جىنسىيەت ۋە ئەيدىز ساۋاتلىرى يانبىلوگى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ئەرلەر كۆپىيىش سىستېمىسى( زەكەر )

ئەرلەر كۆپىيىش سىستېمىسى( زەكەر )

ۋاقتى: 2016-11-12 ئاۋاتلىقى: 9069 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

يازما مەزمۇنى ئەخلاقى مەسىللەرگە چېتلغانلىقى ئۇچۇن قېستۇرۇلغان كىچىك رەسىم بىلەن مۇناسىۋەتسىز!
ئەرلەر ئىچىكى كۆپىيىش ئەزالىرى ئۇرۇق بېزى، ئۇرۇق توشۇش يولى ھەم قوشۇمچە ئۇرۇق بېزى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچگە ئالىدۇ.  ئۇرۇق بېزى بولسا ئەرلەرنىڭ كۆپىيىش بېزى، ئۇرۇق ئىشلەپچقىرىش ۋە ئەرلىك ھورمۇن ئاجىرىتىپ چىقىرىدىغان ئەزاسى بولۇپ، ئۇرۇق توشۇش نەيچە يولى قوشۇمچە ئۇرۇق بېزى، ئۇرۇق توشۇش نەيچىسى، ئۇرۇق بېغىشى ھەم سۈيدۈك يولىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇرۇق بېزى ئۇرۇق ئىشلەپچىقارغانلىقتىن، قوشۇمچە ئۇرۇق بېزى ئىچىدە ساقلىنىدۇ. ئۇرۇق چىقارغان ۋاقىتتا ئۇرۇق توشۇش نەيچىسى، ئۇرۇق چىقىرىش نەيچىسىىدىن ئۆتۈپ، ئەڭ ئاخىرىدا سۈيدۈك يولى ئارقىلىق بەدەن سىرتىغا چىقىرىلىدۇ. 

قوشۇمچە ئۇرۇق بېزى ئۇرۇق خالتا بېزى، مەزى بېزى، سۈيدۈك يولى، شارچە بېزىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇلارنىڭ ئاجرىتىپ چىقارغان سۇيۇقلۇقى ئۇرۇق بىلەن بىرلىشىپ مەنىي ھاسىل قىلىدۇ، ئۇرۇقنى ئوزۇقلۇق بىلەن تەمىنلەيدۇ ھەمدە ئۇرۇقنىڭ ھەرىكەت قابىلىيتىنى كۈچەيتىدۇ. سىرتقى كۆپىيىش ئەزالىرى تاش خالتىسى ۋە زەكەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 
1. زەكەر 
ۋايىغا يەتكەن كىشلەرنىڭ زەكىرى تەخمىنەن 6~9 سانتېمىتىر كېلىدۇ، قايىم بولغاندا يەنە بىر ھەسسىدەك ئۇزىرىشى مۇمكىن. زەكەر ئاساسلىقى ئۈچ دانە بۇلۇتسىمان تەنچىدىن تەركىب تاپىدۇ. 
دۈمبە تەرىپىدە ئىككى تال يۇمۇلاق بۇلۇتسىمان تەنچە، قورساق تەرىپىدە ئنچىكىرەك كەلگەن بىر تال سۈيدۈك يولى زەكەر بۇلۇتسىمان تەنچىسى بار. ئىككى تال زەكەر بۇلۇتسىمان تەنچىسى يۇقىرىدا دوۋسۇن سۆڭەك بىرلەشمىسىنىڭ ئاستىغا بارغاندىن كېيىن، تۆۋەنگە ۋە ئىككى يانغا قاراپ ماڭىدۇ ۋە ئىككى يانغا بۆلىنىدۇ، بۆلۈنگەن قىسمى زەكەر يىلتىزى دەپ ئاتىلىدۇ. زەكەر يىلتىزى (پۇتى) سۈيدۈك يولى ۋە مەنىي يولى پەردىسىنىڭ ئاستىدا بولۇپ، دوۋسۇن تۆۋەنكى شېخىغا چاپلىشىپ تۇرىدۇ ھەمدە ئولتۇرغۇچى سۆڭەك بۇلۇتسىمان تەن مۇسكۇلى بىلەن يۆگىلىپ تۇرىدۇ. زەكەر بېشى سۈيدۈك يولى بۇلۇتسىمان تەننىڭ زورايغان قىسمىدىن ئىبارەتتۇر. ئۇنىڭ ئۇچىدا بىر تۆشۆك بولۇپ، سۈيدۈك يولى ئاغزى دەپ ئاتىلىدۇ. زەكەر بېشىنى ئوراپ تۇرىدىغان بىر قاتلاق تېرە بولۇپ، ئادەتتە ئۇ خەتنىلىك تېرە ياكى خەتنىگاھ دىېيىلىدۇ. ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلغۇچى مىللەتلەر ئوغۇل بالىلار 6~7 كىرگەندە مەزكۇر خەتنىلىك تېرىنى كېسۋىتېدۇ. زامانىۋى تەتقىقاتلار بۇ خىل خەتنە قىلىش ئادىتى زور ئىلمى ئەھمىيەتكە ئىگە دوپ قارىدى ھەمدە جىنسىي ئەزا سەرتانىنى (راكى) خەتنىلىك تېرە قىسىپ قويۇپ ئازابلىنىش ۋە خەتنىلىك تېرە ئىچكى تەرىپى چىرىپ كېتىشتەك كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئالدىغانلىقىنى ئىسپاتلىدى. 
زەكەر بىر نەسىللىنىش ئەزاسى بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ دەل ئوتتۇرسىدىكى سۈيدۈك يولى سۈيدۈك چىقىرىش ۋە مەنىي چىقىرىشتىن ئىبارەت قوش ۋەزىپە ئورۇندايدۇ. 

ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻛﯚﭖ ﺟﯩﻨﺴﯩﻴﻪﺕ ﺑﯩﻠﯩﻤﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﯧﺮﯨﺸﻤﻪﻛﭽﻰ ﺑﻮﻟﺴﯩﯖﯩﺰ, ﺟﯩﻨﺴﯩﻴﻪﺕ ﺋﯜﻧﺪﯨﺪﺍﺭ ﺳﯘﭘﯩﺴﻰ (ﺋﯩﺰﺩﻩﺵ ﻧﺎﻣﻰ: jinsiyatcn)ﻏﺎ bz ﺩﻩﭖ ﻗﺎﻳﺘﯘﺭﯗﭖ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﻚ ﺋﯘﭼﯘﺭﻏﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﯩﯔ. 
«ﺟﻪﻟﻪﻕ (ﺋﺎﻧﺎﻟﯩﺰﯨﻢ, ﻗﻮﻟﺪﺍ ﻟﻪﺯﺯﻩﺗﻠﯩﻨﯩﺶ)» ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﻳﺎﺯﻣﯩﻐﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﻤﻪﻛﭽﻰ ﺑﻮﻟﺴﯩﯖﯩﺰ ﺟﯩﻨﺴﯩﻴﻪﺕ ﺋﯜﻧﺪﯨﺪﺍﺭ ﺳﯘﭘﯩﺴﯩﻐﺎ x012 ﺩﻩﭖ ﻗﺎﻳﺘﯘﺭﯗﭖ ﺋﯧﺮﯨﺸﯩﯔ!
Tags:
بايانات

مەزكۇر يانبىلوگتىكى يازمىلار پەقەت ئەڭ نازۇك بولغان جىنسىيەت ۋە ئەيدىز ئۇقۇملىرى ۋە ئۆگۈتلىرىنى ئېھتىياجلىق كىشىلەرگە يەتكۈزۈشنى تۈپ مەقسەت قىلغان يانبىلوگ، يازمىلارنى پايدىلىنىش ئۇچۇرى قىلىشقا بولىدۇ، ئەمما ئەمەلىي ئىشلاردا يەنىلا مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ كۆرسەتمىسىنى ئاساس قىلىش كېرەك! يازمىلاردا تىلغا ئېلېنغان كۆز قاراش پەقەت ئەسلى ئاپتۇرغا ۋەكىللىك قىلىدۇ، مېغىزىنى قوبۇل قىلىپ، شاكىلىنى ئايرىشنى ئۆگىنىۋېلىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز!
جىنسىيەت ۋە ئەيدىز ساۋاتلىرى ئۈندىدار سۇپىسى (ئىزدەش نامى: jinsiyatcn) غا ئەگىشىۋېلىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز!
ئەگەر يانبىلوگىم ھەققىدە ھەر قانداق تېخنىكىلىق مەسىلە بايقالسا يانبىلوگ ئورگان ئۈندىدار سۇپىسى yanbilog غا ئەگىشىپ مەسىلە مەلۇم قىلسىڭىز بولىدۇ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى