ئاياللار ساغلاملىقىغا ۋە گۈزەللىكىگە نۇقسان يەتكۈزىدىغان نامۇۋاپىق ئورۇقلاش ئادەتلىرى
يانفوندا كۆرۈش
ئاياللار ساغلاملىقىغا ۋە گۈزەللىكىگە نۇقسان يەتكۈزىدىغان نامۇۋاپىق ئورۇقلاش ئادەتلىرى
1. تاماق تاللاش. تاماق تاللاش ئادىتى ئاياللاردا، بولۇپمۇ ياش قىزلاردا كۆپ ئۇچرايدۇ. ياقتۇرمايدىغان نەرسىسىنى پەقەتلا يېمەيدۇ، ياخشى كۆرىدىغان نەرسىلىرىنى بولسا خۇدىنى بىلمەي يەيدۇ. تاماق تاللىغاندا، بەدەن ئېھتىياجلىق بولغان ۋىتامىن ۋە باشقا ئوزۇقلۇقلارغا ئېرىشەلمەيدۇ-دە، سالامەتلىككە تەسىر يېتىدۇ.
2. بەك تويۇپ تاماق يېيىش. بەزى ئاياللار زىياپەتلەرگە، مېھماندارچىلىققا بارسا تاماقنى مۇۋاپىق يېمەي، تويغۇدەك يەۋالىدۇ. بەك تويۇپ تاماق يېيىش ئۆت سۇيۇقلۇقى ۋە ئاشقازان ئاستى بېزى سۇيۇقلۇقىنىڭ ئاجرىلىپ چىقىشىنى كۈچەيتىۋېتىدۇ. نەتىجىدە، ئاسانلا ئۆت يولى كېسەللىكى، ئاشقازان ئاستى بېزى ياللۇغى، مېڭە قان تومۇر ياللۇغى كېسەللىكلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
3. تېز تاماق يېيىش. تېز تاماق يېيىش ئاشقازاننىڭ يۈكىنى ئېغىرلاشتۇرۇپ، ھەزىم قىلىشقا تەسىر يەتكۈزىدۇ. ۋاقىت ئۇزارغانسېرى ئاشقازان يارىسى ۋە ئاشقازان ياللۇغىنى پەيدا قىلىدۇ.