لوقمان ھەكىم مىكروبېتى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ئەرلەر ساغلاملىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش

ئەرلەر ساغلاملىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش

ۋاقتى: 2016-07-28 ئاۋاتلىقى: 1336 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ياشلار ۋە ئوتتۇرا ياشلىقلار مەزى بېزى ياللۇغىنىڭ «ئىزباسار» لىرىدۇر. مەزى بېزى ياللۇغىغا گىرىپدار بولغان ئەرلەر ئۇزۇنغا سوزۇلغان، تەكرار قوزغالغان كېسەللىكنىڭ ئازابىنى يەتكۈچە تارتىشماقتا. چۈنكى، ئۇلار مەزى بېزى ياللۇغىنىڭ دەسلەپكى ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە ئانچە ئېرەنشىپ كەتمەيدۇ، ئۆزلىرىنىڭ كېسەللىنىۋاتقانلىقىغىمۇ ئەھمىيەت بېرىشمەيدۇ، ئادەتتە تۇرمۇشتىكى پەرھىزلەرگە تېخىمۇ دىققەت قىلمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن كېسەللىكى توختىماي ئېغىرلىشىپ، جىنسىي ئىقتىدارى توسالغۇغا ئۇچراش، پەرزەنت كۆرۈش ئىقتىدارىدىن قېلىش قاتارلىق ئېغىر ئەگەشمە كېسەللىكلەر كۆرۈلگەندىلا ، ئاندىن داۋالىنىشنىڭ مۇھىملىقىنى ھېس قىلىشىدۇ.
ياشلار ۋە ئوتتۇرا ياشلىقلار مەزى بېزى ياللۇغى كۆپ كۆرۈلىدىغان توپ بولۇش سۈپىتى بىلەن مەزى بېزى ياللۇغىنىڭ ئالامەتلىرىنى كۆپرەك چۈشىنىشى، كۈندۈلۈك تۇرمۇشتا ئۆزىنىڭ تەن ساغلاملىقىغا يېتەرلىك ئەھمىيەت بېرىشى لازىم.

ئۇنداقتا، تۆۋەندىكى ئالامەتلەر بويىچە ئۆزىڭىزنى سىناپ كۆرۈڭ، مەزى بېزى ياللۇغىغا گىرىپدار بولۇپسىزمۇ؟
1. سۈيدۈك يولى ئېغىزىدا ئاجرالمىلار بولۇش
يېنىك دەرىجىدىكى مەزى بېزى ياللۇغى بىمارلىرىدا سۈيدۈك يولى ئېغىزىدا ئاجرالمىلار بولۇش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ. ئەگەر، ئەتتىگەندە ئورۇندىن تۇرغاندىن كېيىن سۈيدۈك يولى ئېغىزىدا شىلىمشىق ئاجرالمىلار بولسا، ۋاقتىدا دوختۇرخانىغا بېرىپ، مەزى بېزى سۇيۇقلۇقىنى تەكشۈرۈتۈش لازىم. چۈنكى، بۇ خىل ئەھۋال دەل مەزى بېزى ياللۇغلىنىش سەۋەبىدىن كۆرۈلۈشى مۇمكىن.
2. سۈيدۈك بىنورمال بولۇش
سۈيدۈك پات-پات كېلىش، سېيگەندە ئاغرىتىپ كېلىش، سۈيدۈك قىستاش (قىستىغاندا چىدىغىلى بولماسلىق)، سۈيدۈك ئاجرىتىش راۋان بولماسلىق قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى سۈيدۈك يولى يۇقۇملانغاندا كۆپ كۆرۈلىدىغان ئالامەتلەر بولۇپ، ئەر دوستلاردا مۇشۇ خىل ئالامەتلەر كۆرۈلسە، سۈيدۈك يولى سىستېمىسىدا كېسەللىك بارلىقىنىڭ بىشارىتىدۇر. شۇڭا، ۋاقتىدا دوختۇرخانىغا بېرىپ سۈيدۈكىنى دائىملىق تەكشۈرۈش قائىدىسى بويىچە تەكشۈرۈتىشى لازىم.
3. مەقئەت ئەتراپى ئاغرىش
مەزى بېزى مەقئەتكە يېقىن جايلاشقان بولۇپ، ياللۇغلانغاندا، مەقئەتتىن ئوتتۇرا بارماقنى كىرگۈزۈپ تەكشۈرۈش ئۇسۇلى ئارقىلىق مەزى بېزىنىڭ يوغانغانلىقىنى بىلىشكە بولىدۇ. مەزى بېزى ياللۇغلانغانلىقى سەۋەبلىك بىماردا مەقئەت، چاتراق قىسىمى ئېسىلىپ ئاغرىغاندەك سېزىم بولىدۇ، ئۇزاق ئولتۇرغاندا ياكى ئۇزاق زوڭزىيىپ تۇرغاندا ئاغرىق ئېغىرلايدۇ.
بايانات

لوقمان ھەكىم مەھسۇلاتلىرىغا ئېھتىياجلىق بولسىڭىز تاۋباۋ تورىغا lokmanhakim دەپ ئىزدەپ سېتىۋالسىڭىز ياكى شىركەت تور تېخنىكا بۆلۈمىنىڭ قىزىق لېنىيە تېلېفونلىرىغا تېلېفون قىلىپ سېتىۋالسىڭىز بولىدۇ.

قىزىق لېنىيە تېلېفون نومۇرلىرى: 6045310-0991، 6757855-0991 ياكى 6709060-0991 قاتارلىقلار!!!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى