لوقمان ھەكىم مىكروبېتى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ساغلاملىق سەپىرىدىكى يارقىن يۇلتۇز-لوقمان ھەكىم

ساغلاملىق سەپىرىدىكى يارقىن يۇلتۇز-لوقمان ھەكىم

ۋاقتى: 2016-07-27 ئاۋاتلىقى: 1829 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ئانا تۇپراق تورى خەۋىرى: ﻣﯧﺪﯨﺘﺴﯩﻨﺎ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻨﯩﯔ ﯞﯗﺟﯘﺩﯨﻨﻰ ﺋﺎﺳﺮﺍﺵ، ﺋﯚﻣﺮﯨﻨﻰ ﺋﯘﺯﺍﺭﺗﯩﺶ ﻣﻪﻗﺴﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺋﯩﻠﯩﻢ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﺳﯜﭘﯩﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻪﺳﯩﺮﻟﻪﺭﺩﯨﻦ ﺑﯘﻳﺎﻥ ﻳﯜﻛﺴﻪﻙ ﺋﻪﮪﻤﯩﻴﻪﺗﻜﻪ ﯞﻩ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺗﻼﺭﻏﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﺘﻰ. ﮪﺎﻟﺒﯘﻛﻰ ﺑﯜﮔﯜﻧﻜﻰ ﻣﯧﺪﯨﺘﺴﯩﻨﺎ ﺋﯩﻠﻤﯩﺪﯨﻜﻰ ﻳﯧﯖﻰ ﻳﯜﺯﻟﯩﻨﯩﺶ ﺩﺍﯞﺍﻻﺵ ﺋﻪﻣﻪﺱ ﺑﻪﻟﻜﻰ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺶ، ﮪﺎﻳﺎﺗﻠﯩﻖ ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﻨﻰ ﺋﺎﺷﯘﺭﯗﺵ ﺑﻮﻟﻤﺎﻗﺘﺎ.

ﺗﯧﺒﺎﺑﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻚ ﯞﻩ ﺳﺎﻏﻼﻣﻠﯩﻖ ﺳﺎﮪﻪﺳﯩﺪﻩ ﻛﯜﻧﺴﯧﺮﻯ ﺋﺎﻟﻐﺎ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﯨﻠﻪﯞﺍﺗﻘﺎﻥ، ﺧﻪﻟﻘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﺎﻏﻼﻣﻠﯩﻘﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﯞﯗﺟﯘﺩﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯜﭺ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﯟﺍﺗﻘﺎﻥ، ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﯩﻴﻪﺕ ﺳﺎﻏﻼﻣﻠﯩﻘﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺗﯚﮪﭙﻪ ﻗﻮﺷﯘﺷﻨﻰ ﺷﯩﺮﻛﻪﺗﻨﯩﯔ ﺋﻪﻗﯩﺪﯨﺴﻰ ﯞﻩ ﻧﯩﺸﺎﻧﻰ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ، ﺷﯩﭙﺎﻟﯩﻖ ﻣﻪﮪﺴﯘﻻﺗﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺧﻪﻟﻘﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﻗﺎﻳﯩﻞ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﯧﺒﺎﺑﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻚ ﯞﻩ ﺳﺎﻏﻼﻣﻠﯩﻖ ﺳﺎﮪﻪﺳﯩﺪﻩ ﺩﺍﯕﻠﯩﻖ ﻣﺎﺭﻛﺎ ﻳﺎﺭﺍﺗﻘﺎﻥ، ﺳﺎﺧﺎﯞﻩﺗﭽﻰ ﺗﯚﮪﭙﯩﻜﺎﺭ ﻛﺎﺭﺧﺎﻧﺎ، ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﻟﻮﻗﻤﺎﻥ ﮪﻪﻛﯩﻢ ﺑﯩﺌﻮ ﭘﻪﻥ-ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﯩﻨﯩﯔ «ﺳﺎﻏﻼﻣﻠﯩﻖ ﺳﻪﭘﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻳﺎﺭﻗﯩﻦ ﻳﯘﻟﺘﯘﺯ- ﻟﻮﻗﻤﺎﻥ ﮪﻪﻛﯩﻢ، 2015-يىلىدىكى ﺋﯘﺗﯘﻕ ﯞﻩ ﺷﻪﺭﻩﭖ شۇنىڭدەك 2016-يىللىق ﺋﯩﺴﺘﯧﺮﺍﺗﯩﮕﯩﻴﻪ ﯞﻩ ﻳﯜﺯﻟﯩﻨﯩﺶ» ﺑﯩﺮﻟﻪﺷﻤﻪ ﺗﻪﺑﺮﯨﻜﻠﻪﺵ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﯩﺘﻰ 2016-ﻳﯩﻠﻰ 1-ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 2-ﻛﯜﻧﻰ ﭼﯜﺷﺘﯩﻦ ﺑﯘﺭﯗﻥ، ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺧﻪﻟﻘﺌﺎﺭﺍ ﭼﻮﯓ ﺑﺎﺯﺍﺭ 4-ﻗﻪﯞﻩﺕ ﺯﯨﻴﺎﭘﻪﺕ ﺯﺍﻟﯩﺪﺍ ﻣﯘﯞﻩﭘﭙﯩﻘﯩﻴﻪﺗﻠﯩﻚ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯛﻟﺪﻯ.
بۇ قېتىمقى بىرلەشمە تەبرىكلەش پائالىيىتىگە شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ داڭلىق رىياسەتچىسى، خەۋەرلەر پروگراممىسىنىڭ تالانتلىق دىكتورى جۇشقۇن جۈمە بىلەن يېقىملىق ئاۋازى بىلەن ئەل ئىچىگە تونۇلىۋاتقان ياش رىياسەتچى گۈلئارە سادىر رىياسەتچىلىك قىلدى.
تەبرىكلەش پائالىيىتىگە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن مۇدىرى، جامائەت ئەربابى مىجىت ناسىر ئەپەندى؛ خەلقئارا ئېغىز بوشلۇقى ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى، جۇڭخۇا مەملىكەتلىك ئېغىز بوشلۇقى جەمئىيىتىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپوتونۇم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ ھەيئەت ئەزاسى، شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى 1-تارماق دوختۇرخانىسىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باشلىقى، ئېغىز بوشلۇقى كېسەللىكلىرى دوكتورى، پىروفېسسور ئادالەت ئەخمەتجان قاسىمى؛ شاڭخەي دۇنيا يەرمەنكىسى خەلقئارا كۆرگەزمەخانىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، ئىتالىيە مىلان دۇنيا يەرمەنكىسى ئىتالىيە-جۇڭگو بىرلەشمە كۆرگەزمەخانىسىنىڭ باشلىقى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى «دۇنيا تىنچلىق مۇنبىرى»كومىتېتىنىڭ ئىجرائىيە رەئىسى، دۇنيا يەرمەنكىسى داڭلىق ماركا ژۇرنال تەھرىراتىنىڭ باشلىقى چىيەن جىيا لىڭ ئەپەندى؛
دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىغا تونۇلغان داڭلىق خەتتات، رەسسام، جۇڭگولۇقلار تۇتىم قىلغان ئەجدىھانىڭ خەنزۇچە « لۇڭ » دېگەن خەتنىڭ مۇرەككەپ شەكلىنى يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈپ يېزىپ چىقىپ زور شۆھرەت قازانغان، چوڭ موي قەلەم بىلەن يازغان ھۆسنخەتلىرى ئون مىليون يۈەنگىچە يۇقىرى باھاغا مۇيەسسەر بولغان داڭلىق خەتتات جاڭ خېڭ يۈەن ئەپەندى؛ تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىدىن كەلگەن لوقمان ھەكىم شىركىتىنىڭ ھەمكارلاشقۇچىسى، لوقمان ھەكىم شىركىتى بىلەن ئىستىراتېگىيەلىك ھەمكارلىق تۈزگەن، خەلقئارالىق ئۆلچەمگە يەتكەن دورا ۋە ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىدىغان GMP لىق شىنفۇلەي زاۋۇتنىڭ باش نازارەتچىسى جاڭ خەي جۈن ئەپەندى؛ لوقمان ھەكىم شىركىتى بىلەن ئىستىراتېگىيەلىك ھەمكارلىق تۈزگەن، جۇڭگو جۇڭيى تېبابەت دورىگەرلىك پەن-تېخنىكا ئېچىش ۋە ئالماشتۇرۇش مەركىزىنىڭ خۇيجۇ تارمىقى، خەلقئارالىق ئۆلچەمگە يەتكەن دورا ۋە ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىدىغان GMP لىق چاڭچىڭچۇن زاۋۇتىنىڭ-باش نازارەتچىسى شىياڭ جىيەن ئەپەندى؛ جۇڭگو خەتتاتلار جەمئىيىتىنىڭ مۇدىرىيەت ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەتتاتلار جەمئىيىتىنىڭ دائىمىي ئىشلار مۇئاۋىن رەئىسى، دۆلەتلىك 1-دەرىجىلىك خەتتات نىياز كېرىم شەرقىي ئەپەندى؛ شىنجاڭ ئاتاقلىق ئەدەبىي ئوبزورچى، تارىم ژۇرنىلىنىڭ سابىق باش مۇھەررىرى، ئۈرۈمچى خەير-ساخاۋەت باش جەمئىيىتى «ساخاۋەتچى ئاتىلار» كوللېكتىپىنىڭ باش مەسلىھەتچىسى ئەنۋەر ئابدۇرېھىم ئەپەندى؛ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىتتىپاق كومىتېتى تەشۋىقات باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشقارما باشلىقى-شۆھرەت شەۋكەت؛ شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتخانىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن باش مۇھەررىرى دىلشات تۇرسۇن ئەپەندى؛ ئۈرۈمچى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى پارتكومىنىڭ ئەزاسى، ئۈرۈمچى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ مۇئاۋىن ئىستانسا باشلىقى كامىل ئىبراھىم ئەپەندى؛ ئۈرۈمچى خەلق رادىيو ئىستانسىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى ئابلەت ھاجى؛ ئۈرۈمچى شەھىرى يۇقىرى يېڭى تەرەققىيات رايونى ئىگىلىك تىكلەش بازىسىنىڭ مۇدىرى ئابلىكىم ئېزىز ئەپەندى، شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى گېزىتى ئېلان بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى، ئۈرۈمچى خەير-ساخاۋەت باش جەمئىيىتى «ساخاۋەتچى ئاتىلار» كوللېكتىپىنىڭ مەسئۇلى ھەسەنجان ئابدۇراخمان ئەپەندى؛ شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئاخبارات تارقىتىش ئىنستىتۇتىنىڭ دوتسېنتى، ئۈرۈمچى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى «ئىقتىساد كۆزنىكى»پىروگراممىسىنىڭ مەسئۇل مۇھەررىرى، شىنجاڭ لوقمان ھەكىم بىيو پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ تەكلىپلىك مەسلىھەتچىسى ئىلھام ئابدۇكېرىم كاللەك ئەپەندى؛ شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئاخبارات تارقىتىش ئىنستىتۇتىنىڭ دوتسېنتى، ئۈرۈمچى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى «ساغلاملىق يېتەكچىسى»پىروگراممىسىنىڭ مەسئۇل مۇھەررىرى، شىنجاڭ لوقمان ھەكىم بيو پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ تەكلىپلىك مەسلىھەتچىسى دولقۇن ئابدۇللا ئەپەندى؛ شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئىقتىساد ۋە باشقۇرۇش پەنلىرى ئىنستوتىنىڭ دوتسېنتى، ياپونىيە توكيو خەلقئارا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىقتىساد پەنلىرى دوكتورى،شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى «بۈگۈنكى سۆھبەت» پروگراممىسىنىڭ تەكلىپلىك مۇلاھىزىچىسى، شىنجاڭ لوقمان ھەكىم بيو پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ تەكلىپلىك مەسلىھەتچىسى ئابلىمىت كېرەم ئەپەندى؛ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە مەكتىپى قانۇنشۇناسلىق كافىدىراسىنىڭ دوتسېنتى، شىنجاڭ لوقمان ھەكىم بىئو پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ قانۇن مەسلىھەتچىسى، ئادۋۇكات-نۇرمەمەت سابىر ئەپەندى، ھەمدە ھەر ساھە زاتلىرى، كارخانىچىلار ۋە تاراتقۇ ۋەكىللىرىدىن بولۇپ 400 گە يېقىن ئادەم قاتناشتى.
رىياسەتچى «جۇڭگو ئالىملىرى مۇھاكىمە مۇنبىرى» تەشكىلى كومىتېتى بېيجىڭدىن ئەۋەتكەن تەبرىك خېتىنى ئۇيغۇرچە ئۇقىدى. ئارقىدىن شىنجاڭ لوقمان ھەكىم بىئو پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى، شىركەت لىدىرى، جۇڭگو ساقلىقنى ساقلاش جەمئىيىتىنىڭ دائىمىي كېڭەش ئەزاسى، جۇڭگو باشقۇرۇش پەنلىرى تەتقىقات ئاكادېمىيەسى ئىلىم-پەن كومىتېتىنىڭ ئالاھىدە تەكلىپلىك تەتقىقاتچىسى، جۇڭگو خەلقئارالىق تېبابەت دورىگەرلىك، ساقلىقنى ساقلاش ئىنستىتۇتىنىڭ تەكلىپلىك تەتقىقاتچىسى، ئالىي دەرىجىلىك ساقلىقنى ساقلاش يېتەكچىسى ۋە ئوزۇقشۇناس، ئۈرۈمچى خەير-ساخاۋەت باش جەمئىيىتى ساخاۋەتچى ئاتىلار كوللېكتىپىنىڭ غوللۇق ئەزاسى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىكى ۋە جۇڭخۇا خەير-ساخاۋەت باش جەمئىيىتى تەرىپىدىن خەير-ساخاۋەتتە «ئالاھىدە تۆھپىلىك كارخانىچى» دېگەن شەرەپكە، «12-نۆۋەتلىك جۇڭگو ئالىملىرى مۇھاكىمە مۇنبىرى» دە، بىئو پەن-تېخنىكا ساھەسى بويىچە «2015-يىللىق جۇڭگودىكى پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق ياراتقان مۇنەۋۋەر شەخس »شەرىپىگە نائىل بولغۇچى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىكى تەرىپىدىن بېرىلگەن ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرى تۈرلىرىنى باشقۇرۇش ئالىي دەرىجىلىك ئىنژېنېرلىق سالاھىيىتى ۋە يېمەكلىك تۈرلىرىنى لابوراتىيەلىك تەكشۈرۈش ئالىي دەرىجىلىك ئىنژېنېرلىق سالاھىيىتى شەرىپىگە نائىل بولغۇچى، تېببىي پەنلەر ماگىستىرى -تۇرغۇنجان جۈمە ئەپەندى «ساغلاملىق سەپىرىدىكى يارقىن يۇلتۇز-لوقمان ھەكىم، 2015-ئۇتۇق ۋە شەرەپ، 2016-ئىستېراتىگىيە ۋە يۈزلىنىش » بىرلەشمە تەبرىكلەش پائالىيىتى توغرىسىدا تەپسىلىي چۈشەنچە بېرىپ، شىركەتنىڭ ئاساسىي مەقسىتى ۋە تەرەققىيات يۆنىلىشى ھەمدە قۇرۇلغاندىن بۇيانقى تەرەققىيات ۋە ساغلاملىق سەپىرى جەريانىنى سۆزلىدى .
يېغىن كۈنتەرتىپى بۇيىچە شاڭخەي دۇنيا يەرمەنكىسى خەلقئارا كۆرگەزمەخانىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، ئىتالىيە مىلان دۇنيا يەرمەنكىسى ئىتالىيە-جۇڭگو بىرلەشمە كۆرگەزمەخانىسىنىڭ باشلىقى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى «دۇنيا تىنچلىق مۇنبىرى» كومىتېتىنىڭ ئىجرائىيە رەئىسى، دۇنيا يەرمەنكىسى داڭلىق ماركا ژۇرنال تەھرىراتىنىڭ باشلىقى، دۇنيا ساغلاملىق كۈتۈنۈش مەركىزىنىڭ باشلىقى چىيەن جىيالىڭ ئەپەندى، شىركەت لىدىرى تۇرغۇنجان جۈمەگە «ئىتالىيە مىلان دۇنيا يەرمەنكىسى»نىڭ لوقمان ھەكىم بىئو پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتىگە بەرگەن شەرەپ گۇۋاھنامىسىنى تاپشۇرۇپ بەردى ۋە تەبرىك سۆزى قىلدى.
لوقمان ھەكىم بىئو پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى ئاپتونوم رايون تەۋەسىدە ساخاۋەت ئىشلىرىنى تېخىمۇ كېڭەيتىش، بولۇپمۇ پارتىيەنىڭ، مەركەزنىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ مائارىپ ئىشلىرىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن، 2014-يىلى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن 30 ئورۇندا «لوقمان ھەكىم خەير ساخاۋەت نۇقتىسى» تەسىس قىلدى. بۇ ئارقىلىق ھەرقايسى ۋىلايەت، شەھەر، ناھىيەلەردىكى مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقان قىيىنچىلىقى بار، مېيىپ، ئاجىز ئوقۇغۇچىلارغا قەرەللىك ھەم قەرەلسىز ھالدا نەق پۇل، ماددىي بۇيۇم، لوقمان ھەكىم ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرى، ئۇقۇش بۇيۇملىرى ۋە تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرى قاتارلىقلارنى يەتكۈزۈپ، ئۇلارنىڭ خاتىرجەم ئوقۇشىغا ياردەم قىلدى. ئۇنىڭدىن باشقا جايلادىكى ھەر دەرىجىلىك خەلق ئىشلىرى تارماقلىرى، مەھەللە ئاھالىلەر كومىتېتى قاتارلىق تەشكىلىي ئورۇنلار ئارقىلىق ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار كىشىلەرگە، مېيىپلارغا ياردەم قىلىدۇ. شىركەت بۇ قېتىم خەير-ساخاۋەت قىلىشنى يەنىلا ئۈرۈمچىدىن باشلىدى. 2014-يىل 12-ئاينىڭ 2-كۈنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك 5-باشلانغۇچ مەكتەپكە بېرىپ، شۇ مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان 120 نەپەر قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىنىڭ ھەربىرى ئۈچۈن 500 يۈەندىن 60 مىڭ يۈەن ۋە مەكتەپتىكى بىر قىسىم سىنىپلارنىڭ ئوقۇتۇش ماتېرىياللىرى ئۈچۈن 20 مىڭ يۈەن جەمئىي 80 مىڭ يۈەن نەق پۇل ئاپىرىپ بەردى. شىركەت لىدىرى تۇرغۇنجان جۈمە مۇنداق دەيدۇ: «بۇ شىركىتىمىزنىڭ كىچىككىنە ساخاۋىتى خالاس، بىز داۋاملىق مەكتەپلىرىمىزدە خىلمۇخىل قىيىنچىلىق سەۋەبلىك ياخشى ئوقۇيالمايۋاتقان ئوقۇغۇچىلىرىمىز ئۈچۈن، ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك سەۋەبىدىن ئاجىز ۋە ياكى مېيىپ بولۇپ قالغان شۇ بالىلىرىمىز ئۈچۈن جايلاردىكى خەير-ساخاۋەت قىلىش نۇقتىلىرىمىز ئارقىلىق ئۇلارنى بايقاپ، ئۇلارغا لوقمان ھەكىمنىڭ ئىللىقلىقىنى يەتكۈزۈش ئۈچۈن تىرىشىمىز.»
شىنجاڭ لوقمان ھەكىم بىئو پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى شىركەت قۇرۇلغاندىن تارتىپ ئېلىپ بېرىۋاتقان خەير-ساخاۋەت، ئەلدىن ئېلىپ، ئەلگە قايتۇرۇش، مىسكىن قەلىبلەرنى ئىللىتىش، ئەلگە ھەقىقىي نەپ يەتكۈزۈش، ساغلاملىق سەپىرىنى 2015-يىلى يەنىمۇ بىر بالداق يۇقىرى كۆتۈردى. لوقمان ھەكىم بىئو پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى قۇرۇلغاندىن تارتىپ 2013-يىل ئاخىرىغىچە ھەرخىل ساخاۋەت ئورگىنى، مەكتەپ، يەسلىلەردىكى قىيىنچىلىقى بار كىشىلەرگە 150000 يۈەندىن ئارتۇق نەق پۇل ياردەم قىلغان بولسا، 2013-يىلى 12-ئايدا «ئىللىق تەڭرىتاغ، لوقمان ھەكىم ئۆسمۈرلەر ساغلاملىق ھەرىكىتى» پائالىيىتىنى تەشكىللەپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى قىيىنچىلىقى بار ياشانغانلار ۋە ئۆسمۈر بالىلار ئۈچۈن 1 مىليون 400 مىڭ يۈەن قىممىتىدە نەق پۇل، ماددىي بۇيۇم ۋە ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرىنى ئىئانە قىلىپ خەير-ساخاۋەتنى يېڭى بىر پەللىگە كۆتۈرگەن. بۇنى خەلق بىلدى، شاھىت بولدى، سۆيۈندى. شۇڭا خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىكى ۋە جۇڭخۇا خەير-ساخاۋەت باش جەمئىيىتى، لوقمان ھەكىم شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى، ياش ئىجتىھاتلىق دوختۇر تۇرغۇنجان جۈمەگە 2-نۆۋەتلىك مەملىكەت بويىچە خەير-ساخاۋەتتە «ئالاھىدە تۆھپىلىك كارخانىچى» شەرىپىنى تەقدىم قىلدى، تۇرغۇنجان جۈمە بۇ شەرەپكە شىنجاڭدىن ھەم ئۇيغۇرلار ئىچىدىن بىرىنچى بولۇپ ئېرىشكەن شەخس بولۇپ قالدى!
جۇڭگوغا داڭلىق خەتتات، رەسسام، جۇڭگونىڭ تارىخى ئەنئەنىۋى ئەجدىھا دېگەن خېتىنى يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈپ يېزىپ چىققان، چوڭ موي قەلەم بىلەن يازغان ھۆسنخەتلىرى ئون مىليون يۈەنگىچە يۇقىرى باھاغا مۇيەسسەر بولغان داڭلىق خەتتات جاڭ خېڭ يۈەن ئەپەندى شىنجاڭ لوقمان ھەكىم بىئو پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتىگە ئاتاپ يېزىپ بەرگەن ھۆسنىخېتىنى شىركەت لىدىرى تۇرغۇنجان جۈمەگە تاپشۇرۇپ بەردى ۋە ئۆزىنىڭ گۈزەل تىلەكلىرىنى تىلىدى.
شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئىقتىساد ۋە باشقۇرۇش پەنلىرى ئىنستوتىنىڭ دوتسېنتى، ياپونىيە توكيو خەلقئارا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىقتىساد پەنلىرى دوكتورى، شىنجاڭ تېلۋىزىيىسى «بۈگۈنكى سۆھبەت» پىروگراممىسىنىڭ تەكلىپلىك مۇلاھىزىچىسى ئابلىمىت كېرەم مۇئەللىم «لوقمان ھەكىم شىركىتىنىڭ ئىستېراتىگىيەسى ۋە تەرەققىيات يۈزلىنىشى» تېمىسىدا دوكلات بەردى.
خەلقئارا ئېغىز بوشلۇقى ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى، جۇڭخۇا مەملىكەتلىك ئېغىز بوشلۇقى جەمئىيىتىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپوتونۇم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ ھەيئەت ئەزاسى، شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى 1-تارماق دوختۇرخانىسىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باشلىقى، ئېغىز بوشلۇقى كېسەللىكلىرى دوكتورى، پىروفېسسور ئادالەت ئەخمەتجان قاسىمى لوقمان ھەكىم بىئو پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتىگە بولغان تەكلىپى ۋە پىكىرلىرىنى سۆزلەپ بەردى.
يىغىن ئوتتۇرىسىدا يەنە لوقمان ھەكىم شىركىتى بىلەن ئىستىراتېگىيەلىك ھەمكارلىق تۈزگەن، خەلقئارالىق ئۆلچەمگە يەتكەن دورا ۋە ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىدىغان GMP لىق زاۋۇتنىڭ باشلىقى سۆز قىلدى.
تەبرىكلەش پائالىيىتىدە يەنە، شىنجاڭ لوقمان ھەكىم بىئو پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى 2015-يىللىق مۇنەۋۋەر شەخىسلەرنى مۇكاپاتلىدى. بۇ قېتىمقى مۇكاپاتلاشتا «شىنجاڭ لوقمان ھەكىم بىئو پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ 2015-يىللىق ئون مۇنەۋۋەر شەخس» ۋە «شىنجاڭ لوقمان ھەكىم بىئو پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ 2015-يىللىق ئون ئۈلگىلىك شەخس» شەرىپىگە ئېرىشكەن 20 كىشى تەقدىرنامە ۋە لوڭقىلار بىلەن مۇكاپاتلاندى. ئۇنىڭدىن باشقا يىللىق ۋەزىپىسىنى ئاشۇرۇپ ئورۇنلىغان ئالتە نەپەر ۋاكالەتچى نەق پۇل بىلەن مۇكاپاتلاندى.

ئۇيغۇر تېبابەت قەدىمى رېتسېپلىرىنى تېخىمۇ چوڭقۇر قىزىش، تەتقىق قىلىش ئاساسىدا، ھازىرقى زامان مېدىسسىنا ئىلمىنىڭ تەلىپى بويىچە ئۆلچەملەشكەن يۇقىرى تېخنىكىلىق، ئېسىل ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرى ۋە دورىلىرىنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، ئىنسانىيەت ساغلاملىقى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئۇيغۇر تېبابىتىنىڭ تەسىر كۈچىنى خەلقئارالاشتۇرۇش ـــ لوقمان ھەكىم شىركىتىنىڭ ئوتتۇرا مەزگىللىك ئىستراتېگىيەسىنىڭ يادروسى ھېسابلىنىدۇ.
دۆلەتنىڭ تېببىي ساھەدىكى تۈرلۈك ئېتراپنامىلىرى، مۇكاپاتلىرىغا ئېرىشكەن شىنجاڭ لوقمان ھەكىم بىئو پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى مەھسۇلاتلىرى خەلقنىڭ زور ئىشەنچىسىگە ئېرىشىپ كەلدى. تەجرىبىلىك دوختۇر، شىنجاڭ لوقمان ھەكىم بىئو پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى، جۇڭگو ساقلىقنى ساقلاش جەمئىيىتىنىڭ دائىمىي كېڭەش ئەزاسى، جۇڭگو باشقۇرۇش پەنلىرى تەتقىقات ئاكادېمىيەسى ئىلىم-پەن كومىتېتىنىڭ تەكلىپلىك تەتقىقاتچىسى، جۇڭگو خەلقئارالىق تېبابەت دورىگەرلىك، ساقلىقنى ساقلاش ئىنستىتۇتىنىڭ تەكلىپلىك تەتقىقاتچىسى، ئالىي دەرىجىلىك ساقلىقنى ساقلاش يېتەكچىسى ۋە ئوزۇقلۇقشۇناس، ئۈرۈمچى خەير-ساخاۋەت باش جەمئىيىتى ساخاۋەتچى ئاتىلار كوللېكتىپىنىڭ غوللۇق ئەزاسى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىكى ۋە جۇڭخۇا خەير-ساخاۋەت باش جەمئىيىتى تەرىپىدىن خەير-ساخاۋەتتە «ئالاھىدە تۆھپىلىك كارخانىچى» دېگەن شەرەپكە، «12-نۆۋەتلىك جۇڭگو ئالىملىرى مۇھاكىمە مۇنبىرى» دە، بىئو پەن-تېخنىكا ساھەسى بويىچە «2015-يىللىق جۇڭگودىكى پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق ياراتقان مۇنەۋۋەر شەخس»شەرىپىگە نائىل بولغۇچى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىكى تەرىپىدىن بېرىلگەن ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرى تۈرلىرىنى باشقۇرۇش ئالىي دەرىجىلىك ئىنژېنېرلىق سالاھىيىتى ۋە يېمەكلىك تۈرلىرىنى لابوراتىيەلىك تەكشۈرۈش ئالىي دەرىجىلىك ئىنژېنېرلىق سالاھىيىتى شەرىپىگە نائىل بولغۇچى، تېببىي پەنلەر ماگىستىرى ۋە چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى سودا-سانائەتنى باشقۇرۇش ئىلمىي ماگېىستىرى-تۇرغۇنجان جۈمە ئەپەندى باشچىلىقىدىكى لوقمان ھەكىملىكلەرنىڭ تىرىشچانلىقى ئەجىرى بىلەن سىزنىڭ، مېنىڭ ۋە ھەممىمىزنىڭ ساغلاملىق تىلەكلىرىمىز كاپالەتكە ئىگە بولغۇسى.
لوقمان ھەكىم ئېيتىدۇكى ـــ ساغلاملىق ھەممىدىن ئەلا!
ھەركىم ھەرچاغ ساغلام بولسۇن!


بايانات

لوقمان ھەكىم مەھسۇلاتلىرىغا ئېھتىياجلىق بولسىڭىز تاۋباۋ تورىغا lokmanhakim دەپ ئىزدەپ سېتىۋالسىڭىز ياكى شىركەت تور تېخنىكا بۆلۈمىنىڭ قىزىق لېنىيە تېلېفونلىرىغا تېلېفون قىلىپ سېتىۋالسىڭىز بولىدۇ.

قىزىق لېنىيە تېلېفون نومۇرلىرى: 6045310-0991، 6757855-0991 ياكى 6709060-0991 قاتارلىقلار!!!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى