لوقمان ھەكىم مىكروبېتى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

دائىم بېشىڭىز ئاغرىسا بۇرۇن كاۋىكى ياللۇغىدىن ئېھتىيات قىلىڭ

دائىم بېشىڭىز ئاغرىسا بۇرۇن كاۋىكى ياللۇغىدىن ئېھتىيات قىلىڭ

ۋاقتى: 2016-07-30 ئاۋاتلىقى: 982 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

باش ئاغرىسا، بۇرنىدىن ماڭقا ئاقسا، بۇ زۇكام بولغانلىقنىڭ ئالامىتى، بۇنى يەنە بۇرۇن كاۋىكى ياللۇغىنىڭ ئالامىتى دەپ قاراشقىمۇ بولىدۇ. بۇرۇن كاۋىكى ياللۇغى بولسا، بۇرۇن كاۋىكى شىللىق پەردىلىرىدىكى ئالاھىدە خاس بولمىغان ياللۇغلىنىشتىن ئىبارەت. زۇكام ئاساسلىقى باكتېرىيە بىلەن ۋىرۇسنىڭ يۇقۇملاندۇرىشىدىن كېلىپ چىقىدۇ. ئىنىچكە كۆزەتكەندىلا، بۇ ئىككىسىنىڭ پەرقىنى ئاسانلا تېپىپ چىققىلى بولىدۇ.
1.ماڭقا ئاقىدۇ: بۇرۇن كاۋىكى ياللۇغى سەۋەبىدىن ئاققان ماڭقا كۆپىنچە يىرىڭلىق ياكى يېپىشقاق يىرىڭلىق، سېرىق ياكى سارغۇچ يېشىل رەڭدە بولىدۇ، مىقدارىنىڭ ئاز-كۆپلىكى ئېنىق ئەمەس، بۇرۇندىن ئاققان ماڭقىنى مىشقىرىپ چىقىرۋەتسە ياكى بەلغەم بولغان بولسا، ئۇنى تۈكۈرۈپ چىقىرىۋەتسە بولىدۇ.

2.بۇرۇن(دىماغ) پۈتۈپ قالىدۇ: بۇرۇن كاۋىكى ياللۇغى سەۋەبىدىن بۇرۇن(دىماغ) پۈتۈپ قېلىشنىڭ ئېغىر-يېنىكلىكى ئوخشاش بولمايدۇ، كۆپىنچە بۇرۇن شىللىق پەردىلىرىگە قان تولۇپ ئىششىيدۇ ۋە ئاجرالما ماددىلار كۆپىيىدۇ، بۇرۇن پۈتۈپ قالغاندا، ھەمىشە پۇراش سېزىمى ۋاقىتلىق توسقۇنلۇققا ئۇچرايدۇ. ئەگەر بۇرۇن(دىماغ) پۈتۈپ قېلىش بىلەن بىللە، يەنە بۇرۇنغا مۇنچاق گۆش ئۆسۈپ قالغان بولسا، بۇرۇن بوشلۇقى پۈتۈنلەي توسۇلۇپ قالىدۇ.


3. باش ئاغرىيدۇ: ئاساسلىق ئالامىتى ئادەمنىڭ بېشى ئېغىرلىشىدۇ ياكى بېسىلغاندەك سېزىم بولىدۇ، بەزىدە تۇرۇپ-تۇرۇپ ئاغرىشى ياكى چىڭقىلىپ ئاغرىشى مۇمكىن. ھەمىشە باشنى تۆۋەن قىلىش، يۆتىلىش، نەپەس ئالماسلىق ياكى بەك كۈچەپ ھەرىكەت قىلىش قاتارلىق سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن، باش قىسىمدىكى ۋېنا بېسىمى ئۆرلەپ كەتسە، ياكى تاماكا چەكسە، ھاراق ئىچسە ھەمدە بەك ھاياجانلانغان چاغدا باش ئاغرىيدۇ ياكى ئاغرىق ئېغىرلىشىدۇ. چىش مەنبەلىك يۇقىرقى ئىڭەك كاۋىكى ياللۇغىغا گىرىپتار بولغانلاردا ھەمىشە ئوخشاش تەرەپ (يۇقىرقى ئىڭەك) تىكى چىش ئاغرىش كېلىپ چىقىدۇ.
زۇكام، بۇرۇن بوشلۇقى ياللۇقى ۋە بۇرۇن ئوتتۇرا پاسىلى قىسمەن ئەگرى-دۇناي بولۇش قاتارلىق كېسەللىكلەرنىڭ ھەممىسى ئاسانلا جىددىي ۋە سوزۇلما خاراكتېرلىك بۇرۇن كاۋىكى ياللۇغىنى پەيدا قىلىدۇ. چىش مىلىكى ياللۇغلىنىش بىلەن بەزى ھەرىكەت كەلتۈرۈپ چىقارغان بۇرۇن (دىماغ) پۈتۈپ قېلىش، ھاۋا بېسىمىنىڭ تېز ئۆزگىرىشى قاتارلىقلارمۇ بۇرۇن كاۋىكى ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. زۇكام كەلتۈرۈپ چىقارغان جىددى خاراكتېرلىك بۇرۇن ياللۇغىنى ئاكتىپلىق بىلەن داۋالاش - بۇرۇن كاۋىكى ياللۇغىغا گىرىپتار بولۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى موھىم تەدبىر ھېسابلىنىدۇ. جىددىي خاراكتېرلىك بۇرۇن ياللۇغىغا گىرىپتار بولغانلار ئايروپىلانغا چىقسا بولمايدۇ، زۇكام بولغاندا ئايروپىلانغا چىقىش-بۇرۇن كاۋىكى ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئامىللارنىڭ بىرى، شۇڭا زۇكام بولغاندا ئايروپىلانغا چىقىشتىن ساقلىنىش كېرەك. (ئابلەت ئابلىز تەرجىمىسى)
بايانات

لوقمان ھەكىم مەھسۇلاتلىرىغا ئېھتىياجلىق بولسىڭىز تاۋباۋ تورىغا lokmanhakim دەپ ئىزدەپ سېتىۋالسىڭىز ياكى شىركەت تور تېخنىكا بۆلۈمىنىڭ قىزىق لېنىيە تېلېفونلىرىغا تېلېفون قىلىپ سېتىۋالسىڭىز بولىدۇ.

قىزىق لېنىيە تېلېفون نومۇرلىرى: 6045310-0991، 6757855-0991 ياكى 6709060-0991 قاتارلىقلار!!!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى