جىنسىيەت ۋە ئەيدىز ساۋاتلىرى يانبىلوگى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

مەنى يۈرۈپ كېتىش ( سۈرئىتى ئىنزال) دېگە نېمە؟

مەنى يۈرۈپ كېتىش ( سۈرئىتى ئىنزال) دېگە نېمە؟

ۋاقتى: 2016-11-01 ئاۋاتلىقى: 4601 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

جىنسىي ئالاقىدە مۇناسىۋەت باشلىنىش بىلەنلا ئەردىن مەنىي چىقىپ كېتىپ، جىنسىي مۇناسىۋەتتە ئەر-ئايالدا يېتەرلىك لەززەتلىنىش بولماي، جىنسىي تۇرمۇشنىڭ سوغۇق كەيپىيات ئىچىدە ئاخىرلىشىشى ئۇيغۇر تېبابىتىدە بالدۇر مەنى يۈرۈپ كېتىش ( سۈرئىتى ئىنزال) دەپ ئاتىلىدۇ. ئەمەلىيەتتە، مەنى مۇنچىلىك ۋاقىتتا چىقسا بولىدۇ دېگەن يەكۈن چىقىرىش ناھايىتى تەس، بۇ ھەقتە بەزى مۇتەخەسسىسلەر ھەر قېتىملىق جىنسىي مۇناسىۋەت ۋاقتى بەكمۇ قىسقا بولۇپ ئىككى مىنۇتقا يەتمىسە، زەكەرنىڭ جىنسىي يول (غىلاپ) قا سۈركۈلىشى 10-15 قېتىمغا يەتمەيلا، مەنى چىقىپ كەتسە، مەنىنىڭ بۇرۇن كېتىپ قىلىشى دەپ قارىلىدۇ. ( بۇ ئەڭ تۆۋەن ئۆلچەم).
ساغلام ئەركەك جىمانى باشلىغاندىن تارتىپ يۇقىرى پەللىگە يېتىپ ئۇرۇق پۈركىگەنگە قەدەر ئۈچ-تۆت مىنۇتتىن 10 مىنۇت ياكى 15 مىنۇتقىچە داۋاملاشتۇرالىسا، بۇ نۇرماللىق دائىرىسىدە بولىدۇ. دەرۋەقە داۋاملىشىش ۋاقتى بۇنىڭدىنمۇ ئۇزۇن بولىدىغانلارمۇ بار. بۇ باشقا گەپ.
ئاياللار ئۈچۈنمۇ جىما باشلىغاندىن يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرلۈشكە 10 مىنۇتچە ۋاقىت كېتىدۇ. مۇشۇنداق بولغاندا جىمانىڭ داۋاملىشىش ۋاقتى ماسلاشقان بولىدۇ. جىمانىڭ داۋاملىشىش ۋاقتىنىڭ ئۇزۇن-قىسقا بولىشىدىن پەرق، ئەر-خوتۇننىڭ توي قىلغان ۋاقتىنىڭ ئۇزۇن-قىسقا بولۇشى، ساغلاملىق ئەھۋالى، روھىي ئامىللار، بولۇپمۇ جىما ئۇسسۇلى قاتارلىقلارغا مۇناسىۋەتلىك. جىما داۋامىدا ئەگەر جىمادىن ئىلگىرىكى تەييارلىق تولۇق بولغان بولسا گەرچە جىمانىڭ ۋاقتى قىسقا بولغان بولسىمۇ، ھەتتا ئىككى-ئۈچ مىنۇت بولۇپ قالسىمۇ، ئەر-خوتۇن قانائەت ھاسىل قىلسىلا نۇرماللىق ھېسابلىنىدۇ. بۇنىڭ ئەكسىچە، تەييارلىق ياخشى بولمىسا، جىما ئالدىراپ تېنەپلا ئۆتكۈزۈلسە، ۋاقىت ھەر قانچە ئۇزۇن بولغان بىلەنمۇ ئايالنىڭ قانائەتلىنىشى ناتايىن. شۇڭا، جىمانىڭ ھوزۇرلۇق بولۇش-بولماسلىقىنى نوقۇل ھالدا داۋاملىشىش ۋاقتىنىڭ ئۇزۇن-قىسقىلىقى بىلەن ئۆلچىگىلى، مىخانىك ھالدا جىمانى مۇنچىلىك ۋاقىتتا ئورۇنلاش زۆرۈر دەپ بەلگىلىگىلى بولمايدۇ. جىمانىڭ داۋاملىشىش ۋاقتىنىڭ ئۇزۇنراق بولىشى ھەر ئىككى تەرەپتىكى جىنسىي تەلەپنىڭ راۋاجلىنىشىغا، جىنسىي خۇشاللىق ۋە جىنسىي قانائەتكە ئېرىشىشكە پايدىلىق. ئەمما ۋاقىتنىڭ ئۇزۇنراق بولىشى ئۈچۈن، ئەر خوتۇن ئورتاق تېرشىشى، ئەمەلىيەت داۋامىدا تەجىربىلەرنى باشتىن كەچۈرىشى، ئىزدەش، يەكۈنلەش ئاساسىدا شارائىت يارىتىش كېرەك.
ئۇيغۇر تېبابەت كلاسسىك ئەسەرلەردە كۆرسىتىلىشىچە ئەر-ئاياللارنىڭ جىنسىي مۇناسىۋەت ۋاقتى قىسقا بولسىمۇ، ئۇلار ئوتتۇرسىدا يېتەرلىك لەززەت ( جىنسىي ئالقىدىكى يۇقۇرى پەللە ) بولسا مەنىي بۇرۇن كەتتى دېگىلى بولمايدۇ دېيىلىدۇ.
قانداقلا بولمىسۇن، مەنىي بۇرۇن كېتىپ قالسا، نۇرمال جىنسىي مۇناسىۋەتكە، پەرزەنت كۆرۈشكە، ئەر-خوتۇن ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت ۋە ھېسسىياتقا، تۇرمۇشتىكى ئىناقلىق ۋە بىر-بىرىگە كۆيۈنۈش قاتارلىقلارغا تەسىر يەتكۈزۈپلا قالماستىن، بەلكى ئائىلىدە ئۇرۇش-جىدەل قاتارلىق تۇرمۇشتىكى بىئارامچىلىققا سەۋەب بولۇپ، ئاخىرىدا نىكاھتىن ئاجرىشىشقا ئېلىپ بېرىپ جەمئىيەتنىڭ ئاساسى بولغان ئائىلىلەرنىڭ ئۇلىنى تەۋرتىپ جەمئىيەت تەرەققىياتىغا پايدىسىز ئامىللارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
شۇڭا، بۇنىڭغا توغرا مۇئامىلىدە بولۇش ۋە ئۇنى توغرا تونۇش، توغرا بىر تەرەپ قىلىش، جىددىي داۋالاش ئىنتايىن موھىم.
مەنى تېز كېتىشنىڭ سەۋەبلىرى:
بۇنىڭ سەۋەبلىرى خىلمۇ خىل بولۇپ روھىي ئامىللاردىن بولىدىغانلىرى كۆپ ئۇچرايدۇ.
ئاساسلىق سەۋەبلەر:
1. ئۇزۇن مۇددەت قولىدا لەززەتلىنىش ئادىتى -ئانانىزىم (جەلق)
2. شەھۋانىي رومان، ھىكايە، كىنو-فىلىملەرنى كۆپ كۆرۈش
3. شەھۋانىي خىياللارنى كۆپ قىلىش،
4. جىنسىي مۇناسىۋەتنى كۆپ ئۆتكۈزۈش
5. ئوخشاش جىنىسلىقلار مۇھەببەتلىشىشى
6. ھەر خىل سۈيدۈك يولى كېسەللىكلىرى- مەزى بېزى ياللۇغى، سۈيدۈك يولى ياللۇقى، بوۋاسىر ، مەقئەت كېسەللىرى ،
7. نېرۋا، يۈرەك، جىگەر، بكرەك، ئۇرۇقدان قاتارلىق ئەزالارنىڭ ئاجىزلىقى
8. بەدەن مىزاجىنىڭ ھۆل سوغۇقتىن بۇزۇلىشى بىلەن پەيلەرنىڭ تۇتۇش كۈچىنىڭ ئاجىزلاپ كېتىشى
9. چېقىرىش كۈچىنىڭ كۈچىيىپ كېتىشى
10. ئۇرۇقدان ۋە قوشۇمچە ئۇرۇقدان خالتىسى، سۈيدۈك يوللىرى قاتارلىق كانال ئەزالارنىڭ كېىيىپ كېتىشى قاتارلىق سەۋەبلەر بولىشى مومكىن.
بايانات

مەزكۇر يانبىلوگتىكى يازمىلار پەقەت ئەڭ نازۇك بولغان جىنسىيەت ۋە ئەيدىز ئۇقۇملىرى ۋە ئۆگۈتلىرىنى ئېھتىياجلىق كىشىلەرگە يەتكۈزۈشنى تۈپ مەقسەت قىلغان يانبىلوگ، يازمىلارنى پايدىلىنىش ئۇچۇرى قىلىشقا بولىدۇ، ئەمما ئەمەلىي ئىشلاردا يەنىلا مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ كۆرسەتمىسىنى ئاساس قىلىش كېرەك! يازمىلاردا تىلغا ئېلېنغان كۆز قاراش پەقەت ئەسلى ئاپتۇرغا ۋەكىللىك قىلىدۇ، مېغىزىنى قوبۇل قىلىپ، شاكىلىنى ئايرىشنى ئۆگىنىۋېلىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز!
جىنسىيەت ۋە ئەيدىز ساۋاتلىرى ئۈندىدار سۇپىسى (ئىزدەش نامى: jinsiyatcn) غا ئەگىشىۋېلىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز!
ئەگەر يانبىلوگىم ھەققىدە ھەر قانداق تېخنىكىلىق مەسىلە بايقالسا يانبىلوگ ئورگان ئۈندىدار سۇپىسى yanbilog غا ئەگىشىپ مەسىلە مەلۇم قىلسىڭىز بولىدۇ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى