جىنسىيەت ۋە ئەيدىز ساۋاتلىرى يانبىلوگى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

جىنسىيەت مۇھەببەتنىڭ يىلتىزىمۇ؟

جىنسىيەت مۇھەببەتنىڭ يىلتىزىمۇ؟

ۋاقتى: 2016-11-07 ئاۋاتلىقى: 3785 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

خېلى زامانلار بولدى، مەغلۇب بولغان تۇنجى مۇھەببەتتىن كېيىن جىنسىيەت ماڭا ھەقىقىي بىر تۇيغۇ، ۋاز كېچىلمەس بىر ئىستەك بولۇپ تۇيۇلۇشقا باشلىدى، 10 نەچچە يىللار ئۆتتى، مەۋھۇم قىزلار ئۈچۈن ئىلھام-تەپەككۇرۇمنى، ئىجادىيەت تەلقىنلىرىنى سۈرۈپ كەلدىم، جىمى ھاياجان ۋە ئويناق پىكىر ياشلىقنىڭ ھاسىلاتى بولۇپ ھاياتىمغا ئىز سالدى. خەلق ئۈچۈن، شۆھرەت ئۈچۈن ئەسەر يېزىش يوقلا گەپ، دەردىمنى ئۆزەم بىلىمەن. ئەرگە تېگىپ كەتكەن بىر نەچچە قىز ئۈچۈن ئېچىنىپ ئولتۇرۇپ شېئىر يازغان دەقىقىلىرىم ھەقىقىي ھېسسىياتقا، چىدىماسلىققا تولغان ئىجادىي تەپەككۇرغا ئېرىشكەن ۋاقىتلىرىم ئىدى. غۇرۇر داائىم ئىگىلىۋېلىش ئىستىكىدە ئوت بولۇپ يانىدۇ، يۈرەكنى ئۆرتەيدىغان قاغجىراتقۇچ، غالجىر ھېسسىياتنى دەرت-ئەلەم، قايغۇ-ھەسرەت دەپ بىلىمىز، نۇرغۇن قاراڭغۇ، ئەسەبىي ھېس-تۇيغۇلار بىزدە ئىنتايىن نازۇك، چىرايلىق سۈپەتلىنىدۇ، تىلنىڭ پەردازلاش كۈچى شۇنچىلىك يۇقىرىكى، بۇ مەڭگۈلۈك بەلگىگە مەدەنىي ئىنسان بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ئۈنسىز بويسۇنىمىز. ئەدەبىيات ئەدەپ-ئەخلاق دېگەن سۆزدىكى «ئەدەب»تىن تۈرلەنگەنمىكىن دەپ يۈرسەم، كۈرەش تاھىر بىر چاغدا يېنىمدا ئولتۇرۇپ ئەدەبىيات ئەسلىدە «ئەدەبلەش، ئەدەبلەپ قويۇش، تاناۋىنى تارتىش» دېگەن مەنىدىكى «ئەدەب»تىن كەلگەن دىۋىدى، قايىل بولۇپ قالدىم. ئىجادىيەت ئارقىلىق مۇھەببەتنىڭ تاناۋىنى تارتىشنى كۆڭلۈمگە پۈكتۈم. قول يەتمىگەن ئاچچىق ئۈزۈمنى تەپەككۇر تەلقىنلىرىدە ئېزىپ، سۈيىنى چىقىرىپ، مەي ئىچىپ، سەرخۇش بولۇش خىيالىغا كەلدىم، ئۆزىنى خىيال، تەسەۋۋۇر ئارقىلىق يەڭگىللەشتۈرۈش، راھەتلەندۈرۈش جاپا-مۇشەققەتلىك بۇ ھاياتتا— تۇرمۇشنىڭ يۈزىگە ئېقىۋاتقان قارا تەردەك مەنىسىزلىككە تاقابىل تۇرۇشتا كەم بولسا بولمايدۇ. خىيال-تەسەۋۋۇرنى كاللىدا ئېچىتىپ ئولتۇرماي ئۇنى سىرتقا چىقىرىپ ھاۋالاندۇرۇش كېرەك؛ گەپنى دېمىسەك بۇرۇقتۇرما بولۇپ قالىمىز، چىدىماسلىقتىن، قىسقىسى قانائەتسىز ئىستەكلەردىن تۇغۇلغان روھىي ئېنىرگىيىلەردىن ئوزۇق ئېلىپ، ئىجادىيەت ئارقىلىق مەقسەت-مۇددىئايىمىزنى، قىسىلچاقتا قالغان ھېسسىيات ۋە كەيپىياتىمىزنى ئىپادىلىمىسەك ئۇنىمايمىز. يازغۇچى-شائىرنىڭ ئاۋام ئارىسىدا يۈزەكى بىلىنىدىغان ساراڭلىقى، تەلۋە تالانتى تىلنىڭ پەردازلاش ئالاھىدىلىكى ، راست-يالغان ۋەقەلىكنىڭ ئىشەندۈرۈش كۈچى، ھېسسىياتنىڭ جانلاندۇرۇش خۇسۇسىيىتى ئارقىلىق ئىپادىلىنىدۇ، «قارا ھېسسىيات، خۇنۇك كەيپىيات» لار «ئىجادىيەت» نىڭ رەڭگارەڭ بوياقلىرى بىلەن بويىلىپ نورمال تۈسكە كىرىدۇ، كىشىلەر ئۇنىڭدىن ئۆزىنىڭ روھىنى ئاختۇرىدۇ، كەيپىياتى يۇقۇملىنىدۇ، نادىر ئەسەرلەر ئارقىلىق ھەتتا بىراۋنىڭ قەلبى بىر قېتىم قايتا چۇۋۇپ توقۇلىدۇ. بىراق بىزدە كىشىلەرنىڭ روھى قاتلىمىغا بۆسۈپ كىرەلەيدىغان نادىر ئەسەرلەر ئازىيىپ كېتىۋاتىدۇ، چۈنكى ئاپتورنىڭ ئۆزى ئىجادىيەت ماھارىتىگە زىيادە كىرىشىپ «بوياقچى» بولۇپ كېتىۋاتىدۇ، ئۆزىنىڭ روھىدىكى قاراڭغۇ بوشلۇقلارغا، ئۆزىگلا مەلۇم ئەسەبىي كۈلكە، ئاچچىق كۆز ياشلىرىغا، ئەسەر يېزىۋاتقاندا ئۆزىنىڭ يۈرىكىنىمۇ ئاغرىتقۇدەك ئىشلارغا يېتەرلىك دىققەت قىلمايۋاتىدۇ. مەتبۇئات تەلىۋىگە ئۇيغۇنلىشىش، ئاممىنىڭ تەلىپىگە لايىقلىشىش ئۈچۈن ئۆزەمنىڭ ھەقىقىي ئىجادىيەت روھىمنى قۇربان قىلىۋاتىمەن دەيدىغانلار خېلى كۆپ، مەنمۇ شۇ قاتاردا، ئەمما باھانە دېگەن تېپىلىدۇ، ئەمەلىيەتتە بار ئىمكانىيەتتىن پايدىلىنىپ، ئۆز روھىمىزنىڭ چوڭقۇرلۇقىغا يەتكەن، باشقىلارنىڭ قەلبىنىمۇ ئىسكەنجىگە ئالالايدىغان، پىكرىنى ئويغىتالايدىغان نادىر ئەسەرلەرنى يېزىش ئۈچۈن ئىزدىنىپ باقساق تامامەن بولىدىغان ئىش ئىدى، ھورۇنلۇق ھەممىنى يەپ كەتتى، كاللا تۇرمۇش ھەلەكچىلىكى، ئۇششاق ئىشلار ئاۋارىچىلىقى بىلەن قورۇقدىلىپ، پۈچەكلىشىپ كەتتى. ئارمانغا چۇشلۇق دەرمان بولمىدى، تۇرمۇشتىكى ھەقىقىي نەرسىلەر خىيالدىن سۆيۈملۈك، چىن تۇيۇلدى، ئىجادىيەت قىزغىنلىقى خام خىيال بولۇپ مۇئەللەقتە لەيلەپ قالدى.
«توي قىلماستا نۇرغۇن قىزلار مەيلىمنى تارتىپ، خىيالىمنى بۇزۇپ، قەلبىمنى ئاستىن-ئۈستۈن قىلىپ تۇراتتى، دولقۇنلىنىپ تۇرىدىغان ھەۋەسلەر ئىجادىيەت پىلتىسىگە ئوت يېقىپ تۇراتتى، مانا ئەمدى، تۇرمۇش مۇقىملاندى، خوتۇن، ئۆي، بالا ئېنىق، مۇستەھكەم بولدى، ھېسسىياتنى دولقۇنلىتىدىغان ھېچنېمە قالمىدى، ئىجادىيەتتە چېكىنىپ كەتتىم، كاللام قورۇقدىلىپ قالدى...» دېدى بىر ھەۋەسكار ئاغىنەم. «خوتۇنىڭدىن ئاجرىشىپ كەت، بالاڭنى بېرىۋەت، ئۈرۈمچىدىكى سوكال-سولتەكلەرگە ئوخشاش ئاشنا تۇتۇپ ئوينا، ھېچكىمگە مۇقىملىنىپ قالما، ئەركىن ياشا، روھىڭنى ئەركىن تۇتمىغىچە ئىجادىيەت ساڭا قۇچاق ئاچمايدۇ...» دېدى يەنە بىرى، ئۇ ئۈرۈمچىدىكى ئاشۇنداق تۇرمۇشقا مەڭگۈ ھەۋەسلىنىدىغاندەك قىلاتتى. «نەپسىمىزگە ھاكىم بولايلى، ئىجادىيەت ئۈچۈن قەستەن بۇزۇلۇش كېرەكمىكەن؟ ئائىلە سەرسانچىلىقى ھەققىدە بىر رومان يېزىش ئۈچۈن ئۆز ئائىلىسىنى ۋەيران قىلىپ بېقىش كېرەكمىكەن؟ يازالمىساڭ ياخشى ياشاپ ياخشى ئۆتمەمسەن؟ سەن بىر ئادەم يازمىغانغا يازىدىغان ئادەم ئازلاپ قالامتى؟ ئۇ ئىشنى قانچىكى چوڭ بىلىپ كەتكەنچە ئۆزەڭ كىچىكلەپ يوقاپ كېتىسەن، خەلققە نادىر ئەسەر تەقدىم قىلىمەن دەپ كەلسە-كەلمەس، بىتايىن مەسئۇلىيەتنى بوينۇڭغا ئارتىۋالغانچە شۇنچە ساختىلىشىپ، تەمسىز، تۇتامسىز ئەسەر يازىدىغان بىرسىگە ئايلىنىسەن، يازالمىساڭ ئىچىڭنى سىقماي ئولتۇر، باشقا ئىش قىل، نېمىلا قىلساڭ قىل، رەزگىلىشىپ كەتمە...» دېدى يەنە بىر بۇرادىرىم. بۇ بۇرادەرنىڭ گېپى ھېچ نېمە يازالماي، ياخشى ياشىسىلا شۈكرى دەپ ئولتۇرىدىغان، ئەمما يېزىش سەۋداسىدىن قۇتۇلالمىغان پېقىرغا خېلى ياقتى.
جىنسىيەت مۇھەببەتنىڭ يىلتىزى، ئىجادىيەتنىڭ ئىلھامچىسى دېگەن قاراشقا ئىزچىل مايىل بولۇپ كەلدىم، بۇنى فىروئىدنىڭ روھىي ئانالىزلىرىغا باغلىماي تۇرۇپ، ئۆزەم ئۆز تەجرىبەمدىن ھاسىل قىلغان دېيەلمەيمەن، پەقەت شۇ بىر نەرسىنى ئىجادىيەت داۋامىدا ئاز-تولا ھېس قىلدىم ۋە روھىمدا بېيتتىم دېيەلەيمەن. جىنسىيەتنىڭ سەنئەتتىكى قوزغاتقۇچ تەسىرىنى فىرئىد قاتارلىقلار تەتقىق قىلىپ بولغان، ئۇنىڭ قاراشلىرى غەرب ئەدەبىياتىغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن. روھىي ئانالىز تەلىماتى ئوتتۇرىغا قويۇلۇشتىن بۇرۇنمۇ ئەدەبىياتتا جىنسىيەت ئامىللىرى بار ئىدى، ئەمما ھېچكىم بۇنى فىروئىدتەك پىسخىكا جەھەتتىن قائىدىلەشتۈرۈپ، نەزەرىيىگە كۆتۈرۈپ چىقالمىغان بولسا كېرەك، فىروئىد روھىي كېسەللەرنى داۋالاش جەريانىدا ئىنساننىڭ يوشۇرۇن ئېڭىنى بايقاپ، ئاندىن ئۇنى بېيىتىپ ۋە بىر ئاز كۆپتۈرۈپ، ئۆزىنىڭ يازغۇچىلارغا خاس كۆزىتىش قابىلىيىتى ۋە بايان قىلىش ماھارىتى بىلەن ئىزدىنىپ كىتاب يېزىپ، نەزەرىيىسىنى داۋاملىق شەرھلەپ ماڭغان. نەزەرىيىسىنىڭ توغرىلىقىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن ئۇ ھەتتا دوختۇرلۇقتىن ھالقىپ غەربنىڭ فولكلورى، تارىخى، ئەدەبىياتى ھەققىدە ئىزدەنگەن، جىنسىيەتنى ھەممىگە باغلاپ باققان، يوشۇرۇن ئاڭنىڭ دەھشەتلىكلىكىنى ئېنىقلاپ بەرمەكچى بولغان. يېقىندا «بېيجىڭ ياشلىرى گېزىتى» دە فىروئىد تۇغۇلغانلىقىنىڭ يۈز يىللىقىغىمۇ ئەيتاۋۇر بىر سەھىپىگە بېغىشلىغان مەخسۇس ماقالىدە فىروئىدنىڭ چۈش، يوشۇرۇن ئاڭ تەتقىقاتى، ئىنسانىيەتنىڭ پىسخىكا ۋە سەنئەت ئىلمىگە قوشقان ئالەمشۇمۇل تۆھپىسى، شۇنداقلا ئۇنىڭ جىنسىيەت ھەققىدە بىر تەرەپلىمە، ئېشىپ كەتكەن قاراشلىرىغا تەنقىدىي قاراشنىڭ زۆرۈرلىكى قىسقىچە بايان قىلىنىپتۇ. ئەڭ ئاخىرىدا فىروئىدنىڭ ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا ئېيتقان: «يوشۇرۇن ئاڭنى تىزگىنلەش بەختلىك ياشاشنىڭ ئاساسى»دېگەن سۆزى بىلەن ماقالە ئاياغلىشىپتۇ.
«مەن يىراقتىكى بىر قىز ئۈچۈن ئەسەر يازىمەن» دېگەنكەن بىر چەتئەللىك يازغۇچى، كۆڭلۈمدىكى گەپنى دەپتۇ دەپ ئويلىدىم. يات جىنس دائىم مۇھەببەت بىلەن باغلىنىدۇ، ھەۋەس دائىم جىنسىيەت بىلەن گىرەلىشىدۇ، «ھەۋەس»دېگەن مۇشۇ سۆزنىڭ يېرىم مەنىسى نېمىشقا جىنسىيەتكە مەنسۇپ بولۇپ كېتىدۇ؟ قىزپەرەس مىللەتچى، ئەيدىز ۋاباسىنى تىزگىنلەش ئۈچۈن ئاتلانغۇچى، كارى يوق ئويناۋاتقان پاھىشە، تويدىن بۇرۇن پاكلىقىنى ساقلاشنىڭ ھازىرقى ئەرلەر(ئوغۇللار)ئۈچۈن ئەرزىمەيدىغانلىقىغا بارغانسېرى ئىشىنىۋاتقان، تاقىتى تۈگەۋاتقان ئالىي مەكتەپنىڭ قىز ئوقۇغۇچىلىرى، ئەركىنلىككە ھۇررا توۋلاپ ئاجرىشىپ ھارماي ئويناۋاتقان 30 نەچچە ياشلىقلار... بۇلار ئوتتۇرىسىدا قانداق غەلىتە، ئېچىنىشلىق ۋەقەلىكلەر يۈز بېرىشى مۇمكىن؟ زىنايى ھارامنى ئەدەبىي ئەسەردە زادى قانداق ئەكس ئەتتۈرۈش كېرەك؟ بىز كۈيلىگۈدەك مۇھەببەت قالدىمۇ ھازىر؟ بىرسى قوپۇپ توردا «نازىنىن قىزلار»غا ھۆ!! دەپ «قۇسۇپتۇ»، نەچچە مىڭ ئادەم قېتىم «دوكتور بىلەن بولغان مۇھەببەت» كە ئوخشىمىغان باھا بېرىپتۇ. شەھۋەت، مۇھەببەت، رەسۋالىق دائىم ھەيران قالارلىق ھالدا بىر-بىرىگە شۇنداق ئىتتىك ئۆزگىرەلەيدۇ، ھېسسىياتنى بىر قېلىپقا ئەكىرىۋېلىش تىلدا ئۇقۇملاشتۇرۇش ئارقىلىق ئىشقا ئاشقان بىلەن، رىئاللىقتا مۇمكىن بولمايدۇ. رىئاللىققا ھۆرمەت قىلىدىغان، ئۆزىنى ۋە جەمئىيەتنى قۇدرىتىنىڭ يېتىشىچە چۈشىنىدىغان يازغۇچىلار ئاشۇنداق بىر قېلىپقا سىغمايدىغان، خىلمۇ خىل قىممەت قاراشلىرى جۇغلانغان تېمىلارغا دادىللىق، راستچىللىق بىلەن تېگىشى، ھېسسىياتنى قاتماللاشتۇرۇپ، ئۇقۇملاشتۇرۇپ، ياسىمىلاشتۇرۇپ قويماي ئىپادىلىشى، ئىپادىلىگەندىمۇ سۇۋارى تىل ۋە تەسۋىرلەر ئارقىلىق شەھۋانىي ئىپادىلەپ قويماي، تىل بەلگىلىرىنىڭ ئويناتقۇچ سېھرىگە ئىشىنىپ تۇرۇپ ئىپادىلىشى كېرەك. تەسۋىرنى ھەر قانچە «سېرىق» يازغان بىلەن بەرىبىر ئۈنۈمى سېرىق فىلىمگە يەتمەيدۇ. تىلنىڭ، ئەدەبىياتنىڭ رولى باشقا. مېنىڭچە، يازغۇچى جەزمەن پاك دىل، ھوشيار، ھەزىلكەش، ئەمما نېمە يېزىۋاتقىنىنى، تەپەككۇرىنىڭ نەگە كېتىۋاتقىنىنى بىلەلەيدىغان، ھېسسىياتىنىڭ تىزگىنىنى تۇتىۋالالايدىغان ئىنسان بولۇشى كېرەك. بەك يازغۇمىز كېلىپ كەتسە كىشىگە كۆرسەتمەيدىغان كۈندىلىك خاتىرىگە يېزىپ، بىر كۈنلەردە ئوقۇپ ئۆزىمىز ھوزۇرلىنىپ يۈرەيلى، ياكى بۇ ۋاقىتتا ئۇ چاغدىكى ئەسەبىي ھالىتىمىزنى ئىنكار قىلساق، خاتىرىنى يىرتىپ كۆيدۈرۈۋەتسەكمۇ بولىدۇ. ئەڭ قەدىرلەشكە ئەرزىيدىغىنى يەنىلا ئادەمدىكى ئۆز نەپسىنى يېڭىش جاسارىتى ۋە جاپا-مۇشەققەتكە چىداش روھى. چۈنكى جەمئىيەت ۋە ئومۇمىيەت ئادەمدىن شۇنى تەلەپ قىلىدۇ. ھەر قانچە چالۋاقىغان شەخسىيەتنىڭمۇ ھامان بىر كۈنى زۇۋانى تۇتۇلىدۇ.
، بىز دائىم يازغۇچى-شائىرلارنى بىر قېلىپقا سولىۋېلىشقا ئامراق، شېئىر يازىدىغانلار شېئىرلا يازسا، رومانچىلار رومانىنىلا يازسا، تارىخىي رومان يازىدىغانلار رىئاللىق ئەكس ئەتتۈرۈلگەن روماننى يازمىسا... دېگەندەك. يەكەندە «جاللات خېنىم»نى يازغان ياسىنجان سادىق بېيجىڭدا «نازىنىن قىزلار»نى يېزىپ بەزىلەرنى ئەجەپلەندۈرۈپ سەسكەندۈرۈۋەتكەن ئوخشايدۇ. مەن بۇ روماننى تېخى كۆرمەي تۇرۇپلا توردىن ئىنكاسنى ئوقۇپ، قىزىقىپ قالدىم. مېنى دەي-دەيگە سېلىۋاتقىنى جىنسىيەتنىڭ سېھىرلەندۈرۈش كۈچىمۇ، ياسىنجاننىڭ ۋەقەلىك بايان قىلىش ماھارىتىمۇ ياكى يەكەننىڭ يەرلىك پۇرىقىمۇ؟ بەلكىم ھەممىسى جۇغلىنىپ بىر مەھلىيالىق پەيدا قىلغاندۇ، نەپسى بالا ئىنسان، بۇ ئىنساننىڭ جىنسىي جىنلىرىنى چىللاۋاتقان يازغۇچى باخشى، ھەممىدىن نېمە ياخشى؟! مۇھەببەتنى بىز نېمىشقا كۈيلىمەيمىز، نېمىشقا جىنسىيەت قوينىدىن چىقالماي تەمتىلەپ يۈرۈيمىز؟ جىنسىيەت شۇنچە سىرلىقمۇ؟ فىزىئولوگىيىلىك شەيتانمۇ؟ بۇ ئۇلۇغ رامىزان ئېيىدا جىن-شەيتانلار كىشەنلىنىدىغان ئاي ئىدى، ئەمما نەپسىمىزدە يۈگۈرۈپ يۈرۈۋاتقان ئازغۇنلۇق، غاپىللىق ھېچ بوشاي دېمەيدۇ. ئەدەبىياتنىڭ ۋەزىپىسى زادى نېمە؟ پەرىشتىنى كۈيلەپ شەيتاننى سۆكۈشمۇ؟ ياكى يازغۇچى بىتەرەپ مەيداندا تۇرۇپ يېزىشى كېرەكمۇ؟ باشقا يەنە بىز ئەكس ئەتتۈرىدىغان نېمە بار؟ قارىغاندا مەن بۇلارنى ئويلاپ ئىچىمنى سىقماي، خىيالىمغا كەلگەننى يازىدىغان ئوخشايمەن. قىزلار مۇھەببەتتىن يىراقلاپ جىنسىيەتنىڭ سىرلىق ئۆڭكۈرىگە قاراپ كېتىۋاتماقتا. ھازىر پەقەت مۇشۇلا ماڭا چىن، ھەقىقىي كۆرۈنىدۇ...
بايانات

مەزكۇر يانبىلوگتىكى يازمىلار پەقەت ئەڭ نازۇك بولغان جىنسىيەت ۋە ئەيدىز ئۇقۇملىرى ۋە ئۆگۈتلىرىنى ئېھتىياجلىق كىشىلەرگە يەتكۈزۈشنى تۈپ مەقسەت قىلغان يانبىلوگ، يازمىلارنى پايدىلىنىش ئۇچۇرى قىلىشقا بولىدۇ، ئەمما ئەمەلىي ئىشلاردا يەنىلا مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ كۆرسەتمىسىنى ئاساس قىلىش كېرەك! يازمىلاردا تىلغا ئېلېنغان كۆز قاراش پەقەت ئەسلى ئاپتۇرغا ۋەكىللىك قىلىدۇ، مېغىزىنى قوبۇل قىلىپ، شاكىلىنى ئايرىشنى ئۆگىنىۋېلىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز!
جىنسىيەت ۋە ئەيدىز ساۋاتلىرى ئۈندىدار سۇپىسى (ئىزدەش نامى: jinsiyatcn) غا ئەگىشىۋېلىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز!
ئەگەر يانبىلوگىم ھەققىدە ھەر قانداق تېخنىكىلىق مەسىلە بايقالسا يانبىلوگ ئورگان ئۈندىدار سۇپىسى yanbilog غا ئەگىشىپ مەسىلە مەلۇم قىلسىڭىز بولىدۇ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى