جىنسىيەت ۋە ئەيدىز ساۋاتلىرى يانبىلوگى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ئەيدىز توغرىسىدا

ئەيدىز توغرىسىدا

ۋاقتى: 2016-08-11 ئاۋاتلىقى: 1633 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ئەيدىز جىنسىي تارقىلىشچان كېسەللەرنىڭ بىرى بولۇپ، تارقىلىش يوللىرى، خەتەرلىك ھەرىكەتلەر، چېتىلىدىغان ئادەملەر توپى ۋە ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرى جەھەتتە ئادەتتىكى جىنسىي كېسەللەر بىلەن نۇرغۇن ئورتاقلىققا ئىگە. بولۇپمۇ جىنسىي ئەزالىرىدا يارا بار بولغان جىنسىي كېسەل ئاغرىقلىرى ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن ئاسانلا يۇقۇملىنىدۇ ھەم ئەيدىز كېسىلىنى تارقىتىدۇ. باشقا جىنسىي كېسەلگە گىرىپتار بولغان ئاغرىقلار ئەيدىز ۋىرۇسى  بىلەن يۇقۇملانغاندا، بەدەن ئىممۇنىتېت كۈچىنىڭ تۆۋەنلىشىشى سەۋەبلىك جىنسىي كېسەل جەريانى ئۇزاققا سوزۇلۇپ، كېسەل ئەھۋالى ئېغىرلايدۇ – دە، داۋالاش قىيىنلىشىدۇ ھەم ئاسانلا قايتا قوزغىلىدۇ، نەتىجىدە جىنسىي كېسەلنىڭ يۇقۇش دەۋرى ئۇزىراپ ئاقىۋىتى ياخشى بولمايدۇ. جىنسىي كېسەلنى ۋاقتىدا داۋالىغاندا جىنسىي يول ئاجرالمىلىرىدىكى ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ مىقدارىنى ئازايتىپ، ئەيدىز ۋىرۇسى تارقىلىشنىڭ خەتىرىنى ئازايتقىلى بولىدۇ. شۇڭا جىنسىي كېسەللەرنى داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ خىزمىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش ئەيدىز كېسىلى تارقىلىشنى ئۈنۈملۈك تىزگىنلەشتىكى مۇھىم تەدبىر ھېسابلىنىدۇ.
تۇبېركۇليوز كېسىلى ئەيدىز ئاغرىقلىرىدا ئەڭ كۆپ كۆرۈلىدىغان پۇرسەت خاراكتېرلىك يۇقۇملىنىش بولۇپ، تۇبېركۇليوز تاياقچە باكتېرىيىسى  ۋە ئەيدىز ۋىرۇسىدىن قوش يۇقۇملىنىش كېسەل ئەھۋالىنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرۇپ، ئېغىر بولغاندا ئۆلۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغاندا، ئادەم بەدىنىدىكى ئاللىقاچان تۇرغۇن ھالەتكە ئۆتكەن كونىرىغان تۇبېركۇليوز كېسەل ئوچاقلىرى قايتىدىن جانلىنىپ، بەدەن ئىممۇنىتېت كۈچى تۆۋەنلەپ، قايتىدىن تۇبېركۇليوز تاياقچە باكتېرىيىسى بىلەن يۇقۇملانغاندىن كېيىن، بەدەندىكى ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ كۆپىيىشى تېزلىشىدۇ، ئادەتتە، ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانمىغان نورمال ئادەم تۇبېركۇليوز تاياقچە باكتېرىيىسى بىلەن يۇقۇملانسا، ئۆمرىدە تۇبېركۇليوز كېسىلى بىلەن ئاغرىش پۇرسىتى %10 بولىدۇ. ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىدا تۇبېركۇليوز كېسىلىنىڭ قوزغىلىش نىسبىتى بىر يىلدىلا %10 بولىدۇ. تۇبېركۇليوزنىڭ ئەيدىز كېسىلى بىلەن ئوخشاشماسلىقى شۇ يەردىكى، تۇبېركۇليوز ئاغرىقلىرى دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە دورىنى ئۈزۈلدۈرمەي ئىچىپ، سىستېمىلىق داۋالانسا، تۇبېركۇليوز كېسىلىنىڭ ساقىيىش نىسبىتى %95 تىن ئېشىپ كېتىدۇ، ستاتىستىكىغا ئاسالانغاندا، ھازىر پۈتۈن دۇنيادا  ئۈچتىن بىر قىسىم ئەيدىز ئاغرىقى تۇبېركۇليوز كېسىلى بىلەن ئۆلۈپ كېتىدىكەن. دېمەك، تۇبېركۇليوز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش – داۋالاش بىلەن ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش – داۋالاش زىچ باغلىنىشلىق بولىدۇ.
شىنجاڭ گېزىتىدىن ئىلىندى
بايانات

مەزكۇر يانبىلوگتىكى يازمىلار پەقەت ئەڭ نازۇك بولغان جىنسىيەت ۋە ئەيدىز ئۇقۇملىرى ۋە ئۆگۈتلىرىنى ئېھتىياجلىق كىشىلەرگە يەتكۈزۈشنى تۈپ مەقسەت قىلغان يانبىلوگ، يازمىلارنى پايدىلىنىش ئۇچۇرى قىلىشقا بولىدۇ، ئەمما ئەمەلىي ئىشلاردا يەنىلا مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ كۆرسەتمىسىنى ئاساس قىلىش كېرەك! يازمىلاردا تىلغا ئېلېنغان كۆز قاراش پەقەت ئەسلى ئاپتۇرغا ۋەكىللىك قىلىدۇ، مېغىزىنى قوبۇل قىلىپ، شاكىلىنى ئايرىشنى ئۆگىنىۋېلىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز!
جىنسىيەت ۋە ئەيدىز ساۋاتلىرى ئۈندىدار سۇپىسى (ئىزدەش نامى: jinsiyatcn) غا ئەگىشىۋېلىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز!
ئەگەر يانبىلوگىم ھەققىدە ھەر قانداق تېخنىكىلىق مەسىلە بايقالسا يانبىلوگ ئورگان ئۈندىدار سۇپىسى yanbilog غا ئەگىشىپ مەسىلە مەلۇم قىلسىڭىز بولىدۇ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى