زۇكام بولغاندا تاتلىق يېمەكلىك يېمەڭ
يانفوندا كۆرۈش
زۇكام بولغاندا ئاغزىمىزنىڭ تەمسىز ۋە ئىشتىيىمىزنىڭ ناچار بولۇپ قالغانلىقىنى سېزىمىز. بۇنداق بولۇشتىكى سەۋەب: زۇكام بولغاندا بەدەن تېمپېراتۇرسىنىڭ ئۆرلىشىگە ئەگىشىپ، ھەزىم قىلىش پېرمېنتىنىڭ ھاياتىي كۈچى تۆۋەنلەيدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئاشقازان ۋە ئۈچەي ھەرىكىتى ئاستىلايدۇ، ئاشقازان ۋە ئۈچەي ھەرىكىتىنىڭ ئاستىلىشى ھەزىم قىلىش ئىقتىدارىنىڭ نورمالسىزلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
بۇنداق چاغدا تاتلىق يېمەكلىكلەرنى كۆپ يېگەندە، بەدەندىكى نۇرغۇن شېكەر پارچىلىنىپ قانغا ئورۇنلىشىپ، زور مىقداردىكى ۋىتامىنلار سەرىپ بولىدۇ، بۇنىڭ بىلەن بەدەندىكى ۋىتامىن تەركىبلىرى ئازىيىدۇ. بۇ ۋىتامىنلارنىڭ كۆپىنچىسى ئوزۇقلۇقلارنىڭ بەدەن ئىچىدىكى ماددا ئالمىشىش جەريانىغا قاتنىشىدۇ – دە، تاتلىق يېمەكلىكلەرنى كۆپ ئىستېمال قىلىشتىن ئىشتىھانىڭ تېخىمۇ ناچارلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، تاتلىق يېمەكلىكلەرنىڭ تەركىبىدىكى شېكەر ماددىسى ئادەم بەدىنىگە كىرگەندىن كېيىن، پېرمېنتلارنىڭ ئاجرىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، پېرمېنتلار ئىممۇنىتېت سىستېمىسىغا قارىتا چەكلەش رولىنى ئوينايدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ شېكەر تەركىبى ماددا ئالمىشىش جاريانىدا زور مىقداردىكى پىروۋىك كىسلاتاسى ۋە سۈت كىسلاتاسىدەك كىسلاتالىق ماددىلارنى ھاسىل قىلىپ، ئورگانىزملارنىڭ تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى تۆۋەنلىتىدۇ – دە، سالامەتلىكنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە زىيان سالىدۇ. (مۇھەممەت تۇراپ تەرجىمىسى)