لوقمان ھەكىم مىكروبېتى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

دىققەت: مەزى بېزى ياللۇغىنىڭ ئەگەشمە كېسەللىكلىرىدىن ھەزەر ئەيلەڭ!!!

دىققەت: مەزى بېزى ياللۇغىنىڭ ئەگەشمە كېسەللىكلىرىدىن ھەزەر ئەيلەڭ!!!

ۋاقتى: 2016-07-08 ئاۋاتلىقى: 4745 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

مەزى بېزى ياللۇغى قانداق كېسەللەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ؟
جىددىي خارەكتېرلىك مەزى بېزى ياللۇغى ئاسان كەلتۈرۈپ چىقىدىغان ئەگەشمە كېسەللىكلەردىن ئاساسلىقى تۆۋەندىكىلەر:
(1) جىددىي خارەكتېرلىك سۈيدۈك يىغىلىپ قىلىش
جىددىي خارەكتېرلىك مەزى بېزى ياللۇغى يەرلىك ئورۇنغا قان يىغىلىپ، ئىششىپ يوغىناشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، سۈيدۈك يولىنى باسقانلىقتىن سىيگەندە قىينىلىش ياكى جىددىي خارەكتېرلىك سۈيدۈك يىغىلىپ قېلىشقا سەۋەب بولىدۇ.
(2) جىددىي خارەكتېرلىك ئۇرۇقدان ياللۇغى ياكى قوشۇمچە ئۇرۇقدان ئۇرۇق توشۇش نەيچىسى ياللۇغى
مەزى بېزىدىكى جىددىي خارەكتېرلىك ياللۇغ ئاسانلا ئۇرۇقدانغا تارقىلىپ، جىددىي خارەكتېرلىك ئۇرۇقدان ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش بىلەن بىر ۋاقىتتا تەتۈر يۆنىلىشتە لىمفا نەيچىسىدىن ئۇرۇق توشۇش نەيچىسىننىڭ يان دىۋارى ۋە سىرتقى غىلاپىغا كىرىپ قوشۇمچە مەزى بېزى ياللۇغىنى پەيدا قىلىدۇ.
(3)     ئۇرۇقدان بېغى لىمفا تۈگۈنى ئىششىپ يوغىناش ياكى تېگىشىپ ئاغرىش
مەزى بېزى بىلەن ئۇرۇقدان بېغى لىمفا تۈگۇنى داس بوشلۇقىدا ئۆتۈشۈش شېخى بار بولۇپ، مەزى بېزى جىددىي خارەكتېرلىك ياللۇغلانغاندا ئۇرۇقدان بېغىغا تۇتۇشۇپ، ئۇرۇقدان بېغى لىمفا تۈگۈنى ئىششىپ يوغىناش ياكى تېگىشىپ ئاغرىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
(4) جىنسىي ئىقتىدار توسالغۇغا ئۇچراش
جىددىي خارەكتېرلىك ياللۇغلانغاندا مەزى بېزىغا قان يىغىلىپ، سۇلۇق ئىششىق ياكى كىچىك يىرىڭلىق ئىششىق پەيدا قىلىپ، ئىسپرما قويۇپ بەرگەندە ئاغرىش، ئەرلىك جىنسىي ئەزا قورۇلۇش، قانلىق ئىسپرما كېلىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ.
 (5) جىددىي خارەكتېرلىك مەزى بېزى ياللۇغى ئېغىرلاشقاندا بۆرەك سانجىقى پەيدا بولىدۇ.
    يۇقىرىقى ئالامەتلەر ھەممە بىمارلاردا بولۇشى ناتايىن. بەزىلەرنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە پەقەتلا قىزىش، سۈيدۈك يولى كۆيۈشۈش ئەھۋاللىرى كۆرۈلسە ئاسانلا «زۇكام» دەپ دىئاگنۇز قويۇلۇپ قالىدۇ. جىددىي خارەكتېرلىك باكتېرىيەلىك مەزى بېزى ياللۇغىدىمۇ ئۇرۇقدان ياللۇغى، تاشاق ياللۇغى ۋە ئۇرۇق توشۇش نەيچىسى ياللۇغى كۆرىلىدۇ.

ئاستا خارەكتېرلىك مەزى بېزى ياللۇغىنىڭ ئەگەشمە كېسەللىكلىرى تۈۋەندىكىچە:
(1)  جىنسىي ئىقتىدارى ۋە كۆپىيىش ئىقتىدارىغا بولغان تەسىرى
ئاساسلىق ئىپادىلىرىدىن جىنسىي ئىقتىدارى چېكىنىش، مەسىلەن بىرگە بولۇش ۋاختى ئازلاش ياكى ئىسپرما بالدۇر كېتىش. بەلكىم بۇ مەزى بېزىنىڭ ياللۇغنىڭ غىدىقلىشىغا ئۇچرىغانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۈمكىن. ئەرلىك جىنسىي ئەزا يىگىلەش بىلەن مەزى بېزى ياللۇغىنىڭ مۇناسىۋىتىنى تېخىچە ئېنىق جەزملەشتۈرگىلى بولمايدۇ. ئاستا خارەكتېرلىك مەزى بېزى ياللۇغى جىنسىي ئەزا جانلاندۇرىدىغان نېرۋا قان-تومۇر ئىقتىدارىغا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسەتمەيدۇ. ئۇزۇن مۇددەتلىك بىئارامسىزلىق بىماردا روھىي بېسىم پەيدا قىلىپ ئۇلارغا توسقۇنلۇققا ئۇچراش ۋە ئەنسىرەش ئېلىپ كېلىدۇ. بولۇپمۇ بۇ كېسەلنى چۈشەنمەيدىغان بىمارلار ئۆزىنىڭ جىنسىي ئىقتىدارىدا مەسىلە بار دەپ ئويلىۋالىدۇ. ۋاقىت ئۆتكەنسېرى نېرۋا خارەكتېرلىك ئەرلىك جىنسىي ئەزا يىگىلەشنى پەيدا قىلىدۇ. مەزى بېزى ياللۇغى ئۇرۇقدان ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ چىقارغاندا قانلىق ئىسپرما كېلىدۇ.
ئىسپېرمىنىڭ ئاساسلىق تەركىبى بولسا مەزى بېزى سۇيۇقلىقى، ھەمدە تاشاق، قوشۇمچە ئۇرۇقداندىن چىققان ئۇرۇق چوقۇم ئىسپرما پلازمىسىدىن ئۆتۈپ مەزى بېزى سۇيۇقلىقىدىن ئوزۇقلۇق ئېلىپ، توشۇلغاندا ئاندىن تۇخۇم بىلەن بىرىكىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولىدۇ. ئاستا خارەكتېرلىك مەزى بېزى ياللۇغى بىمارلىرىدىكى مەزى بېزى سۇيۇقلۇقىنى دائىملىق تەكشۈرگەندە دائىم ئىسپېرمىنىڭ ھاياتىي كۈچى تۆۋەن، ئۆلۈش نىسبىتى بىر ئاز يۇقىرى بولىدۇ. مەزى بېزى ياللۇغى بىمارلىرىنىڭ تۇغماسلىق نىسبىتى نورمال ئادەملەردىن ئۈستۈن تۇرىدۇ.
 
پۈتۈن بەدەنگە بولغان تەسىرى
ئاستا خارەكتېرلىك مەزى بېزى ياللۇغى قىسمەن سۈيدۈك ئاجرىتىش سىستېمىسىدا كېسەل پەيدا قىلىپلا قالماي يەنە ئاللېرگىيەلىك رىئاكسىيەلىك رەڭدار پەردە ياللۇغى، بوغۇم ياللۇغى، يۈرەك ئىچكى پەردە ياللۇغى، مۇسكۇل ياللۇغىنى پەيدا قىلىدۇ.
مەزى بېزى ياللۇغى بىمارلىرىدا دائىم روشەن روھىي ئالامەتلەر كۆرىلىدۇ. بىمارنىڭ كەيپىياتى جىددىيلىشىپ، روھىي بېسىمى ئېشىپ كېتىدۇ. ئۇزاق مۇددەت مۇشۇنداق كېتىۋەرسە بىماردا ماغدۇرسىزلىق، ئۇيقۇسىزلىق، كۆپ چۈش كۆرۈش، ئاسان چارچاش، گۇمانخورلۇق، تەشۋىشلىنىش پەيدا قىلىدۇ. بۇنداق بىمارلار ئۆزىنىڭ سالامەتلىكىگە ھەددىدىن ئارتۇق كۆڭۇل بۆلۈپ، ھەر تەرەپتىن ئىسپات ئىزدەپ ئۆزىنى ئاقلايدۇ. دوختۇر قانچە ئەستايىدىللىق بىلەن چۈشەندۈرسىمۇ بىمارنىڭ گۇمانخورلۇق پىسخىكىسىنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ. گەرچە بىمار دوختۇرنىڭ چۈشەندۈرۈشىگە گۇمانلىنىش پوزىتسىيەسىدە بولسىمۇ لېكىن پىسخىكىلىق داۋالاش ئېلىپ بېرىش نىسبەتەن زۆرۈر.
مەزى بېزى ياللۇغى بىلەن روھىي ئالامەتلەرنىڭ مۇناسىۋىتى تېخىچە ئېنىق ئەمەس، روھىي جىددىيلىك نېمە ئۈچۈن مەزى بېزى ياللۇغىنى پەيدا قىلىدۇ؟ مەزى بېزى ياللۇغى يەنە قانداق بولۇپ روھىي پىسخىكا ئالامەتلىرىنى پەيدا قىلىدۇ؟ بۇلار يەنىمۇ ئىچكىرىلەپ تەتقىق قىلىشقا ئەرزىيدۇ. روھىي پىسخىكا ئالامەتلەر بىلەن شەخىسنىڭ خۇي ئالاھىدىلىكى بىۋاسىتە ئىچكى باغلىنىشلىق. شۇڭا ئاستا خارەكتېرلىك مەزى بېزى ياللۇغى بىمارلىرىدىكى روھىي پىسخىكا ئالامەتلىرىنىڭ ئېغىر-يېنىكلىگىدە ئىنتايىن چوڭ پەرق بار.


مەزى بېزى ياللۇغىنىڭ قانداق ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ؟
مەزى بېزى بىمارلىرىنىڭ ئۆزىنى ئاسرىشىدىكى توققۇز ئۇسۇل:
1. سۇنى كۆپ ئىچىش
سۇنى كۆپ ئىچىپ بەرگەندە سۈيدۈك ئاجرىتىشمۇ كۆپ بولىدۇ. قويۇقلىقى يۇقىرى بولغان سۈيدۈك مەزى بېزىنى غىدىقلايدۇ، ئۇزۇن مۇددەتلىك ياخشى بولمىغان غىدىقلىنىش مەزى بېزىگە زىيان يەتكۈزىدۇ. كۆپ سۇ ئىچىش قاننى سۇيۇلدۇرۇپلا قالماستىن يەنە ئۈنۈملۈك ھالدا سۈيدۈكنىڭ قويۇقلىقىنى سۇيۇلدۇرىدۇ.
2. سۈيدۈك قىسماسلىق
دۇۋساققا سۈيدۈك تولۇپ سىيگۈسى كەلسە، دەرھال كىچىك تەرەت قىلىش كېرەك. سۈيدۈك قىسىش دوۋساققا ۋە مەزى بېزىغا زىيانلىق. ئۇزۇن يوللۇق ئاپتۇبۇسقا چىقىشتىن بۇرۇن ئاۋال كىچىك تەرەت قىلىۋېلىپ ئاندىن ماشىنىغا چىقىش كېرەك. يولدا كىچىك تەرەت قىستىسا دەرھال شوپۇرغا ئەھۋالنى ئېيتىپ ماشىنىدىن چۈشۈپ تەرەت قىلىش، ھەرگىزمۇ سۈيدۈك قىسماسلىق كېرەك.
3. جىنسىي مۇناسىۋەتكە چەك قويۇش
مەزى بىزىنىڭ يۇغىناپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ياش ۋاقتىدىن تارتىپ دىققەت قىلىش كېرەك. ئاساسلىقى جىنسىي مۇناسىۋەت نورمال بولۇش، بەك كۆپ بولماسلىقى ياكى مەجبۇرىي چەكلىمەسلىكى كېرەك. جىنسىي مۇناسىۋەت بەك كۆپ بولۇپ كەتكەندە مەزى بېزى ئۇزۇن ۋاقىت قان تولۇش ھالىتىدە تۇرۇپ مەزى بېزى ئۆسىۋېلىشنى پەيدا قىلىدۇ. شۇڭا بولۇپمۇ جىنسىي تەلەپ بىر قەدەر يۇقىرى ياشلىق دەۋرىدە جىنسىي مۇناسىۋەتكە چەك قويۇش كېرەك. مەزى بېزىگە ئۇزۇن ۋاقىت قان تولۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، مەزى بېزىنىڭ تولۇق ئەسلىگە قايتىش ۋە ساقىيىشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئەلۋەتتە، ھەددىدىن زىيادە چەكلىگەندە چىڭقىلىپ بىئارامسىزلىقنى پەيدا قىلىش ئوخشاشلا مەزى بېزىغا زىيانلىق.
4. ئۆزىنى ئازادە تۇتۇش
تۇرمۇش بېسىمى مەزى بېزى يوغىناشنى ئېغىرلاشتۇرىۋېتىدۇ. كىلىنكىدا كۆرسىتىلىشىچە، تۇرمۇش بېسىمى يېنىكلىگەندە مەزى بېزى ئالامەتلىرى يەڭگىللەيدۇ، شۇڭا ئادەتتە ئىمكان بار كۆپرەك ئۆزىنى ئازادە تۇتۇپ بېرىش كېرەك.
5. ئىسسىق سۇدا يۇيۇنۇش
ئىسسىق سۇدا يۇيۇنۇش مۇسكۇل ۋە مەزى بېزىنىڭ جىددىيلىكىنى پەسەيتىپ، بىئارامسىزلىقنى تۈگىتىدۇ. دائىم ئىسسىق سۇدا يۇيۇنۇپ بەرسە مەزى بېزى بىمارلىرىغا ئويلىمىغان پايدىلارنى ئېلىپ كېلىدۇ. ھەر كۈنى 2-1 قېتىمغىچە ئەۋرەتنى ئىسسىق سۇدا ھورداش ئېلىپ بارغاندا، ئوخشاشلا ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشكىلى بولىدۇ.
6. پاكىزلىققا دىققەت قىلىش
ئەرلىك ئۇرۇقدان خالتىسى ئاسان تەرلەيدىغان ھەم شامال ئۆتۈشۈش ناچار بولغاچقا، ئاسان كىر ساقلىنىپ قالىدۇ. يەرلىك ئورۇندىكى باكتېرىيە يۇچۇق تېپىپ كىرىۋالىدۇ-دە مەزى بېزى ياللۇغىنى پەيدا قىلىدۇ. مەزى بېزى يوغىناش، جىنسىي ئىقتىدار ئاجىزلاشقا سەل قارىغاندا ئېغىر ياللۇغلىنىش كېلىپ چىقىدۇ. شۇڭا ئەۋرەتنىڭ تازىلىقىغا ھەر ۋاقىت دىققەت قىلىش مەزى بېزى ياللۇغىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى مۇھىم ھالقا. ئۇنىڭدىن باشقا ھەر قېتىم بىللە بولغاندىن كېيىن تاشقى كۆپىيىش ئەزاسىنى يۇيۇپ بېرىش ئىنتايىن زۆرۈر.
7. سوغۇق ئۆتۈپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش
سوغۇق تاش ئۈستىدە ئولتۇرماسلىق كېرەك. چۈنكى سوغۇقلۇق سىمپاتىك نېرۋا غىدىقلىنىشىنى كۈچەيتىپ، سۈيدۈك يولى ئىچكى بېسىمىنى ئاشۇرۇپ، تەتۈر يۆنىلىشتە ئېقىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
8. سۈركىلىشتىن ساقلىنىش
ئەۋرەت سۈركەلگەندە مەزى بېزىنىڭ كېسەللىك ئەھۋالى ئېغىرلىشىپ بىماردا يېقىمسىزلىنىش بولىدۇ. يەرلىك ئورۇننىڭ  زىيانلىق سۈركىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ۋېلىسپىتكە ئاز مىنىش كېرەك، ئۇزاق ۋاقىت ۋېلىسپىت ياكى موتسكىلىت مىنىشكە تېخىمۇ بولمايدۇ.
9. تۇرمۇشتا رەتلىك بولۇش
مەزى بېزى ۋە دوۋساق بوينىنىڭ قايتا-قايتا قان تولۇپ، يەرلىك ئورۇننىڭ چىڭقىلىپ ئاغرىشىنى ئېغىرلىتىۋەتمەسلىك ئۈچۈن، ئىمكان قەدەر ھاراق ئىچمەسلىك، مۇچ، قارىمۇچقا ئوخشاش ئاچچىق نەرسىلەرنى ئاز يېيىش كېرەك. چۈنكى قەۋزىيەت مەزى بېزىنىڭ ئىسىلىپ ئاغرىشىنى ئېغىرلىتىۋېتىدۇ. شۇڭا ئادەتتە مېۋە ۋە كۆكتاتلارنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىپ، قەۋزىيەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. زۆرۈر بولغاندا كەندىر مېغىزى كومىلىچى(麻仁丸) غا ئوخشاش ئۈچەي راۋانلاشتۇرىدىغان دورىلارنى ئىچىپ بېرىش كىرەك.

كۈندىلىك تۇرمۇشتا مەزى بېزىنى ئاسرايدىغان ئۇسۇللار
مەزى بېزى بولسا ئەرلىك كۆپىيىش ئەزاسىدىكى ئەڭ چوڭ قوشۇمچە جىنسىي بەز. ئۇ ئاجراتقان مەزى بېزى سۇيۇقلىقى ئىسپېرمىنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسمى. مەزى بېزى بەدەندىكى باشقا ئەزاغا ئوخشاش كېسەل بولىدۇ. ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغىنى ئاستا خارەكتېرلىك مەزى بېزى ياللۇغى. كىلېنىكىدا ئىسپاتلىنىشىچە، %25-%50 ئەرلەر بۇ كېسەلنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان. مەزى بېزىنى ياخشى ئاسراش ئۈچۈن ئەرلەر تۆۋەندىكى نۇقتىلارغا دىققەت قىلىشى كىرەك:

 مەزى بېزى ياللۇغى بىمارلىرى نېمىلەرگە دىققەت قىلىشى كېرەك؟
   1. جىنسىي مۇناسىۋەت مۇۋاپىق بولۇش.
   2. ھاراق ئىچمەسلىك ۋە كۆپ مىقداردا ئاچچىق يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلماسلىق.
   3. ئۇزۇن ئولتۇرماسلىق ياكى ئۇزۇن ۋاقىت ۋېلىسپىت مىنمەسلىك.
   4. يەرلىك ئورۇنغا سوغۇق ئۆتكۈزمەسلىك.
   5. بەدەننىڭ ئىممۇنىتېت كۈچىنى ۋە كېسەلگە قارشى تۇرۇش كۈچىنى ئاشۇرۇش.
   6. ئانتىبىئوتىك دورىلارنى قالايمىقان ئىشلەتمەسلىك.
   7. يەرلىك ئورۇننىڭ زۆرۈر بولمايدىغان تەكشۈرۈشلەرنى قىلغۇزماسلىق.
   8. ياخشى بولغان قوبۇل قىلىش ئۇسۇلىنى يېتىلدۈرۈش.
   9. مەزى بېزى ياللۇغىغا ئائىت بىلىملەرنى ئومۇملاشتۇرۇش.
   10. مەزى بېزى ياللۇغى تولۇق ساقايغاندىن كېيىن بىمارنىڭ كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى قوللىنىش.
11. كېسەلدىن غالىپ كېلىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغان كەيپىيات يېتىلدۈرۈش. ئاستا خارەكتېرلىك مەزى بېزى ياللۇغى ساقايمايدىغان كېسەللىك ئەمەس، پەقەتلا كېسەللىك جەريانى بىر قەدەر ئۇزۇن ۋە ئاسان قايتىلىنىدۇ، لېكىن ھەر تەرەپلىمىلىك داۋالىغاندا تولۇق ساقىيىدۇ.
12. يېتىپ قوپۇشقا دىققەت قىلىپ، ياخشى بولغان تۇرمۇش ھالىتىنى يېتىلدۈرۈش، زىيادە چارچاش، زۇكامداپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. تاماكا، ھاراقتىن يىراقلىشىپ، زىيادە ئاچچىق نەرسىلەرنى ئىستېمال قىلماسلىق كېرەك، ۋېلىسپىتقا ئاز مىنىپ، نەم يەردە ئولتۇرماسلىق كېرەك. ئەر-ئاياللىق تۇرمۇشقا دىققەت قىلىپ، بەك كۆپ بولماسلىقى ياكى مەجبۇرىي چەكلىمەسلىكى لازىم.
13. ئۆزىنىڭ قىزىقىشىنى بايقاپ چىقىپ، مۇۋاپىق ھالدا بەدەن چېنىقتۇرۇش ئارقىلىق ئاستا خارەكتېرلىك مەزى بېزىنىڭ روھىي بېسىمىدىن دىققىتىنى بۇراش كېرەك. تەشۋىشلىنىشنى تۈگۈتۈپ، روھى ئالامەت پەيدا بولۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. 

ئۇچۇر:
لوقمان ھەكىم قوش ئۈنۈملۈك مەزى بېزى گۆھىرى بىلەن لوقمان ھەكىم ئادەمگىياھ گۆھىرى مەزى بېزى يوغىناش ۋە ھەرخىل مەزى بېزى ياللۇغى كەلتۈرۈپ چىقارغان كىچىك تەرەت جىددى بولۇش كىچىك تەرەت قېتىم سانى كۆپ بولۇش، كىچىك تەرەت ئاغرىتىپ كېلىش، سۈيدۈك تېمىتىپ توختىماسلىق، قانلىق كىچىك تەرەت، تۈۋەنكى قۇرساق ئېسىلىپ ئاغرىش، بەل-تىزلىرى سىرقىراپ ئاغرىش، ماغدۇرسىزلىنىش، ئەۋرەت ھۆل تۇرۇش، ئۇرۇقداغ ئاغرىش، بېشى قېيىپ كۆزى قاراڭغۇلىشىش، بۆرەك ئىقتىدارى ئاجىزلاش، بۆرەكنى زىيادە سوغۇق ئېلىپ كېتىش، ئۇرۇقداش يىگىلەش، بالدۇر ئىسپىرما كېتىش، ئىسپىرما پىچەك بولۇش، ئەرلىك ئىقتىدارىنىڭ تۈۋەنلىشى قاتارلىق ئەرلەر كېسەللىكلىرىگە ئالاھىدە مەنپەئەت قىلىدۇ، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئۈنۈمى كۆرىلىدۇ.
بايانات

لوقمان ھەكىم مەھسۇلاتلىرىغا ئېھتىياجلىق بولسىڭىز تاۋباۋ تورىغا lokmanhakim دەپ ئىزدەپ سېتىۋالسىڭىز ياكى شىركەت تور تېخنىكا بۆلۈمىنىڭ قىزىق لېنىيە تېلېفونلىرىغا تېلېفون قىلىپ سېتىۋالسىڭىز بولىدۇ.

قىزىق لېنىيە تېلېفون نومۇرلىرى: 6045310-0991، 6757855-0991 ياكى 6709060-0991 قاتارلىقلار!!!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى