لوقمان ھەكىم مىكروبېتى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

يۈرەك مۇسكۇلى ياللۇغى ۋە زۇكام

يۈرەك مۇسكۇلى ياللۇغى ۋە زۇكام

ۋاقتى: 2016-08-03 ئاۋاتلىقى: 1897 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

يۈرەك مۇسكۇلى ياللۇغى يۈرەك مۇسكۇلىدىكى يامرىما ئۆتكۈر، سۇس ئۆتكۈر ياكى سوزۇلما ياللۇغلۇق كېسەللىك ئۆزگىرىشىنى كۆرسىتىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ۋىرۇسلۇق يۈرەك مۇسكۇلى ياللۇغىنىڭ يۈز بېرىش نىسبىتى ئۈزلۈكسىز ئېشىۋاتىدۇ. بۇ كېسەلنىڭ بوۋاق، بالىلاردىكى كېسەللىك ئەھۋالى ئېغىرراق، قۇرامىغا يەتكەنلەردىكى كېسەللىك ئەھۋالى يېنىكرەك بولىدۇ. ئەھۋالى يېنىكلەردە روشەن كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلمەيدۇ. ئەھۋالى ئېغىرلاردا ئېغىر دەرىجىدە يۈرەك رىتىمسىزلىقى، يۈرەك ئىقتىدارى نورمالسىز بولۇش، ھەتتا تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كېتىش يۈز بېرىدۇ.

زۇكام دائىم كۆرۈلىدىغان نەپەس يولى يۇقۇملۇق كېسەللىكى بولۇپ، كۆپ خىل ۋىرۇسنىڭ يۇقۇملاندۇرۇشىدا يۈز بېرىدۇ. كۆپىنچە زۇكام بىمارلىرى بىر قانچە كۈن ياكى ئۇزاق بولغاندا ئىككى ھەپتىدە ساقىيىپ كېتىدىغان بولغاچقا، كىشىلەرنىڭ ئانچە دىققىتىنى قوزغىمايدۇ.
يۈرەك مۇسكۇلى ياللۇغى يېڭىلا باشلانغان ۋاقىتتا ئالامەتلىرى ئادەتتىكى زۇكامنىڭ ئالامەتلىرىگە ئوخشاپ قالىدۇ. مەسىلەن: قىزىش، باش ئاغرىش، پۈتۈن بەدەن تېلىپ ئاغرىش، كېكىردەك ئاغرىش، يۆتىلىش دېگەندەك. تەخمىنەن بىر ياكى ئۈچ ھەپتىدىن كېيىن مەيدىسى بىئارام بولۇش، يۈرەك سىقىلىش، مەيدىسى ئاغرىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. بۇ چاغدا دوختۇرغا بېرىپ تەكشۈرتكەندە، يۈرەك يوغىناپ كەتكەن بولۇپ چىقىشى مۇمكىن. ئېلېكتىرو كاردىيوگراممىدا تەكشۈرۈلگەندە يۈرەك رىتىمسىزلىقى، يۈرەك مۇسكۇلى زىيانغا ئۇچرىغانلىق ئالامىتى كۆرۈلىدۇ؛ قان تەكشۈرگەندە قان چۆكمىسى يۇقىرىلاش، تىرانسئامىنازانىڭ ئاكتىپلىقى يۇقىرىلاش ئالامىتى كۆرۈلىدۇ.
نۆۋەتتىكى تېخنىكا شارائىتىنىڭ چەكلىمىسى تۈپەيلىدىن، ۋىرۇسلۇق يۈرەك مۇسكۇلى ياللۇغىغا ديئاگنوز قويۇشتا ئاساسلىقى كېسەل تارىخى، كىلىنىكىلىق ئىپادىلەر، بەدەن ئەھۋالى، يۈرەك ئېلېكتىرو كاردىيوگرامما، رېنتىگېندە تەكشۈرۈش ۋە ئىنزىمولوگىيەلىك تەكشۈرۈش قاتارلىقلارغا تايىنىلماقتا. ۋىرۇسلۇق يۈرەك مۇسكۇلى ياللۇغىغا گىرىپتار بولغان كۆپ ساندىكى ئاغرىقلاردا مەيدىسى بىئارام بولۇش، يۈرەك سىقىلىش دېگەندەك يۈرەك مۇسكۇلىدىكى كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندىن باشقا، دائىم روشەن ھالدىكى پۈتۈن بەدەن ھالسىزلىنىش، ئاسان تەرلەش، باش قېيىش، نەپەس تېزلىشىش قوشۇلۇپ كېلىدۇ؛ كېسەللىك ئەھۋالى ئېغىر ئاز بىر قىسىم ئاغرىقلاردا يۈرەك رىتىمسىزلىقى، زېھنىي كۈچى زەئىپلىشىش، يۈرەك مەنبەلىك شوك، ھەتتا تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كېتىش يۈز بېرىشى مۇمكىن. شۇڭا، زۇكامدىغاندىن كېيىن قىسقا ۋاقىت ئىچىدە يۈرەك سىقىلىش، مەيدىسى ئاغرىش، مەيدىسى بىئارام بولۇش، نەپەس تېزلىشىش، ھالسىزلىنىش، باش قېيىشقا ئوخشاش ئالامەتلەر كۆرۈلگەنلەر يۈرەك مۇسكۇلى ياللۇغىدىن ئېھتىيات قىلىش، تېزدىن دوختۇرخانىغا بېرىپ ئېنىق دىياگنوز قويدۇرۇش كېرەك. نۆۋەتتە ۋىرۇسلۇق يۈرەك مۇسكۇلى ياللۇغىنى داۋالاشتا ئالاھىدە ئۇسۇل يوق، ۋىرۇسقا قارشى دورىلار بىلەن داۋالاشنىڭ ئۈنۈمىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرگىلى بولمايدۇ، ئادەتتە كېسەللىك ئەھۋالىغا قاراپ داۋالاش ئۇسۇلى قوللىنىلىدۇ، جۇڭگو تېبابىتى بويىچە داۋالاشنىڭ ئۈنۈمى نىسبەتەن ياخشى بولىدۇ.
  ۋىرۇسلۇق يۈرەك مۇسكۇلى ياللۇغىنى داۋالاشنىڭ ئەڭ ئاساسلىق ئۇسۇلى ئارام ئىلىشتۇر. ناۋادا ئۆتكۈر قوزغىلىش مەزگىلىدە ياخشى ئارام ئالمىغاندا، تومۇر زىيادە بالدۇر سوقۇش دېگەندەك كېسەل ئاسارەتلىرى قېلىشى، ئاز بىر قىسىم ئاغرىقلاردا سوزۇلما يۈرەك مۇسكۇلى ياللۇغىغا ئايلىنىپ كېتىشى مۇمكىن. شۇنىڭ ئۈچۈن، زۇكامدىغاندىن كېيىن مەيدىسى بىئارام بولۇش، يۈرەك سېلىش كۆرۈلسە، نورمال ئەھۋال دەپ قارىماسلىق لازىم. ۋىرۇسنىڭ يۇقۇملاندۇرۇشىدىن ساقلىنىش، يۈرەك مۇسكۇلى ياللۇغىنىڭ يۈز بېرىش نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش ئۈچۈن بەدەن چېنىقتۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، يۈرەك مۇسكۇلىنىڭ كېسەل پەيدا قىلغۇچى ئامىللارغا قارشى تۇرۇش كۈچىنى ئاشۇرۇش كېرەك. كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئەمگەك قىلىش بىلەن ئارام ئېلىشنى بىرلەشتۈرۈش، مۇۋاپىق ئوزۇقلىنىش، ۋىتامىنلارنىڭ بولۇپمۇ ۋىتامىنB1بىلەن ۋىتامىن Cنىڭ بەدەنگە يېتەرلىك قوبۇل قىلىنىشىنى كاپالەتلەندۈرۈش لازىم.
بايانات

لوقمان ھەكىم مەھسۇلاتلىرىغا ئېھتىياجلىق بولسىڭىز تاۋباۋ تورىغا lokmanhakim دەپ ئىزدەپ سېتىۋالسىڭىز ياكى شىركەت تور تېخنىكا بۆلۈمىنىڭ قىزىق لېنىيە تېلېفونلىرىغا تېلېفون قىلىپ سېتىۋالسىڭىز بولىدۇ.

قىزىق لېنىيە تېلېفون نومۇرلىرى: 6045310-0991، 6757855-0991 ياكى 6709060-0991 قاتارلىقلار!!!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى