جىنسىيەت ۋە ئەيدىز ساۋاتلىرى يانبىلوگى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئېغىز بوشلىقىدىكى ئىپادىسى

ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئېغىز بوشلىقىدىكى ئىپادىسى

ۋاقتى: 2016-08-11 ئاۋاتلىقى: 2428 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ئەيدىز كېسىلى (aids)دەپمۇ ئاتىلىدۇ،بۇ كېسەللىكنى ئىنسانلارنىڭ ئېرىشمە ئىممۇنىت كەملىك ۋىرۇسى(HIV) كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇپ،ھەر خىل ياشتىكى كىشىلەردە قوزغىلىدۇ.ئەمما 20–49 ياشتىكىلەردە كۆپ كۆرۈلىدۇ.يۇقۇملانغاندىن كېيىنكى يوشۇرۇن دەۋرى 1–5يىل،قورامىغا يەتكەنلەرنىڭ ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 29 ئاي، ئۆسمۈرلەرنىڭ 12 ئاي بولىدۇ. ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالاھىدىلىكى: بىماردا ھۈجەيرە ئىممۇنىت ئىقتىدارى يېتىشمەسلىك ئېغىر بولۇپ ،ئورگانىزىم سىرتقى مۇھىتتىن يۇقۇملىنىشقا قارشى تۇرۇش ئىقتىدارىنى يوقىتىدۇ،ئوڭايلا شەرتلىك يۇقۇملىنىش (كارېن ئۆپكە قاپلىق قۇرت كېسىلى،HIVھۈجەيرە توقۇلمىسىغا ھۇجۇم قىلىپ قوزغىغان مەركىزى نېرۋا كېسەل ئالامىتى) ۋە ئاز ئۇچرايدىغان يامان سۈپەتلىك ئۆسمە(كاپورس ساركومىسى،Burkittلىمفا ئۆسمىسى،خودگكىنىس لىمفا تۈگۈن ئۆسمىسى)قاتارلىقلارنى قوزغىتىپ،ئەڭ ئاخىرى ئۆلۈمگە ئېلىپ بارىدۇ. ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئاساسلىق يۇقۇش يوللىرى: ئوخشاش جىنىسلىقلار مۇھەببەتلەشكەنلىكتىن ۋە يات جىنىسلار ئوتتۇرىسىدىكى جىنسىي مۇناسىۋەتتىن يۇقىدۇ:قان ئارقىلىق يۇقىدۇ؛قان بېرىش ۋە باشقا قان ياسالمىلىرىنى ئىشلىتىشتىن ؛ۋېناغا ئوكۇل قىلىش ياكى ۋېنادىن دورا ئىشلىتىشتىن خۇمار بولۇپ قالغانلار بۇلغانغان ئىشپىرىس ئىشلىتىشتىن؛ھامىلە ۋە تۇغۇتنىڭ ئالدى كەينىدە يۇقۇملىنىش؛ئەيدىز كېسىلى بار ئاياللار ،تۇغۇتتىن بۇرۇن،تۇغۇت جەريانىدا ۋە تۇغۇتتىن كېيىن بوۋاقنى يۇقۇملاندۇرىدۇ؛يۇقۇرقى يولدىن باشقا ۋېروسنىڭ ھاۋا،ھاشارەت،سۇ،يىمەكلىك ئارقىلىق يۇقىدىغانلىقى تېخى ئىسپاتلانمىدى.
شۆلگەيدىن يۇقۇملىنىشنىڭ ئېھتىمالى ناھايىتى تۆۋەن.ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئېغىز بوشلىقىدىكى ئىپادىسى: سەۋەبى ئېنىق بولمىغان جاھىل خاراكتېرلىك كۆپ ئورۇندا پەيدا بولىدىغان غاز بوغۇزسىمان ئاق داغ،تىل قوۋۇز يۇتقۇنچاققا ھەتتا پۈتۈن ئېغىز بوشلۇقىغا تارقىلىدۇ؛قايتىلانما ئاددى قاپارتمىلىق ئېغىز ياللۇقى ۋە پۈتۈن ئېغىز بوشلىقى ۋە يۇتقۇنچاققىمۇ تەسىر كۆرسىتىدۇ؛جىنسىي ئەزالارنىڭ تېرىسى قاپارتچۇقلاش دائىم قوشۇلۇپ كېلىدۇ؛كۆپ قوزغىلىدۇ؛بەزىدە توختاپ بەزىدە داۋاملىشىدۇ؛ئېغىز بوشلىقىدىكى تۈكسىمان ئاق داغ ئاساسلىقى تىل گىرۋىكى ۋە تىل قورسىقىدا پەيدا بولىدۇ،كۆپىنچە ئىككى تەرەپتە تەڭ كۆرىلىدۇ،سىرتقى كۆرۈنۈشى تۈككە ئوخشايدۇ،سىرتقى يۈزىدە قورۇق بولۇپ يوقاتقىلى بولمايدۇ؛ئادەتتە ئۆزى ھىس قىلىدىغان ئالامەتلەر بولمايدۇ.چىش مىلىكى ئىششىپ قاناپ ئاغرىيدۇ،دائىم ئۆتكۈر نېكروزلىنىشچان يارىلىق چىش مىلىك ياللۇغى ياكى چىش مىلىكى ئېغىز ياللۇغى ئەگىشىپ كېلىدۇ ؛ئۇچلۇق ھۆل سۆگەل بىر ياكى ئىككى تەرەپتىكى ئېڭەك نېرۋىسى تارقالغان ئورۇندا ،ئۇشتۇمتۇت ئۇيۇشۇش پەيدا بولىدۇ،سەۋەپسىزلا پۈتۈن ئېغىزدىكى چىش ئاغرىيدۇ. قوۋۇزنىڭ سېزىمى نورمالسىزلىنىدۇ،ئېغىز بوشلىقى قاسراقسىمان ھۈجەيرە راكى پەيدا بولىدۇ. ئەيدىز كېسىلىنى لابوراتورىيىلىك تەكشۈرگەندە،قان زەرداۋى HIV ئانتىتېلاسى مۇسبەت چىقىدۇ،T4ھۈجەيرىسىنىڭ سانى0.4*10 نىڭ 9-دەرىجىسىدىن تۆۋەن بولىدۇ.T4/T8نىسبىتى تەتۈر بولىدۇ .(نورمال كىشىلەرنىڭ نىسبىتى1.75~2.1 بولىدۇ،ئەمما بىمارنىڭ 1.0دىن تۆۋەن بولىدۇ). ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئانچە تەس ئەمەس.HIV 56 گرادوسلۇق مۇھىتتا 30 مىنۇتتا ھاياتى كۈچىنى يوقىتىدۇ،ئادەتتىكى دېزىنفىكسىيىلەش دورىلىرى مەسىلەن%75 لۇق ئىسپرت%25لىك يود تىنىكتورىسىHIV نى ئۆلتۈرەلەيدۇ. ئەمما بۇ ۋېرۇس سوغۇققا چىداملىق بولۇپ ،0دىن تۆۋەن 75گرادوستا مۇز توڭلىغان ھالەتتىمۇ يەنىلا 3ئاي ياشىيالايدۇ.ئۇلتىرا بىنەپشە نۇر بىلەن ئۆلتۈرۈشمۇ ناھايىتى تەس.شۇنداق بولغاچقا بەزىلەر نۆۋەتتە،بۇ كېسەلگە نىسبەتەن ئېغىز بوشلىقى بۆلىمىدە ئالاھىدە ئالدىنى ئېلىش تەدبىرى يوق،شۇڭا Bتىپلىق جىگەر ياللۇغى تارقىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرىنى قوللانسا مۇۋاپىق بولىدۇ دەپ ئوتتۇرىغا قويدى.
كونكىرت قىلىپ ئېيتقاندا جىنسىي تازىلىققا ئەھمىيەت بېرىش،قالايمىغان جىنسىي مۇناسىۋەتنى،زەھەر چېكىشنى قاتتىق چەكلەش.قان بەرگۈچى ۋە قان ياسالمىلىرىنى خىمىيىلىك تەكشۈرۈشتىن ئۆتكۈزۈپ تاللاش؛خەتەرلىك ئادەملەر توپىنى كۆزىتىپ تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىش؛بىر قىسىم ئىشلىتىلىدىتغان ئېغىز بوشلىقى ئۈسكۈنىلىرىنى ئىشلىتىشنى ئاكتىپ كېڭەيتىش؛تازىلىق شارائىتى ياخشى بولغان داۋالاش ئورۇنلىرىغا بېرىپ كۆرۈنۈش؛ئېغىز بوشلىقىدا يۇقارقى ئالامەتلەردىن مەلۇم بىرى بايقالغان ھامان دەرھال دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتۈپ ،داۋالاش پۇرسىتىنى ئۆتكۈزىۋېتىشتىن ساقلىنىش لازىم .ئەيدىز كېسىلى بىمارلىرى ئىشلەتكەن ئەسۋاپلارنى ،ئۈستەل ،ئورۇندۇق،يوتقان –كۆرپە،تاماق قاچىسى قاتارلىقلارنى چوقۇم خىلورلۇق ھاكتا دىزىنفىكسىيىلەش،ئۇلار ئىشلەتكەن ساقال ئالغۇچ،چىش چوتكىسى،لۆڭگە،يۇز دېسى قاتارلىقلارنى چوقۇم %70لىك ئىسپىرتتا 10مىنۇت دىزىنفىكسىيىلەش،ئاشكارا بۇلغانغان تەرەت قاچىسى،كۇسەرلەرنى پەلەي كىيىپ يۇيۇپ،دىزىنفىكسىيىلەش كېرەك.دوختۇرخانىدىكى تىببى خادىملار ئىزۇلياتسىيە كىيىمى،پەلەي،ماسكا ،كۆزنى ئاسراش ئەينىكى تاقىشى ،ئەيدىز كېسىلى بىمارلىرى ئىشلەتكەن ئەسۋاپ ۋە قانغا ئاجراتما ماددىلارغا ،كېرەكسىز چىقىرىندىلارغا ۋە تىنىق ماتىرىياللىرىغا ئاگاھلاندۇرۇش بەلگىسى قىلىپ ،ئامال بار خالتىغا تېز ،پۇختا قاچىلاپ بىر تەرەپ قىلىشى لازىم،تىببى خادىملار داۋالاش مەشغۇلاتىدىن كېيىن قولىنى يۇيۇپ،دىزىنفىكسىيىلىشى،قولىدا يارا بولسا ياكى قولى سۈرۈلۈپ زەخمىلەنسە ،دەرھال قولىنى دىزىنفىكسىيىلەپ تېڭىۋېلىشى ،بىمارغا يېقىنلاشماسلىقى كېرەك.ئېغىز بوشلىقى بۆلۈمىدىكى ۋە كېسەلخانىدىكى ئۈستەل ئورۇندۇق،ۋىكلىيۇچاتىللارنى تاشلىۋەتسە بولىدىغان يوپۇقلار بىلەن ئوراپ،يەرنى چوقۇم %0.2لىك خىلورلۇق ھاك بىلەن سۈرتۈش كېرەك.
بايانات

مەزكۇر يانبىلوگتىكى يازمىلار پەقەت ئەڭ نازۇك بولغان جىنسىيەت ۋە ئەيدىز ئۇقۇملىرى ۋە ئۆگۈتلىرىنى ئېھتىياجلىق كىشىلەرگە يەتكۈزۈشنى تۈپ مەقسەت قىلغان يانبىلوگ، يازمىلارنى پايدىلىنىش ئۇچۇرى قىلىشقا بولىدۇ، ئەمما ئەمەلىي ئىشلاردا يەنىلا مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ كۆرسەتمىسىنى ئاساس قىلىش كېرەك! يازمىلاردا تىلغا ئېلېنغان كۆز قاراش پەقەت ئەسلى ئاپتۇرغا ۋەكىللىك قىلىدۇ، مېغىزىنى قوبۇل قىلىپ، شاكىلىنى ئايرىشنى ئۆگىنىۋېلىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز!
جىنسىيەت ۋە ئەيدىز ساۋاتلىرى ئۈندىدار سۇپىسى (ئىزدەش نامى: jinsiyatcn) غا ئەگىشىۋېلىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز!
ئەگەر يانبىلوگىم ھەققىدە ھەر قانداق تېخنىكىلىق مەسىلە بايقالسا يانبىلوگ ئورگان ئۈندىدار سۇپىسى yanbilog غا ئەگىشىپ مەسىلە مەلۇم قىلسىڭىز بولىدۇ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى