مۇشۇنداق ئىدى، بىر سىنىپتىكى ئوغۇل-قىزلار ئاي-ئايلاپ بىر-بىرىگە تۈزۈك گەپ قىلىشمايتتى، مۇھەببەتلىشىشتىن ئېغىز ئاچقىلى بولمايتتى،  دەرس تۈگىگەن ھامان ئۇيقۇلىرىنى ئېچىپ، كىتابلىرىنى قولتۇقلاپ ھەر قايسىسى ئۆز يولىغا راۋان بولاتتى.   ئانانىزمنىڭ روھىي جەھەتتىن كەلتۈرىدىغان ئەڭ چوڭ زىيىنى يات جىنىستىن ئۆزىنى قاچۇرۇش، ئۆزلۈك ئىشەنچى سۇسلاپ كېتىش، كەيپىياتى تۇراقسىز بولۇش، ئاسان چېچىلىدىغان بولۇش.... ۋاھاكازالار دەپ بايان قىلغان ماقالىلەرنى شۇ ۋاقىتلاردا ئوقۇغانىدىم، ئەتراپىمدىكى بالىلارنىڭ كەيپىياتىنى كۆزىتىپ، ھەممەيلەننىڭ چىرايىدا ئانانىزمنىڭ سايىسىنى كۆرگەندەك بولاتتىم. بۇ گەپنى ھېچكىم بىر-بىرىگە دېمەيتتى، ئەمما ئىچىشكەندە، ئەپسانە پاراڭلار ئارىلىقىدا "ئۆزىنى مەلەق قىلىپ ئوينىغانلار" ئاشكارىلىناتتى،  مازاق قىلىناتتى. ئەمما ھەرگىز ئەيبلەنمەيتتى.  كەيپ-ساپا، ئويۇن-تاماشا، ئانانىزمغا بېرىلگۈچىلەرنىڭ ھەممىسى ماھىيەتتە "بېسىمدىن قۇتۇلۇش، پۇخادىن چىقىپ ئاندىن نېمە بولسا بولۇش" سەۋداسىغا گىرىپتار بولغاچقا،  بىر دەمدىلا توغرا چۈشىنىش ھاسىل قىلىپ، ئاغىنە بولۇشۇپ كېتەتتى.  ئۇ  مەزگىللەردە  فىروئىدنىڭ جىنسىيەت تەلىماتلىرى كاللامغا چوڭقۇر تەسىر قىلغاچقا،   ياتاقتىكى ئوغۇللارنىڭ غەيرى قىلىقلىرى نەق فىرئىدنىڭ قاراشلىرىنى ئىسپاتلاپ بېرىۋاتقاندەك تۇيۇلاتتى، ئىككى ئوغۇلنىڭ  يېقىن ئولتۇرۇپ مۇڭداشقىنىنى ياكى قەستەن چېلىشىپ كەتكەنلىرىنى كۆرسەم بىنورماللىق ھېس قىلىپ، «بۇ گۇيلاردا ھەمجىنىسلىق خاھىشى بارمۇ نېمە؟» دەپ ئويلاپ قالاتتىم. ئومۇمەن، فىروئىدنىڭ قارىشى بويىچە،  يوشۇرۇن ئاڭنىڭ مەنبەسى بولغان جىنسىيەت ھاياتلىقنىڭ ھەممە ساھەلىرىگە تۇتىشىپ كەتكەن نەرسە ئىدى، ئۇنى ئادەملەر ھەر قانچە رەزگى، ئىپلاس، يىرگىنىشلىك دەپ مەسخىرە قىلىشسىمۇ، جاندىن، كۆڭۈلدىن ئۇنىڭغا باغلىناتتى؛ مۇھەببەتلىشەتتى، خوتۇن ئالاتتى، ئاشنا تۇتاتتى، تاكى جىنسىي ئىقتىدارىدىن قالغىچە شەھۋەت كەينىدىن چاپاتتى.    
بىر خوتۇننى نىكاھلاپ ئېلىپ، ئۇنىڭ ھاجىتىدىن چىقىپ، نەپسى قىنىغا چۈشكەن ئەركەكلەرنىڭ  نورمال جىنسىي تۇرمۇشىدىن باشقا، بارلىق غەيرى جىنسىي قىلمىشلار كىشىنى تۈگەشتۈرىۋېتىدۇ.  شەھۋەتنى قاندۇرۇشتىكى  بارلىق غەيرى ۋاسىتە، ھەددىدىن ئاشقان  غىدىقلارنىڭ ھەممىسى ئانانىزمنى شەكىللەندۈرىدۇ. بىر زات ھېكىمنىڭ كېسەل كۆرۈش تەجرىبىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە،  ئۆزىنى قانائەتلەندۈرۈپ ئۆگىنىپ قالغانلار  ئاشۇ ئۆلگۈر  غىدىققا ئىنتىلىپلا تۇرىدىكەن، خۇمارى تۇتۇپلا تۇرىدىكەن، ئاندىن نەپسىنى يىغالمايدىكەن؛  نەپسىگە ھاكىم بولالايدىغان، سەۋرچان، ئىرادىلىك كىشىلەر ئۇنىڭدىن ئۆزىنى ۋاقتىدا تارتىپ، نورماللىققا قايتقاننى ھېسابقا ئالمىغاندا، كۆپىنچىلىرى ئۇ ئادىتىنى تاشلىمايدىكەن، ھەتتا خوتۇن ئالغاندىن كېيىنمۇ داۋاملاشتۇرىدىكەن،  جىنسىي ئىقتىدارىدىن قالغاندا ئاندىن «نورمىنى ئاچكۆزلۈك بىلەن بۇرۇن يەۋالغان»غا بۇرنى-قۇلىقىغىچە تويىدىكەن.  
  ئۇيغۇر تېبابىتىدە  ئانانىزم (جەلىق) خىروئىن خۇمارىدىن قېلىشمايدىغان ئەسەبىي، جاھىل بىر كېسەل دەپ قارىلىدىكەن، بۇنىڭ تىرىك پاكىت-دەلىللىرى كۆپلەپ مەيدانغا كەلمەكتە، باھنى قۇۋۋەتلەش دورىلىرى ئەۋج ئالماقتا،  بۇ بازارنىڭ ئىتتىكلىكىگە ھەيران قالغان  بىر زات ھېكىم چاي دورىلىرىغا «باھنى قۇۋۋەتلەيدۇ» دەپ يالغاندىن يېزىپ قويماس دەيمەن. بۇ بۇرادىرىمىز ھازىر  ئانانىزمدا ھەددىدىن ئاشقان، ئۆز يىلىكىنى قۇرۇتىۋەتكەن ئەسەبىيلەرنى داۋالاپ  بولالماي ئاۋارە.  
ھازىرقى جەمئىيەتتە كىشىنى غىدىقلايدىغان نەرسىلەر ئىنتايىن كۆپ،  دۇنيا شەھۋىتىگە چۆمۈپلا تۇرىمىز. ئادەملىكىمىزنى ئۇلۇغ بىلىپ، مۇشۇ ئادەملىكىمىزنى ياراتقان ئاللاھنىڭ نېمىتىگە تۇزكورلۇق قىلدۇق.  دىن دېسە ئەڭ ئاۋۋال شەھۋەت نەپسىمىزنى بوغىدىغان بىر چەكلىمە يادىمىزغا كېلىدۇ، نەپسىمىزدىن كېچەلمەيدىغانلىقىمىز ئايان بولىدۇ، بىئارام بولىمىز، بېشىمىز ئاغرىيدۇ. ئەڭ ئاخىرىدا بۇ سىناق دۇنياسىنىڭ ئالەمشۇمۇل، ئەھمىيەتلىك سودىسىدا زىيان تارتقۇچىلاردىن بولۇپ قالىمىز. دۇنياغا، ئۆزىنىڭ دۇنياسىغا زىيادە بېرىلىپ كەتكەنلەر  گويا ئانانىزىمغا زىيادە بېرىلگۈچىلەر، ئۇنىڭدىن قول ئۈزەلمىگىچىلەرگە  ئوخشايدۇ. ھازىر دۇنيادا دەۋر سۈرۈۋاتقان "شادىمانىزم" ( كۆز ئالدىدىكى نەق نەرسىلەردىن، جۈملىدىن تەن سەزگۈلىرىدىن ھۇزۇرلىنىش ئېقىمى) تۇرمۇشىمىزنىڭ ھەممە تەرەپلىرىگىچە سىڭىپ كىردى: كەيپ-ساپا، تانسا-پانسا، بەدەن ئۇۋىلىتىش، ئاشكارا-يوشۇرۇن پاھىشۋازلىق، خوتۇن ئالماشتۇرۇش ئويۇنى، توردىن ئاشنا ئىزدەش.. قاتارلىق قىلمىشلار ئانانىزمدەك تەبىئىي، زىيىنى يوق ئىشلاردەك تۇيۇلىدىغان بولۇپ كەتتى. ھەممە ئەرنى قوبۇل قىلىۋېرىدىغان پاھىشەدەك رايىش، ئىلاستىكىلىق ئاڭ، ئوڭنىمۇ، تەتۈرنىمۇ توغرا چۈشىنىۋېرىدىغان  قاششاقلىق روھىمىزنى ئىچ-ئىچىدىن تۈگەشتۈرۈۋاتقان خەتەرلىك ۋابا. بۇ ۋاباغا گىرىپتار بولغانلارنىڭ ئىمانىدىنمۇ سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ. 
خوتۇن ئېلىپ گۈزەل ياشاش شەرەپ، ئۆزىنى ئويناپ ياكى ئاشنا ئويناپ بۇزۇقچىلىق قىلىش، ئۆزىگە زۇلۇم سېلىش نومۇس. تەندىن بۇرۇن روھ بۇزۇلىدىغان گەپ، نېرۋىسى كاردىن چىقىپ، ھەتتا خوتۇن كىشىنىڭ قولىنى تۇتۇپ بولغىچىمۇ پايلىمايدىغان گەپ.  نەپسىنى مەيلىگە قويۇۋەتكەن ئەسەبىيلەر خوتۇن ئالغاندىن كېيىنمۇ نورمال ئالاقىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالماي ھەر جەھەتتىن تۈگىشىپ كەتكەن ۋە بىر زات ھېكىمنىڭ ماقالىلىرىنى ئوقۇپ، ئۇنىڭ يېنىغا داۋالىنىشقا بارغان، خوتەنلەرگىچە بېرىپ داۋالىنىپ كەلگەن، ئەمما ساقىيالمىغان.   نېرۋا-ئەسەبلىرى بوشىشىپ كەتكەن، روھىدىن تارتىپ تېنىگىچە قۇۋۋىتى قالمىغان  ئادەمنى ئوڭشىماقنىڭ تەسلىكىنى تىۋىپلاردىن باشقىلارمۇ بىلىشى،  ئۆزلىرىگە ئاگاھ بولۇشى كېرەك ئىدى. ئەمما بىلىش بىلەن بىلگىنىدەك قىلىش ئوتتۇرىسىدا ھاڭ بار، ئانانىزم خۇمارلىرى بۇ قىلىقنىڭ چاتاق سالىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ ئەمەس، بىلىدۇ، ئەمما جىنسىي ئاڭ ئەقىلگە بويسۇنمىغاچقا،  جىن تەگكۈر جىنسىي ئىستەك ئۇنىڭغا سەتەڭدەك ئەركىلەپ، مەيلىنى تارتىپ كېتىدۇ. چاتاقنىڭ  جان يېرى شۇنىڭدا.  ئەگەر ئانانىزم خۇمارلىرى روھىي جەھەتتىكى تەربىيىلىنىشكە، جىنسىيەتنىلا ئويلايدىغان پۈچەكلىكتىن قۇتۇلۇشقا تىرىشىپ باقسا ئۈنۈمى بولۇشى مۇمكىن:
1. ئانانىزم بىمارلىرى ئۆزىنىڭ قانداق مۇسۇلمان ئىكەنلىكىنى، ئەگەر ئۆزىنى مۇسۇلمان دېسە قانداق ئىش-ھەرىكەتلەرنىڭ ئىسلامغا ئۇيغۇن كېلىدىغانلىقىنى  بىلىشى كېرەك. ئانانىزمنى ئىسلام ئالىملىرى ھارام دەپ قارايدۇ، مەكرۇھى تەھرىم (ھارامغا يېقىن مەكرۇھ) دېگۈچىلەرمۇ بار،   ئۇلار  ئانانىزمنىڭ شەھۋەتنى تىنچلاندۇرۇش رولىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئانانىزمنى زىناغا باققاندا يەڭگىل دەپ ئويلاپ شۇنداق دېگەن بولۇشى مۇمكىن. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇبارەك ھەدىسىدە، ئۆيلىنىشكە قادىر بولالمىغان ياشلارغا  روزا تۇتۇشنى تەۋسىيە قىلغان، روزا ئىبادىتىنىڭ شەھۋەتنى كېسىدىغانلىقىنى ئېيتقان. ئومۇمەن ئېيتقاندا، ئانانىزمنىڭ ھاراملىقى ئېنىق، بۇ ھەقتە كۈچلۈك دەلىللەر بار.   ھالال خوتۇنىدىن باشقا ۋاسىتە ئارقىلىق نەپسىنى قاندۇرۇشنىڭ ھەممىسى ھەددىدىن ئېشىش بولغاچقا ھارام،  ئانانىزمغا ئوخشاش غەيرى مەشرۇ (دۇرۇس بولمىغان) ئىشلارنىڭ ھەممىسى ئىنساننىڭ جىسمانىي ۋە روھىي ساغلاملىقىغا ئېغىر زىيان سالىدىغانلىقى ئۈچۈن ھارام، دىنىمىزنىڭ بۇ جەھەتتىكى ھۆكمى ئېنىق. ئىمان-ئېتىقادلىق،  شەرمى-ھايالىق،  ساغلام ئاتا-بوۋىلىرىمىز بىزنى زوقلاندۇرىدۇ، ئۇلارنىڭ تولىسى 18-20 ياش ئارىلىقىدا ئۆيلەنگەن بولۇپ، ئالدى 10 نەچچە بالىلىق بولغان، 60-70 ياشلاردىمۇ بالىلىق بولالىغان . شۇ ياشلاردا ئۆيلىنىش بەكمۇ مۇۋاپىق ئىكەندۇق. ھازىرمۇ  يېزىلاردىكى 20 ياشلاردا  ئۆيلىنىۋاتقان، ئېتىقادلىق ئائىلىدە ئۆسۈپ يېتىلگەن بالىلارغا ھەۋەسلىنىمەن. بۇرۇن سەھرادىكى قىلىقسىز تازلار ئۆستەڭگە سۇغا چۈشكەندە توپىدا ئېغىناپ ياتىدىغان، ياكى لايغا ئايال كىشىنىڭ رەسىمىنى سىزىپ شۇ  لايغا چىلىنىپ ياتىدىغان، بەزىدە ئېشەكنىڭ كەينىگە ئۆتۈپمۇ  قالىدىغان... مۇشۇ بالىلاردىن كېيىن شەھەرلىك بولۇپ قالغانلىرى ئاشۇ يامان ئادەتلىرىنى باشقا ۋاسىتىلەرگە يۆتكىگەن بولۇشى ئېھتىمال. ئانانىزمنىڭ ئاڭ يىلتىزى چوڭقۇر، ئۇنى كېسىپ تاشلاشقا زور ئىرادە كېرەك. 
2. ئانانىزم بىمارلىرىدا روھىي بۆلۈنۈش كېسىلى ئېغىر بولۇپ، ئانانىزمغا نىيەت قىلغان ۋاقتىدا ئۆز ۋۇجۇدىنى ئىككىگە بۆلىدۇ، ئۆزىنى بىلىپ-بىلمەي باشقا ئادەم دەپ ئويلىۋالىدۇ، ئۆزىنىڭ تېنىنى ھوزۇرلىنىشقا بولىدىغان بىر ۋاسىتە دەپ قارايدۇ. بۇ خۇددى ئۆز تېنىنى پاھىشەنىڭ تېنىگە ئوخشاش كۆرگەن بىلەن باراۋەر. پاھىشەدىن ھوزۇرلىنىش ئالدىدا  سەل ئىككىلىنىپ قالغاندەك، ئانانىزم قىلىش ئالدىدىمۇ ئىككى خىيالدا بولىدۇ. قىلىش بىلەن قىلماسلىق ئوتتۇرىسىدا تېڭىرقايدۇ. بۇ تېڭىرقاش ئويلىمىغان يەردىن ئۇنىڭ ئىنتىلىشىنى كۈچەيتىۋېتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۆز تېنىدىن ھۇزۇرلىنىشقا ئاتلىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن «ئۆزلۈك پاھىشىۋازلىقى» ئەمەلگە ئاشىدۇ. ئىش تۈگىگەندىن كېيىن ئۇ يەڭگىللەپ قالىدۇ، سەل پۇشايمانمۇ قىلىدۇ. ئەگەر ھەقىقەتەن پاھىشە بىلەن زىنا قىلغان بولسا، ئەيدىز كېسىلى ۋەھىمىسىدىن قۇتۇلالمىغان بولاتتى. شۇڭا ئۇ ئۆزىنىڭ ساغلام تېنىدىن ھۇزۇرلانغىنىغا خوش بولۇپ، باشقا كېسەللەردىن ئەنسىرەپ كەتمەيدۇ. جىنسىي ئاجىزلىق، مەنى بالدۇر كېتىش  دېگەننى كېسەل ھېسابلىمايدۇ،  راست-يالغان دورىلارغا زىيادە ئىشىنىدۇ، ئەمما ئۇمۇ كار قىلماي دەسمىي غالتەككە چىققاندا، تەرەپ-تەرەپكە قاتراپ داۋا ئىزدەپ، كاج تەلىيىدىن ئاھ ئۇرۇپ يۈرۈيدۇ. چۈنكى ئۇنىڭ بىردىنبىر بەختى، خۇشاللىقى شۇ ئەزاسىدا ئىدى. كىچىك بالا ئۆزىنىڭ ئامراق ئويۇنچۇقىغا قانداق خۇمار بولغان بولسا، ئۇمۇ ئۇنىڭغا شۇنچىلىك خۇمار ئىدى. ئۇنىڭىدىن ئايرىلىش دەھشەتلىك ئازاب بولماي نېمە...   يامان ئىشتىن ۋاقتىدا ئىبرەت ئالمىغۇچىلار ئويلىمىغان ئازابلارغا قېلىشى مۇمكىن. دۆتلۈك بىلەن ئەخلاقسىزلىق ھەقىقەتەن بىر گەپ، ئۇلار بىچارىلىك نۇقتىسىدا تۇتىشىپ تۇرىدۇ. 
3.  «بىر تامچە مەنى ئاتمىش تامچە قانغا تەڭ» دېگەن گەپ يالغان، « مۇۋاپىق ئانانىزم قىلغاننىڭ زىيىنى يوق، بەلكى بەدەنگە پايدىلىق»، «ئۇزاق مۇددەت ئايرىلىپ تۇرغان ئەر-خوتۇنلار مۇۋاپىق ئانانىزم قىلىپ تۇرسا ھاياتى كۈچىنى ساقلاپ قالىدۇ»، « مەنىي ئۇرۇقدانغا ئۇزاق ساقلىنىپ كەتسە ئۇرۇق پۈچەكلىشىپ قالىدۇ، ھەتتا مەزىي بېزى راكى بولۇپ قېلىشىمۇ مۇمكىن» دېگەندەك ماددىي تەرەپكىلا (مەنىيگىلا) ئېسىلىۋالغان،  كىشىنى خاتا يولغا باشلايدىغان تېبابەت كىتابلىرىنى ئوقۇپ زەھەرلەنگەن ئانانىزم بىمارلىرى  ئۇيغۇر تېبابىتىنىڭ روھ ۋە تەن ساغلاملىقىنى  تەڭ ئېتىبارغا ئالغان، ئۆز ئەمەلىيىتىمىزگە ماس كېلىدىغان ساقلىق تەدبىرلىرىگە كۆڭۈل بۆلۈشى  كېرەك، بۇ ئەمەلىيەتتە ئۆزلىرىگە كۆڭۈل بۆلگەنلىك.  بىر زات ھېكىم بۇ جەھەتتە ناھايىتى ئەھمىيەتلىك ئىشلارنى قىلىۋاتىدۇ، ئانانىزم كېسىلىنىڭ مەنبەسىنىڭ  قۇۋۋىتى نەپسانىيەتتە( روھىيەتتە) ئىكەنلىكىنى تەكىتلەۋاتىدۇ، روھىڭ بۇزۇلسا دورىمۇ كار قىلمايدۇ دەۋاتىدۇ.
ئانانىزم چوڭ تېما، چوڭ مەسىلە، ھەممىمىز بىلىدىغان ئاشكارە مەخپىيەتلىك.  ئانانىزم ماھىيەتتە "خارلىنىش كېسىلى" بولۇپ، ئادەمنى  زەبۇنلۇق. خارلىق، پۈچەكلىككە ئاپىرىپ تاشلايدۇ، شۇڭا ئۇنىڭغا سەل قاراشقا بولمايدۇ.  بۇ ھەقتە تاققا-تۇققۇ بىر نەرسە يېزىشىمدىكى مەقسەت شۇ، ئەقىل ئىگىلىرى ئويلانسۇن، ئىمان ئارقىلىق نەپسىگە ھاكىم بولسۇن، ئۆزىنى ئاسرىسۇن. 
مەنبە: ئەرتۈرك بلوگى

ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻛﯚﭖ ﺟﯩﻨﺴﯩﻴﻪﺕ ﺑﯩﻠﯩﻤﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﯧﺮﯨﺸﻤﻪﻛﭽﻰ ﺑﻮﻟﺴﯩﯖﯩﺰ, ﺟﯩﻨﺴﯩﻴﻪﺕ ﺋﯜﻧﺪﯨﺪﺍﺭ ﺳﯘﭘﯩﺴﻰ (ﺋﯩﺰﺩﻩﺵ ﻧﺎﻣﻰ: jinsiyatcn)ﻏﺎ bz ﺩﻩﭖ ﻗﺎﻳﺘﯘﺭﯗﭖ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﻚ ﺋﯘﭼﯘﺭﻏﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﯩﯔ. 
«ﺯﯨﻨﺎ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺧﻪﺗﯩﺮﻯ» ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﻳﺎﺯﻣﯩﻐﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﻤﻪﻛﭽﻰ ﺑﻮﻟﺴﯩﯖﯩﺰ ﺟﯩﻨﺴﯩﻴﻪﺕ ﺋﯜﻧﺪﯨﺪﺍﺭ ﺳﯘﭘﯩﺴﯩﻐﺎ x010 ﺩﻩﭖ ﻗﺎﻳﺘﯘﺭﯗﭖ ﺋﯧﺮﯨﺸﯩﯔ!
Tags:
بايانات

مەزكۇر يانبىلوگتىكى يازمىلار پەقەت ئەڭ نازۇك بولغان جىنسىيەت ۋە ئەيدىز ئۇقۇملىرى ۋە ئۆگۈتلىرىنى ئېھتىياجلىق كىشىلەرگە يەتكۈزۈشنى تۈپ مەقسەت قىلغان يانبىلوگ، يازمىلارنى پايدىلىنىش ئۇچۇرى قىلىشقا بولىدۇ، ئەمما ئەمەلىي ئىشلاردا يەنىلا مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ كۆرسەتمىسىنى ئاساس قىلىش كېرەك! يازمىلاردا تىلغا ئېلېنغان كۆز قاراش پەقەت ئەسلى ئاپتۇرغا ۋەكىللىك قىلىدۇ، مېغىزىنى قوبۇل قىلىپ، شاكىلىنى ئايرىشنى ئۆگىنىۋېلىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز!
جىنسىيەت ۋە ئەيدىز ساۋاتلىرى ئۈندىدار سۇپىسى (ئىزدەش نامى: jinsiyatcn) غا ئەگىشىۋېلىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز!
ئەگەر يانبىلوگىم ھەققىدە ھەر قانداق تېخنىكىلىق مەسىلە بايقالسا يانبىلوگ ئورگان ئۈندىدار سۇپىسى yanbilog غا ئەگىشىپ مەسىلە مەلۇم قىلسىڭىز بولىدۇ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى