لوقمان ھەكىم مىكروبېتى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ئاقسىل ۋە ھاياتلىق

ئاقسىل ۋە ھاياتلىق

ۋاقتى: 2016-11-05 ئاۋاتلىقى: 2405 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ئاقسىل تالقىنى سېرىق پۇرچاق ئاقسىلى، لالتالبۇمىن، لېتسىتىنلاردىن ياسىلىدۇ. نۇرغۇن ئۆسۈملۈك ئاقسىللىرى ئىچىدە، ئوزۇقلۇق قىممىتى ئەڭ يۇقىرى بولغىنى پۇرچاق تۈرىدىكى ئاقسىللار (سېرىق پۇرچاق ئاقسىلى دەپمۇ ئاتىلىدۇ)، يەنە كېلىپ پۇرچاق تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرنىڭ تەركىبىدە خولېستېرىن يوق، سېرىق پۇرچاق ئاقسىلى ئاقسىل تالقىنىنىڭ دائىم ئىشلىتىدىغان خام ماتېرىيالى. ئاقسىل تالقىنى ئادەتتە ساپلاشتۇرۇلغان سېرىق پۇرچاق ئاقسىلى، قېتىق ئاقسىلى، لاكتالبۇمىن ياكى يۇقىرىدىكى بىرنەچچە خىل ئاقسىلنىڭ بىرىكمىسىدىن تەركىب تاپقان تالقان بولۇپ، سۇدا مىكرو مىقداردا ئېرىيدۇ، ئالكوگول، ئېتىل ئېفىر ۋە خلوروفورمدا ئېرىمەيدۇ.

ئاقسىل تالقىنىنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى
ئاقسىل تالقىنى سېرىق پۇرچاق ئاقسىلى، لاكتالبۇمىن، سۈت ئاقسىلى، لېتسىتىندىن ياسىلىدىغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئاساسلىق تەركىبلىرىدىن بىرى بولغان لاكتالبۇمىندا مول مېتىئونىن بار بولۇپ، سېرىق پۇرچاق ئاقسىلىنىڭ يېتەرسىزلىكىنى تولۇقلاپ، ئادەم بەدىنىگە زۆرۈر بولغان 9 خىل ئامىنو كىسلاتانى تەڭپۇڭ تەمىنلەيدۇ.

ئاقسىل تالقىنىنىڭ رولى ۋە ئۈنۈمى
1. بەدەندىكى ئاقسىل يېتەرلىك بولمىغاندا، ئادەمنىڭ ئاساسلىق ھاياتلىق پائالىيەتلىرى تەسىرگە ئۇچرايدۇ، بالىلار، ياش-ئۆسمۈرلەردە ئۆسۈپ يېتىلىشى ئاستا بولۇش، بەدەن ئېغىرلىقى بەك تۆۋەن بولۇش، ئەقلىي يېتىلىشى توسالغۇغا ئۇچراشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ؛ قۇرامىغا يەتكەنلەردە چارچاش، بەدەن ئېغىرلىقى تۆۋەنلەش، قان ئازلىق، قان پلازمىسى ئاق ئاقسىلى تۆۋەنلەش، ھەتتا سۇلۇق ئىششىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ؛ يەنە تېخى ئاياللاردىكى ھەيز توسالغۇغا ئۇچراشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئاقسىل تالقىنى ئىستېمال قىلغاندا، بۇ كېسەللىك ئالامەتلىرىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى ياكى بۇ ئالامەتلەرنى ياخشىلىغىلى بولىدۇ.

2. سېرىق پۇرچاق ئاقسىلى يۇقىرى خولېستېرىن بىمارلىرىنىڭ قېنىدىكى ماي ۋە خولېستېرىننىڭ يۈرەككە بولغان پايدىسىز تەسىرىنى تۆۋەنلىتەلەيدۇ، يەنە كېلىپ سېرىق پۇرچاق ئاقسىلىنى ھايۋانات ئاقسىلىنىڭ ئورنىغا قويغاندا، دىئابىت بىمارلىرىنىڭ بۆرىكىنىڭ يۈكىنى يەڭگىللەتكىلى بولىدۇ.

شىنجاڭ لوقمان ھەكىم بىئو پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى ئىشلەپچىقىرىپ بازارغا سالغان لوقمان ھەكىم ئاقسىل تالقىنى ساپ ئۈسۈملۈكتىن ئېلىنغان ئۈسۈملۈك ئاقسىلى بولۇپ، ھەر 100 گىرام تەركىبىدىكى ئاقسىل مىقدارى 80 گىرامدىن يۇقىرى بولۇشتەك ئالاھىدىلىككە ئىگە. سۈنئىي رەڭ تەڭشىگۈچ، چىرىشنىڭ ئالدىنى ئالغۇچى، تەم كىرگۈچى ماددا قېتىلمىغان، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئاقسىل بولۇپ، ئالاھىدە دىئابېت بىمارلىرى، يۇقىرى قان بېسىم كېسەللىكلىرى، بۆرەك زەئىپلىشىش كېسەللىكى، تاجىسىمان ئارتېرىيە بوتقىسىمان قېتىش خاراكتېرلىق يۈرەك كېسىلى، يۈرەك-مۇسكۇل تىقىلمىسى، يۇقىرى قان مېيى كېسىلى، زىيادە سېمىزلىك، جىگەرنى ماي قاپلاش، ھەر خىل تۇبېركۇليوز، ھەر خىل ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىكتىن پەيدا بولغان سۇلۇق ئىششىق بىمارلارنىڭ ئالاھىدە ئوزۇقلۇق ۋە ئاقسىل تولۇقلىشىدىكى ئالدىنقى تاللىشىدۇر! 
بايانات

لوقمان ھەكىم مەھسۇلاتلىرىغا ئېھتىياجلىق بولسىڭىز تاۋباۋ تورىغا lokmanhakim دەپ ئىزدەپ سېتىۋالسىڭىز ياكى شىركەت تور تېخنىكا بۆلۈمىنىڭ قىزىق لېنىيە تېلېفونلىرىغا تېلېفون قىلىپ سېتىۋالسىڭىز بولىدۇ.

قىزىق لېنىيە تېلېفون نومۇرى: 6757855-0991

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى