قىزلاردا ئادەت بالدۇر كەلسە، دىيابېت كېسىلىنىڭ خەتىرى چوڭ بولىدۇ
ۋاقتى: 2016-07-30
ئاۋاتلىقى: 1580 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
ئەنگىلىيە كامبېرىج ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تارقىلىشچان كېسەللىكلەر مۇتەخەسسىسىنىڭ ئەڭ يېڭى تەتقىقاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، بالدۇر يېتىلىپ، ئادەت بالدۇر كەلگەن قىزلاردا قۇرامىغا يەتكەندىن كېيىن ئىككىلەمچى دىيابېت كېسىلى بولۇش خەتىرى يۇقىرى بولىدىكەن.
تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئۆسمۈرلۈك دەۋرىدە بالدۇر يېتىلگەن قىزلارنىڭ كېيىنكى ۋاقىتتا ماددا ئالمىشىش خاراكتېرىدىكى كېسەللىككە دۇچار بولۇش نىسبىتى يۇقىرى بولىدىكەن. بولۇپمۇ بالدۇر سەمىرىش، يۈرەك كېسلى ۋە باشقا راك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى يۇقىرى بولىدىكەن. بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ ئېشىپ كېتىشىمۇ مۇھىم ئامىل بولۇپ، ياغ توقۇلمىسى ھورمۇن ئىشلەپچىقىرىپ، ئىچكى ئاجراتما سىستېمىسىنى قالايمىقانلاشتۇرىۋېتىدىكەن. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاتا-ئانىلار بالىلاردا كىچىكىدىن تارتىپ ياخشى بولغان ئوزۇقلۇق ئادىتى يېتىلدۈرۈپ، ئۇلارنىڭ چېنىقىشىغا ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك ئىكەن.