جىنسىيەت ۋە ئەيدىز ساۋاتلىرى يانبىلوگى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ئاياللاردىكى جىنسىي ئاجىزلىق

ئاياللاردىكى جىنسىي ئاجىزلىق

ۋاقتى: 2016-08-13 ئاۋاتلىقى: 3144 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

بۇ ئىچكى تاشقى سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن بەدەندىكى بەلغەم خىلتىدا غەيرىي تەبئىي ئۆزگىرىش يۈز بىرىپ،ئاياللاردا جىنسىي ھەۋىسى قوزغالماسلىق ياكى تۆۋەنلەپ كېتىش،ھەتتا جىنسىي مۇناسىۋەتتىن يېرگىنىش بىلەن ئىپادىلىنىدىغان مىزاج بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىكتىن ئىبارەت.
بۇ كېسەللىك ئۇيغۇر تېبابىتىدە <زەرئىفى باھ زىنانى>دەپ ئاتىلىدۇ.
سەۋەبى:
1.ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىكتىن كېلىپ چىقىدۇ.
بۇنىڭ بىلەن بەدەندىكى جۈملىدىن جىنسىي ئەزالاردىكى ماددا ئالمىشىش ئاجىزلاپ،ئەزالارنىڭ خىزمىتى چېكىنىپ،جىنسىي ئاجىزلىقنى كەلتۇرۇپ چىقىرىدۇ.
2.بەلغەم خىلىتىنىڭ ئېشىپ كىتىشىدىن كېلىپ چىقىدۇ.
3.جىنسىي ئەزالاردىكى ھەرخىل كېسەللىكلەردىن كېلىپ چىقىدۇ.
1)جىنسىي ئەزالاردىكى تۇغما كېسەللىكلەر سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.(جىنسىي يول غەيرىي بولۇش،بالياتقۇ ۋە تۇخۇمداننىڭ يېتىلىشى نۇرمال بولماسلىق،تۇغما تۇخۇمدان ۋە بالياتقۇ بولماسلىق قاتارلىقلار).
2)بالياتقۇ بوينى ياللۇغى،بالياتقۇ بوينى مۇنچاق گۆشى،بالياتقۇ مۇسكۇل ئۆسمىسى،بالياتقۇ بوينى راكى،بالياتقۇ بوينى ئىچكى پەردە ياللۇغى…..
4.نۇرمالسىز ئادەتلەر تەسىرىدىن كېلىپ چىقىدۇ.
روھى چۇشكۈنلۈك ۋە داۋاملىق ئۆزىنى كەمسىتىش،ئاياللارغا خاس مىزاج-خۇلۇقىنىڭ بولماسلىقى،شەخسىي تازىلىقنى ياخشى تۇتماسلىق،بىرلىك ۋاقىتتا كۆپ قېتىم جىنسىي مۇناسىۋەت قېلىش ياكى جەلەق بىلەن ئادەتلىنىش قاتارلىقلار بەدەن قۇۋۋىتىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ،جىنسىي ئاجىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
5.جورىسىدىكى نۇرمالسىزلىقلار تەسىرىدىن كېلىپ چىقىدۇ.
جورىسىدىكى مەنىي بالدۇر يۈرۈپ كېتىش،ئۆزلۈكىدىن مەنىي يۈرۈپ كېتىش،مەزى بېزى ياللۇغى قاتارلىقلار جىنسىي تۇرمۇشنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك بولماسلىق ،ئۇزۇن مەزگىل جىنسىي مۇناسىۋەت قىلماسلىق،شەخسىي تازىلىققا دىققەت قىلماسلىق،جورىسىنىڭ مەسىت ھالەتتە جىنسىي مۇناسىۋەت قىلىشىغا ئادەتلىنىپ قېلىشى،جىنسىي مۇناسىۋەتتە سىلىق بولماسلىق،ئايالىغا كۆيۈنمەسلىك قاتارلىقلار بارا-بارا جىنسىي مۇناسىۋەتتىن يىرگىنىش،ئۇنىڭغا قىزىقماسلىق ئەھۋالىنى شەكىللەندۇرۇپ،تەدرىجىي جىنسىي ئاجىزلىقنى كەلتۇرۇپ چىقىرىدۇ.
6.ئېغىر جىسمانىي ھەرىكەت ۋە زىيادە ھېرى-چارچاش تۈپەيلىدىن كېلىپ چىقىدۇ.
7.نېرۋا-روھىي ئامىللارنىڭ تەسىرىدىن كېلىپ چىقىدۇ.
ئۇزاق مۇددەت ئىچى ئاغرىق تارتىش،تۇرمۇش تەرتىپسىز بولۇش،ھەسەتخورلۇق ھەمدە كۈنسايىن ئېشىپ بېرىۋاتقان جەمئىيەتنىڭ ئاياللارنىڭ تۇرمۇشىغا كۆرسىتىدىغان سەلبىي تەسىرى قاتارلىقلار ئاياللارنىڭ نېرۋا ۋە روھىي پائالىيتى قالايمىقانلىشىپ،جىنسىي ئاجىزلىقنى كەلتۇرۇپ چىقىرىدۇ.
8.ئۇزاق مۇددەت بويتاق يۈرۈش سەۋەبىدىن كىلىپ چىقىدۇ.
قىز-چوكانلارنىڭ ساغلام تۇرۇپ بويتاق ياشاش ۋاقتى بەك ئۇزۇن بولسا،جىنسىي بەزلەرنىڭ غىدىقلىنىشىنى تورمۇزلاپ،جىنسىي ھورمۇنلارنىڭ ھاسىل بولىشىنى چەكلىمىگە ئۇچرىتىپ قويىدۇ،نەتىجىدە جىنسىي ھورمۇنلارنىڭ غىدىقلىشى ئاجىزلاپ،تەدرىجىي جىنسىي مۇناسىۋەتكە قىزىقماسلىق،يەنى جىنسىي ئاجىزلىقنى كەلتۇرۇپ چىقىرىدۇ.
ئالامىتى:
يات جىنىسلىقلارغا قىزىقماسلىق،جىنسىي ھەۋەس قوزغالماسلىقياكى تۆۋەنلەش،جىنسىي تۇرمۇشقا قزىقماسلىق،جىنسىي مۇناسىۋەتتىن قورقۇش ياكى يىرگىنىش قاتارلىقلار كۆرۈلىدۇ.جىنسىي ئەزالاردا كىسەللىك بولسا،ئەسلىدىكى كېسەللىكنىڭ ئالامەتلىرگە قوشۇلۇپ كىلىدۇ.ئەگەر تۇخۇمداندا تۇغما غەيرىيلىك بولسا،قىزلاردا ھەيز كەلمەسلىك ياكى ھەيز نۇرمالسىزلىقى،ئىككىلەمچى جىنسىي ئالامەتلەر روشەن ئىپادىلەنمەسلىك،قىزلارغا خاس خۇلۇق بولماسلىق قاتارلىقلار كۆرۈلىدۇ.
داۋالاش پىرىنسىپى:
1.ئوزۇق يىتىشمەسلىكتىن كېلىپ چىققان بولسا،ئوزۇقلۇق تولۇقلاش ۋە ئومومىي بەدەننى قۇۋۋەتلەش مەقسىتىدە داۋالاش ئېلىپ بىرىلىدۇ.
2.بەلغەم خىلىتىنىڭ ئېشىپ كىتىشىدىن بولغان بولسا،تازىلاش ئېلىپ بىرىلىدۇ.
3.جىنسىي ئەزالاردىكى ھەرخىل كىسەللىكلەر سەۋەبىدىن كىلىپ چىققان بولسا،ئەسلىدىكى كېسەللىككە قارىتا داۋالاش ئېلىپ بىرىلىدۇ.
4.نۇرمالسىز ئادەتلەرگە قارىتا تەربىيە ئېلىپ بىرىش كېرەك.
5.روھى ئامىللار سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان بولسا،ئۇنىڭغا قارىتا روھى داۋالاش ئېلىپ بىرىلىدۇ.
دىققەت قىلىدىغان ئشلار:
مەيلى قايسى سەۋەپتىن بولغان جىنسىي ئاجىزلىق بولسۇن،تۆۋەندىكى ئشلارغا دىققەت قىلىش كېرەك.
جىنسىي ئەزالاردىكى باشقا كېسەللىك ياكى قارشى تەرەپتىكى كېسەللىك بولسۇن،ئەسلىدىكى كېسەللىك سەۋەبچىسىگە قارىتا داۋالاش ئېلىپ بىرىلىدۇ،تازىلىققا ئەھمىيەت بىرىلىدۇ،روھى جەھەتتىن ئۆزىنى خۇشال تۇتۇش تەۋسىيە قىلىنىدۇ.

ئەگەر ئاياللاردا جىنسىي ئاجىزلىق كۆرۈلسە، بۇ تۇرمۇشقا زور بەختسىزلىكلەرنى ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن، شۇڭا جىنسىي ئاجىزلىق كۆرۈلگەن ۋە بۇنىڭ داۋاسىغا ئېھتىياجلىقلارغا بىز يەنىلا قىزىلگۈلقىز ۋە قىزىلگۈلقىز سىرلىق ئەڭگۈشتىرى مەھسۇلاتىنى تەۋسىيە قىلىمىز. بۇ ئىككى مەھسۇلات ئاياللاردىكى جىنسىي ئاجىزلىق، جىنسىي يولى يىرتىلىپ كېتىش، كېڭىيىپ كېتىش، ئاق خون كۆپ كېلىش، ھەيز قالايمىقان كېلىش، ھەيز ئاغرىتىپ كېلىش قاتارلىق ئاياللار ساقسىزلىق ئەھۋاللىرىغا ياخشى شىپا قىلىدۇ. 
قىزىلگۈلقىز ۋە قىزىلگۈلقىز سىرلىق ئەڭگۈشتەر مەھسۇلاتىغا ئېھتىياجلىقلارنىڭ تاۋباۋ تورىدىن kizilgulkiz دەپ ئىزدەپ سېتىۋېلىشنى تەۋسىيە قىلىمىز!

ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻛﯚﭖ ﺟﯩﻨﺴﯩﻴﻪﺕ ﺑﯩﻠﯩﻤﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﯧﺮﯨﺸﻤﻪﻛﭽﻰ ﺑﻮﻟﺴﯩﯖﯩﺰ, ﺟﯩﻨﺴﯩﻴﻪﺕ ﺋﯜﻧﺪﯨﺪﺍﺭ ﺳﯘﭘﯩﺴﻰ (ﺋﯩﺰﺩﻩﺵ ﻧﺎﻣﻰ: jinsiyatcn)ﻏﺎ bz ﺩﻩﭖ ﻗﺎﻳﺘﯘﺭﯗﭖ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﻚ ﺋﯘﭼﯘﺭﻏﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﯩﯔ. 
«ﺟﯩﻨﺴﯩﻲ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺕ ﺋﺎﻟﺪﻯ-ﻛﻪﻳﻨﯩﺪﯨﻜﻰ ﻳﯘﻳﯘﻧﯘﺵ» ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﻳﺎﺯﻣﯩﻐﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﻤﻪﻛﭽﻰ ﺑﻮﻟﺴﯩﯖﯩﺰ ﺟﯩﻨﺴﯩﻴﻪﺕ ﺋﯜﻧﺪﯨﺪﺍﺭ ﺳﯘﭘﯩﺴﯩﻐﺎ x016 ﺩﻩﭖ ﻗﺎﻳﺘﯘﺭﯗﭖ ﺋﯧﺮﯨﺸﯩﯔ!
Tags:
بايانات

مەزكۇر يانبىلوگتىكى يازمىلار پەقەت ئەڭ نازۇك بولغان جىنسىيەت ۋە ئەيدىز ئۇقۇملىرى ۋە ئۆگۈتلىرىنى ئېھتىياجلىق كىشىلەرگە يەتكۈزۈشنى تۈپ مەقسەت قىلغان يانبىلوگ، يازمىلارنى پايدىلىنىش ئۇچۇرى قىلىشقا بولىدۇ، ئەمما ئەمەلىي ئىشلاردا يەنىلا مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ كۆرسەتمىسىنى ئاساس قىلىش كېرەك! يازمىلاردا تىلغا ئېلېنغان كۆز قاراش پەقەت ئەسلى ئاپتۇرغا ۋەكىللىك قىلىدۇ، مېغىزىنى قوبۇل قىلىپ، شاكىلىنى ئايرىشنى ئۆگىنىۋېلىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز!
جىنسىيەت ۋە ئەيدىز ساۋاتلىرى ئۈندىدار سۇپىسى (ئىزدەش نامى: jinsiyatcn) غا ئەگىشىۋېلىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز!
ئەگەر يانبىلوگىم ھەققىدە ھەر قانداق تېخنىكىلىق مەسىلە بايقالسا يانبىلوگ ئورگان ئۈندىدار سۇپىسى yanbilog غا ئەگىشىپ مەسىلە مەلۇم قىلسىڭىز بولىدۇ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى