جىنسىيەت ۋە ئەيدىز ساۋاتلىرى يانبىلوگى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ئەرلەردىكى جىنسىي ئەندىشە

ئەرلەردىكى جىنسىي ئەندىشە

ۋاقتى: 2016-11-12 ئاۋاتلىقى: 4206 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ئەرلەر زەكىرىنىڭ قايىم بولماسلىقىدىن ئەندىشە قىلسا ياكى ئالدىنقى قېتىم قايىم بولمىغان ئەھۋال كۆز ئالدىغا كېلىۋالسا، ئۇ چاغدا ئاخىر راستىنلا ئەرلىك ئاجىزلىق كېلىپ چىقىدۇ. ئاياللارمۇ ئۆزىنىڭ جىنسىي ھەمراھىغا قىزغىن ھېسسىياتتا بولالمىغانلىقى ئۈچۈن بىئارام بولىۋەرسە، ئاسانلا جىنسىي ھەۋىسى سۇسلىشىپ، دىققەت-ئىتىبارى باشقا تەرەپكە ئېغىپ كېتىدۇ. مەيلى ئەرلەر ياكى ئاياللار بولسۇن، ئۇلاردىكى كۈچلۈك خاتىرجەمسىزلىك ۋە قورقۇنچ باشقا ھەرقانداق ئىشنى بېسىپ چۈشىدۇ، ھەتتا كۈچلۈك جىنسىي تەلىپىنىمۇ بوغۇپ يوق قېلىۋېتىدۇ. بەزى گۇمانلىق، مۇرەككەپ كېسەللىك ئالامەتلىرى تەشۋىش، ئەندىشە تۈپەيلىدىن كېلىپ چىققان بولۇشى مۇمكىن. بەزىلەر جىنسىي مۇھەببەتنى بىر خىل ئويۇن دەپ بىلىدۇ، يەنە ئۇلار جىنسىي مۇھەببەتنى فىزىئولوگىيىلىك كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنى بەئەينى ب د ت نىڭ يىغىن زالىدا نۇتۇق سۆزلەش ياكى دۇنياۋى مەشھۇر بىر دارامىنى ئورۇنداش، دەپ قارايدۇ. ئۇلار سۆيگەن ھەمراھى بىلەن كارىۋاتتا ياتقاندا، ئەتراپىدا ھەقىقەتەن باشقا ئادەم يوق بولسىمۇ، خۇددى تېلېۋىزىيە ئوپېراتورلىرى چىراغلىرىنى يورۇتۇپ ئۆزلىرىنى ئوراپ تۇرغاندەك، گويا ئەتراپىدا تاماشىبنلار ئولتۇرغاندەك، ئاقساراينىڭ ئاخبارات ساھەسىدىكىلەرنىڭ چۇقان-سۈرەنلىرى ئاڭلىنىۋاتقاندەك ھېس قىلىدۇ. سىز جىنسىي مۇھەببەتكە ئاشۇنداق پوزىتسىيە تۇتۇشقا باشلىغان ھامان، ناھايىتى تەبىئيى ھالدا جىنسىي تۇرمۇشىڭىزنىڭ مۇۋەپپەقىيەت-مەغلۇبىيىتى ئۈستىدە تەشۋىشلىنىشكە باشلايسىز، بولۇپمۇ ئەگەر سىزدە مەغلۇبىيەتلىك ئۆتمۈش بولسا تېخىمۇ شۇنداق بولىدۇ.
بۇ چاغدا سىز ئىشنى باشلىشىڭىز بىلەنلا يەنە ماستېر بىلەن جونسون دوكتورلار «چەتتىن قاراپ تۇرغۇچىلار» دەپ ئاتىغان روھىي مەنزىلگە كىرىپ قالىسىز. يەنى، روھىي توسالغۇنى بۆسۈپ ئۆتۈپ، تاماشىبىنلار سېپىگە كىرىپ، ئۆز ئويۇنىڭىزنى كۆرمەكچى بولىسىز. سىز ئۆزىڭىزنىڭ مەلۇم قىسمىنىڭ جىسمىڭىزدىن بۆلۈنۈپ چىقىپ تاماشىبىنلار قاتارىغا بېرىپ، ئۆزىڭىزنىڭ ئويۇنىنى كۆرۈۋاتقانلىقىنى ھېس قىلغان چېغىڭىزدا، سەھنىدە سۆيگۈنىڭىز بىلەن ئويۇن قويۇۋاتقان «ئۆز» ىڭىز «3-شەخس» تەك بولۇپ قالىسىز، بۇ چاغدا سىز جىنسىي تۇرمۇشىڭىزنى قانداقمۇ كۆڭۈل قويۇپ ئۆتكۈزەلەيسىز؟ تەسەۋۋۇرىڭىزدا، سىز ئۆزىڭىزنى كۆزىڭىزنى ئۈزمەستىن كۆزىتىپ تۇرۇۋاتىسىز، «ئۇ» سىزدىن ھەدەپ قۇسۇر ئىزدەۋاتىدۇ، سىزنى تەنقىد قىلىۋاتىدۇ، ھەتتا سىزنىڭ ھەربىر ئىش-ھەرىكىتىڭىزنى دەرىجىگە ئايرىپ، نومۇر قويۇۋاتىدۇ... بۇنداق ئەھۋالدا، سىز لەززەتتىن ھېچقانداق بەھرىلىنەلمەيسىز، ھەتتا «جىنسىي بۇرچ» ىڭىزنى ئادا قىلىش-قىلالماسلىقمۇ بىر مەسىلە بولۇپ قالىدۇ.
بايانات

مەزكۇر يانبىلوگتىكى يازمىلار پەقەت ئەڭ نازۇك بولغان جىنسىيەت ۋە ئەيدىز ئۇقۇملىرى ۋە ئۆگۈتلىرىنى ئېھتىياجلىق كىشىلەرگە يەتكۈزۈشنى تۈپ مەقسەت قىلغان يانبىلوگ، يازمىلارنى پايدىلىنىش ئۇچۇرى قىلىشقا بولىدۇ، ئەمما ئەمەلىي ئىشلاردا يەنىلا مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ كۆرسەتمىسىنى ئاساس قىلىش كېرەك! يازمىلاردا تىلغا ئېلېنغان كۆز قاراش پەقەت ئەسلى ئاپتۇرغا ۋەكىللىك قىلىدۇ، مېغىزىنى قوبۇل قىلىپ، شاكىلىنى ئايرىشنى ئۆگىنىۋېلىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز!
جىنسىيەت ۋە ئەيدىز ساۋاتلىرى ئۈندىدار سۇپىسى (ئىزدەش نامى: jinsiyatcn) غا ئەگىشىۋېلىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز!
ئەگەر يانبىلوگىم ھەققىدە ھەر قانداق تېخنىكىلىق مەسىلە بايقالسا يانبىلوگ ئورگان ئۈندىدار سۇپىسى yanbilog غا ئەگىشىپ مەسىلە مەلۇم قىلسىڭىز بولىدۇ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى