جىنسىيەت ۋە ئەيدىز ساۋاتلىرى يانبىلوگى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

جىنسىيەت مەدەنىيىتىنى قايتا تونۇش توغرىسىدا

جىنسىيەت مەدەنىيىتىنى قايتا تونۇش توغرىسىدا

ۋاقتى: 2016-08-19 ئاۋاتلىقى: 1388 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

سېرىق كىنولار جىنسىي پائالىيەتنى يالىڭاچ تەسۋىرلەپ، ئىجتىمائىي ئەخلاققا زىيان يەتكۈزگەچكە ھەمدە تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنى جىنسىي جىنايەت سادىر قىلىشقا ئېزىقتۇرغاچقا، بىر مەھەل ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى. دەرۋەقە، سېرىق كىنولارنى كۆرگەن كىشىلەردە ئاسانلا جىنسىي جىنايەت ئۆتكۈزۈش ئىستىكى پەيدا بولىدۇ. ئەمما راستىنلا جىنسىي جىنايەت ئۆتكۈزەمدۇ-قانداق؟
پسىخىكا ئالىملىرى جىنسىي جىنايەت ئۆتكۈزگەن 1000 نەپەر مەھبۇسقا قارىتا تەكشۈرۈش ئېلىپ باردى. ئۇلار تەكشۈرۈش ئارقىلىق جىنسىي جىنايەت بىلەن جىنسىيەت مەدەنىيىتىنىڭ ئوتتۇرىسىدا زادى قانداق مۇناسىۋەت بارلىقىنى ئېنىقلىماقچى بولدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، باشقا جىنايەت ئۆتگۈزگەن جىنايەتچىلەرگىمۇ ئوخشاشلا شۇ خىلدا تەكشۈرۈش ئېلىپ باردى. ئاندىن ئىككى خىل تەكشۈرۈشنى سېلىشتۇردى. نەتىجىدە، ئۇلار جىنسىي جىنايەت ئۆتكۈزگەن جىنايەتچىلەرنىڭ جىنسىيەت مەدەنىيىتىگە قويۇق قىزىقىشىنىڭ ناتايىن ئىكەنلىكى، بەلكى ھەممە جىنايەتچىلەرنىڭ دېگۈدەك سېرىق كىنولارنى كۆرگەنلىكى بايقالدى.
ناھايىتى نۇرغۇن كىشىلەر: ئەگەر جىنسىيەت مەدەنىيىتى چەكلىمىدىن بوشىتىلسا، جىنسىي جىنايەت ئاۋۇپ كېتىشى مۇمكىن، دەپ ئەندىشە قىلىدۇ. بۇ خىل ئەندىشىمۇ ئورۇنسىز ئەمەس، ئەلۋەتتە.
ئامېرىكا ھۆكۈمىتى جىنسىيەت مەدەنىيىتىنىڭ جەمئىيەتكە بولغان تەسىرىنى ستاتىستىكا قىلدى ۋە مەخسۇس كومىتېت تەسىس قىلىپ، جىنسىيەت مەدەنىيىتى چەكلىمىدىن بوشىتىلشىنىڭ ئالدى-كەينىدە جىنسىي جىنايەت سادىر بولۇش نىسبىتىنى تەكشۈردى. نەتىجىدە، كىشىلەر جىنسىيەت مەدەنىيىتى چەكلىمىدىن بوشىتىلغاندىن كېيىن، جىنسىي جىنايەتنىڭ كۆرۈنەرلىك ئاشمىغانلىقىنى بايقىدى.
ئۇنىڭ سەۋەبى قەيەردە؟ بۇنداق بولۇشتىكى سەۋەب شۇكى، كىشىلەرگە نىسبەتەن ئىككى جىنسقا مۇناسىۋەتلىك نەرسىلەر ھېچقانداق سىرلىق تۇيۇلمايدىغان بولدى. مۇنداق ئېيتقاندا، جىنسىيەتكە ئائىت نەرسىلەر ئىلگىرىكىدەك كىشىلەردە جانلىنىش ۋە پەۋقۇلئاددە چوڭ قىزىقىش پەيدا قىلمايدىغان بولدى. ئادەم ھېسسىياتلىق ھايۋان، ئەگەر مەلۇم ئىشتىن بىزار بولسا ياكى قىزىقمىسا، ئۇلاردا ئىشقا ئاشۇرۇش ھەرىكىتى ۋە ئاكتىپچانلىق بولمايدۇ. شۇڭلاشقا، جىنسىيەت مەدەنىيىتىنىڭ چەكلىمىدىن بوشىتىلىشى مەلۇم دەرىجىدە ئادەمنىڭ جىنسىي ھەۋىسىنى تىزگىنلەيدۇ، دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ.
دۇنيا ئىنسانىيەتنى 21- ئەسىرگە كىرگۈزدى. ئىنسانىيەتنىڭ تەبىئەت ۋە ئۆزىگە بولغان تونۇشى ئاللىقاچان ئەسلى سەۋىيىدە توختاپ قالغىنى يوق. بولۇپمۇ غەربتىكى بىر قىسىم دۆلەتلەر 70-يىللاردىن باشلاپلا جىنسىي ئازادلىق، جىنسىي ئەركىنلىكنى تەشەببۇس قىلدى. ئەمما ھازىرغا قەدەر جىنسىي ئازادلىقنىڭ ئىنسانىيەتكە زادى قانداق تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقى توغرىسىدىكى تالاش-تارتىش تېخى توختىغىنى يوق.
يىپەك يولى بويىدىكى خەلقلەر يېقىنقى ئەسىرلەردىن بۇيان يۈزەكى ئەخلاق مەسىلىلىرىنى ۋە شەكلەن قىياپەتلەرنى «قانۇن» ئورنىدا كۆرۈپ، ماھىيەتلىك ئەخلاقسىزلىقلارنى كۆرمىدى ياكى داۋاملاشتۇرۇپ كەلدى. شۇڭا جىنسىيەتكە ئائىت گەپ-سۆزلەر قاتتىق تەقىپ ئاستىغا ئېلىنغان بولسىمۇ، ناچار ھەرىكەتلەر ئاجايىپ قانۇنلۇق يوسۇندا ئېلىپ بېرىلغان.

ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻛﯚﭖ ﺟﯩﻨﺴﯩﻴﻪﺕ ﺑﯩﻠﯩﻤﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﯧﺮﯨﺸﻤﻪﻛﭽﻰ ﺑﻮﻟﺴﯩﯖﯩﺰ, ﺟﯩﻨﺴﯩﻴﻪﺕ ﺋﯜﻧﺪﯨﺪﺍﺭ ﺳﯘﭘﯩﺴﻰ (ﺋﯩﺰﺩﻩﺵ ﻧﺎﻣﻰ: jinsiyatcn)ﻏﺎ bz ﺩﻩﭖ ﻗﺎﻳﺘﯘﺭﯗﭖ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﻚ ﺋﯘﭼﯘﺭﻏﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﯩﯔ. 
«ﺯﯨﻨﺎ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭ ﺗﻮﻱ ﻗﯩﻠﺴﺎ ﺑﻮﻻﻣﺪﯗ» ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﻳﺎﺯﻣﯩﻐﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﻤﻪﻛﭽﻰ ﺑﻮﻟﺴﯩﯖﯩﺰ ﺟﯩﻨﺴﯩﻴﻪﺕ ﺋﯜﻧﺪﯨﺪﺍﺭ ﺳﯘﭘﯩﺴﯩﻐﺎ x011 ﺩﻩﭖ ﻗﺎﻳﺘﯘﺭﯗﭖ ﺋﯧﺮﯨﺸﯩﯔ!
Tags:
بايانات

مەزكۇر يانبىلوگتىكى يازمىلار پەقەت ئەڭ نازۇك بولغان جىنسىيەت ۋە ئەيدىز ئۇقۇملىرى ۋە ئۆگۈتلىرىنى ئېھتىياجلىق كىشىلەرگە يەتكۈزۈشنى تۈپ مەقسەت قىلغان يانبىلوگ، يازمىلارنى پايدىلىنىش ئۇچۇرى قىلىشقا بولىدۇ، ئەمما ئەمەلىي ئىشلاردا يەنىلا مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ كۆرسەتمىسىنى ئاساس قىلىش كېرەك! يازمىلاردا تىلغا ئېلېنغان كۆز قاراش پەقەت ئەسلى ئاپتۇرغا ۋەكىللىك قىلىدۇ، مېغىزىنى قوبۇل قىلىپ، شاكىلىنى ئايرىشنى ئۆگىنىۋېلىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز!
جىنسىيەت ۋە ئەيدىز ساۋاتلىرى ئۈندىدار سۇپىسى (ئىزدەش نامى: jinsiyatcn) غا ئەگىشىۋېلىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز!
ئەگەر يانبىلوگىم ھەققىدە ھەر قانداق تېخنىكىلىق مەسىلە بايقالسا يانبىلوگ ئورگان ئۈندىدار سۇپىسى yanbilog غا ئەگىشىپ مەسىلە مەلۇم قىلسىڭىز بولىدۇ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى