بىر قىسىم كىشىلەر سۈت ئىستېمال قىلسا نېمە ئۈچۈن ئىچى سۈرۈپ كېتىدۇ
ۋاقتى: 2016-08-18
ئاۋاتلىقى: 2035 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
بىر قىسىم كىشىلەر سۈت ئىچكەندىن كېيىن، ئۈچىيى كۇرۇلداپ قورسىقى ئاغرىدۇ ھەتتا ئىچى سۈرۈشتەك ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ. بۇنىڭدىكى ئاساسلىق سەۋەپ، سۈت تەركىبىدە لاكتوزا بولغانلىقتىن، لاكتوزا بولسا بەدەن ئىچىدە پارچىلىنىپ ماددا ئالماشتۇرۇشقا كېرەك بولغان لاكتوزا ئېزىمىدىن پايدىلىنىدۇ، بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ بەدىنىدە لاكتوزا ئېزىمى كەمچىل بولغانلىقتىن، لاكتوزا ئۈچەي يولىدا ھەزىم بولمايدۇ، شۇنىڭ بىلەن قورساق كولدۇرلاپ ئىچى سۈرۈشكە باشلايدۇ.
بۇ تىبابەتچىلىكتە«لاكتوزاغا چىدامسىزلىق كېسەللىكى» دەپ ئاتىلىدۇ. شۇڭا، بۇ ئورگانىزىمدا لاكتوزا كەمچىللىكتىن كېلىپ چىقىدىغان نورمال رېئاكسىيە بولۇپ، سۈتتىكى سۈپەت مەسىلىسى ئەمەس. (بېكمۇرات قىدرىخان تەييارلىغان)