قەنت ۋە دىئابىت كېسىلى
يانفوندا كۆرۈش
قەنت بىرخىل ياخشى تەم تەڭشىگۈچى بولۇپ، مول ئىسسىقلىق ئېنېرگىيەسى ھاسىل قىلىدۇ. كۆپ ساندىكى ياشانغانلار قەنت ۋە تاتلىق يېمەكلىكلەرنى يىيىشنى ياخشى كۆرىدۇ.
مۇۋاپىق بولغان قەنت ياكى تاتلىق يىمەكلىكلەر ياشانغانلارغا پايدىلىق. بىراق دىئابىت كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلار قەنت ئىستېمال قىلىشنى قەتئىي چەكلەش كېرەك. قەنت بىرخىل ئاسان سۈمۈرۈلىدىغان، بىر قەدەر يۇقىرى ئىسسىقلىق ئېنېرگىيەسى چىقىرىدىغان يېمەكلىك بولغاچقا، ھەددىدىن زىيادە ئىستېمال قىلىنسا ئاسانلا مايغا ئايلىنىپ، ماينىڭ قويۇقلۇقىنى ئاشۇرۇپ، قان تومۇرلارنىڭ قېتىشىنى تېزلىتىۋىتىدۇ. بۇخىل ئەھۋال يۈرەك كېسىلى بىمارلىرىغا پايدىسىز. ئارتۇق قەنت ۋە تاتلىق يىمەكلىكلەر بەدەن ئېغىرلىقىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ، دىئابىت كېسىلىنى پەيدا قىلىدۇ.