جىنسىيەت ۋە ئەيدىز ساۋاتلىرى يانبىلوگى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ئەيدىز كېسىلى ۋە جەمىئىيەت ساغلاملىقى

ئەيدىز كېسىلى ۋە جەمىئىيەت ساغلاملىقى

ۋاقتى: 2016-07-27 ئاۋاتلىقى: 1372 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ئەيدىز كېسىلى زىيىنىڭ ئالدىنى ئېلىش جەمىئىيەت ساغلاملىقىنىڭ تەرەققىياتىغا كۆڭۈل بۈلۇشنى جىددي تەلەپ قىلىۋاتىدۇ.
ئەيدىز كېسىلىنى چۈشىنەيلى،   ئەيدىز كېسىلى نۇرغۇنلىغان كىشىلەر ئاڭلىغان، بېشىنى ئاغرىتىدىغان يۇقۇملۇق كېسەللىكنىڭ بىرى، بۇ كىسەل بىر خىل سۈزۇلما خاراكتىرلىك ئىممۇنىتېت كۇچى كەمچىل بولۇش خاراكتىرىگە ئىگە بولغان كىسەللىك.
بۇ يۇقۇملۇق كېسەلنى ئادەتتە AIDS دەپمۇ ئاتايمىز. ئۇ ئادەم تىنىنىڭ ئىممۇنىتېت سىتىمىسىغا بىۋاستە ھۇجۇم قىلىپ كىرەلەيدىغان ۋىروس، ئەيدىز كېسىلى T لىمفا ھۇجەيرىسىنى ئۆزىنىڭ ھۇجۇم قىلىش نىشانى قىلىدۇ، كۆپ مىقداردا يۇتۇۋالىدۇ، لىمفا ھۇجەيرىلىرىنى ۋەيران قىلىدۇ، شۇنىڭ نەتىجىسىدە، ئادەمنىڭ ئىممۇنىتېت سىستىمىسىنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچۇرتىدۇ.
تۇلۇق ئوتتۇرنىڭ بىئولوگىيە دەرىسىدە  نۇرغۇنلىغان كورسەتمىلەر بار، ئەيدىز كېسىلىگە گىرپتار بولغانلار ئۆزنىڭ ئىممۇنىتېت سىستىمىسىنى ئاستا-ئاستا ۋەيران قىلىدۇ. ئاخىرى ئاستا خاراكتىرلىك زۇكام، يوتەللەرنىڭ ھەممىسى ئېغىر بولغان ئۆپكە كېسىلى بىلەن ئۈلۈپ كېتىشنى كەلتۇرۇپ چىقىرىدۇ.
ئەيدىز كېسىلىنىڭ گىنىنى ئېلىپ يۈرگۈچىنىڭ  كىسەللىك ئىپادىلىرى ھەرخىل بولىدۇ. ئادەتتىكى خاراكتىردىكى كېسەللىك ئەھۋالى ئېغىر  بولمىغان ئەيدىز ۋىروسى بىلەن  يۇقۇملانغانلارنىڭ ئىپادىلىرى بولسا، توختىماي قىزىيىدۇ، بەدىنى ئىنتايىن ئاجىز ۋە زەئىپ كۈرۈنىدۇ. دائىم ئۆزىنى ماغدۇرسىز ھىس قىلىدۇ. ئەيدىزنىڭ گىنىنى ئېلىپ يۇرگۇچىلارنىنىڭ تاشقى بەدەن كۈرۈنىشى بەكمۇ ئۇرۇق، ياداپ كەتكەن بولىدۇ. ئەيدىز كېسىلى ۋىروسىغا گىرىپتار بولغان بىمارلاردا دائىم كۈرۈلۈپ تۇردىغان كىسەللىك ئالامەتلىرى بولسا، نەپەسلىنىش قىيىن بۇلۇش، دائىم  يۆتىلىش، بەزىدە مەيدىسى ئاغرىىش، نەپەس يولى بىئارام بۇلۇش  قاتارلىق ئىپادىلەر مەۋجۇت. بۇ ۋىروسنى ئېلىپ يۈرگۈچى بىمارلار  ئەمىلىيەتتە ئانچە قورقۇنۇچلىق ئەمەس، گەرچە نۆۋەتتە ئەيدىز كېسىلىنى داۋالاشنىڭ ئۈنۇملۈك داۋالاش ئۇسۇلى يوق بولسىمۇ، بىراق بۇ ۋىروسنى كونتىرول قىلغىلى بولىدۇ. كىشىلەر ئۆزىنىڭ ئەيدىز ۋىروسى بىلەن يۇقۇملانغانلىقىنى بىلگەن ۋاقىتتا، ھەرگىز جىددىيلەشمەسلىكى كىرەك، بەزىدە ئەيدىز ۋىروسى قوزغالمايدۇ. بەزەن ئادەملەر،  تۇغۇلۇشىدىنلا ئەيدىز ۋىروسىنى ئۆزىگە ئېلىپ يۈرۈيدۈ، ئۇلار ئىلگىركىگە ئوخشاش كۈنلىرىنى ئۆزى بىلەنلا ئوتكۈزىدۇ، بەزى ۋاقىتلاردا ئۆزىنى يۇشۇرۇپ ھىچنەرگە چىقمايدۇ، يالغۇزلا ياشايدۇ، بىر ئۆمۇر سىرتقى دۇنيا بىلەن ئۇچراشمايدۇ، شۇڭا ئەيدىز ۋىروسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار، ھەرگىز ئۆزىنى كەمسىتمەسلىك، ئۆزىگە ئىشىنىش كىرەك. ئەيدىز ۋىروسىنىڭ ئۆزىگە ئىلىپ كىلىدىغان تەسىرى ۋە جەمىئىيەتكە ئېلىپ كېلىدىغان زىيىنى ئىنتايىن چوڭ بۇلۇپ بۇ توۋەندىكىلەردىن ئىبارەت :
1. ئەيدىز ۋىروسىنىڭ ئۆزىگە ئېلىپ كىلىدىغان زىيىنى ئېغىر بۇلۇپ، ناۋادا يۇقۇملانغۇچىلار جەمىئيەت تەرىپىدىن كەمسىتىلىگەندە، يۇقۇملانغۇچىلارغا ئېغىر بولغان روھى بېسىملارنى ئىلىپ كىلىدۇ.
2. ئائىلە ۋە جەمىئيەتكە ئىلىپ كىلىدىغان تەسىرى چوڭ.
مەنبە: جۇڭگو ئەيدىز ساخاۋەت تورىدىن تەرجىمە قىلىندى.  
بايانات

مەزكۇر يانبىلوگتىكى يازمىلار پەقەت ئەڭ نازۇك بولغان جىنسىيەت ۋە ئەيدىز ئۇقۇملىرى ۋە ئۆگۈتلىرىنى ئېھتىياجلىق كىشىلەرگە يەتكۈزۈشنى تۈپ مەقسەت قىلغان يانبىلوگ، يازمىلارنى پايدىلىنىش ئۇچۇرى قىلىشقا بولىدۇ، ئەمما ئەمەلىي ئىشلاردا يەنىلا مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ كۆرسەتمىسىنى ئاساس قىلىش كېرەك! يازمىلاردا تىلغا ئېلېنغان كۆز قاراش پەقەت ئەسلى ئاپتۇرغا ۋەكىللىك قىلىدۇ، مېغىزىنى قوبۇل قىلىپ، شاكىلىنى ئايرىشنى ئۆگىنىۋېلىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز!
جىنسىيەت ۋە ئەيدىز ساۋاتلىرى ئۈندىدار سۇپىسى (ئىزدەش نامى: jinsiyatcn) غا ئەگىشىۋېلىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز!
ئەگەر يانبىلوگىم ھەققىدە ھەر قانداق تېخنىكىلىق مەسىلە بايقالسا يانبىلوگ ئورگان ئۈندىدار سۇپىسى yanbilog غا ئەگىشىپ مەسىلە مەلۇم قىلسىڭىز بولىدۇ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى