لوقمان ھەكىم مىكروبېتى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

قاپاق تارتىشنىڭ سىگنالى

قاپاق تارتىشنىڭ سىگنالى

ۋاقتى: 2016-11-11 ئاۋاتلىقى: 1677 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

سىز تېخىچە قاپىقىڭىز تارتسا ‹‹سول قاپاق تارتسا ئاپەت، ئوڭ قاپاق تارتسا ئامەت›› دەپ يۈرەمسىز؟ ئەمەلىيەتتە بۇ بىر خىل ئىلمىي بولمىغان قاراش بولۇپ، ئادەتتە قاپاق تارتىش فىزىئولوگىيەلىك ۋە پاتولوگىيەلىك دەپ ئىككى خىلغا بۆلۈنىدۇ.


فىزىئولوگىيەلىك قاپاق تارتىش بولسا كۆز قاپىقىدا كۆز قىسمىنى ئوراپ تۇرىدىغان ئېللىپىس شەكىللىك ھالقىسىمان نېپىز مۇسكۇل ۋە كۆز قاپىقى مۇسكۇلى بولۇپ، ھالقىسىمان مۇسكۇل يىغىلغاندا كۆز قاپىقىمۇ يېپىلىدۇ، كۆز قاپىقى مۇسكۇلى ئېچىلغاندا كۆز قاپىقىمۇ ئېچىلىدۇ. قاپاق تارتىشمۇ دەل مۇشۇ ئىككى خىل مۇسكۇلنىڭ توختىماي ئېچىلىپ يېپىلىشىدىن پەيدا بولىدۇ.
ئادەم ئادەتتە 6~20 سېكونتقىچە بولغان ئارىلىقتا بىر قېتىم چىمچىقلىتىدۇ. ئادەتتىكى ئەھۋاللاردا كۆز بىر قىتىم چىمچىقلىتىلسا قاپاقمۇ بىر قىتىم تارتىدۇ. لېكىن كۆز قاپىقى مۇسكۇلىنىڭ يىغىلىپ ئېچىلىشى ئىنتايىن ئاجىز بولغاچقا ئۇنى سەزگىلى بولمايدۇ. ئەمما ھالقىسىمان مۇسكۇل بىلەن كۆز قاپىقى مۇسكۇلىنى كونترول قىلىپ تۇرىدىغان نېرۋىلارنىڭ تارتىشىپ قېلىشى ياكى تىتىرىشى بىلەن قاپاق ئىختىيارسىز تارتىدۇ. قاپاقنىڭ تارتىشى مۇسكۇلنىڭ توك چىقىرىشىدىكى فىزىئولوگىيىلىك ئىلىم بويىچە ئېيىتقاندا كۆز ھالقىسىمان مۇسكۇل ئۇچى نېرۋىلىرىدىكى نېرۋا يىلىك غىلىپىنىڭ ئېلېكتىر پوتېنسىئالىغا تەسىر قىلىپ زەرەتسىزلىنىشى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدىغان مۇسكۇلنىڭ تىتىرەش ئالامەتلىرىدىن ئىبارەت.

فىزىئولوگىيەلىك قاپاق تارتىش ئادەتتە ئۇيقۇ ياخشى بولماسلىق، ھېرىپ–چارچاش ياكى قەھۋە، ئاچچىق–چۈچۈك نەرسىلەرنى كۆپ ئىستېمال قىلىشتىن كېلىپ چىقىدۇ. بۇنىڭدا ياخشى ئارام ئېلىپ، قېنىپ ئۇخلىسا، قاپاقنى يېنىك ئۇۋۇلاپ، كۆز ھارارىتىنى تۆۋەنلەتسىلا بۇخىل ئالامەتلەر يوقايدۇ. 
پاتولوگىيەلىك قاپاق تارتىش بولسا كۆپ ھاللاردا ئورگانىزملىق قان–تومۇر كېسەللىكلىرى سەۋەبىدىن ياكى كۆز مۇسكۇلى نېرىپلىرىنىڭ زەرەتسىزلىنىشى، قىل تومۇرلار ۋە نېرىپلارنىڭ زەرەتلەشمەسلىكى ياكى زەرەتلىشىش دائىرىسىنىڭ زورىيىشىدىن كېلىپ چىقىدۇ. بۇنىڭدا ئادەتتە كۆزنى توختىماي چىمچىقلىتىش، چىراي (يۈز قىسىمى) تارتىشىش، ھەتتا كۆز قاپاق مۇسكۇلى تارتىشىش، قاپاق ئېچىلماسلىقتەك ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. بۇنداق ۋاقىتتا دەرھال دوختۇرغا كۆرۈنۈش كېرەك.
بايانات

لوقمان ھەكىم مەھسۇلاتلىرىغا ئېھتىياجلىق بولسىڭىز تاۋباۋ تورىغا lokmanhakim دەپ ئىزدەپ سېتىۋالسىڭىز ياكى شىركەت تور تېخنىكا بۆلۈمىنىڭ قىزىق لېنىيە تېلېفونلىرىغا تېلېفون قىلىپ سېتىۋالسىڭىز بولىدۇ.

قىزىق لېنىيە تېلېفون نومۇرى: 6757855-0991

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى