لوقمان ھەكىم مىكروبېتى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
كېسەللىكلەر ۋە ھاياتلىق - دىكى يازمىلار
  • شوپۇرلارنىڭ بەخت ۋە ئازاب دوقمۇشىدىكى كەچمىش خاتىرىسى

    ۋاقتى: 2016-02-21 ئاۋاتلىقى: 1548 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 0
    مەن بىر تاكسى شوپۇرى، بىر ئائىلىنىڭ تىرىكچىلىكىنى دەپ ھەر كۈنى ئەتىگەن تۇرۇپ كەچ يېتىپ شەھەرنىڭ چوڭ-كىچىك كوچىلىرىدا ئالدىراش يۈرىمەن. ئەسلىدە تۇرمۇشۇم كۈندىن-كۈنگە ياخشىلىنىپ، تۇرمۇشۇم تېخىمۇ بەختلىك بولىدۇ دەپ ئويلايتتىم. لېكىن يېقىنقى يېرىم يىلدىن بۇيان مەزى بېزىمدە كۆرۈلگەن بەزى مەسىلە تۇرمۇشنى بەختتىن بارغانسېرى يىراقلاشتۇردى.

    مەزى بېزى ئېلىپ كەلگەن ئاۋارىچىلىققا قارىتا مەندە دەپ بولالمايدىغان ئازاب بار. بىز تاكسى شوپۇرلىرى، ھەر كۈنى سەھەر قوپۇپ كەچ يېتىشىمىزنىڭ ھەممىسى كۆپرەك پۇل تېپىش ئۈچۈن، ئائىلىمىزنى ياخشى تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈندۇر، شۇڭا بىز ئادەتتە تاكىسىغا ئولتۇرىدىغان ئادەملەرنىڭ كۆپرەك بولۇشىنى ئارزۇ قىلىمىز، ماشىنىنىڭ توختىماي مېڭىشىغا ئۆچلۈكىمىز كەلمەيدۇ. ئەمما، ئىشلار ئادەمگە باقمايدىغانلىقىمۇ ھەم رىئاللىق ئىكەن. مەن مەزى بېزى ياللۇغىغا گىرىپتار بولغاندى...

  • يولدىشىدا باھ زەئىپلىك كۆرۈلگەندە ئايالى قانداق قىلىشى كېرەك؟

    ۋاقتى: 2016-02-18 ئاۋاتلىقى: 1699 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 0

    ئەرلەردە باھ زەئىپلىشىش كۆرۈلگەندە، ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرۈنۈپ داۋالانغاندىن سىرت، يەنە مۇھىمى ئايالى ياخشى ماسلىشىپ بېرىشى كېرەك. ئايالىنىڭ پوزىتسىيەسى بىۋاسىتە ھالدا كېسەللىكنىڭ ئارقىۋىتىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ.
    1. يولدىشىدا باھ زەئىپلىكى كۆرۈلۈپ، زەكەر قاتماسلىق ياكى قېتىشى ياخشى بولماسلىق ئەھۋالى كۆرۈلگەندە، ئايالى چوقۇم روھىي جەھەتتىن تەسەللىي بېرىشى، يولدىشىغا كېسەللىك ئۈستىدىن غالىب كېلىش ئىشەنچىسىنى تۇرغۇزۇشقا ياردەم بېرىشى كېرەك.
    ئەرلەردە باھ زەئىپلىكى كۆرۈلگەندە، ئۇلار روھى جەھەتتىن ناھايىتى ئازابلىنىدۇ، ئايالىغا يۈز كېلەلمەيدىغاندەك ھېس قىلىپ، ئۆزىنى ئەيىبلەيدۇ. ئايال بولغاچى ھەرگىزمۇ يولدىشىدىن ئاغرىنماسلىقى، ئۇنى ئەيىبلىمەسلىكى، سوغۇق مۇئامىلە، توڭ گەپلەر...

  • جىنسى مۇناسىۋەتتە سىزنى قايمۇقتۇرۇپ قويدىغان ئىشلار

    ۋاقتى: 2015-12-22 ئاۋاتلىقى: 3770 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 0
    جىنسى مۇناسىۋەتتە سىزنى قايمۇقتۇرۇپ قويدىغان ئىشلار

    1. مۇناسىۋەتتە ئەرلەر ئىسپىرما قۇيۇپ بەرگەندە ئاياللار تېخى يۇقىرى پەللىگە چىقماسلىقى ئەرلەردىكى كېسەللىك ئەمەس ،ئەر-ئاياللارنىڭ مۇناسىۋەتتىكى ئالاھىدىلىكى ئەرنىڭ تىز ئايالنىڭ ئاستا بۇلۇپ ئەرلەرنىڭ ھېسياتى تىز قوزغۇلۇپ،زەكىرى تىز قۇپۇپ ناھايتى تىزلا جىنسىيەت يۇقىرى پەللىسىگە يىتىپ ئىسپىرما قۇيۇپ بېرىدۇ،ئەكىسچە ئاياللارنىڭ ئېنكاسى ئەرلەرنىڭكىدىن ئاستا بۇلۇپ ئادەتتە ھېسيات قوزغۇلۇپ يۇقىرى پەللىگە يەتكۈچە ئون نەچچە مىنۇت ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ ئۇزۇن ۋاقىت كېتىدۇ.بۇ يارىلىشتىكى پەرق بۇلۇپ شوڭلاشقا ئەرلەر ئىسپىرما قۇيۇپ بەرگەندە ئاياللار تېخى يۇقىرى پەللىگە يەتمىگەن بولىدۇ.بۇخىل ئەھۋال جىنسى جەھەتتىن ماسلىشالماسلىق مەسلىسى بۇلۇپ ھەرگىزمۇتىزكىتىش كېسەللىكلىرى ئەمەس.(بارا-بارا ئىش ئۇقىدىغان بۇلۇپ كەتسىڭىز بۇخىل ھالەت ئۆزلۈكىدىن ئ...

  • تېز كىتىشنى تىزگىنلەشتىكى 8 خىل ئۇسۇل

    ۋاقتى: 2015-12-22 ئاۋاتلىقى: 4439 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 0
    تىز كىتىشنى تىزگىنلەشتىكى 8 خىل ئۇسۇل
    بالدۇر كىتىش بولسا مۇناسىۋەت ۋاقتىدا جىنسى مۇناسىۋەت ۋاقتى يېتەرلىك بولماي ئىسپىرما بالدۇر تۈرۈپ كىتىشنى ھەم ئاياللارنىڭ جىنسى ھەۋسىنى قاندۇرالماسلىقى كۆرسىتىدۇ،تۆۋەندە كۆپچىكىكككە تىز كىتىشنى تىزگىنلەشتىكى سەككىز خىل ئۇسۇل تۇنۇشتۇرىدۇ.
    كۈڭۈللۈك جىنسى تۇرمۇش بولسا ئەر-ئاياللار مۇناسىۋىتىدىكى سىلىقلىغۇچ بۇلۇپ،ئەمما ئەرلەردە مۇناسىۋەتتە تىز كىتىش كۈرۈلسە ئەرلەرنى ئايالىنڭ ئالدىدا ئوڭايسىز ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قۇيۇپلا قالماستىن ئۇزۇن مۇددەت داۋاملاشسا جىدەل_ماجرانىڭ ئوت پىلتىسى بۇلۇپ قالىدۇ.
    بالدۇر كىتىشنىڭ زىيىنى ئىنتايىن ئېغىر بۇلۇپ،ئەر-خۇتۇنلۇق ھېسياتىغا تەسىر كۆرسىتىپلا قالماستىن يەنەھامىلدارلىقمۇ تەسىر كۆرسىتىدۇ،دائىم تىز كەتكەندە ھەم ئىسپىرمىنى ئاياللارنىڭ جىنسى يۇلىغا كىرگۈزەلمىگەندە ئۇرۇقنىڭ ئاياللارنىڭ بال...
  • جىنسى مۇناسىۋەت ئۆتكۈزمىسىمۇ ھامىلىدار بولۇش ئىھتىمالى بار

    ۋاقتى: 2015-12-22 ئاۋاتلىقى: 3484 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 0
    جىنسى مۇناسىۋەت ئۆتكۈزمىسىمۇ ھامىلدار بولۇش ئىھتىمالى بار
    جىنسى تۇرمۇشتا ئاجايىپ غەلىتە ئىشلار ئىنتايىن كۆپ ،مىنىڭ كۆز قارىشىمچە ئىشەنگىسى كەلمەيدىغان ئەھۋال بولسا : كۆپىيىش ئەزاسى ھەقىقىجىنسى مۇناسىۋەت قىلمىسىمۇ ، ئايال تەرەپ ھامىلدار بولۇپ قېلىش . بۇ خىل ئەھۋالنى ئادەمراستىنلا قۇبۇل قىلالمايدۇ ، ئەجىبا ئىسپىرما ھاۋادىلا ئاياللارنىڭ بەدىنىگە كىرىپكەتكەنمىدۇ ؟ بۇ ئىشقا نىسبەتەن ، مۇتەخەسىسلەر ئۆلچەملىق جاۋاپ بەرگەن. پەقەتجىنسى ئەزالارنىڭ تىگىششىشى ئارقىلىقلا ھامىلدار بولۇپ قالىدىغان ئىشلار،مىدىتسىنادا ئاز كۆرۈلمەيدۇ .
    ئادەتتە، بۇ خىلئەھۋالدا ھامىلدار بولۇپ قېلىش ، قىزلىق پەردىسى ئاساسى جەھەتتىن مۇكەممەل ھالەتتە بولغانبولۇپ ، ھەقىقى جىنسى مۇناسىۋەت ئۆتكۈزمىسىمۇ ، ئايال تەرەپنىڭ بۇيىدا قالىدىغانئەھۋالنىڭ كۆرۈلۈش نىسبىتى بىر قەدەر تۈۋەن .
    ...
  • جىنسىي ئالاقىدىن كېيىن بەل ئاغرىشنى قانداق يوقىتىمىز؟

    ۋاقتى: 2015-12-21 ئاۋاتلىقى: 4474 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 0
    جىنسىي ئالاقىدىن كىيىن بەل ئاغرىشنى قانداق يوقىتىمىز؟
    جىنسىي ئالاقىدىن كىيىن بەل ئاغرىش ۋە ماغدۇرسىزلىنىپ باش قىيىش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلسە ئاساسلىق مۇنۇ سەۋەبلەر تۈپەيلى بولىدۇ:
    جىنسىي مۇناسىۋەت چەكتىن ئېشىپ كېتىش ۋە ئالاقە ۋاقتىدا كۈچەپ كېتىش، كىرگۈزۈش چاستوتاسى تىز بولۇش سەۋەبلىك
    بۇ ئەھۋالنى ھەل قىلىشتا تۆۋەندە ئىككى نۇقتىنى تەكىتلەپ ئۆتىمىز:
    بىرىنچى: جىنسىي ئالاقە جەريانىدىكى كىرگۈزۈش چاستوتىسىنى تەڭشەش:
    جىنسىي مۇناسىۋەت جەريانىدا ئاساسلىق ئەر تەرەپ ھەرىكەت قىلىشقا توغرا كېلىدۇ، ئەر تەرەپ بەل قىسمىغا كېلىدىغان بېسىم ئاشىدۇ. ئېنېرگىيەنىڭ سەرپ بولۇشىنى يۇقىرىلىتىدۇ، بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا كىرگۈزۈش چاستوتىسىنى ۋە جىنسىي مۇناسىۋەت شەكلىنى ئۆزگەرتكەن ئاساستا ئىلىپ بېرىشى كېرەك . شۇنداقتىمۇ بۇ ئەھۋاللاردىن تولۇق يوقاتقىلى بولمايدۇ. بۇ نورمال...
  • قانداق ئۇرۇق نورمال ئۇرۇق ھېسابلىنىدۇ؟

    ۋاقتى: 2015-12-19 ئاۋاتلىقى: 2559 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 0
    نورمال ئۇرۇق ئومۇمەن باش، تەن، قۇيرۇقتىن ئىبارەت ئۈچ قىسىمدىن تەركىب تاپىدۇ.
    ئۇرۇقنىڭ باش قىسمىنىڭ ئاستى تۇخۇمسىمان يۇمىلاق، يان تەرىپى ياپىلاقسىمان، قۇيرۇق تەرىپى ئۇزۇن ھەم ئەگرى-بۈگرى بولۇپ، قۇمچاقسىمان شەكىلدە بولىدۇ.
    ئېلېكتىرونلۇق مىكروسكوپتا كۆزەتكەندە، پۈتكۈل ئۇرۇق ھۈجەيرە پەردىسى بىلەن ئورالغان بولىدۇ، ئۇرۇق بېشىدا بىر چوققا تەنچە ۋە قۇرۇلمىسى ئىنتايىن زىچ بولغان ھۈجەيرە يادروسى بولىدۇ. چوققا تەنچە يادرونىڭ 3\2 قىسمىنى يۆگەپ تۇرىدىغان بولۇپ، ئىچىدە بىر يۈرۈش سۇدا ئېرىشچان ئېنزىم بولىدۇ.
    ئۇرۇقلىنىش جەريانىدا، چوققا تەنچىدىكى ئېنزىم ئۇرۇقنىڭ تۇخۇمنىڭ تاشقى پەردىسىدىن ئۆتۈپ تۇخۇم ئىچىگە كىرىشىگە ياردەم بېرىدۇ. ئۇرۇقنىڭ قۇيرۇق قىسمى يەنە قامچاتۈك دەپمۇ ئاتىلىدىغان بولۇپ، قۇيرۇق قىسمىنى شەكىللەندۈرىدىغان ئوق مەركىزى ئاك...
  • ئۇرۇقسىزلىق كېسىلى دېگەن نېمە؟ نېمە ئۈچۈن ئىسپىرمامدا ئۇرۇق يوق؟

    ۋاقتى: 2015-12-19 ئاۋاتلىقى: 3100 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 0
    ئۇرۇقسىزلىق كېسىلى ئىسمىدىن بىلىنىپ تۇرۇپتۇكى، بۇ خىل كېسەلگە گىرىپتار بولغۇچىنىڭ ئىسپىرمىسىنى تەكشۈرگەندە، ئۇنىڭ ئىسپىرمىسىدا ئۇرۇق بولمايدۇ. ئۇدا ئۈچ قېتىم چىقارغان ئىسپىرما تەركىبىدە ئۇرۇق بولمىسا، بۇنى ئۇرۇقسىزلىق كېسىلى دەپ ئاتايمىز. ئۇرۇقسىزلىق كېسىلى ئەرلەردىكى تۇغماسلىقنىڭ تەخمىنەن %15~%20 نى ئىگىلەيدۇ.

    بۇنىڭ كېسەللىك سەۋەبى نىسبەتەن كۆپ بولۇپ، يىغىنچاقلىغاندا ئىككى چوڭ تۈرگە ئايرىشقا بولىدۇ.

    بىرىنچىسى، تاشاقنىڭ ئىقتىدارى ئەسلىدىنلا تۇسالغۇغا ئۇچراش سەۋەبلىك بولغان ئۇرۇقسىزلىق كېسىلى، يەنى بۇ خىل ئۇرۇقسىزلىق كېسىلى بىرلەمچى ئۇرۇقسىزلىق كېسىلى ياكى توسۇلۇپ قالمىغان ئۇرۇقسىزلىق كېسىلى دېيىلىدۇ؛
    ئىككىنچىسى، تاشاقنىڭ ئىسپىرما ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى نورمال، ئەمما ئۇرۇق توشۇش نەيچىسى توسۇلۇپ قالغانلىقتىن، ئۇرۇقنىڭ ئېت...
  • ئەرلەردىكى تۇغماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئامىللار قايسى؟

    ۋاقتى: 2015-12-06 ئاۋاتلىقى: 2859 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 0
    تۆۋەندىكى ئامىللار ئەرلەردىكى تۇغماسلىققا سەۋەبچى بولىدۇ:
    1. زىيادە ئىسسىق مۇھىتنىڭ ئۇرۇقدان (تاشاق)نى زەخمىلەندۈرۈشى

    ئۇزاق مۇددەت يۇقىرى تېمپېراتۇرىدا خىزمەت قىلىش، زىيادە ئىسسىق سۇدا يۇيۇنۇش، ئۇزاق مۇددەت تار ئىشتانلارنى كىيىش قاتارلىقلار ئۇرۇق خالتىسىنىڭ تېمپېراتۇرىنى تەڭشەش ئىقتىدارىنى توسالغۇغا ئۇچرىتىپ، ئۇرۇقداننىڭ قىسمەن بۆلىكىدە تېمپېراتۇرىنىڭ ئۆرلەپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ-دە، ئۇرۇق ئىشلەپچىقىرىلىشىغا توسالغۇ بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا تار ئىشتان كەيگەندە يەنە ئۇرۇق خالىتىسى رايونىنىڭ قان ئايلىنىشىنى چەكلەپ ۋە توسقۇنلۇق قىلىپ، ئۇرۇق خالتىسىدا قان يىغىلىپ قېلىش ئەھۋالىنى پەيدا قىلىدۇ-دە، تۇغماسلىق كېلىپ چىقىدۇ. يەنە ئۇنىڭدىن باشقا زىيادە ئىسسىق سۇدا يۇيۇنغاندا، بولۇپمۇ، داستا يۇيۇنغاندا، ساڭناغا چۈشكەندە، ئۇرۇق خالتىسى ھەمىشە يۇقىر...

  • ئانانىزىم ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرى

    ۋاقتى: 2015-12-06 ئاۋاتلىقى: 7173 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 0

    ھاياتتا ئادەم ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم بولغىنى ئۈچ نەرسە. بىرىنچىدىن، سالامەتلىك. ھەر قانداق خۇشاللىق سالامەتلىكنى بەدەل قىلىشقا ئەرزىمەيدۇ؛ ئىككىنچىدىن، ئەخلاق. گەرچە ئەخلاق ئۆزىنى پەردازلاشتىكى مۇھىم ۋاسىتە بولسىمۇ، ئادەم ئۆزىنىڭ روھىيىتىنى پاكىزە تۇتۇپ، بىردەملىك خۇشاللىق ئۈچۈن روھىيىتىدىكى ئاجىزلىقنىڭ قۇربانى بولۇپ كەتمىسىلا، تۇرمۇشتا زور بىھۇدە بەدەللەردىن ساقلىنىپ قالالايدۇ، بۇ جەھەتتە ئانانىزمنىڭ ئاسارىتى ۋە ئۇنىڭ تەسىرى ئەڭ ئېغىر بولىۋاتىدۇ؛ ئۈچىنچىدىن، بىلىم. بىلىم ھەر قانداق ۋاقىتتا ئۆز قىممىتىنى يوقاتمايدىغان، ئىنسان ئۈچۈن مەڭگۈ ئارتۇقلۇق قىلمايدىغان بايلىقتۇر. ياخشى بىلىم قۇرۇلمىسىغا ئىگە ھەر قانداق ئىنسان ئاسانلىقچە ئۆزىنىڭ ھاياتىنى بىھۇدە ئىشلارغا بەدەل قىلىۋەتمەيدۇ.

    ھازىرقى كۈنىمىزدە سالامەتلىك ناھايىتى يۇقىرى دەرىجىدە تەكىتلىنىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما بىر قىسىم كىشىل...

  • تۇغماسلىق ۋە ئانانىزىمنىڭ خەتىرى

    ۋاقتى: 2015-12-06 ئاۋاتلىقى: 5235 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 0
    ئانانىزىم بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار سەمىگە: ئانانىزىمنىڭ تۇغماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشىدىن ھەزەر ئەيلەڭ
    بەزى ئەرلەردە ھەر خىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئانانىزىم ئادىتى شەكىللىنىپ قالغان. بۇ يەردە شۇنى ئەسكەرتىمىزكى، ئانانىزىم ئەرلەرنىڭ سالامەتلىكى ئۈچۈن ئىنتايىن پايدىسىز قىلىق. شۇڭا ئانانىزىم بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارنىڭ بۇ بەتقىلىقتىن بالدۇرراق قول ئۈزۈشىگە تىلەكداشمىز.
    ئادەتتىكى ئەھۋالدا، ئانانىزىم بىۋاسىتە تۇغماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقارمايدۇ، ئەگەر ئانانىزىم سەۋەبلىك تۇغماسلىق كېلىپ چىققان بولسا، ئومۇمەن ئانانىزىم كەلتۈرۈپ چىقارغان ياللۇغ كېسەللىكى ئۇرۇقنىڭ سۈپىتىگە تەسىر يەتكۈزۈىدۇ.
  • مەزى بېزى ياللۇغىنىڭ زىينى قانچىلىك؟ قانچىلىك بىلىسىز؟ مەزى بېزى ياللۇغىغا قەتئى سەل قارىماڭ!

    ۋاقتى: 2015-12-06 ئاۋاتلىقى: 13189 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 5
    ئۇيغۇر تېبابىتى بىلەن جۇڭيى تېبابىتىنىڭ مۇكەممەل بىرلەشمىسى: لوقمان ھەكىم قوش ئۈنۈملۈك مەزى بېزى گۆھىرى

    شىنجاڭ لوقمان ھەكىم بىئو پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ دىرېكتورى تۇرغۇنجان دوختۇرنىڭ ئوكرائىنادا سۈيدۈك ئاجرىتىش تاشقى كېسەللىكى بويىچە ماگىستىرلىق كەسپىدە ئوقۇش جەريانىدا توپلىغان ئەمەلىي تەجرىبىسى، ئىلگىرى ئۆگەنگەن ئۇيغۇر تېبابىتى ۋە بېيجىڭغا بېرىپ ئۆگەنگەن جۇڭيى تېبابىتى بىلىملىرىنى ئاكتىپ بىرلەشتۈرۈپ، ھازىرقى زامان يۇقىرى پەن-تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ، تەبئىي ئۆسۈملۈك دورىلارنىڭ جەۋھىرىنى ئېلىش ئارقىلىق ياسالغان ئەڭ يېڭى تەتقىقات نەتىجىسىدۇر.

    بۇ مەھسۇلات ئادەمگىياھ، بۇغا مۈڭگۈزى، سېرىق يۆگەي قاتارلىق جۇڭيى دورا ئۆسۈملۈكلىرىنى ئاساسلىق ماتېرىيال قىلىپ، پۈتۈن يەرشارى بويىچە كىرىستال قاتتىق ھالەتتىن پارچىلاپ ئېرىتىش تېخنىكىسى...

  • بەختلىك تۇرمۇشنىڭ كۈشەندىسى مەزى بېزى ياللۇغىنىڭ قانداق ئەگەشمە كېسەللىكى بار؟ زىينىچۇ؟

    ۋاقتى: 2015-12-06 ئاۋاتلىقى: 11375 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 6
    جىددىي خارەكتېرلىك مەزى بېزى ياللۇغى ئاسان كەلتۈرۈپ چىقىدىغان ئەگەشمە كېسەللىكلەر ئاساسلىقى تۆۋەندىكىلەر:
    1.جىددىي خارەكتېرلىك سۈيدۈك يىغىلىپ قىلىش
    جىددىي خارەكتېرلىك مەزى بېزى ياللۇغى يەرلىك ئورۇنغا قان يىغىلىپ، ئىششىپ يوغىناشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، سۈيدۈك يولىنى باسقانلىقتىن سىيگەندە قىينىلىش ياكى جىددىي خارەكتېرلىك سۈيدۈك يىغىلىپ قىلىشقا سەۋەب بولىدۇ.
     
    2. جىددىي خارەكتېرلىك ئۇرۇقدان ياللۇغى ياكى قوشۇمچە ئۇرۇقدان ئۇرۇق توشۇش نەيچىسى ياللۇغى
    مەزى بېزىدىكى جىددىي خارەكتېرلىك ياللۇغ ئاسانلا ئۇرۇقدانغا تارقىلىپ، جىددىي خارەكتېرلىك ئۇرۇقدان ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش بىلەن بىر ۋاقىتتا تەتۈر يۆنىلىشتە لىمفا نەيچىسىدىن ئۇرۇق توشۇش نەيچىسىنىڭ يان دىۋارى ۋە سىرتقى غىلاپىغا كىرىپ قوشۇمچە مە...
  • بىلەمسىز؟ نېمە ئۈچۈن ئەرلەر «مەزى بېزى» ئىشسىزلىقىغا بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ؟

    ۋاقتى: 2015-12-06 ئاۋاتلىقى: 5274 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 3
    مەزى بېزى ئەرلەرنىڭ «ھاياتلىق بېزى» بولۇپ، مەزى بېزى ياللۇغى، مەزى بېزى ئۆسۈپ قېلىش، مەزى بېزى ئىششىپ قېلىش قاتارلىق كېسەللىكلەر ئەرلەرنىڭ پۈتكۈل كۆپىيىش سىستېمىسىغا زىيانلىق بولۇپ، ئۇرۇق خالتىسى ياللۇغى، تاشاق (ئۇرۇقدان) ياللۇغى، دوۋساق ياللۇغى، ئەرلىك جىنسىي ئىقتىدارى توسالغۇغا ئۇچراش ۋە تۇغماسلىق قاتارلىقلارنى پەيدا قىلىدۇ. ھەتتا تەرەققىي قىلىپ ئاستا خاراكتېرلىق بۆرەك ياللۇغى، سۈيدۈكتىن زەھەرلىنىش قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.
    مەزى بېزى ياللۇغىنىڭ 7 خىل ئازابى بىرىنچى ئازاب: ئاغرىق خىزمەت ۋە تۇرمۇشقا تەسىر يەتكۈزىدۇ ياللۇغنىڭ غىدىقلىشى سەۋەبلىك توققۇز كۆز، چاتراق، تاشاق قاتارلىقلارنىڭ ئىششىپ ئاغرىشى، سۈيدۈك پاكىزە چىقماسلىق، كېچىدە كۆپ سىيىش قاتارلىقلار بىمارنى بىئارام قىلىپ، نورمال خىزمەت ۋە ...
  • دىققەت: مەزى بېزى ياللۇغىنىڭ ئەگەشمە كېسەللىكلىرىدىن ھەزەر ئەيلەڭ!!!

    ۋاقتى: 2015-12-06 ئاۋاتلىقى: 4787 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 5
    مەزى بېزى ياللۇغى قانداق كېسەللەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ؟ جىددىي خارەكتېرلىك مەزى بېزى ياللۇغى ئاسان كەلتۈرۈپ چىقىدىغان ئەگەشمە كېسەللىكلەردىن ئاساسلىقى تۆۋەندىكىلەر: (1) جىددىي خارەكتېرلىك سۈيدۈك يىغىلىپ قىلىش جىددىي خارەكتېرلىك مەزى بېزى ياللۇغى يەرلىك ئورۇنغا قان يىغىلىپ، ئىششىپ يوغىناشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، سۈيدۈك يولىنى باسقانلىقتىن سىيگەندە قىينىلىش ياكى جىددىي خارەكتېرلىك سۈيدۈك يىغىلىپ قېلىشقا سەۋەب بولىدۇ. (2) جىددىي خارەكتېرلىك ئۇرۇقدان ياللۇغى ياكى قوشۇمچە ئۇرۇقدان ئۇرۇق توشۇش نەيچىسى ياللۇغى مەزى بېزىدىكى جىددىي خارەكتېرلىك ياللۇغ ئاسانلا ئۇرۇقدانغا تارقىلىپ، جىددىي خارەكتېرلىك ئۇرۇقدان ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش بىلەن بىر ۋاقىتتا تەتۈر يۆنىلىشتە لىمفا نەيچىسىدىن ئۇرۇق توشۇش نەيچىسىننىڭ يان دىۋارى ۋە سىرتقى غىلاپىغا كىرىپ قوشۇمچە مەزى بېزى ياللۇغىنى پەي...
  • مەزى بېزى كېسەللىكى قانداق پەيدا بولىدۇ؟

    ۋاقتى: 2015-12-06 ئاۋاتلىقى: 3237 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 0
    مەزى بېزى ياللۇغى ھەققىدە ئومۇمىي چۈشەنچە مەزى بېزى ياللۇغى بولسا قۇرامىغا يەتكەن ئەرلەردە كۆپ كۆرىلىدىغان كېسەللىكلەرنىڭ بىرى. گەرچە ئۇ بىۋاسىتە ھاياتقا خەۋپ يەتكۈزىدىغان كېسەللىك ھېساپلانمىسىمۇ، بىمارنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىگە ئېغىر دەرىجىدە تەسىر كۆرسىتىدۇ.  مەزى بېزى ياللۇغى بىمارلىرى سۈيدۈك ئاجراتما تاشقى بۆلۈم ئامبۇلاتۇرىيە بىمارلىرىنىڭ %25~%8 نى ئىگەللەيدۇ. تەخمىنەن %50 ئەر ھاياتىنىڭ مەلۇم مەزگىلىدە مەزى بېزى ياللۇغىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ. مەزى بېزى ياللۇغى ھەر قايسى ياش ھالىتىدىكى قۇرامىغا يەتكەن ئەرلەرگە تەسىر كۆرسىتىدۇ، بولۇپمۇ 50 ياشتىن تۆۋەن ئەرلەرنىڭ كېسەل بولۇش نىسبىتى بىر قەدەر يۇقىرى.  مەزى بېزى كېسىلىنىڭ پەيدا بولۇشى بەلكىم پەسىل، يېمەكلىك ئادىتى، جىنسىي پائالىيەت، سۈيدۈك ئاجراتما كۆپىيىش يولى ياللۇغى، ياخشى سۈپەتلىك مەزى بېزى يوغىناش ياكى تۆۋەنكى سۈيدۈ...
  • ئاستا خاراكتېرلىك مەزى بېزى ياللۇغى بىلىملىرىگە ئائىت ساۋاتلار (1-بۆلەك)

    ۋاقتى: 2015-12-06 ئاۋاتلىقى: 4425 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 0
    1.ئاستا خاراكتېرلىك مەزى بېزى ياللۇغىنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبى نېمە؟   ئاستا خاراكتېرلىك مەزى بېزى ياللۇغىنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبى بىر قەدەر مۇرەككەپ بولۇپ، ئاز ساندىكى كىشىلەردىكى ئاستا خاراكتېرلىك مەزى بېزى ياللۇغى ئۇلارنىڭ جىددىي خاراكتېرلىك مەزى بىزى ياللۇغى ۋاقتىدا ئۈزۈل-كېسىل داۋالىماي، كەينىگە سۈرگەنلىكتىن كېلىپ چىقسا، كۆپ ساندىكى بىمارلار تېخى ئېنىق بولغان جددىي خاراكتېرلىك مەزى بىزى ياللۇغى باسقۇچىنى باشتىن كەچۈرۈپ باقمىغان.  ئاستا خاراكتېرلىك مەزى بېزى ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ چىقارغۇچى بىئولوگىيەلىك ئاساسلىق ئامىل بولسا باكتېرىيە، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ۋىرۇس، مىكوپلازما، خىلامىدىيە ۋە باشقا سەزگۈر ھۈجەيرىلەردىن ئىبارەت. جىنسىي تەلەپنىڭ زىيادىلىشىشى، مەزى بىزى قاناش، جىنسىي ئەزا يولى توسۇلۇپ قېلىش، جىنسىي ئەزا ئۇزۇن مۇددەت بېسىلىپ قېلىش، قىسمەن جايلارنىڭ يارىلىنىشى،...
  • بۇرۇن ياللۇغىنىڭ ھەر خىل كېسەللىك ئالامەتلىرى

    ۋاقتى: 2015-11-22 ئاۋاتلىقى: 2816 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 0
    بۇرۇن ياللۇغىنىڭ كېسەللىك ئالامىتى كېسەللىك خاراكتېرىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقىغا ئاساسەن ئوخشاش بولمايدۇ. قىسمەن بىمارلاردا قىزىش، تېنى شۈركۈنۈش ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ، بۇ خىل ئالاھىدە سەۋەبتىن كېلىپ چىققانلارغا نىسبەتەن، ئەمەلىي ئەھۋالغا قاراپ ئىش كۆرۈش كېرەك. 

    ئەمما كۈندىلىك تۇرمۇشتا كۆرۈلىدىغان ئاشۇ بۇرۇن ياللۇغى كېسەللىك ئالامەتلىرى ئاساسەن دائىم كۆرۈلىدىغان بولۇپ، ھەممىسىنى ئاساسەن بىلىمىز، پەقەت ئىپادىلىنىش جەھەتتە ھەر بىر ئادەمنىڭ بەدەن قۇرۇلمىسى، ئىممۇنىتېت كۈچىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقىغا ئاساسەن پەرقلىق بولىدۇ. تۆۋەندە كۆپچىلىككە بۇرۇن ياللۇغىنىڭ كېسەللىك ئالامەتلىرىنى تولۇق چۈشەندۈرۈپ ئۆتىمىز.

    1. چۈشكۈرۈش

    چۈشكۈرۈش قىسمەن بۇرۇن ياللۇغى بىمارلىرىنىڭ كىلىنىكىل...

  • ھەر خىل تىپتىكى بۇرۇن ياللۇغى ۋە ئۇنىڭ كېسەللىك ئالامەتلىرى

    ۋاقتى: 2015-11-21 ئاۋاتلىقى: 5126 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 0
    1. جىددىي (ئۆتكۈر) خاراكتېرلىق بۇرۇن ياللۇغى
    دەسلەپكى 1~2 كۈندە: 
    بىماردا پۈتۈن بەدەن بىئارامسىزلىنىش، تېنى شۈركىنىش، قىزىش، ئىشتىھاسى ياخشى بولماسلىق، باش ئاغرىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. بۇرۇن بوشلۇقى ۋە بۇرۇن-يۇتقۇنچاق قىسمى قورغاقلىشىپ، قىزىشىش تۇيغۇسى بولىدۇ، بۇرۇن ئىچى قىچىشىدۇ، كۆپ چۈشكۈرىدۇ؛ 
    ئۆتكۈر (جىددىي) مەزگىلى 2~5 كۈندە:
    ئەسلىدىكى كېسەللىك ئالامەتلىرى ئېغىرلاپ كېتىدۇ. قورامىغا يەتكەنلەرنىڭ بەدەن تىمپېراتورىسى 38 سېلسىيە گىرادۇس ئەتراپىدا بو لىدۇ، بالىلارنىڭ بەدەن تىمپېراتورىسى 39 سېلسىيە گىرادۇستىن يۇقىرى بولىدۇ. 
    دائىم قىزىپ قۇسۇش، ئىچى سۈرۈش، باش قېيىش ھەتتا تارتىشىش (پۇت، قول، يۈزلەرنىڭ تارتىشىشى) قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ.
  • ئۆپكە ياللۇغى ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش

    ۋاقتى: 2015-11-21 ئاۋاتلىقى: 6432 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 0
    ئۆپكە ياللۇغى ئەڭ ئاخىرقى نەپەس يولى ياللۇغى، ئۆپكە ماھىيەتلىك ياللۇغى ۋە ئۆپكە ئارىلىق ماددىلىرى ياللۇغىنى كۆرسىتىدۇ. 
    ئۆپكە ياللۇغى كېسەللىك مەنبە مىكرو جانلىقلىرى، فىزىكا-خىمىيەلىك ئامىللار، ئىممۇنىتېت زەخمىسى، سەزگۈرلۈك رىئاكسىيەسى ۋە دورا قاتارلىق سەۋەبلەردىن پەيدا بولىدۇ. باكتېرىيەسىمان ئۆپكە ياللۇغى ناھايىتى كۆپ كۆرۈلىدىغان يۇقۇملىنىشچان ياللۇغدۇر. 
    ئۆپكە ياللۇغى ھەمىشە قىزىش، يۆتەل، بەلغەم، تۈكۈرۈكتە قان كېلىش قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرىنى ئاساس قىلىدۇ ھەمدە يەنە بەلكىم كۆكرەك ئاغرىش ياكى نەپەسلىنىش قىيىنلىشىش قاتارلىق ئالامەتلەرمۇ كۆرۈلۈشى مۇمكىن. 
    يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ھەر خىل نامۇۋاپىق بولغان ئاتىبىئوتىكلار سەۋەبلىك باكتېرىيەلەرنىڭ دورىغا قارىشىچانلىقى كۈچىيىپ، ئىنسانلارنىڭ كېسەل بىلەن ئۆلۈپ كې...
  • بۇرۇن ياللۇغى ۋە ئۇنىڭ سەۋەبى (بۇرۇن ياللۇغى ئەمدى سىزنى ئاۋارە قىلالمايدۇ)

    ۋاقتى: 2015-11-21 ئاۋاتلىقى: 4208 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 0
    بۇرۇن ياللۇغى ھەققىدە
    بۇرۇن ياللۇغى بۇرۇن بولۇشلۇقىدىكى شىلىمشىق پەردە ۋە شىلىمشىق پەردە ئاستىدىكى توقۇلمىلاردا ياللۇغلىنىش ئەھۋالىنى كۆرسىتىدۇ. ئاساسلىق ئىپادىسى قان تولۇش ياكى سۇلۇق ئىششىقتىن ئىبارت. ياللۇغلانغۇچىدا ئاساسلىق بۇرۇن پۈتۈپ قېلىش، بۇرۇندىن سۇ ئېقىش، بۇرۇن چىقىشىش، بوغۇز بىئارامسىزلىنىش، يۆتەل قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ. 
    بۇرۇن ياللۇغى ئاساسلىقى: جىددىي (ئۆتكۈر) خاراكتېرلىقبۇرۇن ياللۇغى، ئاستا (سوزۇلما) خاراكتېرلىق بۇرۇن ياللۇغى (ئاستا خاراكتېرلىق ئاددىي بۇرۇن ياللۇغى، ئاستا خاراكتېرلىق سېمىزسىمان بۇرۇن ياللۇغى، ئاستا خاراكتېرلىق قورغاقسىمان بۇرۇن ياللۇغى)، سېزىمچان بۇرۇن ياللۇغى (پەسىل خاراكتېرلىق بۇرۇن ياللۇغى، دائىمىيلىق بۇرۇن ياللۇغى)، قورغاقسىمان بۇرۇن ياللۇغى، يىگىلەش خاراكتېرىدىكى بۇرۇن ياللۇغى، پىشلاق (ئېر...
  • بۆرەك ياللۇغى ئاغرىقلىرى باناننى كۆپ يېمەسلىكى كېرەك

    ۋاقتى: 2015-02-11 ئاۋاتلىقى: 2383 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 2

    بۆرەك بەدەندىكى ئىئونلارنىڭ تەڭپۇڭلىقىنى ۋە بەدەننىڭ كىسلاتا ئىشقارلىقىنى تەڭشەيدىغان، بەدەندىكى كېرەكسىز ماددىلارنى سۈيدۈك بىلەن بەدەن سىرتىغا چىقىرىپ، قاننى تازىلايدىغان مۇھىم ئەزا. 

    بۆرەك ياللۇغلانغاندا بۆرەكنىڭ نورمال ئىقتىدارىغا تەسىر يېتىدىغانلىقتىن، كۆپ ھاللاردا سۈيدۈك ئازىلاپ كېتىدۇ، بۇنىڭ بىلەن قاندىكى مۇھىم ئىئونلارنىڭ بىرى بولغان كالىي ئىئونىنىڭ تەڭپۇڭلىقىنىڭ ساقلىنىشىغا تەسىر يېتىدۇ. چۈنكى كالىي ئىئونى سۈيدۈك ئارقىلىق بەدەن سىرتىغا چىقىرىلىدىغان بولغاچقا، سۈيدۈك ئازلاپ كەتسە قاندىكى كالىي ئىئونىنىڭ قويۇقلۇقى يۇقىرىلاپ كېتىپ، قورساق كۆپۈش، پۇت – قول ماغدۇرسىزلىنىش، يۈرەك رېتىمى قالايمىقانلىشىش، ئېغىر بولغاندا ئۆلۈپ كېتىشتەك ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بانان تەركىبىدە دەل كالىي تۇزلىرى بىر قەدەر مول بولغانلىقتىن، ئەگەر بۆرەك...

  • ھەر خىل ياللۇغنى قايتۇرۇشتا...

    ۋاقتى: 2015-02-11 ئاۋاتلىقى: 2856 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 4
    1. ئېغىز بوشلۇقى ياللۇغى: 100 گىرام يۇمغاقسۈت يىلتىزىنى پاكىز يۇيۇپ، گۈرۈچ ئاچچىقسۈيىگە 3-5 كۈن چىلاپ، ھەر ۋاقلىق تاماقتىن كېيىن سۈيىدە ئېغىزنى غەر-غەر قىلىش بىلەن بىللە، ئۈچ تال يۇمغاقسۈت يىلتىزىنى ئىككى مىنۇت چاينىغاندىن كېيىن يۇتۇۋەتسە، ئېغىز بوشلۇقى ياللۇغىغا مەنپەئەت قىلىدۇ. 2. بۇرۇن بوشلۇقى ياللۇغى: ئاۋۋال ئىككى بىگىز بارماق بىلەن قاڭشارنىڭ ئىككى تەرىپىنى ئاستى ۋە ئۈستىگە قىلىپ قايتىلاپ 100 قېتىم (ئېچىشىش،كۆپۈش سېزىمى بولغۇچە)، كېيىن ئىككى بىگىز بارماقنىڭ ئۇچى بىلەن بۇرۇننىڭ ئىككى تەرىپىدىكى بۇرۇن قانىتىنىڭ يېنىدىكى بۇرۇن ئەينىكى ئېرقچىسىنى كۈندە كەچتە 100 قېتىم ئۇۋۇلاپ بېرىشنى ئۇزاق مۇددەت داۋاملاشتۇرسا ئۈنۈمى ياخشى بولىدۇ.
    3. قۇلاق ياللۇغى: 50 گىرام يېڭى ئاندروگرافىس نېلۇپەرىنى ئېزىپ شىرنىسىنى چىقىرىپ، دىزىنفىكسىيەلەنگەن پاختا شارچىسىنى چىلاپ قۇلىقىغا تىقىپ 2-3 مىنۇت تۇ...
  • يۈرەك مۇسكۇلى ياللۇغى ۋە زۇكام

    ۋاقتى: 2015-02-11 ئاۋاتلىقى: 1915 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 2
    يۈرەك مۇسكۇلى ياللۇغى يۈرەك مۇسكۇلىدىكى يامرىما ئۆتكۈر، سۇس ئۆتكۈر ياكى سوزۇلما ياللۇغلۇق كېسەللىك ئۆزگىرىشىنى كۆرسىتىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ۋىرۇسلۇق يۈرەك مۇسكۇلى ياللۇغىنىڭ يۈز بېرىش نىسبىتى ئۈزلۈكسىز ئېشىۋاتىدۇ. بۇ كېسەلنىڭ بوۋاق، بالىلاردىكى كېسەللىك ئەھۋالى ئېغىرراق، قۇرامىغا يەتكەنلەردىكى كېسەللىك ئەھۋالى يېنىكرەك بولىدۇ. ئەھۋالى يېنىكلەردە روشەن كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلمەيدۇ. ئەھۋالى ئېغىرلاردا ئېغىر دەرىجىدە يۈرەك رىتىمسىزلىقى، يۈرەك ئىقتىدارى نورمالسىز بولۇش، ھەتتا تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كېتىش يۈز بېرىدۇ.
    زۇكام دائىم كۆرۈلىدىغان نەپەس يولى يۇقۇملۇق كېسەللىكى بولۇپ، كۆپ خىل ۋىرۇسنىڭ يۇقۇملاندۇرۇشىدا يۈز بېرىدۇ. كۆپىنچە زۇكام بىمارلىرى بىر قانچە كۈن ياكى ئۇزاق بولغاندا ئىككى ھەپتىدە ساقىيىپ كېتىدىغان بولغاچقا، كىشىلەرنىڭ ئانچە دىققىتىنى قوزغىمايدۇ. يۈرەك مۇسكۇلى ياللۇغى ...
  • مۈرە ئاغرىقى مۈرە ئەتراپى ياللۇغىدىن دېرەك بەرمەيدۇ

    ۋاقتى: 2015-02-11 ئاۋاتلىقى: 1785 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 1
    مۈرە ئاغرىقى دائىم كۆرۈلىدىغان بىر خىل كېسەللىك ئالامىتى، لېكىن بىر قىسىم كىشىلەر سەۋەبى ئېنىق بولمىغان مۈرە ئاغرىقلىرىنىڭ ھەممىسىنى مۈرە ئەتراپى ياللۇغى، دەپ قارايدۇ. مۈرە ئەتراپى ياللۇغىمۇ مۈرە ئاغرىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، لېكىن كۆپىنچىسى مۈرىنىڭ زەخىملىنىشىدىن پەيدا بولىدىغان بولۇپ،بۇ مۈرە ئاغرىقى بىمارلىرىنىڭ %60-%40 ىنى ئىگىلەيدۇ.
    مۈرە ئەتراپى ياللۇغى مۈرە بوغۇمى ئەتراپىدىكى يۇمشاق توقۇلمىلارنىڭ زەخىملىنىشىدىن پەيدا بولىدىغان كەڭ دائىرلىك باكتېرىيەسىز كېسەللىك، بۇ مۈرە قىسمىنىڭ ھەرىكەت قىلماي قېتىپ قېلىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، ئادەتتە 50 ياشلار ئەتراپىدا قوزغىلىدۇ. مۈرە ئەتراپى ياللۇغىنىڭ كېسەللىك ئالامەتلىرى: مۈرە ئەتراپى ئاغرىيدۇ، ئېنىق ئاغرىق ئورنىنى كۆرسىتىپ بېرىشمۇ تەس، ئاغرىغان جاينى ئالىقىنىمىز بىلەن چىڭ بېسىپ تۇرساق،«راھەت» لەنگەندەك ھېس قىلىمىز، مۈرە ئەتراپى ياللۇغى ...
  • يەللىك بوغۇم ئاغرىقى بارلار سۈت، تۇخۇم بىلەن ئاقسىل تولۇقلىشى كېرەك

    ۋاقتى: 2015-02-11 ئاۋاتلىقى: 1975 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 2

    يەللىك بوغۇم ئاغرىقى بىمارلىرى ئادەتتە گۆش، بېلىق، پۇرچاق قاتارلىق تەركىبىدە ئاقسىل كۆپ بولغان يېمەكلىكلەرنى ئاز يەيدۇ، چۈنكى بۇ خىلدىكى يېمەكلىك تەركىبىدە پۇرىن يەللىك بوغۇم ئاغرىقى بىمارلىرىغا زىيانلىق. لېكىن يەللىك بوغۇم بىمارلىرى بەدەنگە ئېھتىياجلىق بولغان ئاقسىلنى قانداق تولۇقلايدۇ؟ 

    پۇرىن ئەمەلىيەتتە يادرو كىسلاتا مولېكولاسىنىڭ تەركىبى بولۇپ، ئېرسىيەت ماددىسى كۆپىنچە ھۈجەيرە يادروسىدا بولىدۇ. سۈت كالىنىڭ سۈت بېزى ھۈجەيرىسىدىن ئاجرىلىپ چىققان سۇيۇقلۇق بولۇپ، ئۇنىڭدا ھۈجەيرە يادروسى بولمايدۇ، شۇنىڭدەك پۇرىن بولمىغاچقا، يەللىك بوغۇم ئاغرىقى بىمارلىرى ئادەتتە تۇخۇم ۋە سۈت ئىستېمال قىلىپ ئاقسىل تۇلۇقلاپ بەرسە بولىدۇ.

     

    ئەسلى مەنبە: شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى

    ...
  • ئاقسىل ۋە ھاياتلىق

    ۋاقتى: 2015-02-11 ئاۋاتلىقى: 2269 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 0
    ئاقسىل تالقىنى سېرىق پۇرچاق ئاقسىلى، لالتالبۇمىن، لېتسىتىنلاردىن ياسىلىدۇ. نۇرغۇن ئۆسۈملۈك ئاقسىللىرى ئىچىدە، ئوزۇقلۇق قىممىتى ئەڭ يۇقىرى بولغىنى پۇرچاق تۈرىدىكى ئاقسىللار (سېرىق پۇرچاق ئاقسىلى دەپمۇ ئاتىلىدۇ)، يەنە كېلىپ پۇرچاق تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرنىڭ تەركىبىدە خولېستېرىن يوق، سېرىق پۇرچاق ئاقسىلى ئاقسىل تالقىنىنىڭ دائىم ئىشلىتىدىغان خام ماتېرىيالى. ئاقسىل تالقىنى ئادەتتە ساپلاشتۇرۇلغان سېرىق پۇرچاق ئاقسىلى، قېتىق ئاقسىلى، لاكتالبۇمىن ياكى يۇقىرىدىكى بىرنەچچە خىل ئاقسىلنىڭ بىرىكمىسىدىن تەركىب تاپقان تالقان بولۇپ، سۇدا مىكرو مىقداردا ئېرىيدۇ، ئالكوگول، ئېتىل ئېفىر ۋە خلوروفورمدا ئېرىمەيدۇ.
    ئاقسىل تالقىنىنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى ئاقسىل تالقىنى سېرىق پۇرچاق ئاقسىلى، لاكتالبۇمىن، سۈت ئاقسىلى، لېتسىتىندىن ياسىلىدىغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئاساسلىق تەركىبلىرىدىن بىرى بولغان لاكتالبۇمىندا مول مېت...
  • لوقمان ھەكىم ئۈسۈملۈك ئاقسىل تالقىنىنىڭ رولى

    ۋاقتى: 2015-02-11 ئاۋاتلىقى: 2222 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 1
    ئادەم بەدىننىڭ فىزىئولوگىيەلىك ئېھتىياجىنى ئۈنۈملۈك كاپالەتلەندۈرىدۇ  ئاقسىل بولسا ئادەم بەدىنىدىكى نېتروگىن ئېلېمېنتىنىڭ ئاساسلىق مەنبىيى بولۇپ، سەرپ بولىدىغان بىر قىسىم ئېنىرگىيەنى تەمىنلىگەندىن باشقا، يېڭى توقۇلمىلارنىڭ بىرىكىشىگە قاتنىشىدۇ، بالاغەتكە يەتكەن ئادەمنىڭ بەدىنىدىكى ئاقسىل ئومۇمىي بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ تەخمىنىەن 17 پىرسەنتىنى ئىگەللەيدىغان بولۇپ، ھەر كۈنى 3 پىرسەنت ئاقسىل مىتابولىزىم ئېلىپ بېرىپ يېڭىلىنىدۇ، بوۋاقلار، ياش ئۆسمۈرلەر، ھامىلىدار ئاياللار ۋە سۈت ئىمىتىۋاتقان ئاياللار ئاقسىلنىڭ يېڭىلىنىشنى داۋاملاشتۇرغاندىن باشقا يەنە يېڭى توقۇلمىلارنى ھاسىل قىلىش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش كېرەك. بەدەندىكى ئاقسىل يېتىشمىگەن ۋاقىتتا، ئادەم بەدىنىنىڭ ئاساسى ھاياتلىق پائالىيىتى تەسىرگە ئۇچراپ، بالىلار ۋە ئۆسمۈرلەرنىڭ ئۈسۈپ-يېتىلىشى كېچىكىش، بەدەن ئېغىرلىقى تۆۋەن بولۇش ئەقلى قابىلىيىتىن...
  • قىزلاردا ئادەت بالدۇر كەلسە، دىيابېت كېسىلىنىڭ خەتىرى چوڭ بولىدۇ

    ۋاقتى: 2015-02-04 ئاۋاتلىقى: 1584 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 3

    ئەنگىلىيە كامبېرىج ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تارقىلىشچان كېسەللىكلەر مۇتەخەسسىسىنىڭ ئەڭ يېڭى تەتقىقاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، بالدۇر يېتىلىپ، ئادەت بالدۇر كەلگەن قىزلاردا قۇرامىغا يەتكەندىن كېيىن ئىككىلەمچى دىيابېت كېسىلى بولۇش خەتىرى يۇقىرى بولىدىكەن.


    تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئۆسمۈرلۈك دەۋرىدە بالدۇر يېتىلگەن قىزلارنىڭ كېيىنكى ۋاقىتتا ماددا ئالمىشىش خاراكتېرىدىكى كېسەللىككە دۇچار بولۇش نىسبىتى يۇقىرى بولىدىكەن. بولۇپمۇ بالدۇر سەمىرىش، يۈرەك كېسلى ۋە باشقا راك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى يۇقىرى بولىدىكەن. بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ ئېشىپ كېتىشىمۇ مۇھىم ئامىل بولۇپ، ياغ توقۇلمىسى ھورمۇن ئىشلەپچىقىرىپ، ئىچكى ئاجراتما سىستېمىسىنى قالايمىقانلاشتۇرىۋېتىدىكەن. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاتا-ئانىلار ب...
  • مەزى بېزى ياللۇغى سۇ كەملىكتىن بولۇشى مۇمكىن

    ۋاقتى: 2015-02-04 ئاۋاتلىقى: 2343 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 1
    ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ ئادەمنىڭ سەزگۈ ئەزالىرىنىڭ سېزىمچانلىقى تەدرىجىي تۆۋەنلىگەچكە، بەدەندە سۇنىڭ كېمەيگەنلىكىنىمۇ ئانچە ھېس قىلمايدۇ، بۇنىڭغا خىزمەتنىڭ ئالدىراشلىقى قوشۇلۇپ سۇ ئىچىپ تۇرۇش ئۇنتۇلۇپ قالىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ھۈجەيرىلەر ئۇزاق مۇددەت «سۇ كەملىك» ھالىتىدە تۇرۇپ قالىدۇ.  بەدەندىكى ئەزا ۋە توقۇلما ھۈجەيرىلەر ئۇزاق مۇددەت يېتەرلىك سۇغا ئېرىشەلمىسە قورۇلۇپ قېلىپ، بەدەن سۇيۇقلۇقى (قان ۋە سۈيدۈك) قويۇقلىشىپ كېتىدۇ، بۇ يۈرەك قان تومۇر كېسەللىرىنى پەيدا قىلغاندىن باشقا، سۈيدۈك يولىدا تاش پەيدا قىلىدۇ، يەنە سۈيدۈك قويۇقلىشىپ، چىقىرىلىش قېتىم سانى ئازىيىپ، سۈيدۈك يولىدىكى ئەزالار، بولۇپمۇ مەزى بېزىنى ئاسانلا زەخىملەندۈرۈپ قويىدۇ. 
    مۇتەخەسسىسلەرنىڭ تونۇشتۇرۇشىغا قارىغاندا، مەزى بېزى ياللۇغى ئاساسەن جىددىي خاراكتېرلىك مەزى بېزى ياللۇغى ۋە ئاستا خاراكتېرلىك مەزى بېزى ي...
  • دىئابىت دائىم تاتلىقنى كۆپ يېگەنلىكتىن بولامدۇ؟

    ۋاقتى: 2015-02-04 ئاۋاتلىقى: 1975 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 1

    كىچىكىمىزدە دائىم مۇنۇ سۆزنى كۆپ ئاڭلايمىز: «كەمپۈتنى ئاز يە، كەمپۈتنى كۆپ يېگەندە سۈيدۈكتە شېكەر پەيدا بولۇپ قالىدۇ-دە، دىئابىت كېسىلى بولۇپ قالىسەن.» بۇ سۆزنىڭ ئىلمى ئاساسى بارمۇ؟


    دىئابىت كېسىلى ئىسمىدىن قارىماققا، «سۈيدۈكتە قەنت ماددىسى بولۇش.»نى كۆرسەتسىمۇ، ئەمما دىققەت قىلىش كېرەك بولغىنى، ئەمەلىيەتتە بۇ ئىككىسى ئىككى ئۇقۇم. نورمال ئەھۋال ئاستىدا، سۈيدۈكتە قەنت ماددىسى بولمايدۇ. چۈنكى، قاندىكى قەنت ماددىسى بۆرەكنىڭ سۈزۈشىدىن ئۆتكەندىن كېيىن، بۆرەك نەيچىسى ئارقىلىق قايتا سۈمۈرۈلىدۇ. بىراق، قاندىكى قەنت مىقدارى زىيادە يۇقىرى بولسا، يەنى 180mg/dL بولغاندا، بۆرەك نەيچىسى بۇ قەنت ماددىسىنى سۈمۈرۈشكە ئۈلگۈرەلمەيدۇ-دە، قەنتلىك سۈيدۈك ھاسىل بولىدۇ.  ئادەم بەدىنىگ...
  • مەزى بېزى ھەققىدە بىر نەچچە ساۋات

    ۋاقتى: 2015-02-04 ئاۋاتلىقى: 2584 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 1
    1. مەزى بېزى يۇقۇملىنىشنىڭ سەۋەبى تېخى پۈتۈنلەي ئىنىقلىنىپ بولغىنى يوق، كونكرېت داۋالاش ئۇسۇلى ۋە قوللىنىشقا بۇلىدىغان داۋالاش ئۈنۈمىنى باھالاپ بىكىتىش لاھىيەسىمۇ يوق. 2. مەزى بېزىنىڭ ئورنى بىر ئاز چوڭقۇر بولۇپ، ئاجرالمىلىرى مەزى بېزى نەيچىلىرىدىن ئۆتۈپ سۈيدۈك يۇلىغا كىرىدۇ. ياللۇغلىنىش يۈز بەرگەندە، نەيچىلەر ئۇڭايلا تۇسۇلۇپ قالىدۇ-دە، ئاجرالمىلارنىڭ ئېقىپ چىقىشى راۋان بولمايدۇ، نەتىجىدە ياللۇغ ئۇڭايلىقچە ساقايمايدۇ. 3. سوزۇلما مەزى بېزى ياللۇغى كۈپىنچە قۇشۇمچە ئۇرۇقدان ياللۇغى، ئۇرۇقدان خالتىسى ياللۇغى، سۈيدۈك يۇلى ياللۇغى، دوۋساق ياللۇغى قاتارلىقلار بىلەن بىللە مەۋجۇت بۇلۇپ تۇرىدۇ ۋە بىر-بىرىنىڭ سەۋەپچىسى بولۇپ قالىدۇ. 4. مەزى بېزىنىڭ سىرتقى يۈزىنى بىر قەۋەت مايلىق پەردە قاپلاپ تۇرىدۇ. كۆپلىگەن دورىلار بۇقەۋەتتىن سىڭىپ ئۈتۈپ مەزى بېزىگە كىرەلمەيدۇ-دە، ئۈنۈملۈك داۋالاش ق...
  • تاماكا ۋە تاجىسىمان قىزىل تومۇرلۇق يۈرەك كېسىلى

    ۋاقتى: 2015-02-03 ئاۋاتلىقى: 2141 قېتىم باھالار: 1 پارچە ياقتۇرغانلار: 2
    تاجىسىمان قىزىل تومۇرلۇق يۈرەك كېسىلى بار ئادەملەردىكى ئۈچ چوڭ خەتەر-يۇقىرى قان بېسىم، قاندىكى ماي تەركىبى يۇقىرى بولۇش ۋە تاماكا چېكىشتىن ئىبارەت. تاجىسىمان قىزىل تومۇرلۇق يۈرەك كېسىلى ياكى يوشۇرۇن ھالىتىدىكى تاجىسىمان قىزىل تومۇرلۇق يۈرەك كېسىلى بولۇپ، دىئاگنوزى ئېنىقلانغان كۆپلىگەن ئادەملەر كۆپ مىقداردا تاماكا چەككەندىن كېيىن ئۆلۈپ كەتكەن. ئۇلارنىڭ ئۆلۈشىگە ئۆتكۈر يۈرەك ئىنفاركىتى سەۋەب بولغان. ئادەم ئۆلتۈرىدىغان قاتىل-نىكوتىل. نىكوتىل قان تومۇرنى سىپازما قىلىپ، يۈرەك ھەرىكىتىنى تېزلىتىدۇ. قان بېسىمىنى ئۆرلىتىدۇ. ھەر قېتىم يۈرەك قىسقارغاندا سىقىپ چىقىرىدىغان قان مىقدارىنى تۆۋەنلىتىدۇ ھەمدە يۈرەك نېرۋىسىنىڭ ئۆتكۈزگۈچى رولىنى قالايمىقانلاشتۇرىدۇ. نىكوتىن خولېستىرولنى ئاشۇرىدۇ ھەم قان تومۇر دىۋارىنىڭ ئۆتكۈزۈشچانلىقى ئۆزگەرتىپ، خولېستىرولنى قىزىل قان تومۇرىنىڭ دىۋارىغا چۆكتۈرۈپ، قىزىل قان...
  • يۈرەك كېسىلىنىڭ بەش خىل سىگنالى

    ۋاقتى: 2015-02-03 ئاۋاتلىقى: 1361 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 2
    1. ئەرلەرنىڭ چېچى چۈشۈپ كېتىدۇ. ئەرلەرنىڭ چوققا چېچى چۈشسە، يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپى زور بولىدۇ. تەتقىقارلاردا ئىسپاتلىنىشىچە، چېچى قويۇقلارغا سىلىشتۇرغاندا، چوققا چېچى ئازلاپ كەتكەنلەرنىڭ يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەتىرى %23 تىن يۇقىرى بولىدىكەن. ئەرلەرنىڭ چېچىنىڭ چۈشۈپ كېتىشى ئەرلىك ھورمىنى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن، شۇڭا چوققا چېچى چۈشۈپ كەتكەن ئەرلەر يۈرىكىنى ئاسىراشقا بەكرەك دىققەت قىلىشى كېرەك ئىكەن. 2. پۇت-قوللار ئىششىپ كېتىش. ئەگەر يۈرەكنىڭ خىزمىتى ياخشى بولماي، قان ئايلىنىش ئۈنۈملۈك بولمىغاندا، پاچاققا سۇ يىغىلىۋالىدۇ،بۇ ۋاقىتتا يۈرەككە مۇناسىۋەتلىك باشقا كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرىلىدۇ، مەسىلەن: ئېغىرلىقى ئىشىپ كېتىش، كېچىسى كۆپ يۆتىلىش قاتارلىقلار، پاچاق ۋە ئوشۇق ئىششىپ قېلىپ ئاسانلىقچە يانمايدۇ، بۇ خىل ئىششىق يۈرەك خارەكتىرلىك ئىششىق، دېيىلىدۇ. 3.چىش مىلىكى كېسەلل...
  • يۈرەك كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان سەۋەبلەر

    ۋاقتى: 2015-02-03 ئاۋاتلىقى: 1219 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 0
    ھەممىزگە مەلۇم، تاماكا چېكىش، ھاراقنى كۆپ ئىچىش، چېنىقىش كەمچىل بولۇش، سېمىزلىك قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن نۇرغۇن كىشى يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، تۆۋەندىكىدەك بىر قىسىم سەۋەبلەرمۇ يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بۇلۇش نىسبىتىنى ئاشۇرىۋېتىدىكەن. بەك كەچ ئۇخلاش-دائىم يېرىم كېچىدە ياكى ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇخلايدىغانلاردا قان تومۇر قېتىش قاتارلىق يۈرەككە پايدىسىز ئەھۋاللار كۆپ كۆرۈلىدۇ. تۇرمۇش كۆڭۈلدىكىدەك بولماسلىق-بەزى كىشىلەر تۇرمۇشى كۆڭۈلدىكىدەك بولمىغانلىقتىن، دائىم غەمكىن يۈرىدۇ. بۇ يۈرەك كېسىلىنىڭ قوزغىلىش نىسبىتىنى ئاشۇرۇۋىتىدۇ. تۇرمۇش كۆڭۈلدىكىدەك بولسا، بۇ نىسبەت كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلەيدۇ. سۇنى ئاز ئىچىش-كۈندە ئىككى ئىستاكان سۇ ئىچكەن كىشى بىلەن بەش ئىستاكان سۇ ئىچكەن كىشىنى سېلىشتۇرغاندا، بەش ئىستاكان سۇ ئىچكۈچىنىڭ يۈرەك ھەم قان تومۇر كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتىن...
  • يۈرەك قان تومۇر كېسىلى بىمارلىرى ناشتىغا ئەھمىيەت بېرىشى لازىم

    ۋاقتى: 2015-02-03 ئاۋاتلىقى: 1111 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 0
    سەھەر يۈرەك كېسىلى ۋە قان يېتىشمەسلىك تىپىدىكى سەكتە ئەڭ كۆپ يۈز بېرىدىغان ۋاقىت . تەتقىقاتقا ئاساسلانغاندا، بۇنى سەھەردە قاننىڭ يېپىشقاقلىق دەرىجىسى يۇقىرى بولىدىغانلىقى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن. ناشتا قىلمىسا، قاننىڭ يېپىشقاقلىقى تېخىمۇ ئېشىپ، ئاسانلا يۈرەك كېسىلى ۋە قان يېتىشمەسلىك تىپىدىكى سەكتە يۈز بېرىدىكەن. يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى تەتقىقات نەتىجىلىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، بىر كېچىنى ئۆتكۈزگەندىن كېيىن، قاندىكى قان پلاستىنكىلىرىنىڭ ئاكتىپلىقى، ئۇيۇشقاقلىقى ۋە يېپىشقاقلىق دەرىجىسى ئېشىپ، قاننىڭ ئېقىشى ئاستىلاپ، تاجىسىمان سوققاق تومۇردىكى قاننىڭ ئېقىم مىقدارى ئازلاپ كېتىدىكەن. بۇ خىل شارائىتتا، سوققاق تومۇر قېتىشىش ۋە يۈرەك قان تومۇر كېسىلى بىمارلىرىدا ئاسانلا يۈرەك كېسىلى قوزغىلىش، مېڭە قان تومۇرى توسۇلۇپ، قان يېتىشمەسلىك تىپىدىكى سەكتە يۈز بېرىدىكەن. ناشتىدىن كېيىن B - قان شارچە ئاقسىلىنىڭ ...
  • ئائىلە بەختلىك بولسا، يۈرەكمۇ ساغلام بولىدۇ

    ۋاقتى: 2015-02-03 ئاۋاتلىقى: 929 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 0
    تەتقىقات نەتىجىسىدىن كۆرسىتىلىشىچە، ئائىلىنىڭ بەخت كۆرسەتكۈچى كىشىلەرنىڭ يۈرەك ساغلاملىقىغا زور دەرىجىدە تەسىر كۆرسىتىدىكەن. مەسىلەن، دائىم ئۇرۇش – جېدەل بولۇپ تۇرىدىغان ئائىلىدىكى كىشىنىڭ قان بېسىمى ئاسانلا ئۆرلەپ، خولېستېرىن بىلەن قەنتنىڭ  قويۇقلۇقىنى ئاشۇرۇۋېتىدىكەن. ئازابلىق نىكاھ تۇرمۇشى يۈرەكنى ئاسانلا كاردىن چىقىرىدىكەن. ئۇنىڭ ئەكسىچە ئۆزئارا مەدەت بېرىپ، ئۆزئارا ئىناق ئۆتكەن ئەر – خوتۇنلارنىڭ قان بېسىمى ناھايىتى نورمال بولۇپ، ناھايىتى ساغلام بولىدىكەن. بەختلىك نىكاھ تۇرمۇشىنىڭ يۈرەك ئاجىزلىقىنى ياخشىلاشتا ياردىمى ناھايىتى چوڭ ئىكەن....
  • ئەتتىگەندە ناشتا قىلماسلىق سالامەتلىككە زىيانلىق

    ۋاقتى: 2013-12-08 ئاۋاتلىقى: 995 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 0

    ئاتا-بوۋىلىرىمىز قەدىمدىن تارتىپ، ئەتتىگەنلىك ناشتىغا بەكمۇ ئەھمىيەت بىرىپ كەلگەن. شۇڭا ئۇلار ‹‹ئەتتىگەنلىك ناشتا ئەڭ شىپالىق دورا›› دېگەن ھېكمەتلىك سۆزنى قالدۇرغان. تىببى پەن ئالىملىرى كۆپلىگەن سەۋەبى ئېنىق بولمىغان كېسەللىكلەرنىڭ پەيدا بولۇشىدىكى مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرى ئەتتىگەنلىك ناشتىنى ۋاقتىدا يېمەسلىكتىن بولىدۇ،دەپ قارىماقتا. مەسىلەن، ئۆت ياللۇغى، ئۆت تېشى كېسەللىكى، ئاشقازان-ئون ئىككى بارماق ئۈچەي يارىسى، ھەزىم قىلىش يوللىرىدىكى راك كېسەللىكى، قاندىكى قەنت مىقدارى تۆۋەنلەپ كىتىش، باش قېيىش، كۆڭلى ئېلىشىش، ھۇشىدىن كىتىش قاتارلىق كىسەللىكلەر ئەتتىگەنلىك ناشتىنى ۋاقتىدا يېمەيدىغانلاردا كۆپ ئۇچرايدىغانلىقى ئىسپاتلاندى.


    دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ يېقىنقى مەزگىلىدىك...
  • تۇخۇم ئىستېمال قىلىشتىكى ئالتە خىل خاتا ئۇسۇل

    ۋاقتى: 2013-12-08 ئاۋاتلىقى: 1807 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 0

    تۇخۇم يېيىشلىك ھەم ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى يېمەكلىك. ئەگەر تۇخۇم ئىستېمال قىلىش ئۇسۇلى توغرا بولمىغاندا، بەدەننى قۇۋۋەتلىگۈچى بۇ مەھسۇلات <<ئەخلەت>> كە، ھەتتا «زەھەر» گە ئايلىنىدۇ.

    1. خام تۇخۇمدا تۈرلۈك باكتېرىيە بولۇپ، ئىچ سۈرۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ؛

    2. بەك پىشقان تۇخۇم ئاسان ھەزىم بولمايدۇ؛

    3. تۇخۇم بىلەن پۇرچاق سۈتىنى بىللە ئىستېمال قىلماسلىق كېرەك. پۇرچاق سۈتىنى بىلەن تۇخۇمنى بىللە ئىستېمال قىلغاندا، پۇرچاق سۈتى تەركىبىدىكى ئالاھىدە ماددا تىرىپسىن تۇخۇم ئېقى تەركىبىدىكى تۇخۇم ئاقسىلى بىلەن بىرىكىپ، ئوزۇقلۇق تەركىبلەرنى يوقىتىۋېتىدۇ؛

    4. تۇخۇم بىلەن شېكەرنى ئارىلاشتۇرۇپ پىشۇرماسلىق كېرەك، چۈنكى يۇقىرى تېمپېراتۇرىدا لىسىن كىسلاتاسى شەكىللىنىپ، تۇخۇم تەركىبىدىكى پايدىلىق ئامىنو كىسلاتاسى بۇزۇلۇپ كېتىدۇ ھەم...

  • ئەرلەر ساغلاملىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش

    ۋاقتى: 2013-12-08 ئاۋاتلىقى: 1343 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 0
    ياشلار ۋە ئوتتۇرا ياشلىقلار مەزى بېزى ياللۇغىنىڭ «ئىزباسار» لىرىدۇر. مەزى بېزى ياللۇغىغا گىرىپدار بولغان ئەرلەر ئۇزۇنغا سوزۇلغان، تەكرار قوزغالغان كېسەللىكنىڭ ئازابىنى يەتكۈچە تارتىشماقتا. چۈنكى، ئۇلار مەزى بېزى ياللۇغىنىڭ دەسلەپكى ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە ئانچە ئېرەنشىپ كەتمەيدۇ، ئۆزلىرىنىڭ كېسەللىنىۋاتقانلىقىغىمۇ ئەھمىيەت بېرىشمەيدۇ، ئادەتتە تۇرمۇشتىكى پەرھىزلەرگە تېخىمۇ دىققەت قىلمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن كېسەللىكى توختىماي ئېغىرلىشىپ، جىنسىي ئىقتىدارى توسالغۇغا ئۇچراش، پەرزەنت كۆرۈش ئىقتىدارىدىن قېلىش قاتارلىق ئېغىر ئەگەشمە كېسەللىكلەر كۆرۈلگەندىلا ، ئاندىن داۋالىنىشنىڭ مۇھىملىقىنى ھېس قىلىشىدۇ. ياشلار ۋە ئوتتۇرا ياشلىقلار مەزى بېزى ياللۇغى كۆپ كۆرۈلىدىغان توپ بولۇش سۈپىتى بىلەن مەزى بېزى ياللۇغىنىڭ ئالامەتلىرىنى كۆپرەك چۈشىنىشى، كۈندۈلۈك تۇرمۇشتا ئۆزىنىڭ ت...
  • نېمە ئۈچۈن رېماتىزىم كېسىلى كۈز ۋە قىش پەسلىدى قوزغىلىدۇ؟

    ۋاقتى: 2013-12-08 ئاۋاتلىقى: 948 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 0
    گەرچە تۇرمۇش سۈپىتىمىز تەدرىجىي ئۆسكەن بولسىمۇ، لېكىن ئەتراپىمىزدا نېمە ئۈچۈن شۇنچە كۆپ كىشىلەر يەنىلا رېماتىزىمنىڭ ئازابىنى تارتىدۇ؟ بولۇپمۇ كۈز ۋە قىش پەسىلىدە تېخىمۇ شۇنداق بولىدۇ؟ ھازىر رېماتىزىم كېلىسى يالغۇز ياشانغانلاردىلا كۆرۈلۈپ قالماستىن، بەلكى تەدرىجىي ھالدا ياشلارغا قاراپ يامرىماقتا. سوغۇق شامال كېلىشى بىلەنلا، نېمە ئۈچۈن رېماتىزىم كۆپىيىپ كېتىدۇ؟
    كىلىنىكىدا بىر قىزىقارلىق ئەھۋال بايقالغان، %90 تىن ئارتۇق رېماتىزىم بىمارلىرىدا يامغۇر ياغقان ياكى ھاۋا سوۋۇشقا باشلىغان مەزگىلدە ئاغرىق باشلىنىدىكەن. ھەتتا ئېغىرلاپ قېلىش ئەھۋالى كۆرۈلىدىكەن. نۇرۇن كىشىلەر ئاغرىق ئازابىدىن ئۇخلىيالمايدىكەن. ئۇنداقتا نېمە ئۈچۈن شۇنداق بولىدۇ؟  ئادەتتىكى ئەھۋالدا، تاشقى مۇھىتنىڭ نەملىكى ئېشىپ، ھاۋا بېسىمى ئۆرلىگەندە، بەدەندىكى خىلىتلار بەدەندىكى ...
  • قىشتا تىزنى ئاسراشقا دىققەت قىلىش كېرەك

    ۋاقتى: 2013-12-08 ئاۋاتلىقى: 1271 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 0
    بۇ يىل 11 – ئاينىڭ 17 – كۈنى باش قىشنىڭ باشلىنىشى. يېقىندا سوغۇق ھاۋانىڭ جەنۇبقا تەسىر كۆرسىتىشى بىلەن گۇيلىندا ئۇدا ئىككى كۈن يامغۇرلۇق ھاۋارايى كۆرۈلدى. جۇڭگو تېبابىتى دورىگەرلىكى ئۇنىۋېرسىتېتى 1 – تارماق دوختۇرخانىسى مېھىر – شەپقەت مۇتەخەسسىسلەر بىناسى سۆڭەك بۆلۈمىنىڭ مۇدىر ۋىراچى ۋاڭ مىڭجيېنىڭ كۆرسىتىشىچە، رېماتىزىملىق بۇغۇم ياللۇغى بىمارلىرى باش قىشتا تىز بۇغۇمىنى ئاسراشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىشى، ساغلام كىشىلەرمۇ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرىنى قوللىنىشى لازىم ئىكەن.

    تىزنى ئىسسىق تۇتۇش، توڭلاتماسلىق.


    ۋاڭ مىڭجېي مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: سوغۇق، نەم ھاۋا ۋە سوغۇق سۇ رېماتىزملىق بوغۇم ياللۇغىنى پەيدا قىلىدۇ. شۇنداقلا رېماتىزملىق بوغۇم...
  • يۇقۇملۇق زۇكامدىن ساقلانغىلى بولامدۇ؟

    ۋاقتى: 2013-12-08 ئاۋاتلىقى: 924 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 0

    نونىنىڭ ئادەمنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرۇشتىكى رولى چوڭ بولۇپ، مىكروب ۋە ۋىرۇسقا قارشى تۇرالايدۇ، شۇڭا ئۇ زۇكام ۋە يۇقۇملۇق زۇكامنىڭ تارقىلىشىنىڭ ئالدىنى ئالالايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ئۇ كېكىردەك ۋە كانايچە سۇيۇقلۇقىنىڭ ھەددىدىن زىيادە بولۇپ كېتىشىنى كونترول قىلالىغاچقا، ئاستا خاراكتېرلىك كانايچە ياللۇغى بىلەن ئۆپكە گازلىق ئىششىقىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا رولى چوڭ.


    نونى مېۋىسىنىڭ تەركىبىدىكى مورىن بويىقى نايتۇيكىسى بىلەن چۈچۈكبۇيا مىكروب ۋە ۋىرۇستىن يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئالالايدۇ، نەپەس يولى سىستېمىسىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئاشۇرالايدۇ. تەركىبىدىكى ۋىتامىن C، مىنېرال ماددىلاردىن سىنىك، گېرمانىي، مانگان، گۈڭگۈرت كىرىمنىي ئەركىن رادىكاللارغا قارشى تۇرۇپ، ئادەمنىڭ ئىممۇنىتېت ئىق...
  • كېكىردەك قاپقىقى ياللۇغىغا سەل قارىماڭ

    ۋاقتى: 2013-12-08 ئاۋاتلىقى: 892 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 0

    جىددىي خاراكتېرلىك كېكىردەك قاپقىقى ياللۇغى ئادەتتە سوغۇق تېگىپ قېلىش قاتارلىق سەۋەبلەردىن بولغان كېكىردەك قاپقىقى قىسمىدىكى جىددىي خاراكتېرلىك ياللۇغدىن بولىدۇ. بۇ ياز پەسلىدە كۆپرەك كۆرۈلىدۇ، بولۇپمۇ ياشلارنىڭ سالقىن ھاۋاغا ئامراق بولۇشى، ھاۋا تەڭشىگۈچنى كېچىچە ئېچىپ قويۇشىدىن بولىدۇ. ھاۋانىڭ ئىسسىشىغا ئەگىشىپ قىز-ئاياللارمۇ تۆۋەن ياقىلىق كىيىملەرنى كىيىشكە باشلايدۇ، بۇمۇ ئومۇرتقىنى شامالدىتىپ، جىددىي خاراكتېرلىك كېكىردەك قاپقىقى ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇنىڭغا ھەرگىز سەل قاراشقا بولمايدۇ. 


    كېكىردەك قاپقىقىدا كېسەللىك كۆرۈلسە، ئاسان بىلگىلى بولمايدۇ. ئېغىر بولغان جىددىي خاراكتېرلىك كېكىردەك قاپقىقى ياللۇغى بولۇپ قالغاندا، كېكىردەك ئىششىش، نەپەس يول...

  • ‹‹يۆتەل توختىتىش›› بىلەن ‹‹بەلغەم بوشىتىش›› بىر گەپ ئەمەس

    ۋاقتى: 2013-12-08 ئاۋاتلىقى: 1610 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 0
    ەپەسلىنىش سىستېمىسى كېسەللىرىنى داۋالايدىغان بىر قىسىم جۇڭگو تېبابىتى دورىلىرىنىڭ چۈشەندۈرۈشىدە ‹‹يۆتەل توختىتىپ، بەلغەم بوشىتىدۇ›› دېگەندەك خەتلەرنى كۆرىمىز. نۇرغۇن كىشى يۆتىلىپ قالسا ياكى بەلغەم تۈكۈرسە ‹‹يۆتەل توختىتىش››، ‹‹بەلغەم بوشىتىش›› تەك قوش رولغا ئىگە جۇڭگو تېبابىتى دورىلىرىنى تاللايدۇ. ئەمەلىيەتتە، ‹‹يۆتەل توختىتىش›› بىلەن ‹‹بەلغەم بوشىتىش›› ئوخشىمىغان ئىككى خىل ئۇقۇم. ئومۇمەن يۆتەلنى پەسەيتىدىغان ياكى توختىتىدىغان جۇڭگو تېبابىتى دورىلىرى ياكى ياسالمىلىرى ‹‹يۆتەل توختىتىدىغان دورىلار›› دېيىلىدۇ؛ بەلغەم بوشىتىش ياكى بەلغەم يوقىتىش رولىغا ئىگە دورىلار ‹‹بەلغەم بوشىتىدىغان دورىلار›› دېيىلىدۇ.

    كىلىنىكىدا يۆتەل قۇرغاق يۆتەل ۋە ھۆل يۆتەل دەپ ئىككى خىلغا ئايرىلىدۇ. 

  • زىيادە تېلېۋىزور كۆرىدىغان بالىلار ئوڭايلا زىققا كېسىلىگە گىرىپتار بولىدىكەن

    ۋاقتى: 2013-12-08 ئاۋاتلىقى: 863 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 0
    ئەنگلىيەدە ئىشلەنگەن بىر تەتقىقاتتىن مەلۇم بولۇشىچە، كۈنلۈك تېلېۋىزور كۆرۈش ۋاقتى ئىككى سائەتتىن ئاشىدىغان بالىلارنىڭ زىققا كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەتىرى يۇقىرىراق بولىدىكەن. تەتقىقاتچىلار 1991 –، 1992 – يىللىرى تۇغۇلغان 3000 دىن ئارتۇق بالىنىڭ نەپەس يولى سىستېمىسىنىڭ ساغلاملىق ئەھۋالى ۋە تېلېۋىزور كۆرۈش ئادىتىنى ئىز قوغلاپ تەكشۈرگەن. تەكشۈرۈشتە، ئەسلىدە ھېچقانداق زىققا ئالامەتلىرى بولمىغان بالىلار ئىچىدە، %6 تىن %8 كىچە بولغان بالىنىڭ سەككىز يىلدىن كېيىن زىققا كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قالغانلىقى بايقالغان. تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، كۈنلۈك تېلېۋىزور كۆرۈش ۋاقتى ئىككى سائەتتىن ئېشىپ كەتكەن بالىلارنى تېلېۋىزور كۆرۈش ۋاقتى ئىككى سائەتكە يەتمىگەن بالىلار بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ئۇلارنىڭ زىققا كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەتىرى بىر ھەسسە يۇقىرى بولىدىكەن. تەتقىقاتچىلار، ب...
  • دائىم بېشىڭىز ئاغرىسا بۇرۇن كاۋىكى ياللۇغىدىن ئېھتىيات قىلىڭ

    ۋاقتى: 2013-12-08 ئاۋاتلىقى: 983 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 0
    باش ئاغرىسا، بۇرنىدىن ماڭقا ئاقسا، بۇ زۇكام بولغانلىقنىڭ ئالامىتى، بۇنى يەنە بۇرۇن كاۋىكى ياللۇغىنىڭ ئالامىتى دەپ قاراشقىمۇ بولىدۇ. بۇرۇن كاۋىكى ياللۇغى بولسا، بۇرۇن كاۋىكى شىللىق پەردىلىرىدىكى ئالاھىدە خاس بولمىغان ياللۇغلىنىشتىن ئىبارەت. زۇكام ئاساسلىقى باكتېرىيە بىلەن ۋىرۇسنىڭ يۇقۇملاندۇرىشىدىن كېلىپ چىقىدۇ. ئىنىچكە كۆزەتكەندىلا، بۇ ئىككىسىنىڭ پەرقىنى ئاسانلا تېپىپ چىققىلى بولىدۇ. 1.ماڭقا ئاقىدۇ: بۇرۇن كاۋىكى ياللۇغى سەۋەبىدىن ئاققان ماڭقا كۆپىنچە يىرىڭلىق ياكى يېپىشقاق يىرىڭلىق، سېرىق ياكى سارغۇچ يېشىل رەڭدە بولىدۇ، مىقدارىنىڭ ئاز-كۆپلىكى ئېنىق ئەمەس، بۇرۇندىن ئاققان ماڭقىنى مىشقىرىپ چىقىرۋەتسە ياكى بەلغەم بولغان بولسا، ئۇنى تۈكۈرۈپ چىقىرىۋەتسە بولىدۇ.

    2.بۇرۇن(دىماغ) پۈتۈپ قالىد...

  • زۇكام بولغاندا تاتلىق يېمەكلىك يېمەڭ

    ۋاقتى: 2013-12-08 ئاۋاتلىقى: 835 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 0

    زۇكام بولغاندا ئاغزىمىزنىڭ تەمسىز ۋە ئىشتىيىمىزنىڭ ناچار بولۇپ قالغانلىقىنى سېزىمىز. بۇنداق بولۇشتىكى سەۋەب: زۇكام بولغاندا بەدەن تېمپېراتۇرسىنىڭ ئۆرلىشىگە ئەگىشىپ، ھەزىم قىلىش پېرمېنتىنىڭ ھاياتىي كۈچى تۆۋەنلەيدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئاشقازان ۋە ئۈچەي ھەرىكىتى ئاستىلايدۇ، ئاشقازان ۋە ئۈچەي ھەرىكىتىنىڭ ئاستىلىشى ھەزىم قىلىش ئىقتىدارىنىڭ نورمالسىزلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. 


    بۇنداق چاغدا تاتلىق يېمەكلىكلەرنى كۆپ يېگەندە، بەدەندىكى نۇرغۇن شېكەر پارچىلىنىپ قانغا ئورۇنلىشىپ، زور مىقداردىكى ۋىتامىنلار سەرىپ بولىدۇ، بۇنىڭ بىلەن بەدەندىكى ۋىتامىن تەركىبلىرى ئازىيىدۇ. بۇ ۋىتامىنلارنىڭ كۆپىنچىسى ئوزۇقلۇقلارنىڭ بەدەن ئىچىدىكى ماددا ئالمىشىش جەريانىغا قاتنىشىدۇ – دە، تاتلىق يې...

  • بىر قىسىم كىشىلەر سۈت ئىستېمال قىلسا نېمە ئۈچۈن ئىچى سۈرۈپ كېتىدۇ

    ۋاقتى: 2013-12-08 ئاۋاتلىقى: 2031 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 0

    بىر قىسىم كىشىلەر سۈت ئىچكەندىن كېيىن، ئۈچىيى كۇرۇلداپ قورسىقى ئاغرىدۇ ھەتتا ئىچى سۈرۈشتەك ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ. بۇنىڭدىكى ئاساسلىق سەۋەپ، سۈت تەركىبىدە لاكتوزا بولغانلىقتىن، لاكتوزا بولسا بەدەن ئىچىدە پارچىلىنىپ ماددا ئالماشتۇرۇشقا كېرەك بولغان لاكتوزا ئېزىمىدىن پايدىلىنىدۇ، بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ بەدىنىدە لاكتوزا ئېزىمى كەمچىل بولغانلىقتىن، لاكتوزا ئۈچەي يولىدا ھەزىم بولمايدۇ، شۇنىڭ بىلەن قورساق كولدۇرلاپ ئىچى سۈرۈشكە باشلايدۇ.


    بۇ تىبابەتچىلىكتە«لاكتوزاغا چىدامسىزلىق كېسەللىكى» دەپ ئاتىلىدۇ. شۇڭا، بۇ ئورگانىزىمدا لاكتوزا كەمچىللىكتىن كېلىپ چىقىدىغان نورمال رېئاكسىيە بولۇپ، سۈتتىكى سۈپەت مەسىلىسى ئەمەس. (بېكمۇرات قىدرىخان تەييارلىغان)...
  • ئۈچ خىل ئاغرىقلار پۇرچاق سۈتى ئىستېمال قىلماسلىق كېرەك

    ۋاقتى: 2013-12-08 ئاۋاتلىقى: 2466 قېتىم باھالار: 1 پارچە ياقتۇرغانلار: 2

    يەللىك بوغۇم كېسىلى بارلار: بۇ كېسەل پۇرىن مېتابولىزمى توسقۇنلۇققا ئۇچراشتىن كېلىپ چىقىدىغان بولۇپ، سېرىق پۇرچاق تەركىبىدە پۇرىننىڭ مىقدارى مول، ئۇنى ئېزىپ پۇرچاق سۈتىگە ئايلاندۇرغاندىن كېيىن پۇرىننىڭ مىقدارى باشقا تۈردىكى پۇرچاق مەھسۇلاتلىرىنىڭكىدىن تېخىمۇ ئېشىپ كېتىدۇ، شۇڭا، يەللىك بوغۇم ئاغرىقلىرى پۇرچاق سۈتىنى كۆپ ئىستېمال قىلماسلىقى كېرەك.

    ئاشقازان، ئۈچەينىڭ ئىقتىدارى ناچارلار: پۇرچاق تۈرىدىكىلەر ئۈچەي يولى ئېنزىمنىڭ رولى ئاستىدا يەل پەيدا قىلىدۇ. شۇڭا، قورساق كۆپكەن، ئىچى سۈرگەن، ھەزىم قىلىشى ناچار ۋاقىتتا، ئەڭ ياخشىسى پۇرچاق سۈتىنى ئىستېمال قىلماسلىق كېرەك.

    ئوپېراتسىيە قىلىنغان ياكى كېسەل بولۇپ، سالامەتلىكى ئەسلىگە كېلىش ھالىتىدە تۇرغانلار: بۇ مەزگىلدىكى ئاغرىقلارنىڭ قارشىلىق كۈچى ئاجىز بولىدۇ، ئۈچەي، ئاش...

جەمئىي 2 بەت/78پارچە ئۇچۇر باش بەت 1 2 كېيىنكى بەت