جىنسىي ئەزا---جىنسىي يولنىڭ ھېكايىسى (2-بۆلەك)
ۋاقتى: 2016-08-03
ئاۋاتلىقى: 11554 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
ئەگەر جىنسىي يولىڭىزنىڭ زەمبۇرۇغدىن يۇقۇملانغانلىقىدىن گۇمانلانسىڭىز، دوختۇر پەقە جىنسىي يولىڭىزدىن ئازراقلا ئاجرالمىنى ئېلىپ، زەمبۇرۇغ سۇۋالمىسى تەكشۈرۈشى قىلىپلا كېسىلىڭىزنى جەزملەشتۈرۈپ بېرەلمەيدۇ ھەمدە ئاددىي داۋالاش ئۇسۇلى، يەنە فلۇكونزول (氟康唑) نى بۇيرۇپ بېرىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، تۆۋەندىكى تەدبىرلەرنى سىزگە تەۋسىيە قىلىدۇ:
1. قېتىق ئىچىش
ھەر كۈنى قېتىق ئىچىپ بەرسە جىنسىي يولدىكى زەمبۇرۇغنى تىزگىنلىگىلى بولىدۇ. قېتىق تەركىبىدە زەمبۇرۇغنىڭ ئۆسۈشىنى چەكلەيدىغان باكتېرىيە بار. قېتىق بىر خىل تەڭپۇڭلاشتۇرغۇچى قورال بولۇپ، زىيانلىق باكتېرىيىلەرنى ئۈنۈملۈك تورمۇزلايدۇ.
2. مەلھەم سۈرتۈش
دورىخانىلاردا زەمبۇرۇغنىڭ يۇقۇملاندۇرۇشىنى داۋالايدىغان دورا بار بولۇپ، ئۇلار جىنسىي ئەزانىڭ قىچىشىشىنى ئۈنۈملۈك داۋالايدۇ. كېسەللىك ئالامىتى يوقىلىشتىن بۇرۇن چوقۇم مەلھەمنى ئىشلىتىپ بېرىش لازىم. تېخىمۇ ياخشى ئۈمۈمگە ئېرىشىش ئۈچۈن كېسەللىك ئالامىتى يوقالغاندىن كېيىن يەنە بىر كۈن ئارتۇق ئىشلىتىش لازىم. زەمبۇرۇغدىن يۇقۇملىنىشنى داۋالاشتا ئادەتتە ئۈچ~بەش كۈن ۋاقىت كېتىدۇ.
3. قەنتنى ئاز ئىستېمال قىلىش
تەركىبىدە قەنت كۆپ يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىش زەمبۇرۇغنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە پايدىلىق. بىر قىسىم ئاستا خاراكتېرلىك زەمبۇرۇغلۇق جىنسىي يول ياللۇغى كېسىلى بىمارلىرى پەقەت قەنت تۈردىكى يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىشنى قاتتىق چەكلىگەندىلا، كېسەللىك ئەھۋالىنى كونترول قىلالايدۇ. ئەگەر سىز پۈتۈنلەي قەنت يېمەسلىكنى ئورۇندىيالمىسىڭىز، كاربون-سۇ بىرىكمىلىك ماددىلارنى ئاز ئىستېمال قىلسىڭىزمۇ بولىدۇ، بۇ بولكا ۋە قەنت مىقدارى يۇقىرى يېمەكلىكلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
4. گاندۇننى تەكشۈرۈش
گاندوننىڭ يۈزىدىكى سىلىقلاشتۇرغۇچى ئاياللارنى زەمبۇرۇغلۇق جىنسىي يول ياللۇغىغا گىرىپتار قىلىدىغان سەۋەبلەرنىڭ بىرى. بەزى گاندوننىڭ سىرتقى يۈزىدىكى سىلىقلاشتۇرغۇچى تەركىبىدە ئەيدىز ۋىرۇسىنى ئۆلتۈرىدىغان ماددا بولۇپ، بىر قىسىم ئاياللار بۇ خىل ماددىغا ئالاھىدە سەزگۈر كېلىدۇ. ئەگەر سىزنىڭ جورىڭىز مۇشۇ خىل گاندوننى ئىشلەتسە، ئەڭ ياخشىسى، جورىڭىزغا ئۆزىڭىزگە پايدىلىق مەھسۇلاتنى تاللاپ ئىشلىتىشنى تەۋسىيە قىلىڭ.
5. ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش دورىسىنى ئېھتىيات بىلەن ئىشلىتىش
ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش دورىسىنى ئېھتىيات بىلەن ئىشلىتىش
ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش دورىسى بەدىنىڭىزدىكى گورموننى كۈچەيتىش ئارقىلىق تەسىرىنى كۆرسىتىدۇ ھەمدە جىنسىي يول ئاجرالمىلىرىنىڭ تەركىبىنىمۇ ئۆزگەرتىۋېتىدۇ، بۇ جىنسىي يولنىڭ زەمبۇرۇغ بىلەن يۇقۇملىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
6. ۋىتامىن C نىڭ پايدىلىق تەرىپى كۆپ
ۋىتامىن C جىنسىي يولنىڭ زەمبۇرۇغقا بولغان جەلپكارلىقىنى تۆۋەنلىتىدۇ. چۈنكى، ۋىتامىن C تەركىبىدە جىنسىي يول دىۋارىنى كىسلاتالاشتۇرىدىغان ئاسكوربىك كىسلاتاسى (抗坏血酸) بار. دوختۇر ۋىتامىن C نى كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا 500mg ئىستېمال قىلىشنى بۇيرۇيدۇ.
7. جىنسىي يولنى يۇيۇش
ئارتۇقچە يۇيۇش جىنسىي يول ئىچىدىكى نورمال مىكرو ئورگانىزملار توپىنى بۇزۇپ تاشلايدۇ، بۇ زەمبۇرۇغ بىلەن يۇقۇملىنىشنىڭ ئاساسلىق ئامىلىدۇر. جىنسىي يولنى چايقاپ يۇيۇشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق. جىنسىي يولنى يۇغان ئاشۇ ئاياللار تېخى ئاسانلا داس بوشلۇقىنى يۇقۇملاندۇرۇۋالىدۇ، چۈنكى جىنسىي يولنى يۇيۇش بىر قىسىم باكتېرىيىلەرنى داس بوشلۇقىغا تېخىمۇ ئىچكىرلەپ ئېلىپ كىرىدۇ.
8. جىنسىي يولنى قۇرغاق ساقلاش
مۇتەخەسسىسلەر ھۆل سۇ ئۈزۈش كىيىمى ياكى تەر بولۇپ كەتكەن ئىچ كىيىملەرنى كىيىپ چېنىقىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۋالماسلىق تەكلىپىنى بېرىدۇ. نەم كىيىم، ھۆل مۇھىت زەمبۇرۇغنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە پايدىلىق.
9. پاختا رەختلىك ئىشتان كىيىش
پاختا رەختنىڭ ھۆللۈكنى سۈمۈرۈشچانلىقى ياخشى بولغاچقا، جىنسىي ئەزالارنىڭ قۇرغاق تۇرۇشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ. پاختا كىيىم جىنسىي ئەزايىڭىزدىن كۆپرەك ھاۋا ئۆتۈشتۈرۈپ، نىلون رەخت كىيىشتىن كېلىپ چىققان جىنسىي ئەزادىكى نەملىكتىن ئۈنۈملۈك ساقلايدۇ.
10. بورىك كىسلاتاسى بىلەن يۇيۇنۇش
جىنسىي يولنىڭ كىسلاتالىقىنى ئاشۇرۇش زەمبۇرۇغقا زىيانلىق. نۇرغۇن دورىخانىلاردا بورىك كىسلاتا پاراشوكىنى ساتىدۇ، سىز يۇيۇنماقچى بولغان ۋاننىغا بۇنىڭدىن ئىككى قوشۇق سېلىۋەتتىلە بولىدۇ. مۇتەخەسسىسلەر ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دەيدۇ:« ئەگەر تېرىڭىز زىيادە سېزىمچان بولسا، ئازراق ئاغرىتىشى مۇمكىن.»
يەنە بىر خىل باكتېرىيىلىك جىنسىي يول ياللۇغىمۇ ئوخشاشلا ئاياللارنى بىئارام قىلىدۇ. باكتېرىيىلىك جىنسىي يول ياللۇغىنىڭ ئاساسلىق ئالاھىدىلىكى شۇكى، جىنسىي يول ئاجرالمىلىرى سۇيۇق كۈل رەڭدە بولىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، ئىنتايىن ئېچىشىپ ئاغرىتىدۇ ھەم جىنسىي يول ۋە جىنسىي يول ئېغىزى قىزىرىپ ئىششىيدۇ، شۇنداقلا سېسىق پۇراق چىقىدۇ. بۇ خىل كېسەلگە ئانتىبىئوتىك دورىلار (抗生素类药) نى ئىچۈرۈش لازىم. سىرتتىن سۈرتۈلىدىغان مەخسۇس مەلھەم دورىلىرىنىڭ ئۈنۈمىمۇ ناھايىتى ياخشى.