قاپاق تارتىشنى داۋالاش ئۇسۇلى
ۋاقتى: 2016-07-29
ئاۋاتلىقى: 1206 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
قاپاق تارتىش ئۈچ كۈندىن ئېشىپ كەتسە، دوختۇرغا كۆرۈنۈش، ئەگەر مەسىلە كۆرۈلمىسە دورا ئىشلەتمەسلىك كېرەك. چۈنكى بۇنىڭدا ئىشلىتىلىدىغان دورا ئاساسەن ھەرىكەت توسالغۇسىنى تەڭشەيدىغان دورا بولغاچقا، ئۇيقۇ كەلتۈرۈپ تىنچلاندۇرۇش رولىنىلا ئوينايدۇ. شۇڭا ئادەتتە قاپاق تارتىش نورمال تۇرمۇشقا تەسىر يەتكۈزگىدەك دەرىجىدە بولسا ئاندىن دورا ئىشلەتسە بولىدۇ، بولمىسا دورا ئىشلىتىپ يۈرۈشنىڭمۇ ھاجىتى يوق. ئەگەر قاپاق بەك تارتىپ توختىماي قالسا، ۋىتامىنB ياكى نېرىپنى زەرەتلەندۈرۈشكە ياردىمى بولىدىغان دورىلارنى ئىشلەتسە بولىدۇ.
قىسقىسى، تۇرمۇش رېتىمىنى نورماللاشتۇرۇش، ياخشى ئارام ئېلىش، چارچاپ كەتمەسلىك، كەيپىياتنى تەڭپۇڭ تۇتۇش لازىم. شۇندىلا قاپاق تارتىشتىن ساقلانغىلى بولىدۇ.