لوقمان ھەكىم مىكروبېتى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

يەر شارىدا ھازىر 347 مىليون دىئابىت كېسەللىكى بىمارلىرى بار ئىكەن

يەر شارىدا ھازىر 347 مىليون دىئابىت كېسەللىكى بىمارلىرى بار ئىكەن

ۋاقتى: 2016-08-07 ئاۋاتلىقى: 1139 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

نۇر تورى تەرجىمىسى: 14-نويابىر بولسا خەلقئارا دىئابىت كېسەللىكى بىرلەشمىسى ۋە دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى (WHO) ئورتاق تەشەببۇس قىلىپ تەسىس قىلغان دۇنيا دىئابىت كېسەللىكى كۈنى، بۇ يىلقى شوئار بولسا «دىئابىت كېسەللىكىگە كۆڭۈل بۆلۈپ، كەلگۈسىمىزنى قوغدايلى». دىئابەدىئت كېسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش توغرىسىدىكى بىلىملەرنى كېڭەيتىش ئۈچۈن، جۇڭگو ساغلاملىق تەربىيىسى مەركىزى دىئابىت كېسەللىكى تەربىيىسى ھەمكارلىق مەركىزى باشقۇرغان «دىئابىت كېسەللىكى بىمارلىرى ئۇزاق يوللارنى تەمكىن قەدەم بىلەن مېڭىش» بىرقاتار پائالىيەتلىرى 14-نويابر بېيجىڭدا قوزغىتىلدى.

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى (WHO) نىڭ ئىستاتىسكىسىغا ئاساسلانغاندا، پۈتۈن دۇنيادا نۆۋەتتە 347 مىليون دىئابىت كېسەللىكى بىمارلىرى بار ئىكەن. بۇنىڭ ئىچىدە، %80 دىن يۇقىرى دىئابىت كېسەللىكى بىمارلىرىنىڭ ئۆلۈپ كېتىشى تۆۋەن ۋە ئوتتۇرا كىرىملىك دۆلەتلەردە كۆپرەك ئىكەن. 2030-يىلىغا قەدەر ئالدىن مۆلچەرلەنگەندە، دىئابىت كېسەللىكى پۈتۈن يەر شارىدىكى 7-ئورۇندا تۇرىدىغان ئۆلۈپ كېتىش سەۋەبى ئىكەن. 
جۇڭگو مەملىكەتلىك سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومېتىتى تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ماۋچۈن ئەن 14-نويابىر مۇنداق دېدى:«دىئابىت كېسەللىكىنىڭ يۈز بېرىشى بىلەن كەڭ تارقىلىشى ۋە ئېرسىيەت بولۇپ قېلىشى، مۇھىت ۋە شەخسىي تۇرمۇش ئۇسسۇلى قاتارلىق كۆپ سەۋەپچى ئامىللار بىلەن زىچ مۇناسىۋەتكە ئىگە، دىئابىت كېسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنىڭ كونتىرول قىلىش پەقەت دۆلەتنىڭلا مەجبۇرىيىتى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە ھەربىر كىشىنىڭ، ئائىلىنىڭ ھەمدە ئىجتىمائىي سېستىمىلارنڭى مەسئۇلىيىتى. شۇڭلاشقا، بىز پۈتۈن جەمئىيەتتىكى كۈچلەرنى سەپەرۋەرلىككە كەلتۈرۈپ، دىئابىت كېسەللىكىگە ئورتاق جەڭ ئېلان قىلىشىمىز لازىم».

ساغلاملىق ئۇچۇرىنى تارقىتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەنە جەمئىيەتنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىدىكى دىئابىت كېسەللىكى بىمارلىرىغا كۆڭۈل بۆلىشىمىز، ئاخىردا بولسا ئاممىنىڭ دىئابىت كېسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش توغرىسىدىكى بىلىم سەۋىيەسىنى يۇقىرى كۆتۈرىشىمىز لازىم.

بايانات

لوقمان ھەكىم مەھسۇلاتلىرىغا ئېھتىياجلىق بولسىڭىز تاۋباۋ تورىغا lokmanhakim دەپ ئىزدەپ سېتىۋالسىڭىز ياكى شىركەت تور تېخنىكا بۆلۈمىنىڭ قىزىق لېنىيە تېلېفونلىرىغا تېلېفون قىلىپ سېتىۋالسىڭىز بولىدۇ.

قىزىق لېنىيە تېلېفون نومۇرلىرى: 6045310-0991، 6757855-0991 ياكى 6709060-0991 قاتارلىقلار!!!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى