جىنسىيەت ۋە ئەيدىز ساۋاتلىرى يانبىلوگى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ۋىروس سەۋەبىدىن بولغان جىنسىي كېسەللەر

ۋىروس سەۋەبىدىن بولغان جىنسىي كېسەللەر

ۋاقتى: 2016-07-21 ئاۋاتلىقى: 1648 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

1.ئەيدىز كىسىلى: ھەممىمىزگە تونۇشلۇق بولغان ئەيدىز كىسىلىمۇ بىر خىل جىنسىي كېسەللىك بولۇپ، ھازىر دۇنيادا تەخمىنەن 34 مىليون كىشى بۇ خىل جىنسىي كېسەللىك بىلەن يوقۇملىنىپ بولغان. ئەيدىز ۋىروسى بىلەن يوقۇملانغاندىن كېيىن، يوقۇملانغۇچىلارنىڭ ئىممونت سېستىمىسى ئەڭ ئالدى بىلەن بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرايدۇ-دە، ۋاقىتتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن يوقۇملانغۇچىلاردا ئىممونت ئىقتىدارى كەمتۈكلۈكنىڭ ئالامەتلىرى كۆرۈلۈشكە باشلايدۇ، يەنى ئىممونت ئىقتىدارى ئاجىزلىغاندىن كېيىن كۆرۈلىدىغان ھەر خىل پۇرسەتلىك يوقۇملىنىشلار كۆرىلىدۇ.
2.جىنسىي ئەزا قاپارتمىسى:  قاپارتقۇ ۋىروسى بىلەن يوقۇملىنىشتىن كېلىپ چىقىدۇ. قاپارتقۇ ۋىروسى قاپارتقۇ ۋىروسى I  ۋە  قاپارتقۇ ۋىروسى  II  دەپ ئىككى خىلغا ئايرىلىدۇ. بۇرۇنلاردا ئېغىز- كالپۇكلارغا چىقىدىغان قاپارتمىنى قاپارتقۇ ۋىروسىI، جىنسىي ئەزا قاپارتمىسىنى قاپارتقۇ ۋىروسى  IIكەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، دەپ قارىلاتتى. شۇڭا كىشىلەر ‹بەلنىڭ ئۈستى قاپارتقۇ ۋىروسىI بىلەن يوقۇملىنىشتىن، بەلنىڭ ئاستى قاپارتقۇ ۋىروسى II بىلەن يوقۇملىنىشتىن› دەپ قۇياتتى. لېكىن ھازىر بۇ خىل قاراشلار ئاللىقاچان ئۆتمۈشكە ئايلانغان بولۇپ، ھەر ئىككىلا ۋىروس جىنسىي ئەزا قاپارتمىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقى ئېنىقلاندى، ھەتتا بەزى رايونلاردا جىنسىي ئەزا قاپارتمىسىنىڭ يېرىمىنى قاپارتقۇ ۋىروسى I كەلتۈرۈپ چىقارغان. جىنسىي ئەزا قاپارتمىسىنىڭ ئاساسلىق ئالامىتى جىنسىي ئەزاغا چىققان سۇلۇق قاپارتما بولۇپ، ئادەتتە ئىچىشىش، قىزىش، قىچىشىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرىلىدۇ. بەزى ئەھۋاللاردا جىنسىي يولدىن سويۇقلۇق ئېقىش، بەدەن قىزىش، باش ئاغرىش، مۇسكۇللار ئاغرىش ۋە يىرىقتىكى لىمفا بەزلىرى ئىششىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرىلىدۇ.
3.ئەمچەكسىمان ئۈسۈكچە ۋىروسى بىلەن يوقۇملىنىش: ئەمچەكسىمان ئۈسۈكچە ۋىروسى ئاساسى جەھەتتىن تېرە ۋە شىلىمشىق پەردىلەردە يوقۇملىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئەمچەكسىمان ئۈسۈكچە ۋىروسى تىپلىرىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن ئوخشاش بولمىغان كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. كۆپ ساندىكى تىپلىرى ئۇچلۇق ھۆل سۆگەلنى كەلتۈرۈپ چىقارسا، يەنە بەزى تىپلىرى زەكەر راكى، ئاياللارنىڭ بالىياتقۇ بوينى راكى قاتارلىق كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئەمچەكسىمان ئۈسۈكچە ۋىروسىنىڭ 30-40 خىلدەك تىپى ئاساسەن جىنسىي مۇناسىۋەتتىن يوقىدۇ ھەمدە جىنسىي مۇناسىۋەتكە مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلاردا كېسەللىك پەيدا قىلىدۇ. لېكىن ئادەتتىكى ئەھۋالدا ئەمچەكسىمان ئۈسۈكچە ۋىروسى بىلەن يوقۇملانغۇچىلارنىڭ كۆپ قىسمىدا كىلىنكىلىق ئالامەت كۆرۈلمەيدۇ.
4.B تىپلىق جىگەر ياللۇغى: B تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋىروسى ئادەتتە كۆپ ھاللاردا قان ئارقىلىق يوقسىمۇ بەزى ئەھۋاللاردا جىنسىي مۇناسىۋەتتىن يوقىدۇ. شۇڭا بۇنىمۇ ئادەتتە جىنسىي كېسەللىك دىيىشكە بولىدۇ. بۇ خىل ۋىروس B تىپلىق جىگەر ياللۇغى پەيدا قىلىپلا قالماستىن، ئۇزۇن ۋاقىت يوقۇملانغۇچىلاردا جىگەر راكى پەيدا قىلىشىمۇ مۇمكىن. جىددى يوقۇملانغۇچىلاردا ئادەتتە تېرىسى سارغىيىش، كۆڭلى ئېلىشىش، قۇسۇش ھەتتا ئۈلۈپ كېتىش قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئاستا خاراكتىرلىق يوقۇملىنىشلار تەرەققى قىلىپ ئاخىرقى باسقۇچقا بارغاندا جىگەر قىتىش، جىگەر راكىنى پەيدا قىلىدۇ. B تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋاكسىنىسى بۇ خىل يوقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئالالايدۇ.
بايانات

مەزكۇر يانبىلوگتىكى يازمىلار پەقەت ئەڭ نازۇك بولغان جىنسىيەت ۋە ئەيدىز ئۇقۇملىرى ۋە ئۆگۈتلىرىنى ئېھتىياجلىق كىشىلەرگە يەتكۈزۈشنى تۈپ مەقسەت قىلغان يانبىلوگ، يازمىلارنى پايدىلىنىش ئۇچۇرى قىلىشقا بولىدۇ، ئەمما ئەمەلىي ئىشلاردا يەنىلا مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ كۆرسەتمىسىنى ئاساس قىلىش كېرەك! يازمىلاردا تىلغا ئېلېنغان كۆز قاراش پەقەت ئەسلى ئاپتۇرغا ۋەكىللىك قىلىدۇ، مېغىزىنى قوبۇل قىلىپ، شاكىلىنى ئايرىشنى ئۆگىنىۋېلىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز!
جىنسىيەت ۋە ئەيدىز ساۋاتلىرى ئۈندىدار سۇپىسى (ئىزدەش نامى: jinsiyatcn) غا ئەگىشىۋېلىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز!
ئەگەر يانبىلوگىم ھەققىدە ھەر قانداق تېخنىكىلىق مەسىلە بايقالسا يانبىلوگ ئورگان ئۈندىدار سۇپىسى yanbilog غا ئەگىشىپ مەسىلە مەلۇم قىلسىڭىز بولىدۇ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى