جىنسىيەت ۋە ئەيدىز ساۋاتلىرى يانبىلوگى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

جۆرىڭىز (ئېرىڭىز) سىرتقا قاراپ قالغاندا

جۆرىڭىز (ئېرىڭىز) سىرتقا قاراپ قالغاندا

ۋاقتى: 2016-09-06 ئاۋاتلىقى: 2794 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

خىزمەت تۈپەيلى دائىم باشقىلارنىڭ‹يولدىشىم (ئايالىم) تالا غا قاراپ قالدى ئاجراشماقچى بولىۋىدىم قانداق قىلىمەن؟› دېگەنگە ئوخشاش مەسلىھەت سوراشلىرىغا ئۇچراپ تۇرىمەن. ئاددىيلا مەسلىھەت بولسا ئەلۋەتتە بىرى كېلىشىم بىلەن ئاجرىشىش، يەنە بىرى دەۋا يولى بىلەن ئاجرىشىش دەپلا جاۋاب بېرىپ ئۆتۈپ كېتىمەن. ئەمما نىكاھ ھەربىر ئادەمگە نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم، ئۇنىڭغا ھەرگىزمۇ بىر ئىككى ئېغىز گەپ بىلەن مەسلىھەت بېرىپ بولغىلى ياكى نەچچە ئېغىز نەسىھەت بىلەن كۆڭۈلسىزلىكلەردىن توسۇپ بولغىلى بولمايدۇ. كەسىپ ۋە دەۋالاشقۇچىلارغا بولغان سەمىمىيەت تۈپەيلىدىن تۇرمۇش ئىشلىرىدا ئاز بولسىمۇ ياردىمى بولسىكەن دېگەن ئۈمىدتە تورداشلىرىمغا تۆۋەندىكى قۇرلارنى بايان قىلىپ بەرمەكچىمەن. 
بىرىنچى، نىكاھ ئىشلىرىدا سوغۇققان بولۇش، ھەقىقەتەن ئۈچىنچى شەخىسنىڭ باريوقلۇقىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش لازىم. تۇرمۇشتا بىرقىسىم كىشىلەر ھەددىدىن زىيادە گۇمانخور بولۇپ، باشقىلارنىڭ پىتنە -پاساتلىرىغا ئاسانلا ئىشىنىپ ئىللىق ئائىلىسىنى ۋەيران قىلىدۇ. بولۇپمۇ بىرقىسىم ئاياللار يامان خەۋەرنى ئاڭلىغان ھامان ئالدى-ئارقىنى ئويلىماي غەۋغا كۆتۈرۈپ يوق ئىشتىن كۆڭۈل ئاغرىقى تېپىۋالىدۇ. شۇڭا بۇنداق ئىشتا ھەقىقىي ئەھۋالنى بىلىش، دەلىل ئىسپاتلارغا ئاساسەن ھۆكۈم چىقىرىش ئىنتايىن مۇھىم. گەرچە بۇخىل دەلىل-ئىسپاتلارنى توپلاش مۈشكۈل بولسىمۇ ئىللىق ئائىلىڭىزنىڭ ۋەيران بولماسلىقى ئۈچۈن بۇنچىلىك قىيىنچىلىق ھېچنەرسە ئەمەس ئەلۋەتتە. 
ئىككىنچى، ئەگەر قارشى تەرەپنىڭ ھەقىقەتەن سىرتتا غەيرى مۇناسىۋېتى بارلىقى مۇقۇملاشتۇرۇلسا، ئۇنىڭ ئادەتتىكى مۇناسىۋەت ياكى قانۇنسىز بىللە تۇرۇش مۇناسىۋېتى ئىكەنلىكى، ئۈچىنچى شەخىس بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنىڭ قايسى دەرىجىدە ئىكەنلىكىگە ھۆكۈم قىلىش كېرەك. گەرچە ھەر ئىككىسى نورمال بولمىغان ئەر-ئاياللىق مۇناسىۋېتى بولسىمۇ ئەمما بىر-بىرىگە ئوخشىمايدىغان ئىككى خىل ئۇقۇم. ئالدىنقىسىدا بەلكىم قارشى تەرەپ ئۈچىنچى تەرەپنىڭ ئازدۇرۇشى ياكى تەھدىتى ئاستىدا ئائىلىگە قايتالمايۋاتقان ۋە ياكى ئائىلىدىن كۆڭلى سۇئىچمىگەن ئەھۋالدا بىردەملىك ھېسىياتقا بېرىلىپ قىلىپ قويغان سەۋەنلىكى بولۇشى مومكىن. ئۇنى قايتۇرۇپ كېلىشنىڭ ئىمكانىيتى بىرقەدەر چوڭ بولۇپ بۇخىل ئەھۋالدا قارشى تەرەپكە ياردەم قىلىپ ئۈچىنچى شەخىسنىڭ قوينىدىن قايتىپ چىقىشىغا ياردەملىشىش ئۇسۇلىنى قوللانسا بىرقەدەر مۇۋاپىق. ئەگەر يولدىن چىققان تەرەپ ئۈچىنچى شەخىس بىلەن ئۆي تۇتۇش دەرىجىسىگە بېرىپ يەتكەن بولسا ھەم ئۇنى قايتۇرۇپ كېلىش ئىمكانىيتى بولمىسا ئەڭ ياخشىسى ئاجرىشىشقا تەييارلىق كۆرۈش بىرقەدەر ئاقىلانىلىق ھېسابلىنىدۇ. 
ئۈچىنچى، نىكاھ مەسلىسىدەچوقۇم سوغۇققان بولۇش ئائىلىنى ساقلاپ قېلىشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش لازىم. ئەگەر ھەقىقەتەن ئاجرىشىش قارارىغا كەلگەندە سەۋەنلىك يوق تەرەپ تۆۋەندىكى تەييارلىقلارنى ياخشى قىلىش لازىم. 
1. ئىمكانقەدەر قارشى تەرەپنىڭ يولدىن چىققانلىقىنى ئىسپاتلايدىغان ئىسپاتلارنى كۆپرەك توپلاش لازىم. بۇئارقىلىق ئارىدىكى ھېسىياتنىڭ بوزۇلغانلىقىنى ئىسپالىغىلى بولۇپلا قالماستىن يەنە نىكاھتىن ئاجراشقاندا ئورتاق مۈلۈكلەرنىڭ قارشى تەرەپكە بۆلۈپ بېرىلمەسلىكى ياكى ئاز بۆلۈپ بېرىلىشىنى يىتەرلىك ئىسپات بىلەن تەمىنلىگىلى بولىدۇ. 
2. ئائىلىدىكى مال-مۈلۈكلەرنى ئېنىقلىۋېلىش، قارشى تەرەپنىڭ يوشۇرۇش، يۆتكىۋېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش لازىم. ئۆينىڭ مۈلۈك ھوقۇقى، يەرئىشلىتىش ھوقۇقى، ماشىنا قاتارلىق مۈلۈكلەر جۈملىدىن، نوپۇس، كىملىك، بانكا كارتىسى، ئىناۋەتلىك كارتا، پايچەك، زايوم قاتارلىق مۇھىم ماتىرىياللارنى ياخشى ساقلاش لازىم. 
3. ئائىلىدىكى مال-مۈلۈكلەرگە بولۇپمۇ قارشى تەرەپنىڭ نامىدىكى ئۆي، زېمىن، دەل-دەرەخ، ماشىناۋە تىجارەت ھوقۇقى قاتارلىقلارغا شۇنداقلا، شىرىك سالغان مەبلەغ، يەككە مەبلەغ، ياكى يوشۇرۇن سالغان مەبلەغ، ئامانەت پۇل، تۈرلۈك قەرز ۋەھەقدارلىق، سۇغۇرتا قاتارلىقلارغا مۇناسىۋەتلىك ھۆججەت ئىسپاتلارنى ياخشى ساقلاش ھەم بىلىۋېلىش ئىمكانقەدەر كۆپەيتىۋېلىش لازىم. ئۇنىڭدىن باشقا، ئۆيدىكى ئېلىكتىر سايمانلىرى، ئۆي جابدۇقلىرى ۋە ئۆيدە ساقلانغان قىممەتلىك بۇيۇملارنى تەپسىلى تىزىملاپ مۈلۈكلەرنى بۆلۈشۈشنىڭ لاھىيەسىنى تۈزۈپ قويۇش لازىم. 
تۆتىنچى، مال-مۈلۈكلەرنى بۆلۈشۈشتە قارشى تەرەپ ۋازكەچمىگەن ئەھۋالدا ئىمكانقەدەر دەۋا يولىنى تاللاش لازىم. چۈنكى سەۋەنلىك بولمىغان تەرەپنىڭ كۆپرەك مال –مۈلۈككە ۋە بالىنىڭ قاراش ھوقۇقىغا ئېرىشىش پۇرسىتى بىرقەدەر كۆپ بولۇپ، بالىنىڭ ئۆسۈپ يىتىلىشى ئىجدىمائىي ئەخلاقنى ساقلاشقا پايدىلىق. 
ئۇنىڭدىن باشقا، نىكاھتىن ئاجرىشىشنى قارار قىلغاندىن كىيىن ئۇچىنچى تەرەپ بىلەن جىدەل قىلىشتىن ساقلىنىش، مال-مۈلۈكلەرنى يوشۇرماسلىق ھەمدە قارشى تەرەپكە جىسمانىي جەھەتتىن زىيان يەتكۈزمەسلىك لازىم. چۈنكى بۇقانۇنغا خىلاپ بولۇپلا قالماستىن ئېغىر بولغاندا جىنايەت شەكىللەندۈرىدۇ. 

ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻛﯚﭖ ﺟﯩﻨﺴﯩﻴﻪﺕ ﺑﯩﻠﯩﻤﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﯧﺮﯨﺸﻤﻪﻛﭽﻰ ﺑﻮﻟﺴﯩﯖﯩﺰ, ﺟﯩﻨﺴﯩﻴﻪﺕ ﺋﯜﻧﺪﯨﺪﺍﺭ ﺳﯘﭘﯩﺴﻰ (ﺋﯩﺰﺩﻩﺵ ﻧﺎﻣﻰ: jinsiyatcn)ﻏﺎ bz ﺩﻩﭖ ﻗﺎﻳﺘﯘﺭﯗﭖ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﻚ ﺋﯘﭼﯘﺭﻏﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﯩﯔ. 
«ﺧﻮﺗﯘﻧﻼﺭ ﺋﻪﺭ-ﺧﻮﺗﯘﻧﻠﯘﻕ ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﯩﻨﻰ ﺋﯩﺪﺍﺭﻩ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻣﺎﮪﺎﺭﯨﺘﯩﻨﻰ ﺋﯩﮕﻪللىۋېلىشى كېرەك» ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﻳﺎﺯﻣﯩﻐﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﻤﻪﻛﭽﻰ ﺑﻮﻟﺴﯩﯖﯩﺰ ﺟﯩﻨﺴﯩﻴﻪﺕ ﺋﯜﻧﺪﯨﺪﺍﺭ ﺳﯘﭘﯩﺴﯩﻐﺎ x019 ﺩﻩﭖ ﻗﺎﻳﺘﯘﺭﯗﭖ ﺋﯧﺮﯨﺸﯩﯔ!
Tags:
بايانات

مەزكۇر يانبىلوگتىكى يازمىلار پەقەت ئەڭ نازۇك بولغان جىنسىيەت ۋە ئەيدىز ئۇقۇملىرى ۋە ئۆگۈتلىرىنى ئېھتىياجلىق كىشىلەرگە يەتكۈزۈشنى تۈپ مەقسەت قىلغان يانبىلوگ، يازمىلارنى پايدىلىنىش ئۇچۇرى قىلىشقا بولىدۇ، ئەمما ئەمەلىي ئىشلاردا يەنىلا مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ كۆرسەتمىسىنى ئاساس قىلىش كېرەك! يازمىلاردا تىلغا ئېلېنغان كۆز قاراش پەقەت ئەسلى ئاپتۇرغا ۋەكىللىك قىلىدۇ، مېغىزىنى قوبۇل قىلىپ، شاكىلىنى ئايرىشنى ئۆگىنىۋېلىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز!
جىنسىيەت ۋە ئەيدىز ساۋاتلىرى ئۈندىدار سۇپىسى (ئىزدەش نامى: jinsiyatcn) غا ئەگىشىۋېلىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز!
ئەگەر يانبىلوگىم ھەققىدە ھەر قانداق تېخنىكىلىق مەسىلە بايقالسا يانبىلوگ ئورگان ئۈندىدار سۇپىسى yanbilog غا ئەگىشىپ مەسىلە مەلۇم قىلسىڭىز بولىدۇ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى