مۈرە ئاغرىقى مۈرە ئەتراپى ياللۇغىدىن دېرەك بەرمەيدۇ
ۋاقتى: 2016-08-07
ئاۋاتلىقى: 1770 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
مۈرە ئاغرىقى دائىم كۆرۈلىدىغان بىر خىل كېسەللىك ئالامىتى، لېكىن بىر قىسىم كىشىلەر سەۋەبى ئېنىق بولمىغان مۈرە ئاغرىقلىرىنىڭ ھەممىسىنى مۈرە ئەتراپى ياللۇغى، دەپ قارايدۇ. مۈرە ئەتراپى ياللۇغىمۇ مۈرە ئاغرىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، لېكىن كۆپىنچىسى مۈرىنىڭ زەخىملىنىشىدىن پەيدا بولىدىغان بولۇپ،بۇ مۈرە ئاغرىقى بىمارلىرىنىڭ %60-%40 ىنى ئىگىلەيدۇ.
مۈرە ئەتراپى ياللۇغى مۈرە بوغۇمى ئەتراپىدىكى يۇمشاق توقۇلمىلارنىڭ زەخىملىنىشىدىن پەيدا بولىدىغان كەڭ دائىرلىك باكتېرىيەسىز كېسەللىك، بۇ مۈرە قىسمىنىڭ ھەرىكەت قىلماي قېتىپ قېلىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، ئادەتتە 50 ياشلار ئەتراپىدا قوزغىلىدۇ. مۈرە ئەتراپى ياللۇغىنىڭ كېسەللىك ئالامەتلىرى: مۈرە ئەتراپى ئاغرىيدۇ، ئېنىق ئاغرىق ئورنىنى كۆرسىتىپ بېرىشمۇ تەس، ئاغرىغان جاينى ئالىقىنىمىز بىلەن چىڭ بېسىپ تۇرساق،«راھەت» لەنگەندەك ھېس قىلىمىز، مۈرە ئەتراپى ياللۇغى بىلەكنىڭ ھەرىكىتى چەكلىمىگە ئۇچرىتىدۇ.
مۈرە زەخىملىنىش مۈرە بوغۇمى سۆڭەك ئۆسۈكچىسى ئۆزگىرىش ياكى سىرتتىن زەخىملىنىشتىن پەيدا بولىدىغان مۈرە مۇسكۇل توقۇلمىلىرىنىڭ سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەلگە ئايلانغىنىدۇر. ئۇنىڭ ئىپادىلىرى: ھالسىزلىنىش، دائىرلىك ئاغرىش، ئاغرىغان جاينى ئېنىق تۇتقىلى بولۇش، مۈرە ھەرىكىتى نورمال بولۇش قاتارلىقلار.
مەنبەسى: شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى