ئەر-خوتۇنلار كارىۋات گىمناستىكىسى ئارقىلىق جىنسىي ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش
ۋاقتى: 2016-10-26
ئاۋاتلىقى: 10317 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
1. ئەر تەرەپ كارىۋاتنىڭ ياقىسىدا ئولتۇرۇپ ئايال تەرەپنىڭ ياردىمى ئاستىدا بوينىنى بەش مىنۇت ئايلاندۇرۇش. بۇنداق قىلىش ئارقىلىق چوڭ مېڭىنى ئازادە قىلىدۇ، ھەرىكەت ئارقىلىق مۇۋاپىق ھالدا ئومۇرتقىسىنى غىدىقلاپ، نېرۋا ئىقتىدارىنىڭ جانلىنىشىنى قوزغايدۇ .
2. ئەر تەرەپ كارىۋاتنىڭ ياقىسىدا ئولتۇرۇپ ئايال تەرەپنىڭ ياردىمى ئاستىدا بەدەننى تولغاپ بېرىش، ھەم ئامال بار ئىككى مۈرىنى ئارقىغا كېرىپ تۇرۇش. ئەر تەرەپ كارىۋاتتا ياتىدۇ، ئايال كىشى بارماقلىرى بىلەن باشنىڭ كەينىدىكى بويۇن ئازگال قىسمىنى ئۇۋۇلاپ بېرىدۇ.
3. ئادەم بەدىنىدىكى توققۇز كۆز ئاستى قىسىمغا ناھايىتى قويۇق مۇھىم پەللىلەر جايلاشقان، ئايال تەرەپ بارماق ئارقىلىق ئەر تەرەپنىڭ توققۇز كۆز ئاستى قىسمىنى ئۇۋۇلاپ بەرسە، ئۇۋىلاش بىلەن بىر ۋاقىتتا ئەر تەرەپ ئىككى پۇتىنى يۇقىرىغا كۆتۈرۈش كېرەك. بۇنداق قىلىشنىڭ قوپۇش سىستېمىسىنى غىدىقلاشقا پايدىسى بار ئىدى.
4. ئەر تەرەپ ئوڭدىسىغا كارىۋاتتا ياتىدۇ، ئىككى پۇتىنىڭ ئالىقىنىنى بىر-بىرگە چاپلاپ، ئىككى تىزىنى سىرتقا قارىتىپ سۇنۇش، ئايال تەرەپنىڭ ياردىمى ئاستىدا ئىككى تىزىنى كارىۋاتقا ئامال بار تەگكۈزۈش.
بۇ خىل گىمناستىكىنى داۋاملىق مەشىق قىلىپ بەرسە قوپۇش مەركىزىي نېرۋىسىنى ئۈنۈملۈك غىدىقلايدۇ. ئەر-خوتۇن ئىككى تەرەپنىڭ ماسلىشىشى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان بۇ ھەرىكەتلەر ئۈنۈملۈك ھالدا ئەر-خوتۇن ئوتتۇرىسىدىكى پىسخىكا جىددىيلىكىنى بۇزۇپ تاشلاپ، پىسخىكا سەۋەبلىك كېلىپ چىققان جىنسىي ئىقتىدار توسۇلۇپ قېلىشنى داۋالايدۇ.