جىنسىيەت ۋە ئەيدىز ساۋاتلىرى يانبىلوگى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ئەر-ئاياللىق تۇرمۇشتا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار

ئەر-ئاياللىق تۇرمۇشتا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار

ۋاقتى: 2016-11-06 ئاۋاتلىقى: 2065 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

جىنسىي ئالاقىدە تۆۋەندىكىلەرگە ئالاھىدە دىققەت قىلىش لازىم:
بىرىنچى: كېسەللىك ھالىتىدە، ئەقەللىسى زۇكام بولۇپ قالغاندىمۇ جىنسىي ئالاقە قىلماسلىق لازىم. 
ئىككىنچىسى: ھەيز كۆرگەن مەزگىلدە، ھامىلدارلىقنىڭ دەسلەپكى ئۈچ ئېيىدا ۋە ئاخىرقى ئىككى ئېيىدا ھەرگىز جىنسىي ئالاقە قىلماسلىق لازىم. بۇنىڭغا رىئايە قىلماسلىق ئەر-ئايالنىڭ سالامەتلىكى، ئانا بىلەن ھامىلىنىڭ ھاياتىغا خەۋپ يەتكۈزىدۇ. 
ئۈچىنچىسى: قورساقنى تويغۇزۇپلا ۋە ياكى ئاچ قورساق جىنسىي ئالاقە قىلىش زىيانلىق. شەيخۇلرەئىس : ئاشقازىنى بۇزۇلغان ۋاقىتتا، شۇنىڭدەك قۇسۇش ۋە ئىچى سۈرۈش بىلەن كۈچلۈك بوشىتىلىشتىن كېيىن، ھەيز ۋە قانلىق ئىچى سۈرۈشتىن كېيىن، جىسمانى ۋە نەپسانى ھەرىكەتلەردىن كېيىن، سىيىش ۋە چوڭ تەرەت چىقىرىش چېغىدا، تۇمۇردىن قان ئالغاندىن كېيىن ئالاقە قىلىشتىن قېچىش كېرەك دەپ كۆرسەتكەن. 
تۆرتىنچى: ئۆزىنىڭ يېشىدىن چوڭ كىشىلەر بىلەن جىنسىي ئالاقە قىلىش ئادەمنى بالدۇر كاردىن چىقىرىپ، مىزاجنى بۇزۇپ سالامەتلىككە زىيان يەتكۈزىدۇ. ئىكسىرى ئەزەم ناملىق كىتابتا مۇئەللىپ شەيخۇلرەئىستىن نەقىل كەلتۈرۈپ:ھەيزدار ئاياللار، كېسەل ئاياللار، بالاغەتكە يەتمىگەن قىزلار، ياشانغان ئاياللار ۋە ئۇزۇن مۇددەت جىنسىي مۇناسىۋەت قىلمىغان ئاياللار بىلەن ئالاقە قىلىش ئەرلەر ئۈچۈن ئىنتايىن زىيانلىق دېگەن. شەيخ بۇ ھەقتە ئۆز كىتابىدا بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۆز ھېسسىياتلىرى بىلەن ئۇرۇق ئەزالىرىنىڭ قۇۋۋىتىنى كېسىدۇ دەپ قالدۇرغان. 
بەشىنچى:جىنسىي ئالاقىدىن كېيىنلا سوغۇق ئىچىملىكلەرنى ئىچىش، سۇغۇق يىمەكلىكلەرنى يىيىش، سۇغۇق سۇدا يۇيۇنۇش ۋە ئىستىنجا قىلىش ناھايىتى زىيانلىق. لەززەت سىرلىرى ناملىق كىتابتا ئەرلەر جىنسىي ئالاقىدىن كېيىن بىر چىنە ھەسەل سۈيى ئىچىشكە ئادەتلەنسە، ئۇنىڭ ئەرلىك قۇۋۋىتى ئاجىزلاشمايدۇ دەپ قالدۇرغان. ئەلى ھاجى قۇرباننىياز ئەمچى بىر كىتابىدا :ھەر قېتىملىق جىنسىي ئالاقىدىن كېيىن، تاناسىل ئەزا ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىنى ئىلمان سۇدا پاكىز يۇيۇپ، قۇرۇق لۆڭگە بىلەن سۈرتۈۋېتىپ. قولنى سۇپۇنلاپ يۇيۇپ، ئېغىزنى چايقاپ، تاتلىق يېمەكلىكلەردىن خورما، ياڭاق ماتىڭى، ناۋات، ھەسەل، ھەر خىل مۇراببا(ئىسسىققا مايىل بولسا كېرەك) گۈلقەنت ياكى كاۋاپ، تۇخۇم قاتارلىق قۇۋۋەتلىك يېمەكلىكلەردىن ئازراق يەپ، ئىسسىق يۆگىنىپ بىردەم يېتىۋېلىش شۇ كۈندىكى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى جىنسىي مۇناسىۋەتلەردە جىنسىي ھېسسىياتنىڭ قايتا قوزغىلىش ۋە ئۇزۇن داۋاملىشىشىنى ساقلاپ جىنسىي ئاجىزلىقتىن خالىي قىلىدۇ ۋە بىر قىسىم جىنسىي كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ دەپ كۆرسەتكەن. 
ئالتىنچى : نامۇۋاپىق ئۇسۇل، شەكىللەر بىلەن جىنسىي ئالاقە قىلىش ھەر ئىككى تەرەپنى ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار قىلىدۇ. شەيخۇلرەئىس تېبابەت قانۇنىدا : خۇتۇن كىشىنىڭ ئەرنىڭ ئۈستىگە چىقىشىنى جىنسىي ئالاقىنىڭ زەرەرلىك شەكلىدۇر. چۈنكى بۇنىڭدا ئۇرۇقنىڭ شىددەت بىلەن ئېتىلىشى نەتىجىسىدە دەببە(؟) بولۇش، ماياك كۆنجىشى، ئالەت تۆشۈكى ۋە قۇۋۇقنىڭ يارىلىنىش خەۋپى بار؛ ئالەت يولىغا ئايال تەرەپتىن بىر نەرسە ئېقىشىمۇ مۇمكىن دەپ كۆرسەتكەن. قايسىبىر كىتابتا (ئېنىق ئىسىمدە يوق) يانچە يېتىپ ئالاقە قىلىش بۆرەكتە تاش پەيدا بولۇشقا سەۋەبچى بولىدۇ دەپ قالدۇرۇلغان. 
يەتتىنچى: روھىي ۋە جىسمانى جەھەتلەردىن ھېرىپ چارچىغاندا (بولۇپمۇ روھىي جەھەتتىن) چۈشكۈنلۈككە ئۇچرىغاندا جىنسى ئالاقە قىلىش جىنسىي ئاجىزلىققا ئېلىپ بارىدۇ. 
سەككىزىنچى: ھەۋەس قوزغالمىغان ئەھۋال ئاستىدا زورمۇزور ۋە ياكى ئۆزىنى مەجبۇرلاپ جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈش جىنسىي ئاجىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇ ھەقتە شەيخۇلرەئىس : ئالاقە ساغلام ۋە ھەقىقىي ئىستەك بىلەن بولۇشى، قاراش، ئويلاش، سىلاش، ۋە قىچىغلاش بىلەن بولماسلىق كېرەك. بەلكى ئۇ ئىستەك ئۇرۇق كۆپلۈكى ۋە توپلانغانلىقى بىلەن قوزغالغان بولۇشى كېرەك. بۇلەر ئەرلىك قۇۋۋەتنىڭ ساغلام بولىغا ياردەم بېرىدۇ دەپ قارىسا كېيىنكىلەر بۇلارنىڭ قاتارىدىن ئويلاش ۋە قاراش بىلەن قوزغالسىمۇ زەرەرلىك ئەمەس دەپ قارايدۇ. 
توققۇزىنچى: بەدەن قىزىپ ياكى سۇۋۇپ تۇرغاندا ئالاقە قىلماسلىق كېرەك. شەيخۇلرەئىس : ئىسسىق جايلاردا ۋە ئىسسىق ۋاقىتتا ئالاقە قىلىشتىن ساقلىنىش كېرەك. بەدەن قىزىپ ۋە سۇۋۇپ تۇرغاندا ئالاقىدىن قېچىش كېرەك؛ بېراق بەدەن قىزىپ تۇرغاندا ئالاقە قىلىش، سۇۋۇپ تۇرغاندا ئالاقە قىلغانغا قارىغاندا بىخەتەررەكتۇر. شۇنىڭدەك بەدەن ھۆل بولغاندىن كېيىن ئالاقە قىلىش، بەدەن قۇرۇق ۋاقىتتا ئالاقە قىلىشتىن ياخشىراقتۇر دەپ كۆرسەتكەن. 
ئونىنچى: جىنسى ئالاقىدە بەك كۈچەپ كېتىش، ۋاقتى ۋە قېتىم سانى كۆپ بولۇپ كېتىش زىيانلىق. ئالاقە ھەققىدە شەيخۇلرەئىس: ئالاقە ۋاقتىدا ئاخىرقى ئۇزۇقلۇق جەۋھىرىدىن بىر قىسمى بوشىتىلىدۇ ۋە بۇ شۇنداق زەئىپلەشتۈرۈدىكى باشقا بوشىتىشلارنىڭ ھېچقايسىسى بۇنداق زەئىپلەشتۈرمەيدۇ؛ بۇ ئۆز لەززىتى سەۋەبلىك روھ جەۋھەرلىرىدىنمۇ كۆپ مىقداردا چىقىرىدۇ دەپ قالدۇرغان. بۇنداق بوشىتىشلار ۋە چىقىملار كۆپەيگەنسىېرى بەدەننى سۇۋۇتىدۇ، مېڭىنى ئاجىزلاشتۇرىدۇ، قۇۋۋەتنى يوقىتىدۇ. 
ئون بىرىنچى: ھاراق، نەشىگە ئوخشاش مەست ۋە كەيپ قىلغۇچى نەرسىلەرنى ئىستىمال قىلىپ، كەيپلىكتە ۋە مەستلىكتە ئالاقە قىلىش جىنسىي ئاجىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. 

ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻛﯚﭖ ﺟﯩﻨﺴﯩﻴﻪﺕ ﺑﯩﻠﯩﻤﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﯧﺮﯨﺸﻤﻪﻛﭽﻰ ﺑﻮﻟﺴﯩﯖﯩﺰ, ﺟﯩﻨﺴﯩﻴﻪﺕ ﺋﯜﻧﺪﯨﺪﺍﺭ ﺳﯘﭘﯩﺴﻰ (ﺋﯩﺰﺩﻩﺵ ﻧﺎﻣﻰ: jinsiyatcn)ﻏﺎ bz ﺩﻩﭖ ﻗﺎﻳﺘﯘﺭﯗﭖ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﻚ ﺋﯘﭼﯘﺭﻏﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﯩﯔ. 
«ﺋﻪﺭ-ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﻧﯩﯔ ﺟﯩﻨﺴﯩﻲ ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ ﺋﯚﻣﯜﺭﻯ ﻗﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻚ» ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﻳﺎﺯﻣﯩﻐﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﻤﻪﻛﭽﻰ ﺑﻮﻟﺴﯩﯖﯩﺰ ﺟﯩﻨﺴﯩﻴﻪﺕ ﺋﯜﻧﺪﯨﺪﺍﺭ ﺳﯘﭘﯩﺴﯩﻐﺎ x014 ﺩﻩﭖ ﻗﺎﻳﺘﯘﺭﯗﭖ ﺋﯧﺮﯨﺸﯩﯔ!
Tags:
بايانات

مەزكۇر يانبىلوگتىكى يازمىلار پەقەت ئەڭ نازۇك بولغان جىنسىيەت ۋە ئەيدىز ئۇقۇملىرى ۋە ئۆگۈتلىرىنى ئېھتىياجلىق كىشىلەرگە يەتكۈزۈشنى تۈپ مەقسەت قىلغان يانبىلوگ، يازمىلارنى پايدىلىنىش ئۇچۇرى قىلىشقا بولىدۇ، ئەمما ئەمەلىي ئىشلاردا يەنىلا مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ كۆرسەتمىسىنى ئاساس قىلىش كېرەك! يازمىلاردا تىلغا ئېلېنغان كۆز قاراش پەقەت ئەسلى ئاپتۇرغا ۋەكىللىك قىلىدۇ، مېغىزىنى قوبۇل قىلىپ، شاكىلىنى ئايرىشنى ئۆگىنىۋېلىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز!
جىنسىيەت ۋە ئەيدىز ساۋاتلىرى ئۈندىدار سۇپىسى (ئىزدەش نامى: jinsiyatcn) غا ئەگىشىۋېلىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز!
ئەگەر يانبىلوگىم ھەققىدە ھەر قانداق تېخنىكىلىق مەسىلە بايقالسا يانبىلوگ ئورگان ئۈندىدار سۇپىسى yanbilog غا ئەگىشىپ مەسىلە مەلۇم قىلسىڭىز بولىدۇ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى