جىنسىيەت ۋە ئەيدىز ساۋاتلىرى يانبىلوگى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

باكتېرىيەلىك جىنسىي يول ياللۇغى قانداق پەيدا بولىدۇ؟

باكتېرىيەلىك جىنسىي يول ياللۇغى قانداق پەيدا بولىدۇ؟

ۋاقتى: 2016-11-06 ئاۋاتلىقى: 1900 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

بەزى مۇتەخەسسىسلەر جىنسىي يولنىڭ ئىچىدە ئاز مىقداردا باكتېرىيە بار بولۇپ، مۇئەييەن باسقۇچىغا كەلگەندە بۇ باكتېرىيىلەر كۆپىيىشكە باشلايدۇ، دەپ قارايدۇ. يەنە بەزى مۇتەخەسسىسلەر جىنسىي يولدىكى باكتېرىيىلەر جىنسىي مۇناسىۋەتتىن يۇقىدىغان بولغاچقا، جىنسىي جورىسى قانچە كۆپ بولسا، باكتېرىيىلىك جىنسىي يول ياللۇغىغا گىرىپتار بولۇش ئېھتىماللىقىمۇ شۇنچە يۇقىرى بولىدۇ، دەپ قارايدۇ.
مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق تەكلىپ بېرىدۇ:«ئەگەر سىز بۇرۇن باكتېرىيىلىك جىنسىي يول ياللۇغىغا گىرىپتار بولۇپ باققان بولسىڭىز ھەمدە بۇ كېسەلنىڭ قايتا قوزغىلىشىدىن ئەنسىرىسىڭىز، جورىڭىزغا گاندون ئىشلەتكۈزۈڭ».
جىنسىي يولنىڭ قۇرغاق بولۇشىمۇ بىر خىل ئاۋارىچىلىق بولۇپ، ئايال كىشىنىڭ جىنسىي ئىقتىدارىنىڭ يوقلۇقىدىن دېرەك بېرىدۇ. ئەگەر سىز بىر ئايال كىشى بولسىڭىز ھەم ئېرىڭىز بىلەن كارىۋاتقا چىققاندا ئۇ سىزنى يېقىملىق سۆيۈپ، بەدەنلىرىڭىزنى سىلىغاندا جىنسىي يولىڭىز يەنىلا قۇرغاق ھالەتتە تۇرسا، ئېرىڭىز ئۈمىدسىزلىنىپ قېلىشى مۇمكىن. بۇ چاغدا سىزنىڭمۇ كۆڭلىڭىز يېرىم بولىدۇ.
بۇ جىنسىي ھەۋەسنىڭ تۆۋەنلەپ كەتكەنلىكىدىنلا ئەمەس، بەلكى يەنە فىزىئولوگىيىلىك جەھەتتىكى تەڭپۇڭسىزلىقنىڭ كۆرۈلگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. مۇتەخەسسىسلەر جىنسىي يولنىڭ قۇرغاقلىشىشى ھەيز كېسىلىشتىن بۇرۇن كۆرۈلىدۇ، ئەمما جىنسىي يولنىڭ قۇرغاقلىشىشى دەل ھەيز كېسىلىش بىلەن ئانىلىق گورمون مىقدارىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. بۇ چاغدا جىنسىي ئەزانىڭ تېرىسى نېپىزلەيدۇ، قىزىرىدۇ ھەم تېگىپ كەتسىلا ئاغرىيدۇ، دەپ قارايدۇ.
جىنسىي يول قۇرغاق بولۇشنىڭ داۋاسى ناھايىتى ئاددىي بولۇپ، گورمون ئارقىلىق داۋالاش ئۇسۇلى، يەنى ئانىلىق گورمونى، ھامىلىدارلىق گورمونى (پروگېستىن) نى ياكى ھەر ئىككىلىسىنى ئارىلاشتۇرۇپ ئىچىپ بەرسە ئوبدانلا ئۈنۈمى كۆرۈلىدۇ.
ئەگەر جىنسىي يولنىڭ قۇرغاق بولۇشى گورمون ئارقىلىق داۋالاشتىن باشقا يەنە جىنسىي تۇرمۇشىڭىزغىمۇ ھەقىقەتەن قۇلايسىزلىقلارنى ئېلىپ كەلگەن بولسا، تۆۋەندىكى تەدبىرلەرنى قوللىنىپ بېقىڭ:
1. سىلىقلىغۇچ ئىشلىتىڭ: بازاردا سېتىلىدىغان سىلىقلىغۇچنىڭ ئۈنۈم بېرىشى تېز، ئىشلىتىلىشى قولايلىق بۇلۇپ، جىنسىي يولنىڭ قۇرغاقلىقىنى تۈگىتىدۇ. نۇرغۇن دوختۇرلار بىمارلارغا «بوۋاقلار مېيى» ئىشلىتىشنى تەۋسىيە قىلىدۇ، ئەمما گاندون ئىشلەتمەكچى بولغانلار ئۇنى ئىشلىتىشتىن ئېھتىيات قىلىشى لازىم، چۈنكى بوۋاقلار مېيى نېفىت تەركىبلىك بىر خىل ماددا بولغاچقا، گاندوننىڭ نورمال تۈزۈلۈشىنى بوزۇپ، ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش رولىنى يوقىتىدۇ.
2. ۋىتامىن E نى ئىشلىتىڭ: ۋىتامىن E يەنە بىر خىل سىلىقلىغۇچى ھېسابلىنىدۇ. دوختۇر ئادەتتە بىمارغا مۇنداق تەكلىپ بېرىدۇ: ئەگەر جىنسىي لەۋ قۇرغاق بولسا، ۋىتامىن E كاپسۇلىنىڭ بىر ئۇچىنى تېشىپ جىنسىي لەۋگە سۈرتسە ناھايىتى ياخشى ئۈنۈم بېرىدۇ.
3. ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش دورىسىنى تەكشۈرۈڭ:
ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش دورىسى جىنسىي يول ئاجرالمىلىرىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان گورموننىڭ ئۆزگىرىشىگە سەۋەب بولىدۇ. ئاياللار دوختۇردىن ئانىلىق گورمون تەركىبى كۆپرەك بولغان ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش دورىسىنى ئىشلىتىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ.
4. تاماكا چەكمەڭ: تاماكا چېكىش ئانىلىق گورموننى بۇزۇپ تاشلاپ، جىنسىي يولنىڭ قۇرغاقلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
بايانات

مەزكۇر يانبىلوگتىكى يازمىلار پەقەت ئەڭ نازۇك بولغان جىنسىيەت ۋە ئەيدىز ئۇقۇملىرى ۋە ئۆگۈتلىرىنى ئېھتىياجلىق كىشىلەرگە يەتكۈزۈشنى تۈپ مەقسەت قىلغان يانبىلوگ، يازمىلارنى پايدىلىنىش ئۇچۇرى قىلىشقا بولىدۇ، ئەمما ئەمەلىي ئىشلاردا يەنىلا مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ كۆرسەتمىسىنى ئاساس قىلىش كېرەك! يازمىلاردا تىلغا ئېلېنغان كۆز قاراش پەقەت ئەسلى ئاپتۇرغا ۋەكىللىك قىلىدۇ، مېغىزىنى قوبۇل قىلىپ، شاكىلىنى ئايرىشنى ئۆگىنىۋېلىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز!
جىنسىيەت ۋە ئەيدىز ساۋاتلىرى ئۈندىدار سۇپىسى (ئىزدەش نامى: jinsiyatcn) غا ئەگىشىۋېلىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز!
ئەگەر يانبىلوگىم ھەققىدە ھەر قانداق تېخنىكىلىق مەسىلە بايقالسا يانبىلوگ ئورگان ئۈندىدار سۇپىسى yanbilog غا ئەگىشىپ مەسىلە مەلۇم قىلسىڭىز بولىدۇ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى